دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (10-قىسىم)

دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (10-قىسىم)

مەريەمگۇل تاشمەمەت


  يولدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىمەن. توختىماي يىغلاۋاتمەن ئەتراپىمدىكى ئادەم دەل دەرەخ ئۇچار قۇش ھېچنېمە كۆزۈمگەكۆرۇنمەيتتى شۇ يۈگۈرگەن پېتى دەريا بويىغا كېلىپ  توختىدۇم، دەريا سۇلىرى قايغۇلىرىمدىن بىخەۋەر شۇنچە خۇشال دولقۇنلاپ ئاقماقتا ئىزغىرىن شامال ياش يۇقى يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتمەكتە . تۇرۇپلا دەرياغا دەردىمنى تۆككۈم كەلدى .
-مەن نېمىنى خاتا قىلدىم، قاچان تۈگەيدۇ بۇ ئازابلار مەن چىدىمىدىم.ھەي دەريا ئېيتقىنا مەن يىغلىسام يىغلىما دەپ تەسەللىي بېرەلىگۈدەك كىمىم با؟؟
-مەن بار كەينىمدىن تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ بۇرلۇپ قارىدىم قادىربىر  خىل غەمكىن كەينىمدە تۇراتتى.
- سىزمەن كۆز ياشلىرمىنى يوشۇرۇپ ئاستا يەرگە قاراپ دىدىم، سىز نەدىن پەيدا بولدىڭىز ئەمدى.
-قارىسام يىغلاپ كېتىپ بېرىپتىكەنسىز چاندۇرماي كەينىڭىزدىن كەلدىمدىم شۇنچە چىرايلىق كۆزلىرىڭىزدىن بۇنداق ئېچىنىشلىق ياشلار تۆكۈلسە قانداق بولىدۇ.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلىدىم ئۇ گەپ قىلماي يېنىمدا ئولتۇردى بىر چاغدا؛
-بولدى ئەمدى يىغلاشقا رۇخسەت يوق، سىز يىغلىسىڭىز مەن چىدىمايدىكەنمەن دېدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەن خۇددى كىچىك بالىدەك شاپپىدە توختىدىم.
-بۇنىڭدىن كېيىن يىغلىماڭ ھەر قانداق دەردىڭىز بولسا ماڭا دەڭ مانا مەن بار.
مەن گەپ سۆز قىلمىدىم شۇ كۈنى كەچ بولغۇچە ئۆيگە قايتمىدىم قادىر بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنچىلىك سىلىق سىپايە،  شۇنچىلىك مۇلايىمئ‍ىدى .
كەچتە ئۇ مېنى مەھەللەمگە ئەكېلىپ قويدى، ھەم شەنبە كۈنى، پاراڭلىشىپ كېلەيلى دېدى مەن ماقۇل بولۇپ ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم .
-نەگە يوقالدىڭ دېدى ئۇ ماڭا ھۆرپىيىپ .
-نېمىشقا دائىم شۇنداق بىكاردىن بىكار ئۇرىسىز مېنى، مېنىڭ زادى نېمە گۇناھىم بار.
- گۇناھىڭنى بىلمەي قالدىڭمۇ قانجۇق، ئۇ مېنى يەنە ئۇرماقچى بولدى، شۇ چاغدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرغان ئوغلۇم يۈگۈرۈپ كېلىپ. مېنى قۇچاقلىۋالدى، ھە.م
-ئاپامنى ئ‍ۇرما ئاپامنى ئ‍ورما، جېنىم دادا ئۆتۈنۈپ قالاي ئاپام ئ‍ۇرما، دەپ نالە قىلدى، ئوغلۇمنىڭ نالىسىغا چىدىمىدىمۇ ئۇ ئاستا چىقىپ كەتتى ھەر قېتىم شۇنداق، ئوغلۇملار مېنى قوغداپ قالاتتى، مەن ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ بىر ھازا يىغلىدىم.
قاتمۇ قات كەلگەن بېسىملار مېنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن خاتا يوللارغا سۆرەپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
شەنبە مەن يولدىشىمغا ئاپامنى يوقلايمەن دەپ قويۇپ قادىر بىلەن دېيىشىپ قويغان يەرگە كەلدىم. ئۇ مېنى ماشىنىدا ساقلاپ تۇرغان ئىىكەن. قادىر ماشىنىنى مەھەللە بېشىدىكى ئادەمسىز توقايلىققا ئاپىرىپ توختاتتى .
بىز بۈگۈن كىشىلىك ھايات تۇرمۇش توغرىسىدا شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ ئايالنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىكەن، پەقەت 2 بالىسى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈۋېتىپتۇ. مەن ئۆتمۈشۈمنى ئۇنىڭ بىلىپ قېلىشنى خالىمىدىم، پەقەتلا ھازىرقى يولدىشىمنىڭ مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى دەپ بەردىم .
-ئايال كىشىنى شۇنچە گۈزەل شۇنچە نەپىس شۇنچە نازۇك، ئۇنى چوقۇم ئاسراپ ئاۋايلىشىمىز كېرەك.دەپ قايناپلا كەتتى ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بولۇپ مەن ئۇنىڭ شېرىن شېكەر گەپ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىدىم، ئۇ مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئاستا باغرىغا باستى. جېنىم دوستۇم گەپلىرىمگە ئىشىنەمسەن بۇ تۇنجى قېتىم بىر ئەرنىڭ مىنى مېھرى بىلەن قۇچاقلىشى، مەن دەل شۇ دەقىقىدە ئەقلىمنى يوقاتتىم. مەن شۇ بىر قېتىملىق مېھىر بىلەن قۇچاقلاشنى، ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەت دەپ خاتا ئويلىۋالغان ئىدىم، ھاياتىدا بىر قېتىممۇ مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقمىغان مەندەك بىر بىچارىنىڭ، بۇنى مۇھەببەت دەپ قېلىشى، ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.تراگېدىيە دەل شۇ يەردىن باشلاندى .
شۇ ئىشتىن كېيىن بىز پات پات كۆرۈشۈپ تۇردۇق. ئۇ ھامان بىر كۈنى ئايالىمدىن ئاجرىشىمەن سىزمۇ ئاجرىشىسىز بىز توي قىلىمىز دەيتتى. ئۇنىڭ شۇ شېرىن شېكەر گەپلىرىگە ۋەدە قەسەملەرگە ئىشەندىم، ھەم ئۇنى ھاياتىم دەپ بىلدىم،
ھەر قانداق بىر ئايال ھاياتىدا مۇھەببەتنى ھەممىدىن ھەتتا جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدۇ، مەن تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى بۇ ھاياتىمدا، مەن تېخى بىر ئەركەكنىڭ مېھرى بىلەن كۆيۈنۈشىگە، كۆيۈشىگە ئېرىشىپ باقمىغان.مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتىم، ئۇنىڭغا، ئىشنەتىم ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيەتتىم ئەمما كىم ئويلىسۇن دەيسەن، ئۇ شېرىن چۈشلەر ئۇزاققا بارىمىدى كېيىن قادىرنىڭ بىر سورۇندا، تەڭشلىۋېلىپ قالايمىقان جۆيلۈشلىرى، مېنى يەنە بىرقېتىم قارا قىسمەتكە سۆرەپ ئەكىردى،،،،
دۇستۇمنىڭ بىشغاكەلگەن قىسمەتلەرگە قىزىقسىڭىز ھېكايىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سىلىڭ!!!!!!!!
     





838 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 4:13:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ