كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ 4- قىسىم

كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ

 

  4- قىسىم

 

‹شۇنداق كۈلۈپ ياشىغۇم بار ئىدى ، تەبەسسۇمىمدىن ئازاپلىرىم خىجالەتتە قالغۇدەك ! لېكىن بۇ كىچىكىكىنە يۈرەك مۇھەببەتنىڭ ھىجىرانلىرىدا بەكمۇ قىينالدى ، كۈلكەم ئازلاپ ، دەرتلىرىم كۆپلەپ كەتتى ! گەرچە كۈلگەن بولسام كۈلكەم پەقەت ئازاپلىرىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈنلا! ھەقىقى كۈلگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمدە يوق !يەن قاچان شۇنداق ئىچىلىپ كۈلىمەن بۇ ماڭا قاراڭغۇ ! ئەمما ھەر كۈنىمدە ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن قانچىلاپ يالغاندىن كۈلىمەن !بۇ ئازاپلىرىمنى رەببىم ۋە بىر ئۆزۈملا بىلىمەن !...›
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان مەلىكەمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى .سەردار سودا بىلەن ئىچكىرگە كىرىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشتى ، مەلىكەم مەكتەپتە سەردارنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن، كۈتۈپخانىدىن چىقماي، دەرىسلا ئۈگەندى ، لېكىن كېچىلىرى سېغىنىش ئوتىدىن تولغۇنۇپ ياتالمايتى .
قىز سېغىنىش ئىچىدە كىچچىككىنە بوپ قالدى ، سەردارنىڭ ئاچچىق لېكىن ناھايىتى شىرىن شۇ گەپلىرىنى بەكمۇ سېغىندى .ئۆينىڭ تېلفونى سايرىسىلا سەردارمىكىن دەپ يۈگۈرەپ ئالاتتى ، ئەپسۇس ...سەردار پەقەت رابىيە خانىمنىڭ يان تېلفونىغىلا تېلفون قىلىپ ئەھۋال سورايتى . رابىيە خانىم تېلفوندا سۆزلەشسە قىز شۇنچىكى تەلمۈرۈپ كېتەتتىكى ،خۇددى سەردار مەلىكەم بىلەنمۇ سۆزلىشەي دەيدىغاندەك . لېكىن سەردار مەلىكەمگە سالام دەپلا تېلفوننى قوياتتى .
بۇنىڭدىن مەلىكەممۇ ، رابىيەم خانىممۇ ئۈمۈتسىزلىنەتتى ، لېكىن دەردىنى ئۆزلىرى بىلىشەتتى .
سەردار كېتىپ ساق 2 ئايدىن كىيىن سودا ئىشىنىڭ تۈگىگەنلىكى ،ئايرۇپىلان بېلىتى زاكاس قىلۋاتقانلىقىنى دەپ تېلفون قىلدى ، مەلىكەم ئۆز جانانىنىڭ كېلدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىدا ئۆزىنى قويدىغان يەر تاپالماي قالدى .ئۆيلەرنى خۇددى ھېيىت بولدىغاندەك تازلاپ پاقىرتىۋەتتى . ئۇنىڭ ئىچىگە سىغدۇرالمىغان بۇ خوشاللىقى سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيە خانىمنى گۇمانغا سەپ قويدى ، ئۇلار بىر – بىرىگە قارىشىپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇشتى .
سەردار بىلەن مەردان چامادانلىرىغا ساقلاپ تۇرغاندا بىرسىنىڭ ‹‹ ۋوي مېنى ئالغىلى چىقمىغانسىلەر ھە ›› دىگەن گېپىدىن ئىتتىك كەينىگە قارىدى . قارىدىيۇ سەردارمۇ –مەردانمۇ تەڭلا :
-زۇبەيدە . دەپ تۇرۇپلا قالدى .
سەردارنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇر چاقنىدى ، مەرداننىڭ چىرايى تاتىرىپلا كەتتى .
ھەي بىچچارە مەلىكەم زۇبەيدە كەلدى ، سەردار تۇنجى ئاشىق بولغان ، كۆڭۈل قەسىرىدە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن زۇبەيدە كەلدى.
زۇبەيدە سەردار بىلەن مەرداننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ ، ئۇلار بىلەن پەقەت بىر يىللا ئوقۇپ ئائىلە بويىنچە گوللاندىيەگە چىقىپ كەتكەن ئىدى .زۇبەيدە ئۆزبېك بولۇپ ،شۇنچىلىك ئوماق بولۇپ چىراي جەھەتتىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇراتتى . سەردار بىلەن زۇبەيدە بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن لېكىن ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ بولغۇچە زۇبەيدە كېتىپ قالغان ئىدى . مەردان پات – پات ئۇنىڭ گېپىنى چىقارسا ‹ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۇ ، ئۇ ھازىر نىمە قىلۋاتىدۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ، › دەپ چاندۇرمىغان بىلەن زۇبەيدەنى تېخىچە ئەسلەپ ، كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمىگەن ئىدى . شۇڭا سەردار زۇبەيدەنى كۆرۈپ ، كۆڭلىدە ساقلىغان مۇھەببىتىنى ئاشكارلاپ قويدى ، مەردان مەلىكەمنى ئويلاپ تاتىرىپ كەتكەنتى .
زۇبەيدە يۈگەرگىنچە كېلىپ سەردار بىلەن مەردانغا ئېسىلدى . كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياش تۆكۈلدى . ئۇلار بىر ھازا ئەھۋال سوراشتى ، زۇبەيدە ئانىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ، يۇرۇتقا كېتىمەن دەپ تولا يىغلاپ ئاخىرى يۇرۇتقا پەقەتلا يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى .
زۇبەيدە ئۆيدىكىلىرىنىڭ ساقلاپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ سەردارنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى يېزىپ بېرىشنى دەپ ئۆزىنىڭ كارتا بېجىرىپلا تېلفون قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى .زۇبەيدە بىر ئازمۇ ئۆزگەرمىگەن ئىدى ، يانا شۇنداق ئوماق چىراي ، نازۇك بەدەن ...
سەردار زۇبەيدەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قانچە خوش بولسا ، مەردان شۇنچە ئازاپلاندى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مەلىكەمنىڭ ياشلار تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىلا نامايەن بولدى .
سەردار كېلىپ مەلىكەم بەكمۇ خوش بولدى ، بولۇپمۇ سەردارنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتى ئۇنىڭغا چوڭ ئۈمۈتلەرنى ئېلىپ كەلدى . سەردار ئۇنىڭغا ئاپپاق ‹‹ ئالما تېلفون ›› ئېلىپ كەلگەن ئىدى .
مەلىكەم تېلفوننى قولىدىن چۈشۈرمەيتى ، تېلفوندا سەردارنىڭ ھىددى باردەك پۇرايتى ، يۈزلىرىگە سۈرەتتى .لېكىن بىچچارە قىز بېشىغا قارايامغۇرلۇق بۇلۇتنىڭ سايە تاشلاپ تۇرغىننى نىمە بىلسۇن دەيسىز.
زۇبەيدە كېلىپلا سەردارنى ئۇچىراتقىنىدىن تولىمۇ سۆيىندى ، تېزلىكتە كارتا بېجىرىپ سەردار بىلەن ئالاقىلاشتى . سەردار بىلەن زۇبەيدە كۆرۈشۈپ گەرچە بۇرۇنقى ئۆز مۇھەببىتى توغرىسىدا سۆز ئېچىشمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى چاقنىغان نۇر ھەممىنى ئاشكارلاپ تۇراتتى .
مەردان سەردارنىڭ زۇبەيدە بىلەن كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرۋاتقىننى بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى .
-زۇبەيدە بىلەن يۈرىۋاتمايدىغانسەن ھە ؟
-ياقەي
-كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرۋاتىسىلەر شۇڭا دەيمەنچۇ ؟
-بەلكىم يۈرۈپ قالامىز
بۇ گەپتىن چۆچىگەن مەردان سەردارغا ئاچچىق بىلەن قاراپ
-ئەمسە مەلىكەمچۇ ؟
-مەلىكەم بىلەن نىمە ئىشىم مېنىڭ ، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم خالاس -توۋا سەردار سەن ئۇ قىزغا پەقەتلا قىزىقمامسەن ؟
-ۋاي سەنمۇ ئانامدەكلا گەپ قىلدىڭغۇ ؟ توغرا ئۇ ئاتا – ئانامغا ياخشى قاراۋاتىدۇ ، ئۆزىمۇ چىرايلىق ،ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مىجەزى شۇنداق ياخشى ، ئوچۇق – يورۇق . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇنى ئالامدىم ئەمدى ؟
مەردان ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ :
-ئەگەر ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرسىچۇ ؟ دەپ سورىدى .
-ئۇ مېنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئازراق چىشىنى قېرىشتۇرۇپ قويسام تاس قالىدۇ مېنى چايناپ پۈركىۋەتكىلى .
-ياخشى كۆرمەيدىغانلىغىنى نىمە بىلەتتىڭ سەن ؟
-ئەمسە سەن ياخشى كۆردىغانلىغىنى بىلەمسەن ؟ سەردار مەردانغا قاراپ ھەييارلىق بىلەن دىدى
-بىلىمەن ئۇنڭغا كۆيۈپ يۈرۋاتىسەن ، بولمىدىمۇ ئۇنى سەندەك ياخشى دوستۇمغا تاپشۇرسام مەن خاتىرجەم . دەپ مەرداننىڭ مۈرىسىگە ئۇردى .
-بولدى قىل ، ئۇ مېنى ياختۇرمايدۇ . دىدى مەردان چېچىلىپ .
-ئىشقىلىپ زۇبەيدە بىلەن ئويلۇشۇپراق يۈرەرسەن . مەردان شۇنداق دەپلا بولدى ئازراق ئىشىم بار ئىدى مەن ماڭاي دەپ كېتىپ قالدى .
كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈۋەردى ، سەردار زۇبەيدەگە رەسمى يوسۇندا تەلەپ قويمىغان بولسىمۇ ئۇلار تەبىئىلا ئاشىق – مەشۇقتەك بوپ قالدى ، زۇبەيدە بىلەن بولۇپ كەتكەن سەردار ئۆيگىمۇ ناھايىتى كەچ كېلىدىغان ، مەلىكەمگىمۇ بۇرۇنقىدەك قوپاللىق قىلمايدىغان بولۇپ قالدى مەلىكەم بۇنىڭدىن ئاز – تولا ھەيران قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆپ ئويلاپ كەتمىدى .
بىر كۈنى مەلىكەم ئۆينىڭ ئالدىدا سەردارنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بوپ كەتتى ، چۈنكى ئۇنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بوپ قالغان ئىدى . ئۆيگە كىردى ،ئۆيدە ھىچ ئادەم كۆرۈنمەيتى . ‹نەگە كەتكەندۇ بۇلا › قىز ئاستا سەردارنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدى . ئۆي ئىچىدە رابىيە خانىم بىلەن سەردار ھە دەپ بىر ئىشلانى تالىشىۋاتاتتى .
-مۇمكىن ئەمەس ، مەلىكەمنىڭ نەرى كام ئىكەن ئۇ قىزدىن .
-ۋاي ئانا بۇ چىراينىڭ ئىشى ئەمەس
-ئىشقىلىپ قوشۇلمايمەن
-مەنمۇ قوشۇلمايمەن .
-يەنە كېلىپ ئۆزبىككەن
-ئۆزبىكلەرمۇ مۇسۇلمانغۇ ؟
-بالام نىمانداق كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيسەن دەيمە . مېنىڭ ئولتۇرۇشۇم مۇشۇ ، مەلىكەمگە قارا كەلگەندىن بېرى مېنى ئىشمۇ قىلدۇرمىدى .
-ئۇمۇ شۇنداق قىلىدۇ ئانا
-سەن نەدىن بىلىسەن
-ئۇنى چۈشىنىمەن
-ھى چۈشىنىمىش
-ئۇقىزنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن ، شۇڭا تويۇڭنى قىلىۋەتسەك دەپ ئالدىرتىپتۇ ئۇ مەن تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىز . قوشۇلىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن ئانا .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مەلىكەم ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك بولۇپ كۆزلىرىدىن سەلدەك ياشلار قۇيۇلدى ،قوللىرى بىلەن ئېغىزىنى ئەتكىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
-بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، كەچتە سىلەرنى كۆرۈشتۈرىمەن. سائەت 5 كە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار . ھەراس مەلىكەممۇ بارسۇن .
سەردار شۇنداق دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
بېشېڭغا كەلگەن ھەر قىسمەتلەرنى ،ئېغىر كۈنلەرنى تېڭىرقىغان ، ھەيران بولغان ،ئازاپلانغان ھالدا قوبول قىلىشقا مەجبۇرسەن ...!مانا بۇ تەقدىر ...
سەردار ماشىنىسىدا بىردەم ئولتۇردى ، ئاچچىقى سەل بېسىققاندىن كىيىن مەردانغىمۇ تېلفون قىلىپ قويۇش ئۈچۈن يانچۇقىغا قولنى سالغان ئىدى ، تېلفونى يوق بولۇپ چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن كەينىگە يېنىپ ئۆيگە قايتا كىردى . مەلىكەمنىڭ ياتىقىدا ئانىسى بىلەن مەلىكەمنىڭ يىغلىشىپ تۇرۇپ دىيىشكەن گەپلىرىگە قۇلىغى چۈپ قالدى . ‹مەلىكەم قاچان كىرگەن بولغىيتى ؟نىمە بولغاندۇ ئۇنىڭغا ؟›.ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ئىختىيارسىزلا ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سەپ قالدى .
-نىمىگە يىغلىغىنىڭنى بىلىمەن قىزىم ،كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلغاما
-سەن بىلمەيسەن ، سەن ھىچنەرسىنى بىلمەيسەن . دىدى مەلىكەم ئېسەدەپ .
-سەردارغا كۆڭلۈڭ بار قىزىم ، مېنىڭمۇ سېنى قىز قىلىۋالغۇم بار ، لېكىن بۇ جاھىل ، تەرسالىق قىلىپ تۇرۋىلىۋاتىدۇ .
مەلىكەم رابىيە خانىمنىڭ بۇ گېپى بىلەنلا ئاۋازىنى قويۋىتىپ شۇنداق يىغلىدىكى ئۇنىڭ يىغىسىغا رابىيە خانىم چىداپ تۇرالمىدى .
-جېنىم قىزىم مېنى بۇنچە خىجىل قىلما ، چىرايلىق قىزىم ، ئاي قىزىم ، مەن بۈگۈن بارمايمەن ، سەردار گېپىمگە كىرمىسە ئۇنىڭدىن كېچىمەن ، يىغلىما قىزىم ...
-ياق رابيە ئانا ئۇنداق دىمە ، سەردار ئاكام ھەرگىز يامان قىز تاپمايدۇ ، سەردار ئاكام ياخشى كۆرگەن ئىكەن ئۇ چوقۇم بەك ياخشى قىز . بۈگۈن بارغىن ، بولمىسا ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىگەننى ئاز دەپ ئۇنىڭ نەپىرتىگە ئۇچىراپ قالماي ئانا ... مېنى دەپ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى نابۇت قىلماڭلا ، لېكىن مەن ...مەن ...ياتاققا چىقىپ كېتەي ، ئۇنى كۆرسەم تېخىمۇ ئازاپلىنىمەن ...
بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ مەلىكەم يۈزىنى تۇتۇپ شۇنداق ئېزىلىپ يىغلىدى .
قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان سەردار ھەيرانلىقتا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ، ئېغىزىنى تۇتقىنىچە ئاستا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان سەردارنىڭ ماشىنا ھەيدىگىننى ئۇنۇتقان ھالىدا خىيالغا كەتكەنتى .
‹توۋا مېنى نىمانچىۋىلا ياخشى كۆرۈپ كەتكەندۇ بۇ قىز ؟ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۇرۇشقانلىرىغا قاراپ ....ھەي توۋا ؟› سەردارنىڭ كۆز ئالدىغا مەلىكەمنىڭ ، ياتىقىدا ئۇخلاۋاتسا بېشىدا قاراپ تۇرغىنى ، قىززىپ قالدىڭمۇ دەپ كۆزلىرىگە تىكىلگەنلىرى ، تانسا ئويناۋاتقان ۋاقىتتىكى يېنىك تىتىرەشلەر...‹ئەجەپ دۆتكەنمەن ، نىمىشقا ھىس قىلمىغاندىمەن ، ھەي مەردان ئۇ سېزىپتىكەن ئەسلى ›سەردار مەرداننىڭ دىگەن گەپلىرىنى ئەسلىدى .‹ئەگەر ئۇسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىچۇ ؟؟؟؟؟›...
‹ئەخمەق قىز ، نەرىمنىمۇ بۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالغانسەن؟...›
سەردار مەردانغا تېلفون قىلىپ ئۇنىڭ شىركەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ماشىنىنى شىركەت تەرەپكە ھەيدىدى .
-سەن ھەممىنى بىلەتتىڭ شۇنداقمۇ ؟
سەردار ئىشخانىغا كىرىپلا مەردانغا تىكىلدى .
-نىمىنى دەيسەن ؟ مەردان ھەيرانلىق بىلەن قارىدى .
-مەلىكەم ...
-مەلىكەمگە نىمە بولدى ؟مەردان جىددىلەشتى .
-ئۇ مېنى ياخشى كۆردىكەن . سەردار ئۇھسىنىپ ئورۇندۇقتا باشلىرىنى چاڭگاللاپ ئولتۇردى .
-سەن قانداق بىلدىڭ ؟مەرداننىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى .
سەردار بولغان گەپلەرنى مەردانغا بىرنىمۇ قويماي دەپ بەردى .
-قانداق قىلاي دەيسەن ؟
-قانداق قىلاتتىم ، زۇبەيدەگە توي تەكلىۋى قويۇپ بولدۇم ، بۈگۈن كەچتە ئۆيدىكىلەرگىمۇ تونۇشتۇرمەن .
-مەلىكەم قانداق قىلىدۇ ؟
-سەن ئۇنى ياخشى كۆرسەنغۇ ؟
-توۋا سەردار ، كۆڭۈلنى زورلاپ تاڭغىلى بولامدۇ ؟
-ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇمۇ ئۇنتۇيدۇ دوستۇم . دىدى سەردار مۇڭ بىلەن .
-بىرسىنى ياخشى كۆرۈشكە ئۈچ سېكونىت كېتىدۇ ، بىرسىنى ئۇنتۇشقا بىر ئۆمۈرمۇ يەتمەيدۇ . بۇنى ئوبدان بىلىسەن .
-قانداق قىلاي ئەمسە دىگىنە ، مەلىكەمنى دەپ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ، توي تەكلىۋى قويغان قىزنى تاشلايمۇ ؟
مەردان گەپ –سۆز قىلمىدى . توغرا ئۇ نىمىمۇ دىسۇن .
-كەچ سائەت 5 بىلەن سەنمۇ بار ، ‹خان›تائاملار سارىيىغا
سەردار چىقىپ كەتتى ، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى .
نەفىسە رابىيە خانىمغا سىرىتنى بىردەم ئايلىنىپ كىرەي دەپ نەفىسەگە تېلفون قىلىپ كۆرۈشتى ، قىزنىڭ يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ نەفىسە چۆچۈپ كەتتى . مەلىكەم بولغان ئىشلارنى يەنە يىغلىغانچە نەفىسەگە دەپ بەردى . نەفىسەمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆز يېشى قىلدى ، مەلىكەم سەل تىنىچلانغاندىن كىيىن
-ئاداش ، بۇنداق يىغلاۋەمە ، بۇ تەقدىر –پېشانە ، ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ، بۇنداق يىغلاۋەسەڭ رابىيە خانىم بىلەن تاغاڭنى بەك خىجىل قىپ قويىسەن ، بۈگۈن چىرايلىق ياسىنىپ ئۇ سورۇنغا بار ، سەردار نىمىشقا كەلمىگەندۇ دەپ خاپا بوپ قالمىسۇن . مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ ئاداش ، بەلكىم سەردار سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى بىلگەن بولسا ئىشلار بۇنداقمۇ بوپ كەتمەستى .
-ئۇ يەردە ئۆزۈمنى تۇتۇپ قانداقمۇ ئولتۇرىمەن جىنىم دوستۇم
-ئامال يوق ، غەيرەتلىك بول ، بۇ ئىشنى دەپلا پەقەت باردى – كەلدى قىلمىغى بولامدۇ دەيسەن ، سەن چوقۇم قىلالايسەن .
-سەن بىللە بار بولامدۇ ؟
-ئۇ سىلنىڭ ئائىلىنىڭ ئىشى تۇرسا قانداق بولا ؟
-ئۆتىنەي ، سەن بولسان مەن ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلمايمەن ، دىدى مەلىكەم نەفىسەگە يېلىنىش بىلەن قاراپ .
-ماقۇل ماقۇل سائەت نەچچە دىگەن ؟
-سائەت 5 بىلەن .
-بولىدۇ ، سەنمۇ چىرايلىق ياسان ھە ،
مەلىكەم مەيۈسلىك بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ قويدى .
‹خان › تائاملىرى سارىيىنىڭ ئايرىمخانىسىدا سەمەت مۇئەللىم ، رابىيە خانىم ، مەلىكەم ، نەفىسە ، مەردانلار سەردارنىڭ زۇبەيدەنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى . ھەممەيلەن شۇنداق جىمجىت ، كەيپىيات بەكمۇ سۇس ئولتۇرغاچقىمىكىن ئايرىمخانا شۇنچە سوغ تۈس بەرگەندى .
مەلىكەمنىڭ يۈرىكى خۇددى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقىۋاتاتتى .
تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ سەردار كىردى ، ئۇنىڭ كەينىدىن بەكمۇ چىرايلىق بوپ كەتكەن زۇبەيدە ئەگىشىپ كىردى ، ھەممەيلەن ئىختىيارسىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
مەلىكەم بېشىنى كۆتۈرەلمىدى ، ھېلى يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئورۇندۇققا يۆلىنىۋالدى...
توۋا توۋا ما جاھاننىڭ تارلىقىنى .......
لېكىن نەفىسە قىزنىڭ كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
زۇبەيدەمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مىھمانلارنىڭ ئارىسىدا نەفىسەنى كۆرۈپ چىرايلىرى تاتىرىپ ، بېشى ئايلىنىپلا كەتتى .
-زۇبەيدە ھەدە ...دەۋەتتى نەفىسە ئىختىيارسىز .
سەردار نەفىسەنىڭ زۇبەيدەنى تونۇيدىغانلىغىدىن ھەيران قېلىپ بىر نەفىسەگە بىر زۇبەيدەگە قارىدى .
زۇبەيدە بولسا تاتارغان ھالىدا ،نەفىسەگە قاراپ قېتىپلا قالغانتى.
-زۇبەيدە ،زۇبەيدە نىمە بولدىڭىز ؟؟
زۇبەيدە سەردارنىڭ سىلكىشىدىن ئەسلىگە كەلدى ۋە يۈزۈنى تۇتۇپ يۈگەرگىنىچە چىقىپ كەتتى.
تۇرغانلار نىمە بولغانلىغىنى بىلەلمەي ، نەفىسەگە قارىدى .
نەفىسە ‹لەسسىدە ›ئولتۇرۇپ قالدى ،
-نەفىسە زۇبەيدەنى قانداق تونۇيسىز ؟ئاراڭلادا نىمە ئىش بولغان ؟
مەردان نەفىسەدىن سورىدى . سەردار بولسا تېخىچە ئۆرە تۇراتتى .
-ئۇ قارىمايدىكى تاغامنىڭ ئوغلىنىڭ ئايالى ئىدى .
-ھە ؟ ئولتۇرغانلا تەڭلا نەفىسەگە قارىدى .
سەردارنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىتىرەپكەتتى .
-4 يىل بۇرۇن ئۇلار گوللاندىيەدە تونۇشۇپ توي قىپتىكەن ، بىر يىلدىن كىيىن قارىمايدا توي چېيى بەرگەن شۇ چاغدا ئۇنى كۆرگەن ، ئۇ پەقەت ئۆزگەرمەپتۇ ، يەنە شۇنداق ئوماق .
-ئەمسە زۇبەيدە نىمىشقا ؟؟؟مەردان گەپنىڭ ئاخىرنى دىيەلمىدى،
-ئۇلار قارىمايدا توي چېيى بېرىپ ، بىر –ئىككى ئاي تۇرغاندىن كىيىن گوللاندىيەگە كەتكەن . لېكىن ئۇلار توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن نەۋرە ئاكام قاتناش ھادىسىسىدە ئومۇرۇتقىسى سۇنۇپ پالەچ بوپ قالدى ، زۇبەيدە شۇنىڭ بىلەن قورسىقىدىكى ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۋىتىپ ، ئاكام بىلەن ئاجىرشىپ كەتتى . ئاكامنى تاغام قارىمايغا ياندۇرۇپ كەلدى .
ئايرىخانىنى شۇنداق بىر قورقۇنۇچلۇق سۈكۈت باستى . سەردارنىڭ پۈتۈن بەدىنى سوغۇق تەرلەپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى .
‹بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ قالمىسۇن دەپ ئانام كېسەل دەپ بەك ئالدىراپتىكەن تويغا ھە ؟ۋۇي ئالدامچى پاسكىنا ؟›سەردار غەزەپ بىلەن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭدى .
-ۋاي بالام نەگە بارىسەن ؟مەردان بالام ئۇنى تۇتىۋال ....
دىدى رابىيە خانىم ۋاقىراپ .
مەردان تېزلىكتە سەردارنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى .
ئوغلىنىڭ ھالىغا چىدىمىغان رابىيە خانىم بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن زۇبەيدەنى تىللايتى .مەلىكەم بولسا خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ئالدىدى ئۈستەلگە قاراپلا ئولتۇردى .
-يىغلىماڭلا ، توي بوپ بولغاندىن كىيىن بىلگەن بولساق قانداق قىلاتتۇق ، ئاللاھقا شۈكىرى ئېيتىڭلا .دىدى سەمەت مۇئەللىم رابىيە خانىمنى جىملەپ .
-شۇنداق خانىم ، توي بوپ بولغان بولسا ئامال يوق بوپ قالاتتى . دىدى نەفىسە رابىيە خانىمنىڭ ياشلىرىنى ئېيىتقاچ .
-ۋاي قىزىم رەخمەت سىزگە ، سىزنى بىزگە ئاللاھ يەتكۈزۈپتۇ ، دەپ نەفىسەنىڭ قوللىرىنى سۆيۈپ كەتتى .
-ئۇنداق دىمىسىلە ، مېنى خىجىل قىلىپ .
ئۇلار رابىيە خانىم تىنىچلانغاندىن كىيىن تاكسى بىلەن ئۆيگە قايىتتى .
مەردان سەردارنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى .ۋە
-نىمە قىلاي دەيسەن ؟ دەپ ئۇنى تۇتىۋالدى .
-ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكىرىمەن .مېنى قويۋەت . سەردار غەزەپتىن شۇنداق كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدىكى ، شۇ تاپتا كۆزىگە ھىچنەرسە كۆرۈنمەيتى .
-بولدى قىل ،تىنىچلان
-مېنى قويۋەت دەيمەن .
-بولدى قىل دىدىم
سەردار ھىچ تىنىچلىندىغاندەك ئەمەس ئىدى .
-بولدى قىل دەپ شۇنداق بىر ۋاقىردى مەردان . بۇ ۋاقىراشتىن سەردەر سەل ئۆزىگە كەلدى .ۋە مەردانغا يۆلىنىپ قالدى .
-بۇ ئىشتىن خوش بول كىيىن بىلگەن بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ .
مەردان سەردارنى يۆلەپ دىگۈدەك ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى .
ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ شەھەر ئىچىنى نەچچە ئايلىنىپ بولغىچىمۇ سەردار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى . سەردارغا نەچچە قېتىم تېلفون كەلدى ، تېلفون بەلكىم زۇبەيدەدىن كەلگەندۇ ، لېكىن سەردار يا تېلفوننى ئالمىدى يا بېسىۋەتمىدى .
-بىر نەرسە ئىچەمسەن ؟ دىدى مەردان ماشىنىنى خالىي بىر يەردە توختۇتۇپ .
سەردار بېشىنى لىڭىشىتتى .
-قانداقراق تۇرسەن ؟
-مەلىكەمنىڭ ئۇۋالى تۇتتى ئاداش .
-نىمە دەيدىغانسەن ؟
-راس ئاللاھ مېنى جازالىدى .
-ئۇنداق كۆپ ئويلىما ، ئاللاھ جازالىغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاتتىڭ
سەردار ئورۇندۇققا يۆلىنىپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇردى .
ئۇلار گەپ – سۆزسىز بىر سائەتتىن ئوشۇقراق ئولتۇردى .
-مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوي مەردان . دىدى سەردار تۇيۇقسىز
-ئۆيدىكىلەرمۇ يېتىپ بولدى بۇ چاغدا ياتاققىلا كىرىپ كېتەيلى
-ياق ئۇلار خاتىرجەم بولالمايدۇ .ئاپىرىپ قوي .
مەردان ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى .
سەردار ئۆيدىكىلەرنى ئويغۇتىۋەتمەي دەپ ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئۆيگە كىردى .ئۆيلەر قاراڭغۇ ، قارىغاندا ئۆيدىكىلەر ئۇخلىغان ئىدى.
سەردار ياتىقىغا كىرىپ كىيمى بىلەنلا كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى .
يېنىك چېكىلگەن ئىشىكتىن سەردار تۇرۇپ ئىشكنى ئاچتى .
مەلىكەم قولىدا تاماق قاچىسى تۇتۇپ تۇراتتى .
-سەنمۇ بىر نەرسە يىمىدىڭ ھەقچان ، رابىيە ئاناملارغا سۈيۈق – سەلەڭ بىر نەرسە قىلغان شۇڭا ساڭىمۇ ئەپ قويغان ئىدىم . دىدى قىز بېشىنىمۇ كۆتەرمەي .
سەردار قىزغا قاراپ بىردەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن
-ياتاققا كىرە دىدى .
قىز ياتاققا كىرىپ سەردارغا قىززىق تۇرغان ئاشنى بۆلۈپ بەردى ، بۇ ئاش سەردارغا شۇنداق ياقتىكى ئاچچىقتىن چىڭىپ كەتكەن مۇسكۇللىرى بوشۇشۇپ ، بەدەنلىرىدىن پۇررىدە تەر چىقتى .
-ئانام-داداملار قانداقراق ؟
-ئۇلارمۇ ياخشى ، رابىيە ئانام سەل بىئارام بولدى ، سەمەت دادام سەردار ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ دەپ تەسەللىي بېرىۋىدى بىرئاز خاتىرجەم بوپ قالدى . ئۇلار ساڭا بەك ئىشىنىدىكەن .
بۇ گەپتىن سەردارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئوت بولۇپ ياندى .
-لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە جاۋاپ قايتۇرالمىدىم
-ئۇنداق دىمە ، بۇ بىر سىناق ، تەقدىر سىنى سىنىدى ، سەن ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتسەڭ بولمايدۇ ، ھاياتىڭدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر سىناقلار بار ، سەن چوقۇم ھەممىنى يېڭىپ كېتىسەن مەن ساڭا ئىشىنىمەن .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سەردار مەلىكەمگە تىكىلدى ، قىزمۇ كۆزلىرىنى سەرداردىن ئەپ قاچمىدى... ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۆز كۆڭۈل سىرلىرىنى تۆكەتتى . ‹مېنى راسلا شۇنچە ياخشى كۆرەمسەن ؟›‹سەزمىدىڭمۇ پۈتۈن ھاياتىم بىلەن دىگىنە ؟›‹نىمىشقا ئەمدى؟›‹ياخشى كۆرۈشكە سەۋەپ كەتمەيدۇ ›‹مېنى كەچۈرەمسەن ؟›‹ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن كەچۈرۈم سوراش ھاجەتسىز ›....
‹ئەمدى سېنى يىغلاتمايمەن ، كۆزۈڭدىن ئەمدى مەن ئۈچۈن ياش تۆكۈلمەيدۇ ، سەن مېنىڭ مەلىكەم › ...
ھاياتىمىزدا شۇنداق بىر تاتلىق كىشىلەر بار ، سەن ئۇلارغا ئازاب توغرىسىدا سۆزلىسەڭ ، ئۇلار ساڭا ئۈمۈت توغرىسىدا سۆزلەيدۇ ، ئۇلار راستىنلا ئاللاھنىڭ ھەدىيەسىدۇر ....
تامام . 2014- يىلى 8- ئاي




2980 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 2:47:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 16:29:05 bahtim san
bak yah,i yeiliptu man yakturdum rahmat japa tartipsis sinaris
2016-9-23 22:10:06 patigul
kiqkip hes kilgan soygu ng ikknji uqnji kismi yohmu
2016-9-23 22:10:04 patigul
kiqkip hes kilgan soygu ng ikknji uqnji kismi yohmu
2016-7-12 2:25:30 چىن سۆيگۈ
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،ئاخىرى بولغان بولسىچۇ ئىسىت...........
2016-5-30 17:15:48 رەيھانگۈل
بەك ياخشىكەن مەن بەكلا ياقتۇردۇم
2016-5-27 17:20:49 omak
keqkep es kelengan soygu 2
2016-5-5 0:34:23 ئۆزھال
بەك ياخشىكەن
2016-5-5 0:34:21 ئۆزھال
بەك ياخشىكەن
2016-4-3 22:30:29 tusunjan
ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەر قىللى مىنى قىتىڭە 1390044626
2016-3-3 21:39:58 قەلبىنۇر
بەك ياخشىي يېزلىپتۇ بەكلا تەسىرلىك
2016-2-18 17:47:39 گۈلزار
ئۈچىنچى قىسىمىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ ھېكايىدىن تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەنگەنتىم، ئەمما يەنە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاخىرى مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەممىنى يېڭىدۇ دەپ ئوۇلىغانتىم،دىگىنىمدەك مەلىكەمنىڭ مۇھەببىتى ھىس قىلماستىنلا جىمجىتلا پەيدا بۇلۇپ ئازاپلىق ۋاقىتلار ئىچىدە قايتىپ كەلدى، ياق، قايتىپ كەلدى ئەمەس،ئۆز پاك سۆيگۈسى ھەممىدى يەڭدى
2016-1-30 1:52:23 ay
bak. yahxi . yeziliptu . 2 3 kicimlirini . tapalmidimgu
2016-1-13 23:29:32 جاھان
راس ۋەقەدەك چىقىپتۇ
2016-1-5 20:14:51 ehsan
Bakyhaxi yizliptu hakikatan yaktur dum
2015-12-25 18:29:30 mihrei
bak yahxi yezliptu ahre yokma
2015-12-21 21:02:15 rukiya
bak yahxi yezliptu
2015-12-16 1:10:28 سەردار
ياخشى يېزىلىپتۇ،
2015-12-15 12:39:14 مۇزەپپەر
بەك ياخشى چىقىپتۇ
2015-9-6 1:22:27 ھۆرىگۇل
بەكلا ياقتۇردۇم ھەقىقەتەھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ مۇشۇنداقمۇشۇنداق ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى داۋاملىق سۇنىشىڭلارنى ئ‍ۈمۈت قىلىمەن
2015-8-30 16:56:02 ئەكبەر
بەك ياخشى يىزىپسىز بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى جىقىراڭ يوللىڭە قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن
2015-8-24 21:03:41 halqibu
bak yahturdum adamni soyunduridigan timikan
2015-8-22 16:19:43 قاراقاش
ئاخىرلاشماپتىغۇ؟! ئاخىرىنى بېيىتىپ يازسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن! ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.
2015-8-12 17:13:25 yigana
bir egz cuz bak yahTurup okDom! taxkkur czga cinarc
2015-8-8 19:45:41 قەلبىنۇر
بەك ياخشىى يېزىلىپتۇ،بەك ياقتۇردۇم
2015-8-8 19:45:28 قەلبىنۇر
بەك ياخشىى يېزىلىپتۇ،بەك ياقتۇردۇم
2015-8-7 23:32:40 زىلالە
بۇ ئەسەرنى بەك ياقتۇردۇم ھەقىقەتەن بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ