يېڭى يىل (مىكرو ھېكايە)

يېڭى يىل

 

 ئالىمجان ئاخنىياز شەيدايى

(مىكرو ھېكايە)

 

 ئۆيدىكى ھەممەيلەن خۇشال،  چۈنكى بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، مەرداننىڭ كىچىك سىڭلىسىمۇ يېڭى يىل يېتىپ كەلگىنىنى بىلگەندەك قىن ــ قىنىغا پاتماي قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ بۇ ئائىلىنى بېشىغا كىيگەنىدى. ئون نەچچە ياشقا كىرگەن ئىنىسى دادىسىغا ئەتىلا بېرىپ ئۆزىگە بىر قۇر شىم،  بىر تال شىبلىت ھەم بىر تال كاستىيۇم ئېلىپ بېرىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلىۋاتاتتى. مېھرىبان ئاپىسى ئۈچۈن يېڭى يىل مەيلى كونا يىل ئوخشاش بەرىبىر، پەرزەنتلىرى بەخىتلىك بولسىلا ئاتا ــ ئانىلار ئۈچۈن كۈندە بايرام كۈندە يېڭى يىل ئەمەسمۇ …

 بالىلىرىنىڭ بۇنچە خۇشال بولىشى ھايات يولىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى جاپا ــ مۇشەققەت ، ئىسسىق ــ سوغۇق ئارلاش ئۆتكۈزگەن ئاتا ــ ئانىنىمۇ بۆلەكچە خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. ئەمما مەردان بۈگۈن پەقەت خۇشال بولالمىدى، ئۇ نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئىنتايىن خۇشال ئىدى، ئۇ ۋە يېقىن دوستى مۇرات بىللە قار بوۋاي ياسىغانىدى، قار ئېتىشىپ ئوينىغانىدى.  پاك، بىغۇبار قەلىبلەرنى بىر بىرىگە باغلىغان دوستلۇق رىشتە يىپلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىنى يېشىلمەس تۈگۈندەك شۇنچە مەھكەم باغلىۋەتكەندەك ئۇلار زادىلا ئايرىلالمايتى. ئەمما پەلەك تەتۈر چۆگىلەپ كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى،  مۇراتنىڭ كىچىكىدىن بار بولغان يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۇنى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشتۇردى.

  شۇ كۈنى مەردان شۇنچىلىك بىئارام بولدى، ئەمما يىغلىمىدى، ئۇدۇل قايتىپ كىرىپ دېرىزە تەكچىسىگە قارىدى. تەكچىدە كىچىككىنە سولياۋ تەشتەكتە ئۇلار بىللە گۈللۈكتىن قۇمۇرۇپ ئەكىرىپ تەشتەككە سالغان ئەتىرگۈل كۆچىتىنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىرى تۇراتتى، ئۇ ئەنە شۇ قاقشال بولۇپ كەتكەن گۈلنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. دوستىغا ئېيتالمىغان سۆزلىرىنى شۇ خازان بولغان گۈلگە ئېيتقانىدى.

 ئېيتىڭە ئوقۇرمەن سىزمۇ ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى گۆھەردەك بىر دوستىڭىز خوشمۇ دىيەلمەي كېتىپ قالسا كۆزىڭىز نەملەشمەمدۇ ؟ شۇڭا مەرداننىڭ بۈگۈنكى بىئارامسىزلىقىنىڭ سەۋەبى كۆڭلىگە ئايان بولغان ئاتا ــ ئانىسى ئۇنىڭغا كىرىپ ئۇخلاشقا، ئەتە يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بىلەن تۇرۇشقا، سەۋر قىلىشقا، نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنساننىڭ سۈكۈتتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلۇقىنى، مۇراتنىڭمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىرگۈزۋەتتى.

 مەردان مۇراتنىڭ روھىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشەنگەچكىمۇ بىر چاغلارغىچە غايىبانە روھ بىلەن مۇڭدىشىپ خۇددى ئۇخلاپ قالسىلا مۇراتنى ئۇنتۇپ كېتىدىغاندەك بۇ يىلغا قىيماي كۆزى ئاستا ــ ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.

 تاڭ سەھەردە مەردان بەدىنى شۇنچىلىك ئېغىر، بېشى ئاغرىغان، پۇت قوللىرى سىيقىراپ ئاغرىغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇردى دە مەس كىشىلەردەك ئەلەڭ ـــ سەلەڭ دەسسەپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى،  كەلدىيۇ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا كۈلۈمسىرىدى.  ئۇ كۆزىگە ئشەنمەي نەچچە قېتىم ئۇۋىلاپ قايتا قارىدى ، راسىتكەن ،ئۇ ئاتا ــ ئانىسنى چاقىردى ، كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ، ھەر دۇئاسىدا بەختىنى كۈلكىسىنى تىلەپ تۇرىدىغان ئوغلىنىڭ تاڭ سەھەردە خۇشال كەيپىياتتا ئۆزىنى چاقىرىشىدىن ھەيران بولغان ئاتا ــ ئانا يۈگۈرشۈپ مەرداننىڭ قېشىغا كىردى دە ئۇ قادىلىپ قاراپ تۇرغان يەرگە قاراپ خۇشاللىقتىن كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى . مەردان قۇرۇپ قاقشال بولغان گۈل ئەمدىلا ھەر بىر بۇغۇم ئارلىقىدىن چىقارغان بىلىنەر بىلىنمەس كىچىك سۇس يېشىل رەڭلىك بىخ ئىزنالىرىنى قايتا قايتا سىلاپ باقتى. ئاپىسىنىڭ بۇنداق قىلسا بىخنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدىغىنىنى ئېيتقاندىلا ئۇ بولدى قىلدى ۋە ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلىۋەتتى.

 ئاتا ــ ئانا ئوغلىنىڭ دوستى ئۈچۈن بۇنچە تۈگىشىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ نەچچە كۈن بۇرۇن گۈل دۇكىنىدىن ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەپ گۈلنى بىخلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگنىپ كەلگەنىدى، نەچچە قېتىم ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، دورا پۈركۈشنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. مەردان كۆز ئالدىدىكى يېڭى يىل كۈنى يېڭىدىن بىخ چىقارغان گۈلنى ئەمەس بەلكى پورەكلەپ ئېچىلىپ ئىككى قەلىبنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان رىشتە گۈلىنى كۆرگەندەك بولدى.  سىرتلاردىكى قار ئاستىدا قالغان ئوت چۆپ ، دەل دەرەخلەرمۇ كۆكىرىپ ياشىرىپ كەتكەندەك،  ياپيىشىل بىخ چىقىرىپ ، مەجنۇنتاللار ئۇسۇلغا چۈشكەندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.  مانا شۇ كۈن ئۇلار ئۈچۈن ، بىز ئۈچۈن كائىنات ئۈچۈن ھەقىقى يېڭى يىل ھېسابلىناتتى …

 ھېكمەت تامچىسى : ئىنسان يىللارنى ئەمەس، يىللار ئىنسانلارنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ …





1350 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-1 11:24:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-10 10:19:50 ئ‍ارىسلانخان
ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ