قاراڭغۇ ئورمان
34- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( Metro)
ئەتراپ يەنىلا شۇنچىلىك قاراڭغۇ بولۇپ ئادەمگە سۈرلۈك ۋەھىمە ئېلىپ كىلەتتى. بىز ئاۋايلاپ ماڭساقمۇ لېكىن ھامۇتئاخۇن ئېغىر يۈكى بىلەن مۈدۈرلۈپ مېڭىپ توختىمايلا جاڭغىراڭشىغان ئاۋازلارنى چىقىراتتى، ھەمىمىزلا مەخلوقلارنىڭ سىزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كىتىپ بارغاچقا بۇ ئاۋازنى ئاڭلىساقلا ئۆپكىمىز ئېغىزىمىزغا تىقىلىپلا قالاتتى، بولماي ھامۇتئاخۇننىڭ يېنىغا بېرىپ پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا ئەسكەرتتىم :
- جېنىم ئاكا بۇنداق قىلىپ مەخلوقلارنى چاقىرىپ كىلەي دەملا، يا گەپكە كىرمەيدىكەنلا ، يا بىر ئاۋايلاپ ئىش قىلمايدىكەنلا، ئەگەردە مەخلوقلار كىلىپ قالسا قاراڭغۇدا ھېچيەرگە قاچالماي تۈگىشىمىز بۇنى بىلەملا!
ئۇنىڭ قىلىپ يۈرىگەن ئىشلىرىنى بوپتىلا دەپ تۇرسام ئەمدى بىپەرۋا ھالدا مېڭىپ ، ئورنىمىزنى ئاشكارلاۋاتقىنىغا ئاچچىقلاپ قالغان ئىدىم.
- بىلىمەن ئۇكام بىلىمەن ، ئاۋايلاپ مېڭىۋاتىمەن شۇ قاراڭغۇدا يولنى كۆرۈپ بولالماي ھې…ھې…ھې …
ئۇنىڭ پەرۋاسىزلارچە ھېجىيىپ تۇرىشىدىن يەنە دەۋېرىشنى راۋا كۆرمىدىم. بىز قالايماقان ئۆسكەن ئوت - چۆپلۈكلەردىن ئۆتۈپ ئوچۇقچۇلۇققا چىقتۇق ،ئەتىراپ يەنىلا جىمجىت بولۇپ بۇ قاراڭغۇلۇقتا ئاسان كۆزگە چېلىقىۋاتقىنى يەنىلا بىزنىڭ چىراقلىرىمىز ئىدى.
- بىز چىراقلارنى ئامال بار ياقمايلى، قولىمىزدىكى ئالاقىلىشىدىغان ئىكىرانلارنى ئىتىۋېتەيلى، بىز بۇنداق ماڭساق ئۆزىمىزنى ئاشكارلاپ قويىمىز ،- دىدىم مەن بۇنداق قاراملارچە مېڭىشىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى ئويلاپ، باشقىلارمۇ پىكىرىمگە قوشۇلدى، ئاسان شەپە بىرىدىغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق. ماڭىدىغان چاغدا قارا كىيىملىك :
- مەن يول باشلاي، مەن كىچىنى ئېنىق كۆرىمەن، ھەرقانداق قاراڭغۇ بولسىمۇ كۈندۈزدەكلا كۆرەلەيمەن ،- دەپ ئالدىغا چىقتى.
بىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئاۋايلاپ ئەگەشتۇق . بىز ئوت - چۆپلەرگە مۈدۈرلۈپ ھەتتا پۇتلىرىمىزنى يىنىك قايرىۋېلىپ ماڭساقمۇ ئەتراپنىڭ تېنىچلىغىدىن بىر ئاز خاتىرجەم ئىدۇق. شۇ چاغدا كاللامدا « ئەسلى بىزنىڭ پېيىمىزدا يۈرىۋاتقان ، يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان ، مەخلوقلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتكەن شۇ ئايال جىنكەنتۇق ، ئۇ يوقىلۋىدى مەخلۇقلارمۇ بىزنى ئانچە سەزمەيدىغان بوپتۇ مانا » دىگەن ئويلار كەچتى . مەن ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچۇرماي تېنىچ - ئامان كىتىۋاتقىنىمىزدىن خۇش بولۇپ، پەرىدەنىڭ قولىدىن تۇتۇشۇمغا يىققىنلا يەردىن مەخلوقنىڭ شۇنداق ئۈنلۈك ئاۋازدا ھۆكۈرگىنى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز شۇنداق قاتتىق چىقتىكىن قۇلاقلىرىم زېڭىلداپ كەتتى. بىز بۇ ئۇشتۇمتۇت چىققان ئاۋازدىن ئورۇنلىرىمىزدا تۇرۇپلا قالدۇق .
- نىمە ئۇ ؟ - قورۇققىنىدىن ئەنسىرەپ سورىدى پەرىدە مېنىڭدىن .
- مەخلوق ، ئادەمسىمان مەخلوق ،- دىدىم پەس ئاۋازدا .
- ئۇ قېنى ؟ بىزنىڭ يېنىمىزدىدەك قىلىدىغۇ ؟- ئۇ خېلى قورۇققان بولسا كىرەك قولى يىنىك تىتىرەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قويدۇم بۇ « قورۇقماڭ مەن با »دىگەندەك مەنا بىرەتتى.
- بىزنى سىزىپ قاپتۇ ،- دىدى قارا كىيىملىك ئىكرانغا قاراپ ،- ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتىدۇ !
- ئەمىسە تىز قاچايلى ! - ھامۇتئاخۇن بەكلا قورۇققان بولسا كىرەك تەمتىرىگىنىدىن ئەتراپقا ئالاق - جالاق قاراشقا باشلىدى، بىز قوراللارنىڭ قۇلۇبىنى ئاچتۇق .
- تىز … تىزدىن تەتقىقات مەركىزىگە كىرۋالايلى ، شۇ يەرلا بىخەتەر .
قارا كىيىملىك شۇنداق دەپلا بىزگە« ماڭا ئەگىشىڭلار» دىگەندەك ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئالدىدا يۈگەردى، بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگەردۇق ھەم يۈز مىتىردەك ئىلگىرلەپلا توختاپ قالدۇق چۈنكى ئالدىمىزدا نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلاردەك قىزىل چىكىتلەر يەر يۈزىدە ھەركەت قىلۋاتاتتى .
- ئۇلار نىمە يورۇقلار؟ - دىدىم ھۇدۇقۇپ قارا كىيىملىكتىن.
- ئۇلارمۇ بىر خىل جانلىقلار ئىدى. تۈرى ئۆزگۈرۈپ غالجىر مەخلۇقلاردىن بولۇپ قالدى ، لېكىن ئەنسىرمەڭلەر ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك .
- بىز ئۇنى كۆرگەن ، توختاخۇن ئاكىنى مەخلوق پارچىلىۋەتكەندە ،- دىدى نىجات چىراق نۇرىنى ئۇ تەرەپكە سالغاچ ، ئۇنىڭ گېپى بىلەن مەن ئۇ مەخلوقلارنى ئىسىمگە ئالدىم.
- ئەمدى تۈگەشتۇقما ، ئەمدى نەگە بارىمىز ؟- ھامۇتئاخۇن پۇتى كۆيگەن توخودەك تىپىرلاپ ئاۋازىنى باشقۇرالماي سورىدى ،- ئارقىمىزدىن قوغلاپ يىتىشەي دىدى ، ئالدىمىزدا بۇ ، نىمىشقىمۇ سىلەر بىلەن ماڭغان بولغىيتتىم ، ئەمدى قانداق قىلىمىز قاراپ تۇرماي دەڭلەرچۇ ؟- ئۇ جېنىنىڭ قايغۇسىدا ساراڭدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى ،- ئاھ خۇدا بۇ نەس باسقان دوزاختىن كىتەلىگەن بولسامچۇ!
بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەسلىتىشكە، شەپە چىقارماسلىققا ئۇرۇنۇپ باقتۇق لېكىن ئۈنىمى بولىدىغاندەك قىلمايتتى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ غەۋغاسىدىن ئەتراپىمىزدىكى مەخلوقلار بىزنى سىزىپ قالغان بولسا كىرەك ئۇلارنىڭ ھۆكۈرگەن ئاۋازلىرى ئورماننى تىتىرتەتتى، ئەتراپىمىزدىن دەرەخلەرنىڭ سۇنغان ئاۋازلىرى بىلەن شاخلارنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازلىرى يېقىنلاپ كىلۋاتاتتى .
- ماڭايلى !- دىدىم قەتئى نىيەتتە ،- ئەمدى موشۇنداق قىلماي ئامال يوق، ئالدىمىزدىكىلەر ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئاجىزدەك قىلىدۇ ، تەتقىقات مەركىزىگە بۈسۈپ كىرەيلى ! مەن ئالدىدا ماڭدىم پەرىدە ھەم باشقىلارمۇ ئىز بېسىپلا ماڭدى. ھامۇتئاخۇن بىزنىڭ ماڭغىنىمىزنى كۆرۈپ ئالتۇنلىرىنى شاراقلاتقىنىچە پايپاسلاپ ئەگەشتى . ئالدىمىزدىكى مەخلوقلار بىزگە دەرھال ھۇجۇم قىلالماي ھەرخىل غەلىتە ئاۋازلارنى چىقارغىنىچە ئەتىراپىمىزدا چەمبەر شەكىل چىقىرىپ چېپىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىدىن ھۇجۇم قىلىدىغان ، ئېغىز سالىدىغان يوچۇق ئىزدەۋاتقانلىغى ئېنىق ئىدىكەينىمىزدە يىتىشەلمەيۋاتقان ھامۇتئاخۇن ئەمدىلىكتە قورۇققىنىدىن ئوتتۇرغا قىسىلىپ كىرىپ مۈدۈرلۈپ دىگۈدەك كىتىۋاتاتتى . تەتقىقات مەركىزىگە كىرىدىغان ئېغىزغا يەنى يەر ئاستىغا چۈشىدىغان ئېغىزغا ئاز قالغانسىرى مەخلوقلار شىددەت بىلەن تېخىمۇ تىز كۆپۈيۈپ كىتىۋاتاتتى بىز بۇلارنىڭ ئىچىدە دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزدىكى كىچىك قېيىقتەك ئەتىراپتىكى ھۇجۇملاردىن قورقۇپ كىچىك بىر يەردە غوژمەك بولغىنىمىزچە جىددىيلىك ئىچىدە كىتىۋاتاتتۇق. چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ خىرىس قىلىۋاتقان بۇ مەخلوقلار ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئېغىزى يۇغان چىشلىرى ھەرە چىشىدەك ئۇچلۇق بولۇپ ، بارغانچە قورشاۋىنى كىچىكلىتىۋاتاتتى .
- قانداق قىلىمىز ؟
قاھار بارغانسېرى غالجىرلىشىۋاتقان مەخلوقلارنىڭ بىر قەدەم ئارلىقتا ئېغىز سالاي داۋاتقىنىنىدىن ھۇدۇقۇپ سورىدى، دىمىسىمۇ ھەممىمىزلا ئۇلار بىر سەكىرسىلا چىشلەيدىغان نىشانلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدۇق .
- ئاتايلى ، ئېتىڭلار !
بىر بۇيرۇق بىلەن ئۈچىمىز ئاپتۇماتلارنى قايسى مەخلوق يېقىن كەلسە شۇنىڭغا قارىتىپ تەپكىنى باستۇق، ئاپتۇمات ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى، ئوق تەككەن مەخلوقلار قانلىرىنى چاچىرتىپ دۇمىلاپ، سۆرۈلۈپ چىقىراشقا باشلىدى. ئوق تەگمىگەنلىرى قاچماقتا يوق يۇپۇرلىغىنىچە بىزگە ئېتىلىندى ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك بولغاچقا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردىمۇ پۇتقا ئېسىلاتتى بىز بىر تەرەپتىن ئوق ئۈزگەچ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تىپىش بىلەن پاتپاراق بولۇشقا باشلىدۇق. پەقەت پەرىدەلا ئىككى قولى بىلەن ئېغىزىنى ئىتىپ كۆزلىرىنى ئەتىراپقا تىزلىك بىلەن يۈگۈرتۈپ « ئاپااا ، ۋايجان » دەپ پىرقىراپلا يۈرەتتى، مەن تىزلىك بىلەن ئالدىدا يول ئاچقاچ سەگەكلىك بىلەن ئۇنى قوغداشقا كۆچەۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئاغرىق ئەمدى بىر ئاز پەسلىگەن ئوڭ پۇتۇمنى بىر نەرسە «گاچچىدە» چىشلىدى - دە سىلكەشكە باشلىدى ، ئاغرىق دەستىدىن ۋايجان دەپ ۋاقىرغىنىمچە چاقماقتەك تىزلىك بىلەن ئۇنى مىلتىق پاينىكى بىلەنلا ئۇردۇم، بۇمۇ بەلكىم جاننىڭ تاتلىقلىغىدىكى ئىنكاس بولسا كىرەك ئۇ مەخلوق چىرقىراپلا نەچچە مىتىر يەرگە ئۇچۇپ چۈشتى. پۇتۇم لوقۇلداپ ئاغرىۋاتاتتى لېكىن بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا پۇتقا قاراپ سىلاپ تۇرۇشقا ئىلاجىسىز ئىدىم، پەرىدە پۇتۇم يارلانغىنىنى سەزگەنتى. ئۇ قاراپ باقماقچى مەن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاسقاقلىغىنىمچە ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىدىم، كەينىمدىكىلەردىن نىجاتمۇ ۋايجان دەپ ۋاقىرغاندەك قىلدى ئەنسىرەپ كەينىمگە قارىدىم ، ئۇنىڭ پۇتىدىمۇ بىر مەخلوق چىشلىگەن پېتى تۇراتتى ئۇ ، ئۇنىڭ بېشىغا ئوق ئۈزدى ، كۆزۈم بۇ چاغدا ھۆكۈرەپ يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقان مەخلوققا چۈشتى - دە قورقىنىمدىن ھەمىراھلىرىمغا ۋاقىردىم .
- تىز بولۇڭلار ، تىز ، چوڭلىرى يىتىپ كەلدى ئىچىگە كىرىۋالايلى تىز…
ئەتراپىمىزدىن كەلگەننى تىپىپ، چىشلىگەننى ئېتىپ يۆگۈرگەن پېتى يەرئاستى ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كەينىمىزدىن كىلىۋاتقان ھامۇتئاخۇن يىقىلدى، بىز ئاپلا دەپ قالدۇق، چۈنكى ئۇ يىقىلىشىغا نەچچە ئون مەخلوق ئۇنىڭ ئۈسىتى - بېشىغا يېپىشىپ بولغان ئىدى. ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىگىنى بىلگەن نىجات بىلەن قاھار ئۇنى قۇتقۇزۇشقا يۈگەردى. مەن ئەتراپتىكى مەخلوقلارنى ئوققا تۇتتۇم، قارا كىيىملىك بىزنى قوغدىغاچ ئىشىكنى ئېچىشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇلار بارغان پېتى ئۇنى بېسىۋالغان مەخلۇقلارنى تىپىپ ، ئۇرۇپ دىگۈدەك بىر تەرەپ قىلىپ ئۇنى تۇرغۇزدى، بۇ چاغدا چىراق يورىغى ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە قورقۇپ كەتتىم چۈنكى ئۇ قانغا مىلەنگەن ، كىيىملىرى پارە - پارە ھالەتتە شۇندىمۇ قوينىدىن تۆكۈلۋاتقان ئالتۇنلارنى تىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئىشىك ئېچىلدى، غەزەپلەنگەن ئىككى يىگىت « قانداق نىمە سەن ، ساڭا جان كىرەك ئەمەسما » دەپ ۋاقىرغىنىچە مەجبورى ئۇنىڭ ئىككى قولتىقىدىن كۆتۈرۈپ سۆرەپلا ئېلىپ ماڭدى ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىدا ئىككى مەخلۇق چىشلىگىنىچە سۆرۈلۈپ كىلۋاتاتتى، ئۇ بولسا ۋايجان دىمەكتە يوق:
- ۋاي ئالتۇنلۇرۇم ، مېنى قويۋېتىڭلار ئالتۇنلۇرۇمنى تىرىۋالاي ،-دەپ ۋاقىرايتتى.
قارا كىيىملىك لازىر نۇرلۇق قورالى بىلەن ئۇ مەخلوقلارنى ئېتىپ ئۆلتۇردى ھەم ئەڭ ئالدىدا كەلگەن چوڭ مەخلوقتىن بىرنى يەر چىشلەتتى، باشقا ئۇششاق مەخلۇقلار ئۇنىڭ جەسسىتىگە ئېتىلغاندا بىز تىزلىك بىلەن يەر ئاستى ئۈيىگە كىرىۋالدۇق باشقا چوڭ مەخلوقلار سىرتتا ئىشىكنى موشلاپ، ئۇرۇپ ھۆكۈرەپ قېلىپ قالدى، لېكىن ئىشىك پۇختا بولغاچقا ئۇلاردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزدەك قىلاتتى، بىز كىرىپلا ئولتۇرۇپ قېلىشتۇق، سەۋەبى پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىجات، ھامۇتئاننىڭمۇ يارىسى ئېغىر ئىدى. پەرىدە چىراقنى سېلىپلا قورقۇپ ۋاقىرۋەتتى :
- قان بەك كۆپ چىقىپ كىتىپتۇ!
قارا كىيىملىك قورالىدىن بىر خىل نۇر چىقىرىپ بىر ئىكرانغا چۈشۈرىشىگە يەر ئاستى ئۈيى كۈندۈزدەك يورىدى، ئۇ ھېلقى ئۈسكىنىسىنى ئىشقا سېلىپ جاراھەتلىرىمىزنى داۋالىدى، نىجات بىلەن ئىككىمىز ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ھامۇتئاخۇن چىرايىدىكى قاننىمۇ سۈرتمەي « ئالتۇنلارنى ئېلىۋالسام بولاتتى ، ئالتۇنلۇرۇم ،- دىگىنىچە ئولتۇراتتى.
بىز ئۇنىڭ مال - دۇنياغا بولغان مۇنداق ئاچكۆزلىگىگە نەپىرەتلىنىپ چىرايىغا قاراشتىنمۇ رايىمىز يانغان ھالدا ئەتراپقا قاراپ داڭ قېتىپلا قالدۇق چۈنكى ئالدىمىزدا تۇرغىنى بىر ئادەتتىكى ئۆي بولماستىن ئاجايىپ - غارايىپ شەكىللەردە سېلىنغان، نۇرغۇن ئۆيلەرگە تۇتىشىدىغان چوڭ بىر يەر ئاستى مەيدانى ئىدى ، مەيداننىڭ ئىچى سىرلىق ئوردىدەك ئۇياق - بۇياقلارغا تۇتىشاتتى ھەتتا بەزى جايلىرىدا ئاستىغا چۈشىدىغان پەلەمپەيلەرمۇ كۆرىنەتتى .
- بۇنىڭ ئاستىدىمۇ ئۆي بارمۇ ؟- سورىدىم قارا كىيىملىكتىن .
- ھەئە بار ،- دىدى ئۇ ،- بۇ جاي ئۈچ قەۋەت .
ئۇ بۇ يەرنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك تامدىكى ئىكىرانغا بۇيرۇق بەردى ئىكران ئېچىلدى ھەم پۈتۈن قۇرۇلۇشنى كۆرسۈتۈپ تۇرغاچ شۇلارنىڭ تىلىدا بىر مۈنچە سۆزلەرنى دىدى. قارا كىيىملىك ئىكراندىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاچ جىدىيلىشىشكە باشلىدى ، بىز ھېچنەرسىنى چۈشەنمىگەچ ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتا قاراپ تۇردۇق. ئۇ ئىكرانغا ئۆز تىلىدا بۇيرۇق بەرگەندەك قىلدى، ئىكران بۇيرۇقنى قوبۇل قىلىپ مەركەزنىڭ يەر يۈزى بىلەن تۇتاش يىرىدىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇراپ بۇزۇلغان يىرىنى كۆرسەتتى .
- دىققەت قىلىڭلار ،- دىدى ئۇ تىزلىك بىلەن بىزگە يۈزلۈنۈپ ، - بۇ يەرمۇ خەتەرلىككەن ، بۇ يەرگىمۇ مەخلۇقلار كىرىپ بولغان ئوخشايدۇ ، مەركەز كۆزۈتۈش ئاپىراتىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ .
- ئەمدى بۇ يەردىكى قانداق مەخلوق بولغىيتى ،- دىدى قاھار بېشىنى تاتىلاپ .
- بۇ يەردىكى ئەقىللىق ، تەپەككۈر قىلىش ئىقدىدارى يىتىشكەن، قانخور مەخلوق ، ئەگەردە بىزنىڭ پەرىزىمىز توغىرا بولسا ئۇ بىر تۈردىكى بىرلا مەخلوق بولماستىن ئۈچ تۈردىكى ئۈچ مەخلوق ، ئۇلار بىر - بىرىدىن ۋەھشى .
بىز بۇنداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قېلىشىمىزنى ئويلاپ باقمىغاچقا قارا تەرگە چۆمۈلگىنىمىزچە ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالدۇق. … داۋامى بار…