ئوتتۇز ئۈچ يىل كىچكىپ تاپشۇرۇلغان خەت 1- قىسىم

ئوتتۇز يىل كىچىكىپ تاپشۇرۇلغان خەت


(  1-قىسىم )


ئويغاق


‏      كۈزنىڭ غۇر-غۇر شاماللىرى كونا كەپىنىڭ ئشىك دېرىزلىرىنى يەڭگىل سىلكىپ بىرخىل سىلىق ئاۋازلارنى چىقىراتتى. سارغىيىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ياپراقلار شامالغا ئەگىشىپ يەر سىپاپ ئۇچماقتا ئىدى. دەرەخ ئۈستىدە كىچىك تىيىنلار قىشلىق ئوزۇق ئىزدەش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ،گاھىدا ئالدى ئىككى پۇتنى كۆتۈرۈپ يىراققا باقاتتى. تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، تىيىنلار سەل جىددىيلەشتى، لىكىن ئاۋاز چىققان تەرەپتىب قىلچە كۆزىنى ئۈزۈپ قويمايتتى. ئۇ ئاۋاز بارا -بارا يىقىنلاپ كەلدى، تىيىنلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىپ بولدى.

    بىر كونا ياپونىيەدە ئىشلەنگەن موتسىكىلىتتا باش قالپىقى كىيگەن ئادەم سىڭايان ئولتۇرغان ھالدا مۈكچىيىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قانداقتۇر قاتۇرپ قويغان ھەيكەلنىڭكىدەك بىر نۇقتىغا تىكىلىپ مېڭىۋاتاتتى. ‏ئۇ بىر كونا كەپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، موتسىكىلىتتىن ئاستا چۈشۈپ باش قالپىقى ۋە پەلەيلىرنى موتسىكىلىت ئۈستىگە قويۇپ قۇيۇپ ئاستا ئىشىك ئالدىغا باردى. ئىشىك شامالنىڭ رېتىمسىز يۈلنىشگە ئەگىشىپ يېرىم يېپىلىپ ئېچىلاتتى. ئۇ ئادەم ئىشىكنى يول -يول قورۇق چۈشكەن قوللىرى بىلەن يىنىك چەكتى. ئۆي ئىچدىن مۈشۈكنىڭ مىياڭشىغاندىن باشقا ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمىدى. ئۇ ئادەم ئىشىكنى يەنە قاتتىقراق چەكتى. ئۆي ئىچىدىن:

      - كىم ؟

  دىگەن تىترەڭگۈ بوغۇق ئاۋاز ئاڭلاندى.

   -پوچتالىيون  ،  دىدى ئۇ ئادەم بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كىيىن. ئۆي ئىچدىن بەللىرى مۈكچەيگەن يۈز قوللۇرنى قورۇق باسقان بىر مۇماي ئىغىر قەدەملىرنى سۆرەپ چىقىپ كەلدى:

    -ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم. ‏ :

    -ۋەلەيكۇم ئەسسىلام :-دېگەچ كۆز ئەينىكنى بۇرنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، پوچتالىيونغاسىنچىلاپ قاراپ: -سىز ...؟   دىيشىگە پوچتالىيون :

   -مەن بىر پوچتالىيون كەچۈرسىز سىزنىڭ بىر پارچە خېتىڭىز بار ئىدى-: دىدى پوچتالىيون. مۇماي ھەيرانلىق ئىلكىدە:

  -نىمە؟ نىمە خەت ئۇ؟:

پوچتالىيون ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ سۆزىنى باشلىدى.:

   -سۆزلىسەم گەپ ئۇزۇن بۇندىن ئوتتۇز ئۈچ يىل بۇرۇن مەن ئالدىنقى سەپتىن چەڭچىلەرنىڭ خېتىنى ئېلىپ يانغاندا دۈشمەن قۇشۇنىغا ئۇچراپ قېلىپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۈلۈك تىرىكنىڭ ئارسىدا ئۈسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ يۈرۈپتىمەن، ئاللانىڭ شاپائىتى بىلەن نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ ئۇزۇن ئۇيقىدىن ئويغاندىم بەلكىم بۇ ئۇزاق ئۇيقىدىن ئويغىنىشىم مۇشۇ تاپشۇرۇلمىغان خەتلەرنى تاپشۇرۇش بولسا كىرەك، دەپ خىجىللىق ئارلاش كۈلۈپ قويدى ‏.

داۋامى بار …… 





1369 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-18 0:22:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ