يۈرەكتىن چىققان نىدا (بىر قىزنىڭ نالىسى )
ئارسلان ئابلەت
مەندىن يىراق كەتمەكچى بولۇپسەن ھە ! جېنىم؟
بوپتۇ، ئۇنداقتا يۈرۈكۈم ساڭا يوللۇقۇم بولسۇن، سەن ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ كەت . يەنە بارلىقشادلىقلىرىمنى يۈرۈكۈم بىلەن قوشۇپ ساڭا يوللۇق قىلاي. سەن شادلىقلىرىمنىمۇ ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلىپ كەت . بىراق بارچە ئازاپ تەشۋىشلىرىڭنى ماڭا قالدۇرۇپ ، ئۆزۈڭ ياش تۆكمەي كۈلۈپ كەت !
يولدا غەمسىز كېتىۋاتاتتىم، يىراقتىكى بىر ئۆيدىن بىر قىزنىڭ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى . مەن خۇددى ئۆلۈك مۇردىدەك نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم . ئاھ خۇدا بۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم قەيسەر نىڭ ئۆيىغۇ؟! كۆڭلۈم بىر خىل شۇملۇقنى سەزگەندەك قىلاتتى . مەن قەدەملىرىمنى تېخىمۇ ئىتتىكلىتىشكە تىرىشتىم- يۇ، ئەمما پۇتلىرىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا قولاشماي باراتتى، ئورنۇمدا نېمەقىلىشىمنى بىلەلمەي ھاڭ تاڭ قالغان پېتى تۇراتتىم . شۇنچىلىك ئىنتىزارلىق ، تەققازالىق ئىچىدە قىيلىنىۋاتاتتىم ، بۇ قەدەملىرىمنى ئاستا يۆرتكەپ ، قانداق جۈرئەت بىلەن بۇ ئۆيگە كىرىشنىمۇ بىلمەيۋاتاتتىم .
شۇ ئەسنادا كۆز ئالدىمغا ئۇلار نىڭ گۈزەل ئەسلىملىرى كېلىشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك بەختلىك شاد خوراملىققا تولغان ئىدى . رەنا بىلەن قەيسەر ئىككىسى بوران چاپقۇننىڭ دەھشەتلىك سىناقلىرىدىن، ئازابنىڭ ئاچچىق ئۆرتەشلىرىدىن ھالقىپ، بىرگە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەن ، بىر بىرىگە ئايرىلماس ۋەدىلەرنى بېرىپ ، ئەقىدە قىلىشقان ، بەختنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئايرىلماس ئاشىق مەشۇقلاردىن ئىدى. قەيسەر رەنانى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىكى ئۇنى دەپ جېنىدىن كېچىشكىمۇ رازى بولاتتى . ئەمما بۇ ئىككەيلەننىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۇزاققا بارمىدى . ئۇلارنىڭ بەختىگە كۆز تەگدى.مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى دوختۇرنىڭ دېگەن بىرىئېغىز سۆزى بىلەن بەرپات بولۇش ئالدىدا تۇراتتى .دوختۇر :(يىگىت سىزگە بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي ،بىراق ئازابلىنىپ كەتمەڭ سىز ئۆسمە راكىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا گىرىپتار بوپسىز ،ئىدىيەيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن .)دوختۇرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قەيسەرنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك بولۇپ ،كاللىسى ئاللىبۇرۇن بىر جايدا توختاپ قالغاندەكلا بولۇپ قالغان ئىدى .قەيسەر ئەمدى قانداقمۇ قىلار ؟ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە نېمىمۇ دەر ،ئەمدىلا تېخى ئۇنى بەخىتلىك قىلماقچى بولغان ،ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىنى ھېس قىلدۇرماقچى ئىدى .ئۇ ئاخىرى قەدەملىرىنى توختىتىپ بۇ ئىشنى رەناغا ئاشكارلىماسلىقنى قارار قىلدى .بۇرۇنقىدەكلا رەناغا تەبەسسۇم بىلەن باقاتتى ،ئۇنى بارلىقى بىلەن ياخشى كۆرەتتى ،سۆيەتتى .ئەمما بۇنداق كۈنلەر ئۇزاققا بارامدۇ دەيسىز؟ كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەيسەر ئۆز كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ،رەنانىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر ئازاپ سېلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىزلا بۇ جايدىن غايىپ بولدى ،رەنا قەيسەرنى خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدەشكە باشلىدى .شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەيسەردىن تۇيۇقسىز خەت كېلىپ قالدى :
(جېنىم ،مېنى كەچۈرەرسىز مۇ ؟مەن سىزگە دېمەيلا تۇيۇقسىز سىزدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالدىم ،مېنى كەچۈرۈڭ .ئەمدى سىزگە بارلىقىمنى بېرەلمەيدىغان ،سىزگە بەختىمىزنى ھېس قىلدۇرالمەيدىغان بولدۇم ،سىزنى ھەركۈنى ئەتىگەندەئۇيقڭىزدىن ئۇيغۇتالمايمەن ،سىزگە ھاياتلىقنىڭ مەنالىرىنى ھېس قىلدۇرالمايدىغان بولدۇم .چۈنكى، مەن ئۆسمە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمەن ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىز بىلەن ھەم بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلىشىمەن ،مېنى كەچۈرۈڭ ھاياتىم .سىز مەندىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتقانسىز، ئەمما كىيىن مىنى كەچۈرىدىغانلىقىڭىزغا چوققۇم ئىشىنىمەن . سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن .رەنا سىز بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا مەن ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بولىمەن ، ئامان بولۇڭ ) سىزنى ھاياتىم دەپ بىلىدىغان قەيسەردىن .
خەتتىن چىقىۋاتقان نىدالار رەنانىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغانىدى، مەڭزىنى سىلاپ چۈشكەن ياش تامچىلىرى خەتنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى . رەنا خەتنى باغرىغا باسقىنىچە نالە قىلىشقا باشلىدى .
ئارىدىن ئۇزۇق ۋاقىت ئۆتمەي قەيسەرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن خەۋىرى يېتىپ كەلدى . رەنا ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق زار قىلماقتا، ئۆزىنى يوقىتىپلا قويغان ئىدى .
كېتىۋاتىمەن ، تۇيۇقسىز چۆچۈشتىن ئېسىمنى تاپقاندەك بولۇپ، يۈگۈرگىنىمچە ئۆينىڭ ئىچىگە كىردىم . قەيسەر ئاپپاق رەختنىڭ ئىچىدە غەمسىز يېتىپتۇ . رەنا قەيسەرگە ئېسىلغىنىچە ئېسەدەپ يىغلىماقتا . قەيسەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نالىسىگە چىدىغىلى بولمايتتى : ( بالام ، يۈرەك پارەم، كۆزۈمنىڭ قارىسى، بىر دانەم ) دەپ ھۆڭرەپ يىغلىماقتا ئىدى . نېمىمۇ دېيەلەيمەن ، ئاچچىق ئازاب يۈرۈكۈمنى چۇلغىماقتا ····
بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ تېلفۇندىن بىر قىزنىڭ (يىگىتىمگە ) دەپ يازغان خېتىنى ئوقۇپ قالدىم . خەتتە:(تېنىچ ئامانمۇسەن جېنىم ، سەن ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن بارلىق ئازابلارنى ئاستا ئاستا ئۇنتىۋاتىمەن، ئەمما سەن يۈرۈكۈمگە سالغان ئۆچمەس ئوتنى ئۆچۈرمىكىم تەس، سېنى كۈتىۋاتىمەن ، ھېلىقى بىز دائىم ئولتۇرىدىغان جايلارنى كۆرۈپ ، سېنى توختىماي سېغىنىۋاتىمەن، سەنچۇ ؟ مېنى سېغىندىڭمۇ ، چۈشلىرىمدە ئايان بولۇپ، تەشنالىقىمغا جاۋاپ بېرىۋاتىسەن، مەڭگۈ مۇشۇنداق يېنىمدىن كەتمە، مېنى مۇشۇنداق سېغىنىپ تۇرغىن ، سۆيگۈڭ مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن، سېنى سۆيۈپ ) رەنادىن .
مانا بۇ يۈرەكتىن چىقىۋاتقان نىدا ، ئىككى يۈرەكنىڭ سېغىنىش نىداسى، ئۆز ئارا سۆيۈشكەنلەر ئارىسىدىكى ئۆلمەس ئەقىدە .
345 قېتىم كۆرۈلدى | ئارسلان ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-31 2:27:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-4 17:29:22 | ئمانگۈل |
غەيرەت قىلىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|