قۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر (ۋەھىمىلىك ھىكايە) - ئالىمجان سەيپىدىن تاشقىن

قۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 

 ئالىمجان سەيپىدىن تاشقىن 


مىنىڭ دادام بىر كىپەن ئوغۇرسى ئىدى. مەن شۇ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ بىرتاللا ئوغلى. دادام يېقىندا زىققا كىسىلى بىلەن بۇدۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بۇ ئائىيلىدە بىچارە ئانام بىلەن مەنلا قالدىم. دادام بار ۋاقىتتا كۈندۈزلىرى ئېتىزدا ئاندا-ساندا ئىشلەپ قۇيۇپ كىچىللىرى قەبرە كۇلايىتتى. چۈنكى ئۈيمىزگە يېقىن جايدا قەبرىستانلىق بار ئىدى.
مەن ئەقلىمگە كەلسەم دادام كىچىللىرى ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ تاڭ ئاتارغا يېقىن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەتتى.
دادامنىڭ ئېيتىپ بىرشىچە بۇ كەسىپ ئاتا بۇۋسىدىن قالغانىكەن. بەزى ۋاقىتتا مىنى كىيىنچە ئىزىمنى باسىسەن دەيتتى، بىرنەچچە قېتىم ئېلىپ بارغانمۇ بولدى. دادام ئاتا كەسپىنى تاشلاپ قويما دەپ بەك نەسىھەت قىلاتتى ھەم قەدىمقى ئاسارە ئەتىقىلەرگە بەكمۇ قىززىقاتتى.
كۈنلىرىمىزنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزەتتۇق. لىكىن يېتىپ يىسە تاغمۇ تۇشىمايدىكەن. دادام قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقنىمۇ خەجلەپ تۈگەتتۇق. مانا ئەمدى غۇرگۈل كۈن كەچۈرۋاتىمىز، ئۈيمىزدە پۇلغا يارغۇدەك نەرسە قالمىدى. ئەمدى مەن ئىشلىمىسەم بولمايتتى،ئانامنىڭ تىنى ئاجىزلاپ قالدى.
مەن دادامنىڭ ئۈگۈتۈپ قويغىنى بۇيچە كۈندۈزى قەبرە چۆرگىلىگەن بۇلۇپ بىرەر نەرسە چىقارمىكىن دەپ پەرەز قىلغان قەبرىگە بەلگە سېلىپ قويدۇم ۋە قايتىپ كەتتىم. دادام قالدۇرۇپ كەتكەن كىتەرلىك ئەسۋسپلارنى يىغدىم. قولچىراق، ئارغامچا، ئۇزۇن ساپلىق پىچاق دىگەنلەرنى رەڭگى ئۈڭۈپ كەتكەن خورجۇنغا سالغاندىن كىيىن ناشتا قىلىۋالدىم.
ئەل ئايغى بېسىققاندا ئۆيدىن ئھتىيات بىلەن چىقتىم، كۇچىغا كۆز يۈگۈرتتۈم، ھېچ بىر ئىنسان كۈرۈنمەيتتى. ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇن ئاي ئەتراپنى كۈندۈزدەك يۇرتۇپ تۇراتتى. مەن تىز-تىز قەدەم ئىلىپ يۈرۈپ كەتتىم. قەبرىستانلىق يىراقتىن قاريىپ كۈرۈندى. كۆككە بوي سوزغان توغراقلار،يېىيلىپ تۇرغان قىرى جىگدىلەر قەبرىستانلىقنى مۇھاپىزەت قىلۋاتقان جەڭگىۋار قۇشۇنغا ئۇخشايتتى. ئەرۋاھلار مىنى «كەل دوستۇم سىنى قارشى ئالىمىز»دەۋاتقاندەك ئاۋازلار كىلىشكە باشلىدى. خۇددى بۇيەرگە بارسام قايتىپ كىلەلمەيدىغاندەك بىرخىل قورقۇنۇچ قەلبىمنى چىرمىۋالدى.
ئىگىز ئۆسكەن قۇمۇشلار شىلدىرلايىتتى،خادىغا چىگىلگەن نەرسىلەر شامالدا لەپىلدەيىتتى. چىكەمدىن مونچاق-مۇنچاق تەر تىپىپ چىقتى. مەن قەبرىستانلىققا ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتىم،ئاستا مېڭىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز پاق-پاق قىلغان ئاۋاز بىلەن قاغا ئۇچۇپ كەتتى. قۇرۇققىنىمدىن «ئانا» دەپ ۋارقىرۋېتىشكە تاسلا قالدىم. ھوقسۇپا «ھۇق-ھۇق»دەپ قانات قاقتى، «ئاھ خۇدا مىنى ئۆزپاناھىڭدا ساقلىغىن» دەپ ماڭدىم، كۆزلىرىم چەكچەيگەن ھالدا يۇلۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.
ئاخىرى بەلگە قىلىپ قۇيغان جايغا يىتىپ كەلدىم، ئەتراپقا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن، سۇل قۇلۇمدا قۇلچىراق، ئوڭ قۇلۇمدا پىچاق تۇتقىنىمچە پەسكە سىرلىپ چۈشتۈم. ئايغا قاردىم،ئاينى تۇمان ھاپ!قىلىپ يۇتماقچى بۇلغاندەك كۈرنەتتى.
مەن يەرلىكنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم، قاڭسىق پۇراق دىمىغىمنى ئېچىشتۇردى. يادىلىۋالغان ئايەتنى توختىماي ئۇقۇيتتۇم،لەۋلىرىم قۇرۇپ كىتىۋاتاتتى. ئاستا ئۆمۈلەپ كىردىم، ئىچى خېلى كەڭرى ئىدى. قولچىراقنى كىپەنلىككە تۇتتۇم،كۈرۈپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى، نىمە دىگەن چوڭ ھە!.
بوي ئىگىزلىكى ئاز دىگەندىمۇ 2.50دىن كىچىڭ ئەمەس ئىدى. بىرقۇر كۈزەتتىم،بۇئادەم ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتى، چىرمىگىنگە قارغاندا شىھىت بولسا كىرەك چىرايىدا قان داغلىرى تۇراتتى. قېلىن كالپۇكلىرىدىن چىشلىرى كۈرنۈپ قالغانىدى. قۇلىغا قاردىم، قۇلىنى ئالتۇندىن ياستىۋالغان ئىدى. خۇشلۇقۇمدىن ۋارقىرۋەتكىلى تاساسلا قالدىم. مەن بۇ جەسسەتنىڭ لەشكەر بېشى بولغانلىقىنى پەملىدىم. سۇغۇرۋالاي دەپ تارتىپ باقتىم چىقاي دەيدىغاندەك ئەمەس،ئاخىرى بېغىشىدىن كەسمەكچى بولدۇم.
دادام قەبرىدىن نەرسە ئالغاندا جەسەتنىڭ بىرتال مۇيىغىمۇ چېقىلما بولمىسا بېشىڭغا بالا بۇلدۇ دىگەنىدى. لېكىن مەندە نىمە ئامال. بىچارە ئانام بارغانسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن تۇرسا. قولنى كىسىشكە باشلىدىم، لېكىن قۇل ئۈزلىدىغاندەك قىلمايىتتى. قانلار چاچراپ كىيىملىرىمنى قارغۇسسىز قىلۋەتتى. دادامنىڭ نەسىھېتىنى ئاللىبۇرۇن ئەستىن چىقارغان ئىدىم.
ئاخىرى كېسىۋىلىپ خورجۇنغا سالدىم،دە چىقاي دەپ سېرىتقا قارشىمغا،بىرسى گۆرئاغزىدىن ئۈتۈپ كەتكەندەك قىلدى. يۈركۈم ئېغىپ كەتتى، سىرىتقا ئۆمۈلەپ چىقىپ قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ۋەھىمە ئىچىدە ئىتىپ قۇيدۇم.
ئەتراپ قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپ-قاراڭغۇ ئىدى. تۇلۇن ئاينى قارا بۇلۇت ئاللاقاچان يالماپ كەتكەن ئىدى.  مەن خورجۇننى ئارتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. گۆركىرەپ بۇران چىقىپ كەتتى،كۆزلىرىمنى پەقەت ئاچالمىدىم. قەبرىستانلىق غەزەپلەنگەندەك،تىكلەپ قۇيۇلغان خادىلار بىر-بىرگە تىگىپ تاراقلايىتتى. مېڭىۋاتىمەن بىرسى پۇتۇمنى تۇتىۋالغاندەك قەدەملىرىم ئاۋۇمايىتتى. بىرجۈپ پارقىراق كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى غىل-پال كۈرۈپ قالدىم، مىياۋلىغىنىچە بىر ئاق مۈشۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غايىپ بولدى.
قەبرىستانلىقتىن نالە-پەرياتلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ئۈركۈپ ئۇچۇشلىرى، ئىشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى، ئۆچكىنىڭ مەرىشى، بۇۋاقنىڭ ئەلەملىك يىغلاشلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئاھ!خۇدا مەن نىمە قىلىپ قويدۇم،دەپ ئۈزۈمنى ئەيىپلەيىتتىم. بۇران توختىشى بىلەن ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىشقا باشلىدى. چاقماق چېقىلىشى بىلەن ئۇزۇن بىر سايە ئالدىمغا چۈشتى. يەنە چاقماق چېقىلدى بۇ بىرقۇلى يوق كۈلەڭگە ئىدى.
يۈركۈم ئېغىزىمغا تىقىلىپ قالاي دەپ قالدى.
مەن ۋاي ئانا! دىگىنىمچە جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم. يامغۇر يېغىپ كەتتى، قولچىراق بىر ئۈچۈپ بىر يېنىپ تۇراتتى، پاتقاققا نەچچە يەردە يېقىلدىم، نەچچە قەبرىدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم، نەچچىسىگە پۇتۇم سېپىلىپ كەتتى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن. كەينىمدىن بىرسىنىڭ ئىز بېسىپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرراتتى. كەينىمگە قاراشقا مەندە جۈرئەت يوق ئىدى. كەينىمگە قارساملا بىر قۇيۇپلا جېنىممنى ئالدىغاندەك. ئېغىر پۇشۇلداۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم.
يۈگرەۋاتىمەن پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىدى. قەبرىستانلىقتىن ئايرىلىپ چىقتىم، قولچىراقنى نەلەردىدۇر يۈتتۈرۈپ قويغانىدىم.
ھېلىقى ئېغىر تىنىقمۇ يۇقالدى، ھەرنىمە بولسا قۇتۇلۇپتىمەن. ئۆيگە يىتىپ كەلدىم، ھالسىزلىنىپ يېقىلىپ قالغىلى تاسلا قالدىم. ئۆيگە كىرىپ ئىشىك دەرىزىلەرنى مەھكەم تاقىدىم. توك توختاپ قالغانىدى.جىن چىراقنى ياندۇرۇپ ھېلىقى قولنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن ساندۇقنى ئاچتىم ئەمدىلا سېلىپ قۇلۇپلاي دەپ تۇرشۇمغا بىرسى مۆرەمنى تۇتتى.
كەينىمگە شۇنداق بۇرلۇپ قارشىمغا ھىلىقى جەسسەت. ئانا!دەپ ۋارقىرغىنىم ئىسىمدە.
ئەتىسى كۆزلىرىمنى تەستە ئېچىپ قاردىم، ئانام بېشىمدا مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.
ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلەپ بىرخىل ۋەھىمە قەلبىمنى مۇجىدى. ھەرنىمە بولسا ھايات قاپتىمەن. ئەمدى ھېچ يەرگە بارمايمەن. قۇرۇپ كەتسۇن دادامنىڭ كەسپى، جاپالىق بولسىمۇ ھالال كۈچۈمگە تاينىپ ياشاي.
ئاپتۇرى:ئالىمجان سەيپىدىن تاشقىن
2016-يىلى 9-ئاي





375 قېتىم كۆرۈلدى ahmac12 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-31 4:13:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ