گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 4- قىسىم
ئاپتۇۋۇز قوزغالدى ، تاھىرنىڭ قەلبىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ چىرمىۋالدى ، ئۇنىڭ سەكرەپ ئاپتۇۋۇزدىن چۈشىۋالغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاپنى ھېچكىم چۈشەنمىدى ، ئاپتۇۋۇز ئاستا بىر خىل رىتىمدا كېتىپ باراتتى .ئەركىن تاھىرغا يولبويى ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمىنىنى سۆزلەپ ماڭدى ، بەزىدە تېخى تاھىرغا :«ئاداش قارا ئاۋۇ يەر بەك چىرايلىقكەن » دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى قىلاتتى ، بىراق تاھىر يول بويى دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ سۆز قىلمىدى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە دادىسى ھەمدۇللا :« ئوغلۇم تېزراق قايتىپ كەل » دەپ كۆزيېشى قىلىۋاتقاندەك ، سىڭلىسى زۇمرەت : « ئاكا نەگە كەتتىڭ ؟ سەن قېنى ؟ » دەپ يىغلامسىراپ تەرەپ- تەرەپتىن تاھىرنى ئىزدەۋاتقاندەك سېزىم بولىۋاتاتتى ، ئۇ مۇشۇ كەتكەنچە قايتىپ كېتەلمەيدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ قەلبىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى .
ئاپتۇۋۇز مۇشۇ تەرىقىدە بىر كېچە ماڭدى ، تاھىر كېچىچە كىرپىك قاقمىدى ، ئەركىن بىغەم ھالدا تاھىرنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى ، بىرخىل پۇشۇلداشلار ، خورەك تاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بۇكېچە پەقەت تاھىرلا ئۇخلىمغان ئىدى .
تاڭ سەھەر ئاپتۇۋۇز ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى ، يىراقتىن ئېگىز بىنالار ، ئۆتۈشمە ئاسفالىت يوللار كۆرۈندى ، ئۇلار بېكەتكە كەلگەندە تاھىر ئەركىننى ئويغاتتى . ئۇلار ماشنىدىن چۈشۈپ چامدانلىرىنى سۆرىشىپ بېكەتتىن چىقتى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى دېگەن تاختاينىڭ قېشىغا كەلدى ۋە ئىككىلىسى چاقېرىق قەغەزنى كۆرسەتتى ، ئۇلار مەكتەپ ماشنىسىغا ئولتۇردى .دەل شۇ پەيىتتە ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىق كۈلۈپلا تۇردىغان بىر قىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندىن ئورۇن ئالدى ۋە كەينىگە قاراپ سۆز قىلدى .
-«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار ، مەن خالنۇر مەن قارمايدىن كەلدىم ، ئۆز ئارا تونۇشۇپ قالايلى -:دېدى. ئەركىن تاھىرغا قارىمايلا سوئالغا جاۋاپ بەردى .
-مېنىڭ ئىسمىم ئەركىن ، بۇ ئاغىنەم تاھىر بولدۇ بىز قەشقەردىن كەلدۇق.
خالنۇر گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا يەنە بىر قانچە ساۋاقداشلار ماشنىغا چىقىپ ئولتۇردى ۋە ئۆز ئارا تونۇشلۇق بەردى ، ئەركىن ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى ، بىراق تاھىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئاخىر ماشنا قوزغالدى .ماشنا بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن چوڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى .تاھىر ماشنىدىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسدىن مەكتەپكە قارىدى ، مەكتەپ دەرۋازىسنىڭ ئۈستىدە «شىنجاڭ ئونۋىرسىتى » دېگەن خەت چوڭ قىلىپ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە يېزىغلىق ئىدى ، ئۇدۇلدا مەكتەپ بىناسى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى . تاھىر چامداننى سۆرەپ ئېغىر قەدەملىرى بىلەن باياقى ساۋاغداشلار بىلەن مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، تاھىرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ ؟ خالنۇر تاھىرنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋاملىق ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتورى :ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
| 535 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-10 17:01:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|