ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (6)

ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (6)
ئابدۇقادىر  ئىزچى 


ئەمدى بىكەتكە باراي دەپ تۇرۇشىمغا تىلفون كەلدى، سىڭلىم ئىكەن:

- ھە كەلدىڭما؟
ھەئە تۆت دوقمۇشتا چۈشۈرۈپ قويدى قېنى سەن تىز كىلە ، مەن ھازىر  باراي، 
بىكەت ئالدىدىكى موتونى مىندىمدە دوقمۇشقا قاراپ ماڭدىم،بىراق كۆڭلىم قانداقتۇر بۇرۇنقىدەك خۇشال ئەمەس ،
ئۇنىڭغا قانداق قۇپۇل تىگىمەن كۈنۈپ قاپتىكەنمەن بۇلارنى ئويلاپ ، بۇ نىيتىمدىن يانايمۇ دىدىم،بىر ساراڭلارچە خىيال ئىشلارنى قىلۋاتقانلىقىم ماڭا ئايان،
ئەمما  سىڭلىم ئۈچۈن بۇلار قانچىلىك ئىشتى ،يەنە روھلاندىم،
بۇنى بىر سىناپ باقاي شەھەرگە ئۇقۇشقا بارغانلارنى ساق قالمايدۇ ،دىيشىدىكەن ئەگەر شۇنداقلا بولسا مەن ئۇنى ئەۋەتمەسمىنا ،
توختا-توختا،ئاۋال بىر ماسكا پوسما ئېلىشىم كىرەك،دەپ ئويلۇدۇم دە بىر يايمىچى ئالدىدا توختاپ پوسما شارپا ماسكا ئالدىم،
مۇتونى مىندىمدە يىراقتىن سىڭلىمنى كۆردۈم  مىنى يىغا تۇتتى توختۇدۇم،بۇ كۆز ياشبىلەن بارسام بولمايتى، ياشلىرىم كۆپ بولمىسىمۇ ھەققى سېغىنىش كۈنۈش قېرىنداشلىق مىررىدىن ئاققان ياش تامچىللىرى ئىدى، بولدى ئەمدى باراي دەپ تۇراتتىم بىر لاۋزا مۇتودا كەلدى ۋە ھە قىزلار ئاغاچ كىتەيمۇ،؟دەپ ئارقىدىكى دوستىبىلەن لاۋزا كۈلۈشتى،
سىڭلىم يېنىدا بىر قىز تۇراتتى دوستى بولسا كىرەك،
ئاچىغىمدا قانداقتۇر مۇتۇنى قوزغۇغۇنۇم ئىسىمدە يوق،كەلگەنچە كىلىپ ئۇلارنىڭ موتۇرىنى سوقتۇم، مەن رولدىن ھالقىپ ئۇچۇپ چۈشتۈم،قوپتۇم بىراق سول قۇلۇمنى مىدىرلىتالمىدىم، بېشىمدىن قان ئاقتى ، ئۈزۈم ئالدىغا ماڭغۇزالمىدىم ، قارىسام سىڭلىم بىلىمدىن ئېسلىۋاپتۇ، ئۇنى ئۇڭ قۇلۇم بىلەن قاتىق سىلكىدىم دە ھېلىقى لاۋزا گۇيلا تەرەپكە ماڭدىم،ئۇلارنىڭ بىرى پۇتى نى سىلاپ  ئىڭراپ ياتاتتى،يەنە بىرى بولسا ساق ئىكەن،
بېشى يېرىلغان بولسا كىرەك يەنە باشقا يەرلىرىمۇ يارلاندىمۇ بىلمىدىم، لىكىن بېشى قانىغان ئىدى، ئۇنىڭ قۇلىدا نەدىن تاپتىكىن بىر كالتەك يەنى سۈپۈرگە دەستىسى تۇتاتتى ، ئۇراي دەپ قول كۈتۈرۈشۈمگە ئاغرىق مىڭەمگە چىقتى،سىڭلىم  سول قۇلۇمنى تارتىپ بولدى قىل
ئاكا دەۋاتاتتى بىراق سول قۇلۇمنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغىنىنى بىلمىسە كىرەك،ئۇنىڭغا قاراپ يەنە يىغلىغۇم كەلدى ،ئەپسۇس يىغلاشقا ئىلگىرىمىدىم قاياقتىن كەلدى بىر قاتىق جىسىم بېشىمدىن يانارتاغدەك ئاغرىق ئۈستىگە ئاغرىق قېتىپ جېنىمنى تەتىر قىينىدى،
قارىسام ھېلىقى لاۋزا مىنى ئۇرغان ئىكەن،مەن ئۇراي دەپ مېڭىشىمغا خەخلەر ئۇنىمۇ مىنىمۇ تۇتىۋالدى زىيان تارىتقان مەن بولدۇم ،سىڭلىمنى قوغدىيالمىدىم ئۈزۈممۇ يارىدار بولدۇم ،بۇنى چاندۇرمۇدۇم، قۇيۇڭلا ئەل جامائەت مەن ئۇرۇشمايمەن دىسەم ئۇلارمۇ ئاستا-ئاستا قۇيۋەتتى مەن ھېلىقى لاۋزىلارغا ئەركەك بولساڭ قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بول بولمىسا ساخچىغا خەۋەر قىلىمىز دىسەڭ تەييار مەن دىدىمدە ماڭا سىڭلىم  كىتىمىز دەپ سىڭلىمنى شارەت قىلدىم، موتونى ھۈلەشكە بەك تەستە كۇچۇم يەتتى سىڭلىمغا چاندۇرسام بولمايتى،موتونى مىنىش مۇمكىن  ئەمەس ئىدى رول ئىگىك ئوق مايماق ،بۇنى مىنىپ ماڭسام بولماس ،دەپ يۈتلەپ رىمنۇت خانىغا ئەكەلدىم،سىڭلىم تەخىچە يىغلاۋاتاتتى ،
بۇنىڭ غا قۇپال تىگىشنى ھازىردىن باشلاي دەپ ئويلۇدۇم،
ھەي -ھەي…بولدى قىلە بېشىمنى ئاغرىتماي ماڭا دىسەم ئارقىمدىن يولغا چىقتى ماشىنىدىن بىر نى توستۇم دىيشىپ ئۇنى ماشىنىغا چىق دىسەم  ياق سەنبىلەن بىلە بارىمەن قايتىمەن دەپ زادىلا ئۇنىمىدى،
ئاچىغىمدا ۋارقىرىغان قىياپەتكە كەلدىمدە بولە ئاداش نىمانداق  ئەكىلەيسەن دىگىنىمچە ئىتىرىپ تارتىپ دىگەندەك قىلىپ ماشىنىغا سېپ قويدۇم،ۋە كىرا نى تۈلۈدۈم،
ئۇ كەتتى دادامغا تىلفون قىلدىم،
دادا،مەن سىڭلىمنى يولغا سېپ قۇيدۇم بىرەسىنىڭ موتسىكلىتىنى سۇراپ ئۇنى دادۈي ئالدىدىن ئەكىرىپ كەت دىدىم ،ۋە ئۈتۈنەي نىم ئىش بۇلىشىدىن قەتتىي چاندۇرۇپ قويماڭلار،مەن ئۆيگە ئۇ كەتكىچە بارمايمەن موتونى  تاغامنىڭ ئۈيىگە ئەكىرىپ  قۇياي شۇيەردىن ئېلىۋال،چاندۇرۇپ قويماڭلار ئۈتۈنەي،دەپلا تىلفوننى قويدۇم ۋە تىلفوننى  چېقىۋەتتىم،موتو ئوڭشالدى ،پۇلنى تۈۋلەپ ،مىنىپ ماڭدىم ۋە دىگىنىمدەك موتونى تاغامنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىدا  توختۇتۇپ قويدۇم،كىرسەم ئۈزۈمنىڭ ھەممە ئىشى سۆرۈلۈپ ئاشكارىلانغان بۇلاتتى ، بازىرىمىزدىكى داڭلىق تېڭىخچى قېشىغا كىردىم، قۇلۇمنى تاڭدۇردۇم بىراق بەك تەسكە چۈشتى، ئۇ تېڭىخچى نىم بولغان نەدە دىگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرۋەتتى ،
مەن ئاددىي قىلىپ بىر ھىكايە تۇقۇدۇم،
مەن نامراتنىڭ بالىسى ئاكا دادام بەك قېرى ئانام بولسا ۋاقىتسىز بىزدىن خوشلاشقان دەپ يەرگە قاراپ يىغا قىياپىتىگە كىردىم ۋە دادام  ئاغرىق بولغاچقا كىلەلمىدى،مەن ھارۋۇدىن يىقىلىپ چۈشتۈم، مەن ھۆججەت بىرەي تېڭىپ قۇيۇڭ دىگەندەك گەپلەر بىلەن  مىڭ تەستە ماقۇل قىلدىم تاڭدۇرۇپ چىختىم،دۇكاندىن ئازتۇلا پۇلنى يۇشۇرۇپ يىققان پۇللۇممۇ تۈگدى،ئەمدى  قانداق قىلاي،
ئۈزۈمنى ساخچىخانىغا مەلۇم قىلىش قارارىغا كەلدىم، بىراق قوختۇم،مەلۇم قىلمىسام نەلەردە نىمىش قىلىمەن ئەمدى،
يېنىمدىكى ئازغىنە پۇلغا قەشقەرگە يولغا چىختىم،ئويلاپ بىر ياخشى خىزمەتنى خىيال قىلدىم ۋە تەييارلىقنى پۇخاتاقىلىپ،بېشىمغا پوسمىنى يەنى موۋزىنى چۈكۈرۈپ كىيىپ چاپىنىمنى ئاخسا كىيىپ تېڭىقنى بېشىمدىكى يارىلارنى چانمىغىدەك قىلىپ بىر تورخانىغا كىردىم ،تەلىيىمگە ئۇلار ئالدىلا چاندۇرماي تۇرۇپ ئايلىقىم 1500يۈندىن تاماق ئىككى ۋاخ ياتاق ئۈزۈمدىن بۇلۇپ ۋاڭگۈەن كىچىلىك خىزمەت قىلىشنى دىيىشتىم ،كەشلىك تاماق ئۈزۈمدىن ئىدى،بۇ خىزمەت ئاسان ئىدى،
كۈندە بىرخىللا خىزمەت ياتاق تورخانا ئۈزى بولدى ،كۈندۈزى بازا ئايلانسام بىكا بولسام يەنە تور خانىدا ئۇخلۇدۇم،سول قۇلۇم يانجۇقۇمدىن چىقمايدۇ،چۈنكى مۇشۇ ياخشى ئاسراش ئۇسۇلى مىنىڭ بۇ شارائىتىمدا،
داۋامى بار،
بىر تامچە -2280305596

     





282 قېتىم كۆرۈلدى بىر تامچە-2280305596 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 15:26:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ