ئ‍ىزغىرىن سۆيگۈ 1 - قىسىم

ئ‍ىزغىرىن سۆيگۈ 1 - قىسىم

 

ئابدۇقەييۇم  ئ‍ىزگۈ

 

كۈز كۈنلىرنىڭ ئ‍ەتىگەن -كەچلىرى ئ‍اچچىق سوغۇق ئ‍ادەم تېننى خېللىلا جۇغۇلدىتدۇ · تاڭ سۇزۈلىشتىن ئ‍اۋاللا مەھەللىدىكى ئ‍ايال زاتى زىممىسدىكى ئ‍ۇلۇغ بىر ۋەزەپىنى ئ‍ۈستىگە ئ‍الغاندەك ، قوللىرىغا ئ‍ۇزۇن ساپلىق سۇپۇرگىلەرنى كۆتۈرشۇپ بىر - بىرنىڭ كەينىدىن دۈكۈرلۈشۈپ چىقىپ كېلشىدۇ · ئ‍ۆز - ئ‍ارا قىسقىغىنە ئ‍ىڭەك سالىمى ئ‍ۆز قوشنىسنىڭ بۈگۈنگە سالامەت ئ‍ۇلاشقانلىقىنى بەلگىلەيدۇ · سۈپۈرگىنىڭ شىپىرلاشلىرى ئ‍اخىرلىشىپلا ، يەڭگىل سېپىلگەن سۇ ، كىشى قەلبىگە چوڭقۇر ئ‍ارام بەخىش ئ‍اتا قىلدۇ · ئ‍اسمان گۈمبىزىنىڭ ئ‍اقىرىشقا باشلىشى ، توخۇلارنىڭ بويۇنلىرنى سوزۇپ چىللاشلىرى ، قەدەممۇ - قەدەم قوغلىشۋاتقان ئ‍اياغ تىۋىشلىرى ، قاتناش - قوراللىرنىڭ گۈركۈرەشلىرى ، چاقلىردىن چىقۋاتقان ۋىڭلدىغان ئ‍اۋازلار ھايات قانۇنىينىڭ داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئ‍ەندىزىسنى بۇزماسلىققا تىرشىۋاتقاندەك قىلاتتى ·

- ئ‍ەزىمەت …… تۇر بالام ئ‍ورنۇڭدىن ، تاڭ يۇرۇپ كەتتى ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ چېيىڭنى ئ‍ىچۋال ، مەكتەپكە كېچكىسەن بىكا -- سىرىتتىن چېلەك كۆتۈرۈپ كىرگەن مۇبارەكخان شۇنداق دەپ توۋلىغىنچە ئ‍ەزىمەت ياتقان ئ‍ۆينىڭ دەرىزىسىنى يەڭگىل چەكتى · ئ‍ۆي ئ‍ىچىدىن

- ھە مانا -- دىگەن ئ‍اۋاز چىققاندىن كىيىنلا داستىخانغا ناشتىلىق تەييار قىلدى ·

- ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم -- ئەزىمەت ياتاق ئ‍ۆيىدىن چىقىپ داستىخانغا كېلىپ ئ‍ولتۇردى ·

- ۋاي نىمە بولدى كۆزۈڭگە -- دېدى مۇبارەكخان ئ‍ەزىمەتنىڭ قىزرىپ ئششىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ -- كېچىدىن يەنە ئ‍ۇخلىماي كىتاپ ئ‍وقۇپسەن دە ياغاچ قۇلاق -- ئوغلىغا ئ‍امراقلقى كىلىپ تۇرسىمۇ ئ‍ۇنىڭ قىزارغان كۆزىگە قاراپ ئ‍ىچى ئ‍اچچىق بولۇپ ·

- ھى ھى ھى ، كۆنۈپ قاپتىمەن ئ‍اپا · -- يەنە كۈلۋاتقىننى قارا -- ئ‍وغلىىڭ شەيتانلىقىغا زوقلانغان ئ‍انا كۈلۈپ -- چېيىڭنى ئ‍ىچىپ تېز ماڭ ، كېچكىسەن بىكا · بىر ئ‍انا ، بىر بالا كۈلۈشۈپ ئ‍ولتۇرۇپ ناشتا قىلىشى · ناشتىدىن كىيىن مۇبارەكخان ئ‍وغلىنى ئ‍ىشىك ئ‍الددا ئ‍ۇزاتتى · مەكتەپ بىلەن ئ‍ۆينىڭ ئ‍ارلىقى يېرىم سائەتلىك يول ، ئ‍ەزىمەت بۇ يوللارنى پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، كىچكىدىن بوۋىسىدىن ، ئ‍اپىسىدىن نۇرغۇن چۆچەكلەرنى ئ‍اڭلاپ ، چوڭ بولغاندىن كىيىن بولسا كىتاپلاردىكى ھېكايە ، پوۋسىت ، شىئرلارغا مەستخۇش بولغان ، چەتئەلنىڭ نۇرغۇن چوڭ ھەجىملىك رومانلارنى ئ‍وقۇغان ئ‍ەزىمەت ئ‍ۆزىدە بىر خىل لىرىكىلققا تولغان گۈزەل رومانتىكىلىقنى مۇجەسسەملىۋالغان · تولۇق ئ‍وتتۇردا قايتا ئ‍وقۇش ئ‍ۇنىڭ ھاياتىدا قايغۇلۇق بۇرلۇش ئ‍ېلىپ كەلگەن · ئ‍ۇ خىيال بىلەن مېڭىپ مەكتەپ ئ‍الدىغا كېلىپ قالدى · ئ‍ۇ ئ‍ېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى · ئ‍ۆزى ئ‍ۈچ يىل ئ‍وقۇغان ئ‍انا مەكتىپى ئ‍ەمدى بولغاندا زۇلمەتلىك كۆرۈنەتتى · ئ‍ۆزىدىن ئ‍اغرىناتتى · ئ‍ۇ سىنىپقا كىرشىگە چۇقىرشىپ چاقچاقلىشۋاتقان ساۋاقداشلار قاتتىق قول مۇئەللىمنى كۆرگەندەك جىمىپلا كەتتى · ئ‍ەسلى مەكتەپ قايتا ئ‍وقۇغان ئ‍وقۇغۇچىلارغا ئ‍ايرىم سىنىپ ئ‍ېچىپ ئ‍وقۇتۇشنى پىلانلىغان ، ئ‍ۇنداق بولغاندا ، قايتا ئ‍وقۇغان ئ‍وقۇغۇچىلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنىڭ ئ‍الدىنى ئ‍ېلىپلا قالماي ، نۆۋەتتىە ئ‍وقۇۋاتقان ئ‍وقۇغۇچىلارغا ئ‍ەكىس تەسىر پيدا قىلنىشنىڭ ئالدىنى ئ‍الغىلى بولاتتى · نىمىشقىكىن مەكتەپنىڭ ئ‍ۇ پىلانلىرى پۈتمەيۋاتامدۇ ئ‍ەيتاۋۇر ، قايتا ئ‍ۇقۇشقا تىزىملاتقان مۇشۇ نۆۋەتتىكى ئ‍وقۇغۇچىلار قاتارىغا ئ‍ورۇنلاشتۇرۇلغان ، شۇڭا ئ‍ۇلارنىڭ ئ‍ەزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى نۇرمال پوزىتسىيە ئ‍ىدى · ئ‍ىنسان ئ‍الاھىدە بولۋېلىشقا ئ‍امراق ، بۇ بىزدىكى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئ‍ىددىيە · ئ‍ەزمەت ئ‍ورنىغا بېرىپ ئ‍ولتۇردى · ئ‍ۇنىڭ ئ‍ورنى چەتتىكى رەتىڭ ئ‍ەڭ كەينىدە ئ‍ىدى · يېنىدا تۇرغان بو ئ‍ورۇن ھەمىشە شۇنداق بوش تۇراتتى · ئ‍ۇ كىتاپتىن بىرنى ئ‍ۇستەلگە ئ‍ېلىپ ئ‍ۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئ‍ۇيقۇغا كەتتى · دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرى چېلىنغاندىلا ئ‍ۇ چۈچۈپ ئ‍ويغاندى · ئ‍ىشىك ئ‍ېچىلىپ ئ‍وقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى · ھەممە ئ‍وقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەتتىن كىيىن ئ‍وقۇتقۇچى ئ‍ولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلدى · دەرىس باشلاندى · ئ‍ەزمەتكە دەرىس خۇش ياقمايتى ، بولۇپمۇ ھازىر ئ‍ۆتۈلۋاتقن ماتماتكىغا · ئ‍ەزىمەت يېنىدىكى تامغا يۆلەپ قويۇلغان رەسىم تاختىسىنى ئ‍ېلىپ تېخى پتمىگەن بۇ پورترت رەسىمنىڭ ئ‍اخىرنى سىزىپ ئ‍ولتۇردى · ئ‍ۇ ئ‍ىنچىكىلىك بىلەن قزنىڭ كۆز چاناقلىرنى ئ‍پادىلەپ بولدى ، بۇرۇن ئ‍ەتراپىغا يەگىللىك بىلەن سېۋىت بېرىپ تېخىمۇ كۆركەم ، سەنئەت نۇختىسدىن ئ‍ېلىپ ئ‍ېيتقاندا شۇنداق ئ‍ابىيۇملۇق ئ‍ىپادىلەپ چىقتى ، ئ‍ۇ شۇنچىلىك بېرلىپ سىزدىكى قوڭغىراق دەرىستىن چۈشۈشكە بەلگە بېرىپ تىرىڭشىغاندا ئ‍اندىن قولدىكى قەلەمنى قويدى · ئ‍ەزىمەت رەسىم تاختىسنى ئ‍ۇستەلگە قويۇپلا سىرىتقا ماڭدى · ئ‍ۇ چىقىپ كېتىشىگىلا ھەممە ئ‍وقۇغۇچىلار مەسلىھەتلىشۋالغاندەكلا ئ‍ۇنىڭ ئ‍ورنىغا يۈگەردى ·

-پاھ پاھ پاھ … نىمە دىگەن چىرايلىق قىز بۇ ·

- مەرھاباغىلا ئ‍وخشاپتۇ جۇمۇ ·

- نەدە ئ‍ۇنىڭغا ئ‍وخشايدۇ ،

- بۇ مۇز چىراينىڭ قولىدىن خېلى ئ‍ىش كىېلدىكەن جۇمۇ باللا -- قاراڭلار ، ئ‍ۇنىڭ كۆزلىرگە ، بۇرۇنلىرغا ، ئ‍ېغىزىچۇ تېخى مەرھابا بۇ سىنىپنىڭ ئ‍ۈگۈنۈش ھەيئتى ئ‍ىدى ، ئ‍ۇ دەرىستىمۇ شۇنداق ياخشى ، شوخ ، چىرايلىق قىز · ئ‍ۇنىڭغا ھەممە ساۋاقداشلىرنىڭ ئ‍امراقلىقى كىلەتتى ، نىمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان تېتىك ، شوخ بۇ قىز جىمغورلۇۇپ كەتكەنتى · دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرقى چېلىندى · ھەممەيلەن ئ‍ۆز ئ‍ورۇنلىرغا بېرىپ ئ‍ولتۇرۇشتى · ئ‍ەزىمەتنىڭ زېركىشلىك يەنە بىر سائەتلىك دەرسى باشلاندى · ئ‍ۇ بېشىنى ئ‍ۈستەلگە قويۇپ ئ‍ۇيقۇغا كەتتى · <تاق تاق تاق > ئ‍ۈستەلنى چەككەن ئ‍اۋاز ئ‍ەزمەتنى چۆچۈتتى ، ئ‍ۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ مەرھابانى كۆردى · مەرھابا خىجىللىق ئ‍الامەتلىرى ئ‍ىپادىلنى تۇرغان يۈزىنى ئ‍ىلپ قېچىپ ، قولدىكى پايدىلنىش سۇئالىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئەزىمەتنىڭ ئ‍الدىغا قويۇپلا يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي كېتىپ قالدى · بۇلا ئ‍ىككىسىنىڭ بىر بىرىگە دىققەت قىلىپ يۈرگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى ، سىنىپتا پەقەت مەرھابالا ئ‍ەزمەتنى باشقىلاردەك <قالدۇق > ئ‍ورنىدا كۆرمەيتى · ئ‍ۇنى كۆرسە چىراي ئ‍ىپادىسى شۇنچە تېز ئ‍ۆزگۈرۈپ كېتەتتى ، خىجىللىقتا ئ‍ەندىكەتتى ، ئ‍وغۇرلۇقچە ئ‍ۇنىڭ سىزغان رەسىملىرگە قاراپ زوقلىناتتى · مەرھابادىكى مۇشۇنداق ئ‍ۆزگۈرۈشلەر ئ‍ۇنىڭدا ئ‍ەزمەتكە بولغان باشقىچە سېزىمنى ئ‍ويغاتتى ·

 داۋامى بار ‍ ...





907 قېتىم كۆرۈلدى abdukayum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 20:40:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-24 13:24:33 ilyar
Iz hirin soygu 2 kis mi yokma
2015-9-20 4:47:34 guzal
●﹏●bak yahxikan
2015-9-20 4:45:00 nurbiya
hakikatan yahxikan ahiri tizrak qiksa bulatti
2015-9-7 17:17:17 qiman
bakyahxiyeziliptu,manyaturdum.dawaminitizrakyazsingizbuptikan.
2015-9-6 0:37:38 ھۆرىگۇل
مەزمۇنى بەكبەك ياخشىكەنياخشىكەن ئ‍اخىرىنىڭئ‍اخىرىنىڭ چىقىشىنىچىقىشىنى تۆتتۆت كۆزۈمكۆزۈم بىلەنبىلەن ساقلاۋاتىمەن
2015-9-4 16:44:31 زىلالە
ئاخىرىنى بەك ساقلاپ كەتتۇق ئاخرى يىزىلامدۇ يا زادى ؟
2015-9-3 9:02:26 muhsina
bak yahxi yizliptu lbirak ahirini yolliwatkan bolsigiz bolaptika
2015-9-3 2:06:51 tanha
bak yhxe yezlipto lekn aherne yulemesngez bulmydu tezrak
2015-9-1 11:36:55 nurbiya
Ahrini nimxka tehiqa yollimaysela xunqa wakit otup katsimu
2015-8-27 18:08:39 LaYLa
bu tima bak yahxi yeziliptu sizga kop taxakkurla bolsun,ahirini ukuxka takkaza, man xunqa kun boldi ahri tehiqa yok lekin
2015-8-25 11:23:11 nurbiya
Yahxi yezliptu ahirini ukuxka taxnaman
2015-8-20 23:47:10 sayligul
Bu tima bak yahxi yezilip tu
2015-8-20 4:04:20 1665532169
bu tima bak yahxi yezliptu man yahturdum bak yahxikan
2015-8-20 4:01:47 abdugeni
bu tima yahxi yeliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ