داغدا قالغان مۇھەببەت

داغدا قالغان مۇھەببەت


ھىدايەت


كېچە ئاسمىنى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەل ئىدى.كۆل بويىدىكى ئۈجمە دەرىخىگە يۆلىنىپ تۇرغان ھەسەن كۆزىنى ئاسماندىكى ھىلال ئايغا تىكىكىنىچە، يۈرىكى ئەلەم بىلەن تولغۇنۇپ ،قانداقتۇر خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنەتتى.گۈلنار بىلەن قالدۇرغان ئەسلىمىلەرنىڭ ئەمدى شېرىن بىر چۈشكە ئايلىنىپ،ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ ئەتە باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلىسا،يۈرىكى تىنىمسىز تېپچەكلەيىتتى.

گۈلنار بىلەن ھەسەن كىچىكىدىن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان دوسىتلاردىن ئىدى،ئەمما بۇ دوسىتلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت ئەمدى ئۆچۈش ئالدىدىكى شامدەك پىلىلداپ تۇراتتى.

گۈلنارنىڭ كۆزىگىمۇ ئەسلا ئۇيقۇ كەلمەيىتتى، ئەتە ئۇنىڭ تويى،توي يىگىتنى گۈلنار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدى.بۇ توي گۈلنارنىڭ ئاپىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان بولۇپ،گۈلنارنىڭ رايى يوق ئىدى.گەرچە ھەسەن گۈلنارنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم ئەلچى كىرگۈزسىمۇ،گۈلنارنىڭ ئاپىسى ھەسەننى نامرات كۆرۈپ قىزىنى بەرمىگەنىدى.ئۇ ئەلچىلەرنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە«قىزىمنىچۇ شەھەردىكى دوستۇمنىڭ ئوغلىغا بېرىمەن،بۇ سەھرايى قىيامەتتە،ھەسەن دېگەن يالاڭتۆش بىلەن بىر ئۆمۈر بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرمەي ياشامدۇ؟ »دەپ قوپال سۆزلىگەچكە ھەسەننىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ توي ئىشىنى بولدى قىلغان ئىدى.گۈلنار ئاپىسىنىڭ قىلغانلىرىنى ،ئۇنىڭ بەختىنى مال- دۇنيا بىلەن ئۆلچەپ،قىزىنى بەخىتسىز قىلىپ قويغانلىقىنى ئويلىسا، ئۆلۈۋالغۇسى كېلەتتى.ئەمما ئۇ ئۆلۈمنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە باشقا ئامال قىلىشقا باشلىدى.ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ ئاۋايلاپ دەسسەپ ئۆيدىن چىقتى.ئۇ ئاستا مېڭىپ كۆل بويىغا كەلدى دە ئايغا قاراپ يىغلاپ سالدى. قايسى قىز ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن بىرى بىلەن توي قىلىشنى خالايدۇ دەيسىز؟ گۈلنار ھەسەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىنى زادىلا ئۇنۇتالمايىىتتى.

ئۇلار كىچىكىدىن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان،بىللە مەكتەپكە بېرىپ بىللە قايتاتتى.بىللە قوي باقاتتى ،ئىشقىلىپ نەقەدەر گۈزەل چاغلار ھە!

بىر قېتىم گۈلنار ئېرىقتا يالاڭ ئاياغ سۇ كېچىپ ئويناۋاتقاندا، پۇتىغا ئەينەك پارچىسى كىرىپ كەتكەن ئىدى،شۇ چاغدا ھەسەن كۆينىكىنى يىرتىپ گۈلنارنىڭ پۇتىنى تېڭىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغان ئىدى.گۈلنار بىلەن ھەسەن ئىككىلىسى تولۇقسىزگىچىلا ئوقۇغان ئىدى.ئۇلار بىر بىرىگە بەكلا ئامراق ئىدى.بۇ كىچىككىنە مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بار ئىدى،بولۇپمۇ مۇشۇ كۆل بويىدا.شۇڭا گۈلنار كۆڭلى يېرىم بولسىلا مۇشۇ يەرگە كېلەتتى.گۈلنار مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ ،ئېسەدىگىنىچە بوغۇلۇپ بوغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.بۇ بىچارە قىزنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان تولۇن ئايمۇ ئاستا بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى.شۇ دەمدە ئىسسىق بىر قول گۈلنارنىڭ مەڭزىدىكى ياشلارنى سۈرتتى،ھەسەن گۈلنار كۆل بويىغا كەلگەندىن باشلاپ ،بىر چەتتە قاراپ تۇرغانىدى، ئەمما ئۇ قىزنىڭ يىغىسىغا چىدىيالمىدى.

- ھەسەن؟- دېدى گۈلنار.

- بولدى سۆزلىمە- دېدى ھەسەنمۇ ئۇھسىنىپ.

- مېنى كەچۈرگىىن- دېدى گۈلنار - يىغىدىن ئاران توختاپ.

- سەندە گۇناھ يوق، ئۇنداق دېمىگىن سەنمۇ مەجبۇرلاندىڭ- ھەسەننىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تېخىمۇ بوشاپ ،ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

- ھەسەن،بىز كېتەيلى، يىراقلارغا كېتەيلى- گۈلنار شۇنداق دېگىنىچە ئۈمىد بىلەن ھەسەنگە تىكىلدى.

- بىلەمسەن گۈلنار، مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن،ئەمما سېنىڭ ئاتا- ئاناڭ رازى...

ھەسەننىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلىمايمەن دېگەندەك قىلىپ گۈلنار ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالدى.

- بولدى قىل،ئاتا- ئانام قوشۇلمايدۇ،ئۇلارغا لازىمى مال- دۇنيا ،ئۇلار مېنىڭ بەختىمنى پۇلغا تېگىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ- گۈلنار يەنە يىغلىدى.

‌- گۈلنار ئەتە سېنىڭ تويۇڭ، سەن قاچساڭ توي بۇزۇلىدۇ - دېدى ھەسەن.

- ئەمسە ئەتە مېېنىڭ ئۆلۈمىمنى كۆرگۈڭ بار ئوخشىمامدۇ؟- دېدى گۈلنار زەردە بىلەن.

- ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە،مېنىڭمۇ سېنىڭ يىغاڭنى كۆرگۈم يوق- دېدى ھەسەن.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەتە ئۇچرىشىدىغان جاينى، ۋاقىتنى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلىشىپ، بىر- بىرىگە قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى.



توي شۇنداق ھەشەمەتلىك،ناغرا- سۇنايلار بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى،مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيىتتى. گۈلنار بۈگۈن خۇددى كېپىنەككىلا ئوخشاش ياساپ قويۇلغان ئىدى،ئەمما ئۇ ئېچىلالمىدى،ئۇ ئاران تەستە ھاجەتكە چىقىشنى باھانە قىلىپ،سىرىتقا چىقتى،ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆي ھويلىنىڭ بۇلۇڭىغىراق جايلاشقان بولغاچقا ئۇ ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمايىتتى. گۈلنار ئاستا باغقا كىردى، ئانار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ،ئارقىغا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن،ئۇ ئۇزۇن توي كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈپ،پاكارغىنە باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ،خوشنىسىنىڭ بېغىغا چۈشتى،خوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى پەملىگەن،گۈلنار ئاستا كېلىپ چوڭ يولغا چىققىلى بولىدىغان ئاچا يولغا تۇتاشقان كىچىك ئىشىكتىن چىقتى. بۇ يولدا ئاساسلىقى باغۋەنلەردىن باشقىلار ماڭمايىتتى،گۈلنارنىڭ تەلىيىگە ئالدىغا ھېچكىم ئۇچرىمىدى.يول توپا،ھەم ئەگرى- بۈگرى، ئېگىز- پەس بولغاچقا يول ماڭماق قىيىن ئىدى،گۈلنار پۇتىدىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى سېلىۋىتىپ يالاڭ ئاياغ يۈگۈردى،پۇتلىرىغا تىكەن كىردى، چالمىلارغا دەسسىۋالدى،يىقىلدى ئەمما ئۇ بەرداشلىق بېرىپ يۈگۈرەۋاتاتتى. مۇھەببەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتى بولسا كېرەك، گۈلنار بەكلا تېز يۈگۈرەۋاتاتتى، ئۇ بىرەرسىنى ئارقىدىن قوغلاپ كېلىپ قالارمۇ دېگەندەك پات- پات ئارقىغا قاراپ قوياتتى،ئۇ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ ئازراق ماڭسىلا ھەسەن بىلەن كېتەلەيىتتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان گۇگۇم پەردىسى يېيىىلىپ بولغان ئىدى.گۈلنار ھاسىراپ كەتكەن ئىدى،ئەمما ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتى. ئۇ چوڭ يولغا چىقىپ، يۈگۈرگىنىچە يولدىن ئۆتمەكچى بولدى، «غىچ»قىلغان بىلەن تەڭ، گۈلنار يەرگە يىقىلدى، چوڭ بىر يۈك ماشىنىسى توختىدى، بىر كىشى ماشىنىدىن چۈشتى دە، يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان گۈلنارنى كۆرۈپ دەرھال ماشىنىغا چىقتى ،ماشنىنى ئەگىلدۈرۈپ تېز سۈرئەتتە غايىب بولدى.

تۈن يېرىمىغىچە ساقلىغان ھەسەن ئەمدى گۈلنارنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ھالدا ئارقىغا يېنىپ، ئۆيىگە ماڭدى،نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. ھەسەن ئەمدى چوڭ يولغا چىقىشىغا يەردە ياتقان گۈلنار كۆزىگە چېلىقتى. ھەسەن يېقىن كېلىپ قاراپ تۇيۇقسىزلا قاتتىق ۋارقىرىدى:

- گۈلنار! - ھەسەننىڭ ئاۋازى پۈتۈن ئالەمنى بىر ئالدى.

ھەسەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ گۈلنارنى قۇچىقىغا ئالدى، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشىماقچى بولدى،ئەمما گۈلنار ئاللىقاچان نەپەستىن توختىغان ئىدى.ھەسەن شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىكى،ئاي بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى،ئارقىدىنلا چاقماق چېقىپ ،شارقىراپ يامغۇر ياغدى،ھەسەن گۈلنارنى كۆتۈرگىنىچە بىر دالدىغا باردى،بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلگەن ئىدى،ھەسەن تېخىچە يىغلاۋاتاتتى.ھەسەن يىغلىغىنىچە گۈلنارنىڭ ئوچۇق قالغان كۆزىنى ئاستا يۇمدى. ئۇ گۈلنارغا قارىدى، قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلىرى ئارىسىدا قان ئۇيۇشۇپ قالغان، تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلەر ئارىسىدىكى بۇلاقتەك كۆزلەر ئەمدى مەڭگۈلۈك يۇمۇلغان، ئاپئاق توي كۆينەك قىپقىزىل قانغا بويالغان،ھەسەن ئۆزىنى كاچاتلاپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلايىتتى. يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ھەسەن گۈلنارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. يامغۇر گۈلنارنىڭ مەڭزىدە كىچىك- كىچىك تامچە ھاسىل قىلغان ئىدى، گۈلنارنىڭ مەڭزىدە بولسا تاتلىق بىر كۈلكە قېتىپ قالغان ئىدى.

تۈگىدى





1084 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:04:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-18 12:05:51 جۇدالىق
نىمدا ئاددى ئىش بۇ
2015-8-6 21:08:03 گۈلنار
مەن بەكك ياختۇردۇم
2015-8-2 9:37:37 mayira
bak yahxi ham bak tasirlik yizliptu
2015-7-30 19:25:39 ئ‍ابدۇۋەلى ئ‍ەلى
ھىكايدىكى مەزمۇنلارمەزمۇنلار ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئ‍ەممائ‍ەمما ئ‍اخىرقى كەمدەك ھىس قىلدىم گۈلنارگۈلنار ئ‍اپسى قىزنىڭقىزنىڭ ئۆلۇمدە قانداق بولغانلقىنىىنى بايان قىلىپقىلىپ بەرگەن تىخىمۇتىخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قاراي
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ