قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 31- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

ۋەھىمىلىك ھىكايە 31- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

ئۇلار ئالدىراپ - تىنەپ تايىرنى يۆلەپ ئۈستى - بېشىغا قاراشتى، ئۇنىڭ بېشى يېرىلغان بولۇپ قان يۈزى - كۆزىنى بويىغان ئىدى،گۈزەلنۇر بوينىغا سېلىۋالغان ياغلىغى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى تاڭدى ، قول ياغلىغى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدىكى قانلارنى تازلىدى، تۇرغۇن ئۇنىڭ بۇرۇن ئاستىنىنى بېسىپ ئۇۋۇلىدى. ئانغىچە تايىرمۇ ھوشىغا كەلدى ، ئۇ ھوشىغا كىلىپلا ئاغرىقنى سىزىپ بېشىدىكى يېرىلغان جاينى تۇتۇپ باقتى .

 - بەكلا چوڭ يېرىلىپتىمۇ ،- دەپ سورىدى ئۇ ئاغرىقتىن چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ .

 - كىچىكلىكەن ،- دىدى تۇرغۇن دەرھال ،- تىرىسى سۈرۈلۈپ قاپتۇ ، ھېچ ۋەقەسى يوق .

 - ھە سېنىڭ بېشىڭ بولمىغاندىكىن ھېچ ۋەقەسى يوق ،- دىدى تايىر ئورنىدىن تۇرغاچ .

 - ماڭامدۇق ، كۈنمۇ چۈش بولاي دىدى ، تىزاراق دىلبەرنى قۇتقۇزايلى .

 تۇرغۇن شۇنداق دەپ تايىرنى، ئىسكەندەر سەمەتنى يۆلەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىشتى، ئىشىك قوش قاناتلىق تاش ئىشىك بولۇپ چىڭ ئىتىك ئىدى .

- ئەھۋالىمىز ناچارلاپ كىتىۋاتىدۇ ،- دىدى تايىر ،- يارداردىن ئىككى بولدۇق ، ئالدىمىزدا يەنە قانداق خەتەر بار بىلمەيمىز ، لېكىن ھوشىيار بولايلى ، ئەڭ ياخشىسى قوغدانغۇدەك نەرسە تاپساق بولاتتى .

لېكىن تايىرنىڭ دىگىنىدەك قوغدانغۇدەك ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى ، بىردىنبىر نەيزىسىمۇ بىر دۆۋە ساپال لاي ئاستىدا قېلىپ قالغانتى .

 - ئىشىكنى ئاچايلى ،- دىدى تۇرغۇن ،- يەيدىغان رىزقىمىز بولسا ھايات قالارمىز ، بولمىسا …

- ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ ،- دەپ خاپا بولدى گۈزەلنۇر دەرھال رەدىيە بىرىپ ،- نىمىلا بولمىسۇن تىرىشىپ دىلبەرنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كىرەك .

- يەنە ئالۋاستى كىتاپنىمۇ يوقۇتۇشىمىز كىرەك ،- سەمەت بىر پۇتىدا تۇرغاچ قىسىپ قويدى .

- ئەمىسە قۇلۇپنى ئىزدەيلى ،- تايىر ئۇلارنىڭ غەيرىتىدىن خۇش بولغان ئىدى.

 ئۇلار يەنە قۇلۇپ ئىزدەپ تاملارنى ، ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى ، لېكىن ھېچقانداق قۇلۇپقا مۇناسىۋەتلىك جاينى بايقىيالمىدى .

 - قانداق قىلىمىز ؟- دىدى تۇرغۇن تىت - تىت بولۇپ ،- بۇ قانداق ئىشىكلەر بولۇپ كەتتى ئەمدى .

 - ئىچىنى كۆرگىلى بولامدۇ نىمە؟

 ئىسكەندەر ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتى جىپسىلاشقان جايدىكى كىچىك تۈشۈكنى بايقىدى -دە ئىچىگە قاراشقا باشلىدى .

 - ھەي ، ھەي توختا … توختا ،- دىدى تۇرغۇن بىردىنلا پاللىدە ئېچىلىپ ،- بۇ ئىشىك شۇنچە پۇختا تۇرسا نىمىشقا يوچۇق بولىدۇ ، بۇنداق قىلىپ باقە مەن قاراپ باقاي .

 راسلا ئىشىكنىڭ باشقا يىرى شۇنچە پۇختا بولۇپ ئوتتۇرسىدا كىچىك كەڭلىگى ئۈچ سانتىمىتىر كەلگۈدەك يوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . تۇرغۇن يوچۇقنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىپلا قوينىدىكى ئاچقۇچلاردىن شەمشەر شەكىللىك ئاچقۇچنى ئالدى - دە يوچۇققا ئاۋايلاپ تىقتى ، ئاچقۇچ خۇددى ئۈلچەپ ياسالغاندەكلا كىردى ، ئۇلار ئەمدى ئىشىك قانداق ئېچىلار دەپ تۇرغىنىدا ئاچقۇچ تۇيۇقسىز يوچۇقتىن كىرىپ ئىشىكنىڭ بىر جايلىرىدا تاقىراق - تۇقۇرۇق ئاۋازلار ئاڭلانغاندىن كىيىن ئىككى قانىتى ئاستا ئىككى يانغا ئېچىلدى ، ئۇلارنىڭ خۇشلۇغىدا ئەمدىلا ئېچىلغان چىرايلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن تۇتۇلۇشقا باشلىدى.

 ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى ئۆي ياكى ساراي ئەمەس باشقىلا بىر دۇنيا نامايەن بولغان ئىدى ، بۇ دۇنيا شۇنچىلىك چوڭ بىر بىر قۇرۇلۇش مەيدانى بولۇپ ئۈستى تەرپى گۈمبەز شەكىلدە بولۇپ ، ئاستى تەرپى يۇغان ئورەك تۇراتتى ،ئورەكنىڭ چوڭقۇرلىغى تەخمىنەن ئوتتۇز مىتىردەك كىلەتتى ، ئورەك ئىچىدە قانداقتۇ بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىرىتىلگەن تۆمۈر سۇيۇقلىغىدەك قايناپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھارارىتى ھەتتا ئۈستىگىچە تىگىپ تۇراتتى ، بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدا بىر يۇمىلاق شەكىلدە سېلىنغان ئۆي بولۇپ ، ئۇ ئۆي بىلەن ئەتراپتىكى تامنىڭ ئارلىغى ئونبەش مىتىردەك كىلەتتى.  قارىماققا بۇ ئۆي ئوت دېڭىزىدىكى تۆۋرۈك ئۈستىگە سېلىنغاندەك كۆرىنەتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا مەيدان ئۈستىدە ھەر خىل جاھازىلار گىرەلەشمە ، يىغىلما ھالەتلەردە لەپمىلەردەك تۇراتتى .

- بۇ قانداق جاي ئەمدى ، يا بىر ئۆيگە ئوخشىمايدىغان ،يا بىر نەرسە ياسايدىغان زاۋۇتتەك بىرەر جايغىمۇ ئوخشىمايدىغان.

 تۇرغۇن گېپىنى قىلىپ بولمايلا «چىررىدە» قىلىپ چىقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوتتۇردىكى ئۆينىڭ ئەتىراپىدىن تۇيۇقسىزلا نۇرغۇن ئەرۋاھلار ئۇچۇپ چىقىشقا باشلىدى ، ئۇلار بىر كاللەك ئىستەك ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈپ چىقىراشقا باشلىدى ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىرايلىق قىز- ئاياللارغا ئوخشىسا ، بەزىلىرى كىچىك بالىلارغا ئوخشايتتى، بەزىلىرى مۇڭغۇل لەشكەرلىرىدەك ساقاللىق، بەزىلىرى مانجۇ لەشكەرلىرىدەك ئۇزۇن چاچلىق كۆرىنەتتى. ئۇلار بىلەن تەڭ ئاستىدىكى ئورەكتىن ھەرخىل ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى ، تېڭىرقاپ قالغان تايىرلار ئەندىشىدە پەسكە قاراشتى ، پەستە بىر توپ ئادەملەرنىڭ قىيا - چىيا ئاۋازىدەك ئاۋازلار ئىچىدە قىپ - قىزىل ۋۇلقاندىن نۇرغۇن قوللار كۆرىنىشكە باشلىدى ، قوللارنىڭ كەينىدىن باشلار كۆرۈنۈپ خۇددى بىر توپ كۆيۈپ قارداپ كەتكەن جەسسەتلەر قايناۋاتقان مايدا ئۈزۈپ يۈرىگەندەك يۈرىشەتتى .

- ئۇلۇغ ئاللا ئۆزەڭ بار ، -دەۋەتتى تۇرغۇن ،- ئالۋاستى - ئەرۋاھلار ئۇۋۇسىغا كىرىپ قاپتۇق .

 ئۇلار ئۆز ھوشىنى تاپقۇچە سانسىز ئەرۋاھلار غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ھەر خىل كۆرىنىشلەردە ئۆتىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بېشى كىسىلىپ تىرىسىدە پولداڭشىپ تۇرغان پېتى ، بەزىسى ، كۆزلىرى ئېقىپ، بۇرنى كىسىلگەن ، كەلپۈكلىرى يوق پېتى ، بەزىسى قىپ - يالاڭغاچ بۇۋاق قوللىرى ، پۇتلىرى كىسىۋېتىلگەن پېتى ، بەزىسى بوغۇزلانغان ئايال پېتى …

 ئۇلار بۇنداق مەنزىرىگە قاراشقىمۇ بەرداشلىق بىرەلمىدى، بۇ چاغدا ئاستىدا ۋۇلقاندا ئۈزۈپ يۈرىگەن قارا جەسسەتلەر ئالا - تاغىل چىقىرشىپ ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن كۆلچەكنىڭ ئەتىراپىدىكى تامنى تاتىلاپ ياماشقىنىچە ئۈستىگە ئۆرلەشكە باشلىدى.

- قانداق قىلىمىز ، بۇلار بەك كۆپكەن ،- دىدى تۇرغۇن ھەمىرالىرىدىن سوراپ ،- بۇلارغا قانداقمۇ تاقابىل تۇرارمىز ، يا بىزدە بىرەر قورالمۇ بولمىسا .

 - قورالغۇ باركەن قارا ،- دىدى ئىسكەندەر ،- لېكىن ئۇ ئۆينىڭ يېنىغا قانداق بارىدىغاندۇ.

ئىسكەندەر دىگەن قوراللار ئوتتۇرىدىكى ئۆينىڭ ئەتىراپىدا تىزىقلىق تۇراتتى ، لېكىن ئۇ ئۆيگە بېرىشقا ھېچقانداق يول يوق ئىدى، تايىر يامىشىپ چىقىپ ئوتتۇردىكى ئۆينىڭ ئۈستىگە چۈشكىدەك بىرەر ئامال ئىزدەپ ئۆگزىلەرنى بىر قۇر كۈزۈتۈپ باقتى، لېكىن ئۇ جايغا ئۆتكۈدە ھېچقانداق يوچۇق يوق ئىدى، ئۇ ئالدىراپ قالدى . ئەرۋاھلار ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇپ ئۆتىۋېتىپ ، تۇيۇقسىزلا ئۇلارغا ھۇجۇم باشلىدى ، بىر ئەرۋاھ كەلگەن پېتى ئىسكەندەرنىڭ تېنىغا كىرىشكە ئۇرۇندى -دە تۇيۇقسىزلا چىقىراپ قېچىپ كەتتى، ئىسكەندەر بىردىن ئىسىنى يوقۇتۇپ، يەنە ئەسلىگە قايىتتى، ئۇ نىمە بولغىنىنى بىلىپ بولغۇچە ھەمراھلىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغاچقا قورقۇپ كىتىشتى .

 - دىققەت قىلايلى ، ئۇلار بىزنى قامال قىلىۋالمىسۇن ،- دىدى تايىر .

 تۇرغۇن ئەرۋاھنىڭ ئىسكەندەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، تۇيۇقسىز قاچقىنىغا دىققەت قىلغانتى، ئۇ ئەجەپلىنىپ سورىدى :

- نىمىشقا ئەرۋاھ قورقۇپ قاچتى ؟

ھەممىسى سەۋەبىنى ئىزدەشكە باشلىدى ، ئەرۋاھ نىمىشقا قاچىدۇ ، ئۇلار ئىسكەندەرنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ناننى تاپتى - دە ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى .

- نان ، جىن - ئەرۋاھلار ناندىن قورقۇدۇ ، - تۇرغۇن بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى ،- قولۇڭلارغا ناننى ئېلىۋېلىڭلار ، ئۇلار ناندىن قورقىدىكەن .

 بۇ چاغدا ۋۇلقان قاينىمىدىكى نەچچە يۈز كەلگۈدەك جەسسەتلەر ئىشىك تەرەپكە قاراپ يامىشىپ ئۆرلەشكە باشلىدى .

 - تىز ، ئۇلارنى ئۈستىگە چىقارمايلى ، ئۇلارنى پەسكە چۈشۈرەيلى .

 تايىر شۇنداق دىگىنىچە يۈگۈرەپ بېرىپ ھەيكەل پارچىلىرىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ كىلىپ ئۈستىگە چىقاي دەپ قالغان جەسسەتكە قارىتىپ تاشلىدى، جەسسەت سەت ھۆكۈرەپ ، ئېغىزلىرىدىن يالقۇن چىقارغىنىچە پەسكە يىقىلىپ چۈشتى . باشقا جەسسەتلەر تۇرغۇننىڭ ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرۈپ تەڭلا ھۆكىرەشتى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىڭ يوقۇرلىغىدىن ئەتىراپتىكى يەڭگىل نەرسىلەر تەۋرىگەندەك قىلاتتى، تايىرلار بۇ ئاۋازغا بەرداشلىق بىرەلمەي قۇلاقلىرىنى ئىتىپ ، باشلىرىنى قۇچاقلاشقىنىچە ئارانلا ئولتۇرۋېلىشتى، ئۇلار ھۆكۈرەپ بولۇپ غالجىرلاشقىنىچە ھەممىسى شۇنداق تىزلىك بىلەن ئۈستىگە قاراپ يۇپۇرۇلدى، بۇلار بىلەن تەڭ بىر مۇنچە ئىسكىلىتلار دەلدەڭشىگىنىچە، ھۆكىرەپ تۇرغۇنلارنىڭ كەينى تەرپىدىن ئۇلارغا يېقىنلاشقا باشلىدى.

 - تايىر ،- دىدى تۇرغۇن ۋاقىراپ ،- تىز كەينىمىزدىن كەلگەنلەرگە تاقابىل تۇر ، ئىسكەندەر سەنمۇ ياردەملەش ، مەن پەستىكىلەرنى چىقارماي ، بۆلۈنۈپ تاقابىل تۇرايلى .

بۇ چاغدا ئەرۋاھلارمۇ ھەددىن ئېشىشقا باشلىدى، ئۇلار گاھىدا تونۇش ، گاھىدا ناتونۇش ، گاھىدا بىچارە ، گاھىدا مۇلايىم ئادەملەرگە ئۆزگۈرۈپ بۇلارنىڭ دىققىتىنى چېچىشقا باشلىدى. تايىر ئىسكىلىتلارغا تاقابىل تۇراي دىسە قۇرۇق قول، ئامالسىز ئۇمۇ يەردە دۆۋلەكلىك ساپال پارچىلىرىنى ئېلىپ ئىسكىلىتلارغا قارىتىپ ئاتتى، ئىسكەندەرمۇ كىلىپ ساپال پارچىلاشقا باشلىدى، سەمەت ئاسقاقلاپ يۈرۈپ تۇرغۇنغا ياردەملەشتى، گۈزەلنۇر ئەرۋاھلاردىن قورقۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. ساپال پارچىسى تەككەن ئىسكىلىتلار بىردىنلا سەت ھۆكۈرەپ تايىرلارغا ئېتىلىندى، ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقى بەك قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ئېغىزى يۇغان ئېچىلغان ، سوزۇپ كەلگەن قوللىرىدىكى تىرناقلىرى پىچاقتەك ئۆتكۈر ، ھەم ئۇچلۇق ئىدى .

 ئىسكىلىتتىن بىرى كىلىپ تايىرغا ئۆزىنى ئاتتى، تايىر دەرھال چەتكە چىقىپ ئۇنىڭ باش تەرپىگە قولىدىكى ئېغىر ساپال پارچىسىنى تاشلىدى ، ئىسكىلىتنىڭ بېشى يانچىلدى، لېكىن ئىسكىلىت شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۆمۈلەپ يۈرۈپ تايىرنى تۇتۇشقا ئۇرۇندى .

 بۇلار بۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلالارمۇ ، دىلبەر ھاياتمۇ ؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ ...





9050 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 14:56:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-22 6:07:07 يۇسۇف
بەكمۇ ياخشى يېزلېپتۇ،
2017-1-3 23:32:47 جاھان.
بىز ئۈچۈن.تىرىشقىنىڭلارغا.رەھمەت جاپا چەكتىڭلار.رەھمەت.
2016-9-3 1:01:35 نەۋقىران
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ جاپا چەكتىڭلار دوسلار
2016-7-2 17:35:01 ئەزىز
رەھمەت
2016-6-29 6:58:31 aziz
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ مۇمكىن بولسا كىنو قىپ ئشلىسىمۇ بولغىدەك
2016-5-3 13:17:31 ئابدۇۋەلې
قاراڭغۇ ئورمان بەك ياخشې يېزېلېپتۇ. قولېڭېزغا دەرت كەتمېسۇن. ئاخېرېسېنې تېزراق چېقارسېڭېز بولاتتې
2016-3-20 15:12:53 مەرھابا
ئەسەرنىڭ يېڭلنىش سۇرئىتى بەك ئاستا بولۋاتدۇ
2016-2-13 22:01:26 ايپاشا
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ رەخمەت
2016-1-31 0:38:11 ناۋا
سورالغان سۇئاللارغا ھچقانداق جاۋاپ يوققۇ؟
2016-1-13 22:35:42 ئالىمجان
بۇ نىڭ 1-جى قىسمىچۇ ؟ نەدە
2016-1-9 0:30:13 mahliya
bak yahxi asarlarkan man bakla yahturdum kuligizga dart bamidun
2015-12-24 1:39:22 zumrat
rasla yahxi yeziliptu
2015-12-23 21:22:30 ئ‍ارزىگۈل
بۇ ئ‍ەسەرئ‍ەسەر ۋەششىۋەششى يېزىلىپتۇ،مەنيېزىلىپتۇ،مەن بەكبەك ياختۇردۇم،شۇغۇنىسىياختۇردۇم،شۇغۇنىسى قىسىملىرىقىسىملىرى تۇلۇقتۇلۇق ئ‍ەمەسكەن،شۇندىمۇئ‍ەمەسكەن،شۇندىمۇ مەنمەن بەكبەك ياختۇردۇم،ئاخىرىياختۇردۇم،ئاخىرى تېزراقتېزراق توللانساتوللانسا بولاتتى،بولاتتى، بۇنىبۇنى تازغانتازغان ئ‍اكىمىزنىڭئ‍اكىمىزنىڭ قولىغاقولىغا دەتدەت بەرمىسۇن،بەرمىسۇن، ئ‍اللاھئ‍اللاھ تېنىڭىزنىتېنىڭىزنى سالامەتسالامەت قىلسۇن،قىلسۇن، ئ‍ۆمرىڭىز ئ‍ۇزۇنئ‍ۇزۇن بولسۇن
2015-12-14 8:44:08 نۇردۇن
قورقۇنچلۇق رايون دىگەن بۇ ئەسەرناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ
2015-12-11 23:46:38 mansurjan
ahiri tezarak qiksa bopthkan bak sakla kattuk
2015-12-11 22:42:30 شاھىمەردان
بەك ئىسىل گەپ كەتمەيدۇ
2015-12-11 22:41:53 مەلىكىئاي
بەكلا ،ياختۇردۇم، ھەركۈنى بۇئەسەرنىڭ ئ‍اخىرىنى ئ‍وقۇشقا بەكلاتەتەقەززا بولىۋاتىمەن
2015-12-11 21:25:19 haystack
Bu asar bak yahxi yeziliptu kuligzha dat barmisun
2015-12-11 21:14:20 nurbya
ahri tizrak qiksa bulatti man bak yahturma bu asarni
2015-12-11 15:25:29 raziya
yahxi yeiptu bak sirlik ham quxunixlik yazguqimiz aman bolsun
2015-12-11 15:21:34 raziya
bak yahxi yeziptu
2015-12-11 14:16:57 ئ‍اينۇر
بۇ ھىكايە بەك ياخشى ئ‍ىكەن،مەن بۇ ھىكاينىييىقىندا ئ‍وقۇدۇم ھەم بەك ياخشى كۆردۇم،ئ‍ىمكان بولسا بۇ ھىكاينى رەتلەپ قويغان بولساڭلار،مەن بەزى قىسىملىرنى تاپالماي قالدىم. يازغۇچىلارنىڭ قولىغا دەت بەرمىسۇن! بۇندىن كىيىن ئ‍ىشلىرى ئ‍وڭۇشلۇق بولسۇن! سىلەر سالۇنچىلارغىمۇ رەھمەت! جاپا چەكىتىڭلار!
2015-12-11 14:09:11 AXIK JANAN
MAN BAKLA YAHTIRUP KORIMAN RAHMAT SILARGA
2015-12-11 12:13:02 hayatim
Nimandak tugmaydigan hikaya bu. dWami. bak. Uzun bulup. Katsimu.Kizikmas bulup. Kalidikan
2015-12-11 10:43:08 ساداقەت
ئاخىرى قاچانمۇيۇللىنا
2015-12-11 2:06:22 kaherman
silar nig asrig balbak yahxi kan bundin kin muxun dak asarlar ni koprak qikarsag lar
2015-12-11 1:19:38 ئايگۈل
بۇ ئ‍ەسەر زادى نەچچە قىسىم بولغىتىى،ئ‍ەجەپ زىركتىم، يا بولمىسا كۈندە يوللىمايدۇ ،ئ‍ىككى كۈندە ئ‍ۈچ كۇندە بىر يوللاپ ، ئ‍وقۇرمەنلەرنىمۇ ئ‍ويلاپ قۇيۇڭلار ،
2015-12-11 1:02:59 assalam
خەتلەردىكى بىرقىسىمى ھەرىپلەر چىقماپتۇ ئ‍وقۇش تەسكەن
2015-12-11 0:52:25 kader
asar yahxi yiziliptu bak yakturdum amal bolsa kunda berparqiden yollisagla bak hux bolattim hilimu hux boldum muxundak yahxi asarni bizga sunhunuglaha rahmat
2015-12-11 0:30:05 gulcun
asar bak yahxi yizilwatidu..mam bak kizikip kaldi dawamini tezrak yizip yollap barsagla bulatti
2015-12-11 0:14:27 ئالمىرە
بۇ ئەسەر زادى نەچچىسم بولغىتى،بەك زىركتىم
2015-12-11 0:05:46 tanha
bak yahxi yiziliptu ramat cilarga
2015-12-10 23:24:48 manzira
asirgez bak yahxi yizliptu. baxtin ahir okuwatman. ahirga taxnamiz. rahmat japa qaktigez
2015-12-10 22:56:19 نۇربىيە
ھەي مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغۇچە مەۋسۇملۇق ئىمتاھانمۇ باشلىندىغان بولدى .
2015-12-10 21:29:55 muhammat
dawamini tezrah yeziga
2015-12-10 19:15:32 arzu
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ !
2015-12-10 18:27:04 گۈلزار
داۋامى بارمۇ
2015-12-10 18:14:43 ئ‍ۆتمۈش886
ۋۇييۇ نىمانچە ۋەھشى يىزىلغان ئ‍ەسەر بۇ،.ئاخىرى قانداق بولا،بەكلا قىزىقىۋاتىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ