پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 4- قىسىم

پــــــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
4-قىسىم 


كارىدوردا مېڭۋېتىپ بىر قىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ گەپ قىلۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئاۋاز بىرىنچى قەۋەتكە چۈشدىغان پەلەمپەي تەرەپتىن ئاڭلىنۋاتاتتى . ئاستا قەدەملەر بىلەن پەلەمپەيگە يېقىنلاشتىم . شۇنداقلا قاراپ كۆرگىنىم شۇ بولدىكى  باياتىن شۇنداق خوشال چىقىپ كەتكەن سېستىرا قىز ئەمدىلىكتە بولسا تامغا يۆلنىپ تېلېفوننى تۇتقان ھالدا يىغلىماقتا ئىدى . ئۇنىڭ كۆزلىردىن تاراملاپ تۆكىلۋاتقان ياشلارغا قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيتتى . ئۇنىڭ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىدىن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بوپ كېتۋاتاتتى ، يا يېنىغا بېرىپ تەسەللىي بېرىشىمنى ياكى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتشىم كېرەكىلىكنى ھېچ بىلەلمىدىم ، ئۇنىڭغا نىمىش بولغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم ، ئۇنىڭدەك مۇلايىم چىرايلىق بىر قىزنىڭ دىلىنى كىممۇ رەنجىتكەندۇ ؟  ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئازاپلىنىپ ياش تۆكۈشىدىكى سەۋەپ زادى نېمىدۇ ؟ ھەيران بولۋاتاتتىم . ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاشتىم ، بىراق ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قانداق قىلشىم كېرەكلىكنى ، نىمە دېيشىم كېرەكلىكنى بىلمەيتتىم . بىراق ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ يىغلاشتىن توختىدى ، ھەم تېزلىكتە ياشلىرنى سۈرتۈپ تېز -تېز قەدەملەرنى بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ، بىرىنچى قەۋەتنىڭ كارىدورىدا يۈگرىگەن پېتى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئامبۇلاتورىيەدىن يېنىپ چىقتىم ، بىراق كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر بەكلا يېرىم ئىدى . بەلكىم سېستىرا قىزنىڭ ئازاپلىنىپ ياش تۆكۈشنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالغاندۇ ، ۋەياكى باشقا سەۋەپلەر باردۇر ، ئىشقىلىپ قەتئىي خوشال ئەمەس ئىدىم ،  ئاشخانىغا كىرىپ كەچلىك تاماقنىمۇ يەپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا كىرىپ ياتتىم ، بۈگۈن بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن ، يائاللا!! ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا بىر كۈن بولسىمۇ كەچكىچە يۇمشاق كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كېتەتتىم ، بىراق بۈگۈن ھېس قىلدىمكى يۇمشاق كارۋاتتا يېتىۋېرىشمۇ شۇنداق زېرىكىشلىك بولىدىكەن . مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ قولۇمغا تېلېفوننى ئالدىم ، ۋە ئۈندىدار ، QQ رىمنى ئېچىپ بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم . بىراق ھېچبىر ئۇيقۇم كېلدىغاندەك ئەمەس ، تۇيۇقسىز سېستىرا قىزنى ئويلاپ قالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش ، پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى . ھەم ئەتە سىناپ بېقىشنى ئويلىدىم . مۇشۇلارنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .
تۆتىنچى قىسمى تۈگدى .
داۋامى بار ………
     





461 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 6:35:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ