پۇراقسىز ئەتتىرگۈل (ھىكايە) - قىزىل تۇمان

پۇراقسىز ئەتتىرگۈل (ھىكايە) 

 قىزىل تۇمان 


  مەن يىغلىدىم ، كۆز ياشلىرىمنى يامغۇر تامچىسى يوشۇرۇپ بولالمايتى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئازابىمنى ھىېچنېمە بېسىپ بولالمايتى ، كۆڭۈل ئاسمىنىمدا قارا بۇلۇت ئەگىپ ئازاپنىڭ دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىلىرى گۈلدۈرلىمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگەن ئاغزىمنى كۈچەپ سۈرۈتمەكتە ئىدىم . يامغۇر سۈيى مەندىكى ئۇ پاسكىنچىلىقنى يۇيۇپ بولالمايدىغاندەك ھېسىياتتا بولىۋاتاتتىم .  تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئۇچىراشقان ۋاقىتلىرىم كەلدى . ئۇ كۈنىمۇ قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى . مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم . مەن ماڭغان يولدا ئاساسى جەھەتتىن كىرا ماشنىسى قاتنىمايتى . ئامالسىز پىيادە ماڭدىم . كۈنلۈك ئېلىۋالمىغىنىمغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلدىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ بۇلۇپ ئەتراپ قاراڭغۇ بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى .
تۇيۇقسىز  ئالدى تەرىپىمدە بىر سىما ئۇچىردى ، ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى تېقىمىدىن ئېشىپ تۇراتتى ، بەدەنلىرى شۇنچىلىك زىلۋا بۇلۇپ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ئاق كۆينىكى شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى ، ئۇنىڭ بىر خىل قەدەم ئېلىپ مېڭىشلىرى دىققىتىمنى تارىتتى . كۆڭلۈمدە ئىتتىك مېڭىپ ئالدىغا ئۆتۈپ چىرايىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى . مەن قەدەملىرىمنى تېزلىتىپ بىردەمدىلا ئۇنىڭغا يېتىشۋالدىم . ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بېشىمنى ئۇ تەرەپكە بۇراپ قاراپ باقتىم . ئۇنىڭ چىرايىمۇ شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى . قاپقارا قاشلىرى ، بۇلاقتەك كۆزلىرى ، ئېقىپ چۈشكەندەك چىرايلىق بۇرنى ، كىچىك قىزىل گىلاستەك ئاغزى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى .  مەن بىرلا قاراپ يولۇمغا راۋان بولدۇم . توساتتىن بىرى كۈنلۈكنى بېشىمغا تۇتتى . قارىسام باياقى قىز ئىكەن . ئۇ :
-بىللە ماڭايلى !بەك ھۆل بۇلۇپ كېتىپسىز دېدى ،
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .ئۇنىڭ ئاۋزىمۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى . كۆڭلۈمگە كىرىۋالغان شەيتان ۋەسۋەسىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىماقچى بۇلۇپ گەپ قىلدىم .
-ئىسمىڭىز نېمە ؟ تونۇشۇپ قالايلى ! ئىسمىم مىرزات .
-ھە مېنىڭ زۇمرەت .
-ھە ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىقكەن !
-رەھمەت !
-ئادەتتە نېمىش قىلىسىز ؟
-شۇ بىكا قىلغىدەك ئىش يوق !
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ! ئۇ باشقا يولغا ئەگىلىپ ماڭماقچى بۇلۇپ مەندىن سورىدى :
-سىز قاياققا ماڭىسىز ؟
-مەن ئۇدۇل ماڭىمەن!
-كەچۈرۈڭ يولىمىز بىر ئەمەسكەن ، مەن ئوڭغا ماڭاتتىم،دېدى .
مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولۇمغا ماڭدىم . مېڭىش ئالدىدا تېلفون نومۇرنى سورىماقچى بولدۇميۇ، ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشلىرىدىن ئەنسىرەپ سورىيالمىدىم .
شۇ كۈنى كېچىسى ئۇنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، كۈندە ئەتىگىنى ئىشقا ماڭغاندا ئىشتىن چۈشكەندە ئۇ ماڭغان ھېلىقى كوچىغا قاراپ باقاتتم . ئۇنى قايتا ئۇچىرتىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغىنەم نىجات توي قىلدى ، مەن ئۇنىڭغا يىگىت قولداش بولغان ئىدىم . توي باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۈگۈنكى قىز قولداشنىڭ زۇمرەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم ، ناخشا باشلىنىپ ھەممەيلەن ئۇسۇلغا چۈشتى ، مەنمۇ ئۇنى ئۇسۇلغا تارتىپ ئوينىغان ئىدىم . ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئوينايتى . ئۇنىڭغا قاراپ مەسلىكىم كەلدى . شۇ تەرىقىدە بۈگۈنكى تويدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . ئۇنىڭ قوللىرنى تۇتۇشقا ھەتتا پاراڭلىشىشقىمۇ نائىل بولدۇم .
ئۇنىڭ تېلفون نومۇرنىمۇ تېپىۋالدىم ، كۈندە بىكار بولغاندا ئۇنىڭغا تېلفون قىلاتتىم ، ئۇنىڭدىن خوشاللىق تاپاتتىم ، بارا بارا ئۇنىڭغا ئاشىق بولدۇم ، ئۇ دەسلەپ تەلىپىمگە قوشۇلمىدى . كېيىن بارا بارا ئۇنى قوغلىشىش نەتىنجىسىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى تۈردە مۇھەببەتلەشتىم .
بىراق بۇ قارا تۇماننىڭ ماڭا يېقىنلاپ كەلگىنىنى ئەسلا بىلمەپتىكەنمەن . ئۇنىڭ ئۆينىڭ يېزىدا ئىكەنلىكى ،  بۇ يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇردىغانلىقىنى ئاڭلاپ  غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم . بىراق ئۇنىڭدىن زىغىرلاپ سورىسام ئۇ پەقەت دەپ بەرمەيتى .
بارا بارا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم كۆپەيدى ، ئۇ ھەرقېتىم ئىشتىن چۈشۈپ كەلگىنىمدە تاماق ئېتىپ تۇراتتى .  تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇرۇپ سائەت 10 بولغاندا ئۆيگە قايتاتتىم ، ئانام ئەپ قويغان تاماقلا يەيدىغان ئادەم يوق سوۋۇپ قالاتتى ، ئۆيدىكىلەر نەگە بارغىنىمنى سورىسا دوستۇم نىجاتنىڭ ئۆيىگە دەپ گەپنى يولغا سالاتتىم ، بەكراق كوچىلاپ سورىسا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قويۇپ قوياتتىم .
بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويچە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم ، ئۇ لەغمەن ئەتكەن بۇلۇپ بىللە تاماق يېدۇق ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز قاتتق يامغۇر يېغىپ كەتتى ، مەن ئۆيۈمگە كەتمەكچى بولسام ئۇ ئۇنمىدى ، ئامالسىز ئۆيدىكىلەرگە  تېلفون ئۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولدۇم . يامغۇر بەك كۈچلۈك بولغاچقا توكتىن چاتاق چىقتىمۇ توك ئۆچۈپ قالدى . تۇيۇقسىز ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى . شېرىن لەۋلىرىنى لېۋىمگە باستى . پۈتۈن جىسمىم ھارارەتلىنىپ بوشىشىپ كەتتى . مەن بۇ ئەسەبىيلەرچە سۆيگۈدىن تۇنجى قېتىم ھۇزۇر ئېلىۋاتاتتىم .   بەرىبىر ئۇنىڭ بىلەن پات يېقىندا توي قىلمەنغۇ دېگەننى ئويلاپ ، ئىختىيارىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم ، تۇنجى قېتىم يىگىتلىك ئىپپىتىمدىن ئايرىلغان ئىدىم .  ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ قىز ئەمەس ئىكەن ! ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورىيالماي چىۋىن يەۋالغاندەك  بۇلۇپ قالدىم ! كۆڭلۈمدە ھەرخىل گۇمان تۇغۇلدى ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە كۈن بارمىدىم .
بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ، بارسام ئىشىك ئوچۇق ئادەم يوق ، ئۆيگە كىردىم ئىچكىركى ئۆيدە ئۇ باشقا بىرسى بىلەن مەن قىلغان ئىشنى قىلىۋېتىپتۇ!
- ھۇ ھايۋانلار !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارچۆچۈپ كېتىشتى، زۇمرەت ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئورنىدى تۇرۇپ كىيىملىرنى كىيىۋالدى ، ھەم مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى !
- بۇ نېمە ئىش ؟ سورىدىم مەن ، ئۇ ماڭا سەت ئالىيۋېتىپ دېدى ،
- نېمىشلىقىنى كۆرمىدىڭما ؟ مەن تىجارەت قىلىۋاتىمەن ، سودامغا تەسىر يەتكۈزۈپ كەچتە كەلسەڭ بولمامدۇ ؟
بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى بىر شاپلاق ئۇردۇم ، ھەم ئۇنى تىللىدىم .
-ھۇ رەسۋا بۇزۇق !
مەن چىقىپ كەتتىم ، سىرىتتا شامال چىقىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز شامال يامغۇرغا ئايلاندى ، يىگىتلىك غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنغاچلىقى ئۈچۈن توختىماي يىغلىدىم .
مەن ئۇنى بىر گۈلگە ئوخشاتقان ئىدىم ، ئۇ مەن ئۈچۈنلا ئېچىلىپ مەن ئۈچۈنلا توزۇيدۇ ، دەپ ئويلاپتىمەن ئۇنىڭ پۇرىقىدىن پەقەت مەنلا ھۇزۇرلىنىمەن دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەپسۇس ئۇ ئاللىقاچان توزۇپ ، پۈتۈن يىلتىزىدىن تارتىپ قۇرۇپ ، پۇرىقى قالمىغان ئوتكەن خالاس !   ئۇ قۇرۇپ قالغان قاقشال بولغان ، پۇراقسىز ئەتتىرگۈل خالاس !

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364





531 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-5 0:54:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ