قىساس - ئۈچىنچى باب خەۋەر
ئۈچىنچى باب خەۋەر
يەر تېگىدىن ئاڭلانغاندەك ئاڭلىنىپ بارا بارا يوقىرىلاۋاتقان ئىسكىرىپكىدا تەڭكەش قىلىنغان “ئادارگۈل”مۇزىكىسى لالەنى كۆزلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى.ئۆينىڭ غەرىب تەرىپىدىكى بىر تامنىڭ ئورنىغا قويۇلغان “دېرىزە”دىن ئۆي ئىچىگە چۈشكەن كەچكى شەپەق “دېرىزە”گە ئېسىلغان يۇلغۇن چېچىكى رەڭلىك قوش قاتلىق پەردىنى قىپقىزىل رەڭگە كىرگۈزگەنئىدى،بۇ ھال ئۆينىڭ ئاق رەڭلىك تام تورۇسلىرىنىمۇ سۇس ھال رەڭ بىلەن پۈركەپ لالەنىڭ ئاچالمايۋاتقان كۆزلىرىنى تېخىمۇ يۇمدۇرۇپ ئۇنى ئۇيقۇغا پەپىلەيتتى.لالە يۇلغۇننى ياخشى كۆرەتتى،كىچىك چاغلىرىدا يازلىق تەتىللەردە چوڭئانىسىنىڭ توسقىنىغا قارىماي قوي باققىلى ماڭغان نەۋرە ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن جاڭگالغىچە ئەگىشىپ بېرىپ جاڭگاللىقنى توق ھالرەڭگە پۈركىگەن يۇلغۇن چېچەكلىرىنى تاماشا قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى،جاڭگاللىقنى بىر ئالغان،باشقا يەردە ھىدلاش مۇمكىن بولمايدىغان يۇلغۇن چېچەكلىرىنىڭ پۇرىقىچۇ تېخى…كېيىن بەختىنۇر،شاتنۇرلار بىلەن يۇلغۇننىڭ پارىڭىنى قىلىشقاندا “يۇلغۇن بەك غەيرەتلىك ئۆسۈملۈك،كىتاپلاردىن ئوقۇشۇمچە توغراقلار بىلەن ئوخشاش ياشارمىش،يەنە تېخى بىر نەچچە يىلغىچە بىر تامچە سۇ بولمىسىمۇ قۇرۇپ كەتمەيمىش …”دېگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىدا نەچچە يىلغىچىمۇ“ئۇسساپ”كەتمەيدىغان بۇ ئۆسۈملۈكنى ئاجايىپ سىرلىق ھېس قىلغانئىدى.چوڭئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ۋەسىيىتى بويىچە چوڭدادىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا—لالە ئېسىنى بىلگەندىلا تۇپراق بېشىغا كەلگەندە بەلگە قىلىپ چوڭدادىسىنىڭ قەبرىسىنى ئاسانلا تاپىدىغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆينىڭ ئورنىدەك يەرنى ئىگىلىگەن بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ قۇيۇق شاخلىرى ئاستىغا قويۇلدى،ئۇ ھەر قېتىم چوڭئانىسى،چوڭدادىسىنى يوقلىغىلى بارغاندا يىلدىن يىلغا باراقسانلاپ كېتىۋاتقان يۇلغۇننى كۆرۈپ بەختنۇرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ تازا توغرا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى،چۈنكى بۇ يۇلغۇن لالە ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ“سۇ ئىچىپ باقمىغان ”ئىدى.شۇڭا قاچانلاردىندۇر باشلاپ لالە ئۆزىگە نۇرغۇن نەرسىنى ئەسلىتىدىغان يۇلغۇننى،يۇلغۇن چېچەكلىرىنى،ئۇنىڭ سۇس ھىدىنى ياقتۇرۇپ قالغانئىدى.بىر يىلنىڭ ئۈچيۈز كۈنى يامغۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەردە يۇلغۇندىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا لالە ياتاق ئۆيىگە ئۆزىگە يۇلغۇندىن باشلانغان ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەرنى ئەسلىتىدىغان بۇ پەردىنى ئېسىۋالغانئىدى
.
لوقۇلداپ ئاغىرىۋاتقان بېشىنى تەستە كۆتۈرگەن لالە ئۆي ئىچىنى ئىلغا قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ چاغدا ئىش ئۈستىلىدە ئەمەس،كارۋىتىدا ياتقىنىنىڭ سەۋەبىنى ئېسىگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ دەلدەڭشىپ بېرىپ ئىشىك تۈۋىدىكى پول ئۈستىدە ئېكرانى يورىۋاتقان يانفوننى قولىغا ئالغۇچە يۇلغۇن توغرۇلۇق بىر قاتار ۋەقەلەرنى ئېسىگە ئالغان لالە تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ نومۇرىغا سەپ سېلىشنى ئۇنتۇپ ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تېلفۇننى قۇلىقىغا تۇتتى.
—ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم لالە…قانداق ئەھۋالىڭىز،—تېلفۇندىن ئۈزۈپ ئۈزۈپ ئېيتىلىپ قۇلاق پەردىسىگە ئۈسۈپ كىرگەن بۇ ئەرەنچە ئاۋاز لالەگە بىرىدە تونۇش،بىرىدە ناتونۇش ئاڭلىنىپ لالەنى تېلفۇننى قۇلاق تۈۋىدىن ئاجىرتىپ ئېكرانىدىكى نومۇرلارغا كۆز سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.تېلفۇن ئۈرۈمچىدىن ئۇرۇلغان،ئەمما لالە تونۇمايدىغان بىر نومۇر ئىدى.ئادەتتە ئالاقە دائىرسى ئانچە كۆپ بولمىغان لالەنىڭ يانفونىنىڭ سايرىشىغا ناتونۇش نومۇرلارنىڭ ،يەنە كېلىپ ئەر كىشىنىڭ نومۇرىنىڭ سەۋەبچى بۇلۇپ قېلىشى كەمدىن كەم ئۇچىرايتتى.لېكىن تېخى ئېچىلمىغان ئۇيقۇسىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ياكى لوقۇلداپ ئاغىرىۋاتقان بېشى ئويلاشقا ئىمكان بەرمەيۋاتامدۇ ،لالە ئېكرانغا تىكىلىپ شۇنچە ئويلاپمۇ تېلفۇن قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ھېچ ئېسىگە ئالالمىغان لالە تېلفۇننى قايتىدىن قۇلىقىغا تۇتقىنىدا قارشى تەرەپنىڭ“ۋەي،لالە…ئاڭلاۋاتامسىز ”دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.شۇندىلا ئېسىنى يىغقان لالە تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ دەسلەپكى سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن جاۋاب قايتۇردى:
—ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن ياخشى،ئۆزىڭىز كىم بولىسىز?
—مەن …مەن شەپقەت…
خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇتۇلۇپ قالغان كىچىك بالىدەك دۇدۇقلاپ تۇرۇپ تونۇشلۇق بېرىۋاتقان بۇ كىشىنى لالە ئاخىرى ئېسىگە ئالدى،ئېسىگە ئالدىيۇ،قانداقتۇر بىر ئاغىرىق يۈرىكىنى چىممىدە قىلىپ بەدىنىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى.چۈنكى تېلفۇننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى شەپقەت لالەنىڭ تۆت يىلدىن بېرى ئەمدى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان قەلىب يارىلىرىنى تاتىلاپ ئېيچىشتۇرىۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ ھازىرقى لالە ئىلگىركىدىن كۆپ ئۆزىنى تۇتىۋالغان،ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئازابلىق كەچمىشلەرنى ئېسىگە ئېلىپلا مىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان “يىغلاڭغۇ لالە”ئەمەس ئىدى.شۇ تۇرقىدا ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ تۇتىۋېلىشقا تىرشىپ سول قولىنى ئىختىيارسىز سول كۆكرىكىگە ئېلىپ يۈرىكىنىڭ ئۇدۇلىنى بېسىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردى:
—ھە،شەپقەتمۇ سىز?!قانداق ئەھۋالىڭىز،بەختنۇرچۇ?ياخشى تۇرىۋاتامدۇ?سالامەتلىكى ياخشىدۇ،ۋاقتى ئاز قالدى ھەقىچان،يالغۇز قويماڭ جۇما…—بەختىنۇر ئېسىگە كېلىشى بىلەن باياقى ۋىژژىدە كىرگەم ئاغرىقنىڭ ئورنىنى بەختنۇرنىڭ قىشتىكى قىزىرىپ،يەرگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ :
—ئىككى ئايلىق بوپتۇ،نېسىپ قىلسا يەتتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغا بارامەنمىكىن…دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بۇدرۇققىنە بوۋاقنى قۇچىقىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ بىر مۇنچىلا سۆزلىۋەتكىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالدى. ئەمما تېلفۇننىڭ قارشى تەرىپىدىكى شەپقەتنىڭ “بەختنۇر”دېگەن ئىسىم بىلەن تەڭ بىر ھەپتىدىن بېرى ئۆزىنى يالماپ يۇتۇپ كېتىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز ئەلەم،جۇدالىقتىن تولغىنىپ،ئەرلىكىگە ئېلىپلا لالەگە ئۆكسۈپ يىغلىغىنىنى ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن ھەپتە ئىچىدىلا ئاقىرىپ مۇردىنىڭكىدەك بۇلۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى بار كۈچە بىلەن چىشلىۋالغىنىنى لالە سەزمەيتتى.خېلى كۈتۈپ جاۋاب ئالالمىغان لالە تېلفۇن ئېكرانىغا بىر قارىۋېتىپ تېلفۇننىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمىگىنىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن قايتا قۇلاق تۈۋىگە ئەكېلىپ دېدى:
—شەپقەت،سىگنال ياخشى ئەمەسمۇ نېمە…
لېكىن لالە تېخى گېپىنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولمايلا تېلفۇندىن“ دۇت……دۇت……دۇت”دېگەن كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئاۋاز ئاڭلانغاندا لالەنىڭ ئىنچىكە قاشلىرى سەل يىغىلىپ ئىككى قېشى ئارسىدىكى ئەسلىدىكى بىلىنەر بىلىنمەس قورۇق مانا مەن دەپلا ئۆزىنى نامايان قىلدى.قايتۇرۇپ ئۇرۇشنى ئويلىشىپ يانفوننى قايتا قولىغا ئالغان لالە ئېكرانغا تىكىلىپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلغىنىچە بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېكراننى ئۆچۈرۈپ يانفوننى ئەمەليەتتە كىتاپ ئۈستىلىگە ئايلاندۇرىۋېتىلگەن گىرىم ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنى ئويلاپ مېھمانخانا تەرەپكە ئۆرۈلىشىگە تېلفۇن يەنە سايرىدى،بۇ قېتىم لالە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئالدىرىماي تېلفۇننى قولىغا ئېلىپ ئېكرانغا سەپ سالدى،ئېكراندىكىسى شەپقەتنىڭ نومۇرى ئىدى.
—شەپقەت…،—لالە ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئىلگىركى ئادىتى بويىچە شەپقەتنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا چاقىرىۋەتكەندىن كېيىن دەرھاللا بىر نېمىنى ئېسىگە ئالغاندەك دەرھاللا لەۋلىرىنى ھىمىرىپ يېنىك چىشلىدى ۋە سول قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ بارماقلىرى بىلەن ئېغىزىغا يېنىك بىر نەچچىنى شاپاشلىدى.بۇ چاغدا ئۆزىنى ئازراق تۇتىۋالغان شەپقەت لالەنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بۇلۇپلا جىممىدە بۇلۇپ كەتكىنىدىن ھېلىقى قان ياشلىق كۈنلەرنى ئېسىگە ئېلىپ كۆڭلى قايتىدىن بۇزۇلۇپ ،ھېلىلا سەل بېسىلغان ھاياجىنى كۆكرىكىدىن تېزلىكتە يوقىرىغا كۆتۈرلۈپ دەل كارنىيىگە كەلگەندە يەنە “سەن ئەر كىشى!”دەپ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان بىر سادا بىلەن توختاپ قالدى.سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئارىدىكى ئوڭايسىز كەيپىياتنى شەپقەت بۇزدى:
—لالە،بەختىنۇر…بەختىنۇر ئۇ…شاتنۇر…بەختىنۇر شاتنۇرنى…
ئەمما ئويلاشمايلا ئېچىلغان ئېغىزدىن ئەنە شۇنداق دۇدۇقلاشتىن باشقىسى چىقمىدى.شەپقەتنىڭ دۇدۇقلاشلىرىدىن يۈرىكى قارتتىدە قىلغان لالەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قايسىدۇر بىر چاغدا بەختنۇرنىڭ تېلفۇندا ئېسەدەپ تۇرۇپ دېگەن“شاتنۇرنى…ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!” دېگەنلىرى قايتا ياڭرىغاندەك بۇلۇپ يۈرەك رېتىمى تۇيۇقسىز تېزلەشتى،ئەمما ئاخىرىنى پەرەز قىلىشقا ئۇ جۈرئەت قىلالمايتى،شۇڭا سول قولى بىلەن يۈرىكىنىڭ ئۇدۇلىنى مەھكەم باسقان لالە شەپقەتنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ قالدى.دېگەندەك ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالامىغان شەپقەت ئاخىرى ئېسەدەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
—بەختنۇر …ئىككى ئاي ئىلگىرى شات…شاتنۇر بىلەن تەگىشىپ قېلىپ…ئۇنى …ئۇنى بىر شاپىلاق ساپتۇ،شۇنىڭ بىلەن …شۇنىڭ بىلەن شاتنۇر بىر ئىتتىرگەن باھانە بىلەنلا…يىقىلىپ چۈشۈپ…بالا…بالا…يوق بولدى…ھۇ …ھۇ…،—ئاخىرى ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئۆزىنى تۇتۇشقا ئامالسىز قالغان شەپقەت خۇددى ئانىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان قوزىدەك بوزلاپ،كىچىك بالىدەك ھۈ تارتىپ يىغلىۋەتتى،ئەمما شەپقەتنىڭ سۆزىنىڭ تېخى ئاياقلاشمىغانلىقىنى لالە بىلىۋالغانئىدى،شۇ تۇرقىدا سۆزنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بۇلۇپ تۇرغان لالەنىڭ چىرايى ئىپادىسىز ئىدى.بىرەر مىنۇتتىن كېيىن يىغىدىن بارا بارا پەسلەپ يېنىك خىتىلداشقا ئۆتكەن شەپقەت ئۆپكىسىنى تولدۇرۇپ بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
—بەختنۇر ئۆيدە بىر ھەپتە ئارام ئېلىپلا…سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى،ئىچىم پۇشۇپ كەتتى دەپ تۇرىۋالغانئىدى…ئۇ كۈنى ئىدارىدە يىغىن ئورۇنلاشتۇرغاچقا …ئەتە ئېلىپ چىقاي دەپ قويۇپ ئىشقا كېتىپتىمەن…كىم بىلسۇن،ئۇ…ئۇ…ئۆزى يالغۇز تاللا بازىرىغا چىقىپ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ قايتىشىدا…يەنە…يەنە شاتنۇر بىلەن ئۇچىرشىپ قاپتۇ…بىزنىڭ ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتا…ئاشۇ يەردە…شاتنۇر بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكىنىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى،ئەمما…ئەمما…تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان پىچاقنى…—سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شەپقەتنىڭ ئۆكسۈشلىرى بىلەن گېپى يەنە ئۈزۈلدى.ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۈلگۈرگەن لالەنىڭ بوغۇزىدا بىر نېمە تۇرۇپ قالغاندەك ئاۋازى بوغۇلۇپ،نەپەسلىرىمۇ چىقمايۋاتاتتى،ئاپئاق ئاقارتىلغان تامغا چېكىتتەك تىكىلگەن كۆزلىرى نەپرەتكىمۇ،ئاچچىققىمۇ،غەزەپكىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر تەرىزدە غەلىتە چاقنايتتى.شۇنداقتىمۇ قانداقتۇر بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى ،ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئويلىغىنىدەك بۇلۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ ئۇنىڭ تېلفۇن تۇتقان ئىنچىكە بارماقلىرى بەدىنىدىكى بار كۈچىنى يىغقاندەك كىرشىپ ،يانفوننى بارغانسېرى قۇلىقى تۈۋىگە نىقتايتتى.ئاخىرى شەپقەتنىڭ ئاۋازى يەنە تاغ دەريالاردىن ھالقىپ لالەنىڭ ئاڭلاش نېرىپلىرىغا سوقۇلدى،—بەختنۇر …شاتنۇرغا پىچاقنى تىقىپ بۇلۇپ…ئۇنى …ئۇنى شۇ يەردە تاشلاپ شۇ ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا بېرىپ …ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ…ساقچىلار بەختنۇرنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ…قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇچە…شاتنۇر…شاتنۇر…يول ئۈستىدىلا…
ئەمدى لالەنىڭ ئاڭلىغۇدەك تاقىتى قالمىغانئىدى،ئۆينىڭ تورۇسى ،تاملىرى چۆرگىلەپ بارغانسېرى كىچىكلەپ ئۇنى ئوتتۇرغا ئېلىپ قىسىۋاتقاندەك ئېغىزىنى شۇنچە چوڭ ئېچىپ،ھاۋانى شۇنچە كۈچەپ سۈمۈرشىگە قارىماي بارغانسېرى نەپەسلىرى يېتىشمەي كۆكرىكى ئۈستىدىكى سول قولى بىلەن بېسىپ تۇرغان ئورۇندىكى ئاق كوپتىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە قاماللاپ ئىچىگە پاتمايۋاتقان غەزەپ،ئاچچىق،نەپرەتنى بىر يولىلا چىقىرىۋالماقچى بولاتتى.ئەمما قېرىشقاندەك بارغانسېرى ماغدۇرى قېچىپ بارماقلىرىلا ئەمەس،ئىككى پۇتىمۇ يۇمشاپ لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى.شۇ چاغدا شەپقەتنىڭ تىترەپ تۇرغان غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى:
—ئۇ …ئۇنى شۇ كۈنىلا تۇتۇپ كەتتى…بىزگە سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى… سىزگە ئۇقتۇرماي تۇرۇشنى تاپىلىغاچقا…سىزگىمۇ ئۇقتۇرمىدۇق…ئالدىنقى ھەپتە…ئۇنۇڭغا سوت ئېچىپ…سوت ئېچىپ…ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ شاتنۇرنىڭ قىرىق نەزىرى بىلەن بەختنۇرنىڭ نامىزى بىر كۈندە بولدى.ئۇ جازا ئىجرا قىلىنشتىن بۇرۇن كۆرىشكىنىمىزدە سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى ئېيتىپ بىر خاتىرىنى بەرگەنئىدى،بىر ھەپتىدىن بېرى ئاپامغا ھەمراھ بۇلۇپ يۇرتتا بۇلۇپ تۈنۈگۈن يەتتە نەزىرنى بېرىۋېتىپ ئۈرۈمچىگە قايتتىم.بۈگۈن بۇنى سىزگە سېلىۋېتەي دېسەم ئادرېسىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن،شۇڭا ئادرېسنى ئەۋەتىپ بېرەرمىكىن دەپ تېلفۇن قىلىشىم ئىدى…
ئاخرقى سۆزلىرىنى بىرىنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك تېز تېز سۆزلەپ تۈگەتكەن شەپقەت لالەنىڭ ئۈن تىنسىز جىمىپ كېتىشىنى قاتتىق قايغۇغا چۆمگەنلىكتىن دەپ بىلدى،چۈنكى ئۇ لالەنىڭ شۇنداق ھالىتىنى كۆرگەن.ئۇنۇڭدىن خېلىغىچە سادا كەلمىگەندىن كېيىن بەختنۇرنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى لالەدىن باشقا ئۆزىگە تەسەللىي بولغۇدەك بىرىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلغان شەپقەت ئەمدى ئۆزىنى قويىۋەتتى:
—لالە…لالە…ئاڭلىدىڭىزمۇ لالە،ئاڭلاۋاتامسىز?…قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە…يۈرەك پارەمدىن…جېنىمدىن ئەتىۋار بىلىدىغان بەختىمنىڭ نۇرىدىن…بەخت قۇشۇمدىن…ھەممىسىدىن ئايرىلدىم لالە…ئاڭلاۋاتامسىز…ئەمدى قانداق قىلاي…ھۇ ھۇ ھۇ…سىز قەيسەر قىز…سىز قانداق قىلغانئىدىڭىز…دىلياردىن ئايرىلغاندا قانداق قىلغانئىدىڭىز……
شۇ تاپتا شەپقەت ئاللىبۇرۇن تۇرغان جايىغىلا يىقىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئېسىگە سالىدىغان كەچكى شەپەقنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا بارغانسېرى قىزىرىپ ئۆي ئىچىگە بۆسۈپ كىرىۋاتقان گۇگۇم قاراڭغۇلىقى بىلەن بىرلىشىپ قان رەڭگىگە كىرگەن يۇلغۇن چېچىكى رەڭ دېرىزە پەردىلىرىگە تىكىلگەن لالەنىڭ كۆزلىرىنىڭ بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقىنىنى شەپقەت بىلمەيتتى……
——كاكتۇس چاڭشا 
(ئاخىرى بار)




645 قېتىم كۆرۈلدى kaktus128 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-18 4:13:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ