قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 7 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 7- قىسىم

metro

ئەزەلدىن بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بۇ تەۋەككۈلچىلەر بۇنداق مەنزىرە ، بۇنداق مۇھىتتا خۇددى قارا باسقاندەكلا قۇرقۇنۇچقا چۈشتى، ئۇلار شۇنداق ئاۋايلاپ دەسسەپ جەسەتلەر ئىچىنى كۆرۈشكە باشلىدى. قىزلار ھەر بىر ئىسكىلىتتىن شۇنداق داجىپ ماڭىدىكىن بىلەلمەي دەسسەپ سالسا خۇددى ئىسكىلىت پۇتىغا ئىسىلۋالىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىدى.

دەل شۇ چاغدا « ھۇيىت» دىگەن ئاۋاز ئۇلارنى چۆچىتىۋەتتى. قىزلار ھەتتا «ئاپا» دىگىنىچە ئوغۇللارنىڭ قولىغا ئېسىلىپمۇ تاشلىدى. ئۇ ئاۋاز دار دىن كەلگەن بولۇپ دار ئۈستىدە ھېلقى يۇغان ھۇقۇش كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى.

- ھېلقى … مۈ…شۈك…!- دەپ دۇدۇقلىدى سەمەت جىددىيلىشىپ.

تۇرغۇن بىلەن تايىر ئاستا ئىسكىلىتلەر ئارسىدىكى قىلىچلاردىن ئالدى، چۈنكى بۇ ھوقۇش ئۇلارغا ئايدىڭ ئىدى. ھۇقۇش ئۇلار قېلىچ ئالغاندىن كىيىن يەنە بىر ۋاقىرۋېتىپ ئۇچقىنىچە خارابە ئوتتۇرسىدا چوقچۇيۇپ تۇرغان يۇغان بىر قورغان ئىچىگە كىرىپ كەتتى .

- بۇ يەردە قىرغىنچىلىق بوپتۇ ، - دىدى تايىر باشقىلارنىڭ دىقىتىنى بۇراپ ،- جەڭ بولغاندەك تۇرىدۇ ، بۇ ئىككى قوشۇن ئادەملىرىنىڭ جەسسىتىكەن. قاراڭلار قېلىچلار بىلەن بۇ ئىسكىلىتلار نىڭ تىتىلىپ كەتكەن كىيىملىرىمۇ ئوخشىمايۋاتىدۇ.

تۇرغۇن قولىدىكى قېلىچقا قارىدى. قېلىچ دات بېسىپ كەتكەن بىلەن يەنىلا پېتىدىن كەتمىگەن ئاي شەكىللىك قېلىچ ئىدى .

-قورغانغا كىلىپ قاپتۇق ، بېرىپ ئۇ يەرنىمۇ كۆرۈپ باقايلى ،- دىيىشتى ئۇلار .

يىگىتلەر ھەمرا بولىدۇ دەپ ياخشى قېلىچلاردىن ئېلىۋېلىشتى. قىزلار ئىسكىلىتلار ئارسىدىن تىزاراق چىقىپ كىتىشكە ئالدىراشقا باشلىدى. قورغان شۇنداق چوڭ سېلىنغان بولۇپ سىرىت بىلەن ئىچى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن. دەرۋازىسى شۇنداق قېلىن ھەم پۇختا بولسىمۇ بۇزۇلغان ئىدى. ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن قورغان ئىچىگە قەدەم قويدى.

قورغان ئىچىمۇ ئىسكىلىتلارغا تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا قارىسا قاتتىق جەڭ بولغانلىغىنى ئىپادىلەپ كۆيگەن ئىزلار، پارچىلانغان جەسەتلەر، چېچىلىپ تۇرغان قورال - ياراقلار كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇلار قورغان ئىچىدە ھەشەمەتلىك سېلىنغان سارايلارنى كۆرۈپ ھەيرانلا قېلىشتى، بۇ سارايلار جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان بولۇپ بىر قاراشتىلا كىچىك ھەشەمەتلىك ئوردىغىلا ئوخشايتتى. سارايلاردىن باشقا قورغان تېمىنىڭ ئەتراپىغا ئىگىز مۇنار شەكىللىك پوتەيلەر قوپۇرۇلغان بولۇپ بۇلار مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سېلىنغاندەك قىلاتتى .

- قەيەرگىلا قارىسا ئىسكىلىتقۇ ؟- دىدى تۇرغۇن ئەتراپنى كۆرۈپ كىلىپ .

- ساراينىڭ ئىچىنى كۆرۈپ باقايلى ،- دىدى تايىر بۇ سىرلارغا قىزىقىپ ،- چوقۇم بۇ جاينىڭ بىرەر ھىكايىسى بار. ئۇلار ئەڭ چوڭ ، ھەڭ ھەشەمەتلىك سارايغا كىرىشتى. بۇ ساراي قارىماققىلا چوڭ بىر ئەمەلدارنىڭ ياكى بولمىسا چوڭ سانغۇننىڭ ئوردىسىدەك قىلاتتى. ساراي ئىچىدىمۇ چېچىلىپ ياتقان ئىسكىلىتلار بولۇپ، ئۆرۈلگەن ئۆستەل - ئورۇندۇقلار يېغىچى ئىسىللىغىدىن سۈپىتتىنى ساقلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا سارايلارنىڭمۇ ھەممىلا يىرى ئىسىل ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرى، ئالاھىدە چوڭ لوڭقىلار، فار - فۇر بويۇملار، مىس بويۇملار، ھەتتا كۆمۈش بويۇملار غىچە لىق تولغان بولۇپ، بۇ بويۇملار ئۆز ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئىدى. شۇغۇنىسى بۇلار توپا - چاڭ، ئۆمۈچۈك تورى ئارسىدا چېچىلىپ تۇراتتى.

- بايلىق دىگەن مانا ، - دىدى تۇرغۇن خوشاللىغىدا قىن - قېنىغا پاتماي.

باشقىلارمۇ بۇنداق ئىسىل ئوردا ، بۇنداق چىرايلىق بويۇملارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھاياجاندا ئۇنى - بۇنى سىلاپ ، ئۆرۈپ - چۆرۈپ كۆرۈپ ئۆلگۈرتەلمەيۋاتاتتى .

- ئىچىدىكى سارايلارنى، ئۆيلەرنىمۇ كۆرۈپ باقايلى. ئالتۇن - كۆمۈشلەر بار مېنىڭچە ،- دىدى ئىسكەندەر باشقا جايلارنى كۆرۈشكە ئالدىراپ.

ئۇلار ساراينىڭ ئىچىدىكى باشقا ئۆيلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. چوڭ زال ئوردىنىڭ كەينىدە كىتاپ ، ماتىرياللار لىق تولغان بىر ئۆي بولۇپ بۇ جايدىكى ئىسكىلىتلەر بۇ جايدىمۇ جەڭنىڭ بىر قىسمى بولغانلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇلار ئىسكىلىتلەرگە ئانچە دىققەت قىلماي تامدا قاتار ئېسىلغان رەسىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. رەسىملەر خىلمۇ - خىل بولۇپ ئاساسلىغى جۇڭگوچە رەسىملەر ئىدى. يەنە ئۇلاردىن باشقا چەتئەلنىڭ ئىسىل ماي بوياق رەسىملىرىمۇ كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. دىلبەر كىتاپ ئىشكابىغا تىزىلغان كىتاپلارغا قاراۋېتىپ:

- ھەممىسى خەنزوچە كىتاپلاركەنغۇ ، - دەپ ئوتتۇردىكى ئۆستەلگە قويۇلغان يوغان كىتاپقا قىزىقىپ قالدى - دە ۋاراقلىدى. ئۇ بىر قۇر كۆز يۈگەرتىپ چىقىپ : - بۇ كىتاپتا خاتىرلىنىشىچە، بۇ جاي ئەسلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى دەۋرىدە قۇرۇلغان غەربىي يۇرت مەھكىمىسىنىڭ زاپاس قوشۇنى مەخپىي يوشۇرۇنغان جايكەن. شۇ چاغدا بۇ يەردە تۇرىۋاتقان قوشۇن ئون بەش مىڭ دەپ يېزىلىپتۇ.

ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى.

- يەنىچۇ ؟- دىدى تۇرغۇن قىزىقىپ .

- مەنمۇ موشۇنىڭچە چۈشەندىم ، خەت خەنزۇچە چوڭ خەتتە يېزىلغاچقا نۇرغۇن خەتنى ئوقۇيالمىدىم .

- نىمە ئۇ چوڭ خەت دىگىنىڭىز؟- تۇرغۇن چۈشەنمەي سورىدى.

- چوڭ خەت دىگىنىمىز خەنزولارنىڭ قەدىمىي خەت شەكلى.

ئۇلار ساراينىڭ ئۈستىنقى قەۋەتلىرىگە چىقىپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئۈستى پۈتۈنلەي ياغاچتىن نەقىشلەنگەن تام، ئىشىك ، دەرىزە بىلەن ياسالغان ھوجرا ، ياتاق ئۆيلەر ئىدى. ئۇلار ئۆيلەرنى كۆرۈپ قېتىپلا قېلىشتى، ھەرخىل ئىسىل ئۆي - جاھازىلىرى ، چىنە - قاچا ، مىس بويۇملار ، ئىسىل پەردە ، ئورۇن كۆرپىلەر شۇنداق رەتلىك بولۇپ، رەخىتلەرنىڭ چىرىپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلغۇدەك ھەشەمەتلىك ئىدى.

- قاراڭلار ،- دىدى گۈزەلنۇر چىرايلىق گىرىم جاھازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كىچىك ساندۇق، قاپلارنى ئېچىپ ،- نىمە دىگەن چىرايلىق زىبۇ - زىننەتلەر بۇ ؟

ئۇلار ئالدىراش ئۈستەللەرنىڭ تارتمىلىرىنى ئېچىشقا باشلىدى. تارتمىلاردا چوڭ - كىچىك قاپلار بولۇپ ئۇلاردا نۇرغۇن زىبۇ - زىننەتلەر پاقىراپ تۇراتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىشتى.

- ھەي دوسىتلار ، بۇلارنى ئالدىرماي كۆرسەكمۇ بولىدۇ، بايلىق دىگەننى تاپتۇق لېكىن بۇنىڭغا قۇرساق تويمايدۇ. چۈشمۇ بولدى ، قۇرساقلارنى توقلىۋېلىپ بىر ئىش قىلمامدۇق ،- دىدى ئىسكەندەر باشقىلارنىڭ بايلىق ئىزلەش بىلەن بولۇپ كەتكىنىگە كۈلۈپ.

بۇنىڭغا باشقىلارمۇ قوشۇلۇشتى، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ناشتا قىلغان پېتى بولغاچقا قۇرساقلىرى ئېچىپ كوركىراپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار سارايدىن قەلئە ئالدىغا چىقىشتى ھەمدە جەسەتلەردىن خالىياراق بىر يەرگە كىلىشتى.

- چاي قاينىتايلى ،- دىدى تايىر تۇرغۇنغا ، - سەن ئوچاق ياسىغاچ تۇر ، مەن ئوتۇن ئېلىپ كىلەي ، تۇرغۇن ماقۇل بولۇپ ئوچاق ياساشقا تۇتۇش قىلدى. باشقىلار يۈك - تاقلىرىنى يىشىپ چاي ئىچىشكە ئورۇن راسلاشتى. تۇرغۇن قەلئەنىڭ يېنىدىكى تار يول بىلەن مېڭىپ ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتتى. چۈنكى قەلئە كەينىدە قۇرۇق دەرەخلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ كىتىۋېتىپ بىر قۇرۇق ئاق تىرەك تۈۋىدە بىر ئادەمنىڭ جىمجىت تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى ، « بۇ يەردە ئادەم بارغۇ؟ » دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە ، « ئەجەپ غەلىتە ئىش ، ھازىرغىچە بىرمۇ ئىنسان ئۇچۇرمىغان بۇ خارابىلىكتە بۇ ئادەم تۇرىدىغۇ؟» ئۇ ،ئۇ ئادەمگە يىقىنلاپ باردى ، لېكىن ئادەم كەينىگىمۇ ئۆرۈلمەي قاققان قوزۇقتەك جىمجىت تۇراتتى ، « بۇنىڭ چېچى ئايال كىشىنىڭكىدەكلا ئۇزۇنكىنا » دەپ ئويلىدى تايىر ئەجەپلىنىپ ، « كىيىلىرىمۇ غەلىتە»، ئۇ شۇلارنى ئويلىغىنىچە ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا يىتىپ باردى. لېكىن ئۇ ئادەم يەنىلا قىمىر قىلماي تۇراتتى. تۇرغۇن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ چاقىرماقچى بولۇپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى ، - دە چىرايىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى بىلەن ئاستا ئايلىنىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. ئۆتتى يۇ شۇنداق قاتتىق قورقۇپ چىرقىراپ تاشلىدى، چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى يوق بولۇپ كەينىدىكى تەرپىگە ئوخشاشلا ئالدى تەرپىدە ئۇزۇن بىر تال بوغۇلغان چاچ سەڭگەللەپ تۇراتتى…

بۇ تەۋەككۈلچىلەر بايلىقلارنى تېپىپ مۇرادىغا يەتكەنمىدۇ ، بۇلارنىڭ بايلىق ئىزدەش ئارزۇسى مۇشۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشقانمىدۇ ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن. ....





1222 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:36:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-27 12:46:39 ipos
ئالامەت ئىسىل تېمىلار باركەن بۇ سالۇندا يەنە كىلىپ ھەقسىز رەخمەت سىلەرگە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ