كىشىنىڭ ھەققى - چۆچەك

كىشىنىڭ ھەققى

 

 گۈزەلنۇر ئەخمەتجان(ئـــــايدىــــل)

 

مىنىڭ ئىككى دوستۇم بار. بىرنىڭ ئىسمى ياقۇپ، بىرنىڭ ئىسمى تۇرسۇنجان. بۇ ئىككى دوستۇم بىر ـ بىرسىگە شۇنداق ئامراقكى ياۋ پانا دىيىشمەيدىغان گەپ سۆزلىرى يوق.

 بىر كۈنى ياقۇپ بىلەن تۇرسۇنجان كىشىنىڭ ھەققى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ. ياقۇپ تۇرسۇنجاندىن

  -ئاداش كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالامدۇ ؟ دەپ سۇراپتۇ.

  -ئايلار يىللار ئۆتىشى مۇمكىن، ئەمما كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ تۇرسۇنجان.

  -ئەمسە مۇشۇ سۆزۈڭنى بىرە ئىسپات كەلتۈرۈپ سۆزلەپ باقە، دەپتۇ ياقۇپ.

- بۇلىدۇ. سەن قۇناقنىڭ كۈزىنى ئېچىپ قويمىسام بۈگۈن مىنى زادى قۇيۇپ بەرمەيدىغان ئوخشايسەن ، دەپتۇ چاقچاق ئارلاش مىھىرلىك كۈلۈپ ۋە سۆزلەشكە باشلاپتۇ.

- سەن كەينىڭگە بەش قەدەم چىكىنىپ ئارقىڭغا بۇرۇل!

 ياقۇپ ئارقىسىغا شۇنداق بۇرۇلۇپتىكەن ئالدىدا ياپيېشىل بىر شەھەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپتۇ. تۇرسۇنجان ياقۇپنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ھىكايە ئېيتىشقا باشلاپتۇ. تۇرسۇنجان ھىكايىسىدە بايان قىلغان نەرسىلەر ياقۇپقا ئىنىق كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇ .

سەن كۈرۈپ تۇرغان مانا مۇشۇ چىرايلىق شەھەردە بىر كاتتا سودىگەر ياشىغانىدى دەپ ھىكايە باشلاپتۇ تۇرسۇنجان،  ئۇ سودىگەر ئىنساپسىز ئاچكۆز ئىدى. بىر ياغاچچى بۇ سودىگەرگە بەش يىل ئىشلەپ ،ئىش ھەققىنى ئالىدىغان چاغدا ئۈلۈپ قالدى. سودىگەر ئۇنى كۈمۈپ قۇيۇپ ، تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كىلىپلا، يۇرت كاتىلىرىنى ئۆيگە چاقىرىپ زىياپەت بىرىپ ئوبدان مىھمان قىلدى ،ئاخىردا مۇنداق مۇراجەت قىلدى :

- ئى جامائەت ھەممىڭلارغا مەلۇمكى ،رەھمەتلىك ياغاچچى ماڭا بەش يىل ئىشلىۋىدى. ئۇنىڭ يىمەك ئىچمىكى ،كىيىم كىچىكى،پۈتۈن خىراجىتى مەندىن بولغان ،يەيدىغىنى يەپ ،ئالىدىغىننى ئېلىپ بولغان ،مەندە ھېچقانداق ھەققى قالمىغان. مۇبادا ،بۇ ياغاچچىنىڭ ئىگىسى چىقىپ قېلىپ ،مىنىڭدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئالىمەن دىسە سىلەر گۇۋاھ بۇلۇڭلار- دەپتۇ.

 -بەش يىلدىن بۇيان سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ ،ئۆيلىرىدە ئىشلىگەن تۇرسا.  ئۇنىڭ يەنە نىمە ھەققى قالسۇن ؟ھەر قانداق ئادەم كەلسە بىز گۇۋاھلىقتىن ئۈتىمىز، دەپتۇ يۇرت كاتتىلىرى.

 سودىگەر بۇ ئىشتىن ئەجەپ ئوبدان قۇتۇلدۇم، ئەمدى ياغاچچىنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋا قىلىپ كىلىپ قالسا، جامائەتكە ئىتىرىپ قۇيۇپلا تۈگىتىدىغان بولدۇم دەپ خۇرسەن بۇلۇپتۇ. سودىگەر بىر كۈنى ئىككىنچى بىر شەھەرگە تىجارەت قىلغىلى بارماقچى بۇلۇپتۇ . 30سەر ئالتۇننى پۇتىسىغا چىگىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ھاۋا بەك ئىسىق بولغاچقا، تەرلەپ كەتكەن باي ئېتىنى چۆپلىككە قۇيۇۋېتىپ، ئۈزى ئېرىق بۇيىدا دەرەخ سايىسىدا بىر پەس ئۇخلىماقچى بۇلۇپتۇ. بىراق، ھېلىقى پۇتىغا تۈكۈۋالغان ئالتۇن بېقىنىغا پېتىپ زادىلا ئۇخلاتماپتۇ. ئاخىرى ئۇرنىدىن تۇرۇپ پۇتىنى يىشىپ ئېلىپ، بۇ دەشتى باياۋان چۆل جەزىرىدە كىم ئېلىۋالاتتى دەپ ئويلاپ دەرەخكە چىگىپ قۇيۇپ ئۇيقىغا غەرىق بۇپتۇ.

 بىر ھازادىن كىيىن كۆزىنى ئاچسا كەچ كىرىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرنىدىن چاچراپ قۇپۇپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە قۇنالغۇ تېپىۋالاي دەپ تەييار تۇقۇغلۇق ئېتىغا مىنىپ، قامچا ساپتۇ دە ئۇچقاندەك كىتىپ قاپتۇ. ھېلىقى ئالتۇنلار شاختا قاپتۇ. 

 سودىگەر كەتكەندىن كىيىن بىر ياغاچچى بالا دۇكان جابدۇقلىرىنى كۈتۈرۈپ ،ھېلىقى دەرەخ تۈۋىگە كىلىپ ئارام ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ قىرغا بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاشقا ياتقاندا، كۆزى دەرەخ شېخىغا ئىلىكلىك ئالتۇنغا چۈشۈپتۇ، پۇتىنى ئېلىپ يىشىپ كۆزلىرى چاقناپ كىتىپتۇ. ياغاچچى بالا خۇدايىم بەردى دەپ، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن خوشاللىققا چۈمۈپ كىتىپتۇ.

 ئەمدى گەپنى سودىگەردىن ئاڭلايلى. سودىگەر شۇ يەردىن قوپقانچە توختىماي مېڭىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشكەنسىرى تېخىمۇ ئالدىراپتۇ. ئەينى يىلى دادىسىنىڭ پاجبئەسى كۆز ئالدىغا كىلىپ ئۇنى قورقۇنۇچ بېسىپتۇ. ئەينى يىلى دادىسى مۇشۇ يولدا قاراقچىلار تەرىپىدىن بۇلانغاننى ئاز دەپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەنىدى. سودىگەر يېرىم كىچىلەر بىلەن ئاران دىگەندە بىر ئۈتەڭگە يىتىپ بېرىۋاپتۇ.

ئەتىسى سەھەر ھېلىقى پۇتىدىكى ئالتۇنلار ئىسىگە كىلىپ، ئۇرنىدىن چاچىراپ تۇرۇپتۇدە بېلىنى تۇتۇپ كۈرۈپ شۇ ھامان پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچىق تەر چىقىپ، پۇتلىرى تىتىرەپ كىتىپتۇ.  ئاتقا مىنىپتۇدە قانچە تىز كەلگەن بولسا شۇنچە تىزلىك بىلەن كەينىگە قايتىپتۇ. ئۇ كەلگەندە بىر قېرى بۇۋاي ھاسىغا تايىنىپ دەم ئېلىپ ئولتۇرغانىكە. شاختا ئىلىپ قۇيغان پۇتا كۈرۈنمەپتۇ. ئۇيان بۇياننى ئىزلەپتۇ.

-بىر نىمىڭىز يۈتۈپ كەتكەن ئۇخشىمامدۇ؟ دەپ سۇراپتۇ بۇۋاي مىھىربانلىق بىلەن. 

- ماۋۇ شاخقا بىرنىمە تۈگۈلگەن پۇتىنى ئېسىپ قۇيىۋېدىم كۆردىڭىزمۇ ؟

-كۆرمىدىم ،،ئەمدى كىلىپ ئولتۇرۇشۇم ، تېخى شاھقا قارغۇچىلىك بولمىدىم ئۇكام -دەپتۇ.

- بۇۋاي راستىڭىزنى ئېيتىڭ.  سۈيۈنچە بىرىمەن!

- ئىللا بىلللا كۆرمىدىم.

- ئەمىسە شايتان ئېلىپ كىتەمدۇ ؟

-ۋاي توۋا مەن كۆرمىدىم.

- راستىڭنى ئېيت بىئەجەل ئۈلىسەن قېرى!!

- ھوي قانداق ئۆكتەم نىمىسەن ؟

كۆرمىگەن بولساڭ مانا دەپ بوۋاينى تېپىپتۇ. بۇۋاي ئاچچىقىدا ھاسسى بىلەن سودىگەرنىڭ بېشىغا قۇيۇپتۇ. ئالتۇن ئاچچىقىدا سودىگەر بۇۋاينىڭ بوينىدىن ئېچىنىشلىق بۇغۇزلىۋېتىپتۇ.

 تۇرسۇنجان ھىكايىنى تۈگۈتۈپ ياقۇپقا:

- قانداق كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالامدىكەن، دەپتۇ.

 ياقۇپ قايىل بولماي

-سودىگەرنىڭ ئالتۇنى ياغاچچى بالا ئېلىپ كەتسە بۇ قانداق بولغىنى؟ دەپ سۇراپتۇ.

- سىنىڭ كاللاڭ زادى ئاددى كىچىڭدىن دۆت بوپتۇ. ساڭا چۈشەندۈرۈپ قۇياي دەپ ياقۇپقا چاقچاق قىپتۇ دە گېپىنى باشلاپتۇ:

-ئالتۇننى ئېلىپ كەتكەن بالا ھېلىقى سودىگەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ ئۈلۈپ كەتكەن ياغاچچىنىڭ ئوغلى.  ئۆلگەن بوۋاي بولسا بۇرۇن مۇشۇ سودىگەرنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاراقچى شۇ. پۇل ئىگىسىگە قايتى سودىگەر دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى. قېنى دىگىنە ياقۇپ قۇناق كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالامدىكەن؟

 ياقۇپ قايىل بۇلۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدىكەن. ئۇخشاش بولمىغان يوللار بىلەن ھامان تۈلىنىدىكەن دەپتۇ.

 بۇدۇنياغا ھەر بىر ئادەم ئۆز نىسىۋىسى رىسىقى بىلەن تۇغۇلىدۇ. ئەگەر كىشىلەر ئارىسىدا بىر بىرىنىڭ ھەققىگە، نىسىۋىسىگە چاڭ سالىدىغان ئىشلار بولمىسىدى، بۇ جاھان تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن بۇلاتتى. كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورۇقماسلىق، كىشىنىڭ ھەقىگە خىيانەت قىلىشتەك ناچار ھادىسىلەر تۈپەيلى نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئازاپ ئۇقۇبەتكە دۇچار بۇلىدۇ، ئاچىق يۈتىدۇ .  شۇنداقتىمۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان ئادەم ئاچچىق ھەم ئېچىنىشلىق بەدەل تۈلەيدۇ. مانا بۇ مۇشۇنداق ئايلىنىپ تۇرىدىغان جاھان. شۇڭا بىر بىرىنىڭ ھەقىگە چاڭ سالماي ھالال ياشاش ھەر بىر كىشىنىڭ ھايات مىزانىغا ئايلىنىش كىرەك.





1201 قېتىم كۆرۈلدى aydil ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-12 18:42:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-14 1:49:15 halmamat
yahxi yezip sz
2015-12-10 22:42:57 tograk
yahxi yezipsiz harmag kerindximm
2015-12-10 0:43:55 تەۋپىق
: ناھايتى ياخشى مەزمۇنكەن
2015-12-9 23:33:22 سورىماڭجان
ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەتكەلمىگەي لىكىن ھەممە ئىش ئۇنداق بولىشى ناتايىن
2015-10-16 0:24:42 ئايدىل
ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قىمەتلىك پىكىر بەرسىڭىز سىزنىڭ پىكىرلىڭىز قوللىشىڭىز ماڭا ئىلھام بۇلاتتى رەھمەت
2015-10-15 17:45:46 bakyahxiyeziliptu,rahmat
..
2015-10-14 12:02:49 metro
ھەقىقەتەن ياخشى چۆچەككەن ، ھارماڭ سېڭلىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ