ئانامنىڭ بەدىلى مىنىڭ بەختىممۇ
ئاپتور :ئەكرەم ئۇسمان
ھىكايە
سەبىي چاغلىرىم شۇنداق بەخىتسىزلىكلەر بىلەن تولغان . ئىسىمنى بىلىپ پۇلنى ئايىماي چوڭ-چوڭ خەجلەپ باققىنىمنى بىلمەيتتىم ، بەش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئانام ماڭا بىر كىچىك بوغچا تىكىپ سوۋغا قىلدى، مەكتەپكە كىردىم بارا- بارا بالىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
–ئانا ،ماڭىمۇ باشقا بالىلارنىڭ سومكىسىغا ئوخشاش سومكا ئېلىپ بەرگىنە ؟–دىدىم.
ئانام ئېلىپ بەردى . چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بالىلارغا قاراپ ھەۋەستە ئولتۇرۇپ كىتەتتىم ،ھەممىسى ھەرخىل يىمەكلىك كەمپۈتلەرنى ئېلىپ ئچىمدىن ئوت ياندۇرۋېتەتتى .
- ئانا پۇل بەرگىنە ؟-دىدىم.
ئانام بەردى . بەزىدە كىچىكلىكىمدىنمۇ ئانامنى بەك خاپا قىلاتتىم، جىدەل قىلىپ ئانامغا ئارام بەرمەيتتىم ، «پۇل بەر »دىگەن سۆزنى يادلىۋالغاندەك قايتا- قايتا دەيتتىم ، بەزىدە ئانام ئاچچىقىغا پايلىماي كاسسامغا نەچچە تەستەك سالغىنىمۇ ئېنىق يادىمدا . بارا -بارا چوڭ بولدۇم ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمغا قەدەم قويدۇم، ئويلاپ باقساپ باشلانغۇچتا ئاز ئازار يىمەپتىمەن، بەزىدە بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام ھەردىلىمغا ئازار يەيدىغان تىللارنى ئالايتتىم .
-ھە يىتىم ئوغلاق نىمە قىلالايتىڭ !؟ دەپ نەچچىسى كىلىپ ئۇرۇپ توپتەك دۇمۇلىتىۋېتەتتى . بۇ كۈڭۈل ئاغرىقلىرىنى كىمگە دەيتتىم، ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانامنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتاتتىمدە يىغلاپ كىتەتتىم. ئانام سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئاتامنى ئويلاپ قالامدۇ ،ياكى مېنىڭ سەبىي قەلبىمگە بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كۆڭلۈمگە ئورناپ كىتىشىگە كۆڭلى چىدىمايمۇ ،ئىشقىلىپ ئالدىمدا ئۈن سېلىپ يىغلىمىغان بىلەن كۆزياشلىرى سۇدەك قۇيۇلاتتى .
مەن ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئاتام قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىكەن. ئاتامنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن، ئانامنىڭ دېيىشچە ئاتام ئىنايىن قاۋۇل ، خۇشچاقچاق، ئانامغا ھەم ماڭا ئىنتايىن كۈيۈنىدىغان ياخشى ئاتا ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانام قايتا ئۆيلەنمىدى، دادامنىڭ قايتا -قايتا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئانامنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئانام دائىم ئاتامنىڭ پاراڭلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. خۇشال بۇلاتتى ،بەزىدە يىغلاپ كىتەتتى. ئاتام قازا قىلىپ ئۈيىمىزنىڭ ئۇلى سۇندى، ئاتامنىڭ ئاتا -ئانىسى ئاتام بىلەن ئانام توي قىلىشتىن بۇرۇنلا تۈگەپ كىتىپتىكەن، ئانام بىلەن دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردۇق ،ئانام يالغۇز پەرزەنت ئىدى، چوڭ ئانام مەن تۆت ياشقا كىرگەن يىلى كىسەل سەۋەبلىك قازا قىلدى، دادامنىڭ ياشانغان ھالىتى بىلەن نەچچە مو يەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىقى تەس ئىدى، شۇڭلاشقا ئانام بىلەن دادام بېشىنى كۆتۈرمەي يەرگە ئېشلەيتتى، ئانام ماڭا ھەم ئانا ھەم ئاتا بولدى .
-ئانا، ئايىقىم كونىراپ كەتتى !
-ئانا ،ئۈگۈنۈش قۇرالى ئالىمەن !
-ئانا ،پۇل بەرگىنە !
-ئانا ……
چوڭ بولغانسېرى پۇل كۆپ لازىم بۇلىدىكەن، ئانام بەردى . تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۈرۈپ تۇختاپ قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئانامنىڭ جاپاچېكىشىگە چىداپ تۇرالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. مەنمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدىمدە . ناھىيە بازىرىدىن چاقىرىق كەلدى، بىز ئۇقۇغان سىنىپتىن ئۈچ بالىغىلا چاقىرىق كەلگەن ئىدى. مېنىڭ ئەلۋەتتە ئۇقۇغۇم بار لېكىن ……
ئانام مېنى يولغا سالدى . تۇرمۇش پۇلۇمنى ۋە باشقا پۇللارنى ئانام ئۈلگىرىتىپ ئەۋەتىپ تۇردى. باشقىلارغا يەتمېسىمۇ ھەرھالدا ياخشى ئىدى، مەنمۇ ھەريىلى ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى، قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالدىم . ئانام بىلەن دادامنىڭ مېنى قانچىلىك جاپا مۇشەققەت ئىچىدە مۇشۇ شارائىتقا ئىگە قىلغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى .
ئالىي مەكتەپ ئېمتىھان تەييارلىقى قىلىۋتقان چاغلار ئىدى.
-ئۇغلۇم ياخشى بەرگىن ، ياخشى بېرەلمىسەڭمۇ ھېچقىسى يوق جىنىم ئوغلۇم !- دېدى ئانام.
ئانامنىڭ سۆزىدىن كۆزۈمگە ياش كىلىپ كەتتى، ئانامنىڭ ئالدىدا يىغلاشنى لايىق كۆرمىدىم ، چۈنكى مەن يىغلىسام ئاناممۇ يىغلايتتى ،ئاران «ھەئە »دىيەلىدىم .
ئانا ئۈتۈپتىمەن ، مەن ئۆتتۈم ئانا ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى. ئانامنىڭ كۆزىدىن، ئىللىق چىرايىدىن بۇنداق تەبەسسۇمنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئانامنى چىڭ قۇچاقلىدىم ،ئانامنىڭ كۆزياشلىرى بۇينۇمنى بويلاپ سېرغىپ ئاقتى . ئۈچ يىل ئۇقۇش جەريانىدا ئانامغا ياخشى ھەمراھ بۇلۇپ باقماپتىكەنمەن، ئانام بىلەن كۈن قايرىلغاندىن باشلاپ خېلى كەچكىچە مۇڭداشتىم ،ئانام يەنىلا ئاتامنى ئۇنتۇپ قالمىدى ،ھەر قېتىم ئانام ئاتامنىڭ گەپلىرىنى قىلغاندا ئاتامنىڭ تەق -تۇرقىنى بىلمىسەممۇ ،كۆز ئالدىمدا سېماسى پەيدا بۇلاتتى ، ئانام :
-ئاتاڭ چۇقۇم بىزنى كۆرۋاتىدۇ ، ئۇدۇنيادا تۇرۇپ سەن ئۈچۈن پەخىرلىنۋاتىدۇ ،-دېدى .
ئانامنى چىڭ قۇچاقلىدىم ، ئانام جۈدەپ كىتىپتۇ ، يۈزىدىكى قورۇقلار جىقلاپ كىتىپتۇ ،قوللىرىنى قاداق بىسىپ كىتىپتۇ، ئانام جاپا چېكىپتۇ .
مەھەلىدە تېخى بىرەرسى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ باقمىغان ئىدى ، قوشنىلار تەبرىكلەپ قۇلىدىن چىقىدىغىنىنى بەردى، قۇلىدىن كىلىدىغان ياردەملەرنى قىلدى .
-ئاق يول بولسۇن ئوغلۇم ،ئۆزۈڭنى ئاسرا ،ياخشى ئۇقىغىن!!
ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ قۇيۇلغىنىچە ماشېنىنىڭ كەينىدە قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ قالدى. ئانامنىڭ مېنى ئۇزاتقان شۇ سېماسى ھەرگىز يادىمدىن چىقمايدۇ . ئۆيگە تەتىلدە بىر قايتاتتىم .
-ئانا ،قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟دادامنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟-دەپ دائىم ئەھۋال سوراپ تۇردۇم .
ئانام بىلەن دادام ھەرقايسى جەھەتتىكى ئېقتىسادىمنى ئەۋەتىپ تۇردى . ئەۋەتكەن پۇلى ئۇقۇش پۇلى بىلەن ماتېريال پۇلىغا ئارانلا يېتەتتى. ئەلۋەتتە مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئىشلەپ پۇل تاپتىىم ، تاماق تۇشقىدىم ، قاچا يۇيدۇم ، ساتراشخانىدا كىشىلەرنىڭ بېشىنى يۇيدۇم … شۇنداق قىلىپ تاماق پۇلۇمنى تاپتىم، يەنە ئۇقۇش مۇكاپاتى ئالدىم.
-ئۇغلۇم ،داداڭ ئۇ …دا… -دىدىدە ئانام تېلفۇننى ئۈزۋەتتى.
بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئۇقىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى . دادام تۈگەپ قالغان ئىدى . دەپنە مۇراسىملىرى ئاخىرلاشتى .
-مەندىن ئەنسىرىمە ئوغلۇم ، خۇلۇم - قۇشنىلار بار ، ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم ياخشى خەۋەر ئالالايمەن ،-دېدى ئانام ئاۋازلىرى تىترىگىنىچە .
يۈرىكىم قاتتىق ئېزىلىتتى ، ئانامدىن شۇنداق ئەنسىرەيتتىم. ئۇقۇش پۈتتۈرىشىمگە بىر يىل قالدى . ئامال قانچە مەرھۇم دادامنىڭ ئانامنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ جاپاسى يوققا چىقمىسۇن ، چىداپ بىريىلنى تۈگىتىپ ، خىزمەتكە چىقىپ ئانامنى بەخىتلىك ،ياق ، دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال قىلىمەن .
ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۈم .ئانامنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ،باشقىلارغا قانچىلىك قەرز بولغانلىقى ،قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيتتىم. خىزمەتكە چۈشتۈم . تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئېلىپ ئانامغا تۇتقۇزۇشنى ، ئانامغا شۇنچىلىك مېھىر -مۇھەببىتىمنى يەتكۈزىشنى ئويلايتتىم .
-ئانا ،قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ خىزمەتكە چۈشتۈم ، ئەمدى سىزنى ھەرگىز جاپا چەككۈزمەيمەن ئانا ،سىزنى سۆيىمەن ئانا ،ئاللاھ سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتاقىلسۇن ! -دىدىم .
ئانامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى .
-ئوغلۇم مەنمۇ سېنى سۈيىمەن . سېنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ئوغلۇم -دېدى ئانام يېغا ئارلاش .
لىكىن تەقدىر ماڭا بويسۇنمىدى . مائاشىم چېقىشىغا نەچچە كۈن قالغاندا يانفۇنۇم سايراپ كەتتى .
-يالقۇن ،ئاناڭ ھۇشىدىن كىتىپ دۇختۇرخانىغا… دەپ بولغىچە ھېچنېمە بىلەن كارىم يوق ئانام تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتىم .كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۋاتاتتى . ئانامغا بىرەر كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قىلىشىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەيتتىم .پۇت قوللىرىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس . ئانا …ئانا …دىگىنىمچە قۇتقۇزۇش ئۈيىگە كىردىم .
- راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قاپتۇ، نىمېشقا بالدۇرراق تەكشۈرتمىدىڭلار ،ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن .- دېدى دۇختۇر .
بېشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيغاندە بۇلۇپ كەتتىم ، ئانامنى چىڭ قۇچاقلىدىم ، بىلىمەن ئەمدى بىشىمنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ بىكار . شۇ پەيىتتە ئانامدىن شۇنچىلىك ئايرىلغىم يوقلىقىنى ئانامغا نەقەدەر قەرزىمنىڭ جىقلىقىنى، شۇنچىلىك سۈيىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئانام ھۇشىغا كەلدى ، كۆزلىرىنى خىرە ئاچتى. مېنى كۆردى، چېرايىغا تەبەسسۇم يۈگىرتتى. ئانامنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتىم . ئانامغا نېمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم ، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلىۋاتاتتى .
ئانام ۋاپات بولدى ، روھىم ئانام بىلەن تەڭ كەتكەندەك ئۆزۈمنى يۇقىتىپ قويغىلى ئاز قالدىم . ئانامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەبەسسۇمى مەڭگۈ يۈرەك قېتىمدا ساقلاقلىق . مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .مىنىڭ ئانام بىر ئۇلۇغ ئانا . ئانامنى بۇ ئۈمرۈمدە پەقەت بىر قىتىم «ئانا سىزنى سۆيىمەن » دىيىشكە نىسىپ بۇپتۇ . ئاھ خۇدا ئانامنى جەننىتى قىلغايسەن !
ئەنسىز خىزمىتىمنى قىلۋاتىمەن ئانام كۆزئالدىمدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ .ئاللاھ خالىسا ئۇ ئالەمدىمۇ يەنە ئانامنىىڭ ئوغلى بۇلۇپ ، ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن .قەرزىمنى ئادا قىلىمەن ، ئانامنى چىڭ قۇچاقلايمەن ، يەنە ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆكسۈپ يىغلايمەن . ئاھ ،مىنىڭ ئانام !
(ئەسكەرتىش: دادا دىگىنى تۇرپاندا ئاتا - ئانىسىنىڭ دادىسىنى كۆرسىتىدۇ).
2015يىلى ئۆكتەبىر خۇنەن ئەكرەم ئۇسمان(تۇرپاندىن)
1097 قېتىم كۆرۈلدى | ike0434 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-15 7:36:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-14 17:26:51 | ئادىل |
ئەسەرلىرىڭىزنى يەنە كۆرسەم دەيمەن |
2016-1-7 7:43:11 | بېلقىز |
ياخشى يېزپتۇ |
2016-1-3 11:05:50 | metro |
قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ، بەك ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم ، داۋاملىق ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرسەم دەيمەن |
2015-12-27 1:55:06 | arzu |
bakmu tacrlk yezpcz dat barmcun kulgzga |
2015-12-22 22:05:09 | ئالىمجان |
yahxi yizip siz okwitip kozumga yax kap kati rahmat siz ga |
2015-12-21 22:13:25 | amina |
Hakikatan bak tasirlikkan.kolgizga DAT kalmisu tihmu yahxi asarlani yizixgizni umut kilman.sawagdixgizdin. |
2015-12-21 20:23:27 | kakukguli, |
eintayin,yahxi,yizliptu,tasirlikkan |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|