مەن كۆرگەن ئىككى ھەقىقىي ۋەقە
دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەسلى ھالىتى ۋە ياكى ماھىيتى ئادەمنى باشقىچە ئوي ۋە تۇيغۇ قوينىغا باشلاپ كىرىش بىلەن بىرگە كىشنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ تۇرمۇشتىن ئىبارەت چوڭ قامۇسقا بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردىكەن. تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ھىكايە ئارقىلىق سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىي دۇنياسدىن كىچىككىنە ئۆزگىچە پىكىر رۇجىكى ھاسىل قىلىنسائەجەپ ئەمەس . ::::
1
بىر كۈنى خىزمەتدىشىم بىلەن كەچلىك تاماقنى بىرگە يىمەكچى بۇلۇپ ،مىللي تائاملار كۆپرەك بىر كوچىدىكى ئاشپۇزۇلغا كىردۇق. ئىشتىن چۈشۈپ ، ئۆيلىرىگە ھەر خىل مۇددىئا بىلەن ھەر جايلارغا ئالدىراۋاتقان ھەرخىل ئادەملەر شەھەرنىڭ كەچكى مەنزىرسنى ،كوچا رەستلەرنى ئاۋاتلاشتۇرۋەتكەندى،قارىغاندا كەچلىك تاماقنى ئۆيدە جەم بۇلۇپ يىمەيدىغان قۇلاق كەستىلەر يالغۇز خىزمەتدېشىم ئىككىمىز بولمىساق كېرەك، تاماقخانا ئىچى لىققىدە ئادەم بىلەن تولغان ئىدى ، بىز ئامالسز بىرچەتتە تۇرۇپ تامىقى يىيىلىپ بولغانلارنىڭ ئۇرۇن بىكارلاپ، چىقىپ كىتىشنى ساقلىدۇق.
شۇ ئارىدا بىر ياش يىگىتنىڭ ياشانغان بوۋايغا تاماق يىگۈزۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم .يىگىتنىڭ سىپايلىق بىلەن ياشانغان بوۋايغا تاماق يىگۈزۋاتقىننى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم تەسىرلەنمەي قالمايتى، بۇلۇپمۇ يىگىتنىڭ ھەركىتىنىڭ شۇ قەدەر ئەپچىللىكى ،ھەر قۇشۇق تاماقتىن كىيىن بوۋاينىڭ ئېغىزنى ئەستايدىللق بىلەن سۈرتىشى ،بوۋاينىڭ تاماقنى رازىمەنلىك ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ھۇزۇرلىنىپ يىيشى ،،،،، شۇ دەقىقىدە كىچىكىمىزدە ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ قىززىق ئاشلارنى قايتا -قايتا پۈۋلەپ ،بىزلەرنى ئەركىلىتىپ تاماق يىگۈزگەن ھالىتى يادىمغا كەلدى ،،،،،،،،، بۇلارغا دىققەت قىلۋاتقان بىرنەچچە ئاياللار يىگىتنىڭ ۋاپادارلقىدىن سۆيۈنۈپ پاراڭ قىلشۋاتاتتى ، ھەجەپ ۋاپادار بالىكەن ھە تەلەيلىك بوۋايكەن ،شۇنداق ياخشى بالسى باركەن ،،،،،،،خىزمەتدېشىم ئىككىمىزنىڭ بىر كۆزى يەنىلا شۇ ئىككەيلەن ئىدى ،،بىز ئۇلارغا يېقىنلا يەردىكى بىكار بولغان ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇق
-دادا ،چاي ئىچەملا .
-بولدى ئچمەي ،جاپا سېلىپ قويدۇم، بالام .
-قوساقلىرى تويدىمۇ باشقا تاماقلردىن ئەكەلسۇنمۇ؟
-تويدوم بالام، ئەمدى بولسۇن.
-دادا، ئۆيلىرى نەدە ،مەن ئاپىرىپ قوياي.
ئالدىمىزغا تاماق تارتىلىپ قولىمىز چوكلارنى ئىشقا سېلۋاتقان بولسمۇ،ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئامالسز ئەدەپسزلىك بىلەن تىڭشاۋاتقان قۇلاقلىرىم بۇ ئىككەيلەننىڭ سۆزنى ئاپتوماتىك ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى . نىمە ؟ ئەسلدە بۇ ياشانغان كىشى بۇ يىگىتنىڭ تۇققىنى ئەمەسكەندە ،،،،
مەن ئىختيارسز كەينمگە قارىدىم. بۇ چاغدا يىگىت بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۇزۋاتقانكەن . بوۋاينىڭ بەل پۇتلىرى ئاغىريدىغان چېغى ، ھەركەتلىرى بىر بىرگە قولاشمايتى ، يىگىتنىڭ ياردىمدە ناھايتى تەستە تۇردى .
-دادا، ئۆيلىرى نەدە؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.
- بولدى بالام، تاماق پۇلى تاپشۇردىغان جاي نەدە؟
- نەدە مەن سىلىگە پۇل دىمسىەم يانلىرغا سېلىپ قويسلا.
بوۋاي ھاسسىنى توكۇلدۇتۇپ ئالدىرماي ئاشخاندىن چىقىپ كەتتى ،بىز ھەممىز بوۋاينىڭ كەينىدىن قاراپ قالدۇق ،كىيىن بىلسەك بۇ يىگىت مۇشۇ تاماقخاننىڭ خوجاينى ئىكەن ، ،،، ئەسلدە خوجايىن بۇ بوۋاينىڭ ئۆز ئوغلى بولغان بولسا ئەسلىدە بوۋايغا تاماق سۇنغان شۇ قوللار ئۆز پەرزەنتىنىڭ قولى بولغان بولسا، ئەسلدە بوۋاي ئاشپۇزۇلغا باللىرى بىلەن بىللە كىرگەن بولسا.. دوستلۇرۇم، يۆگەك قۇچاقلاپ يۈلەكسز قېلۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئۇلۇغ زاتلىرىمىز ئەسلدە كىملەر ئۈچۈن بىباھا قىممەتلىك ئىدى..
2
بۈگۈن ئەتتىگەن ئىشقا بېرىش ئۈچۈن بىكەتتە ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇراتتىم، ئەتتىگەنلىلك خىزمەت ۋاقتى بولغاچقا ،كوچىدا ئادەملەر كۆپرەك ئىدى تۇيۇقسز قول سومكامنىڭ بېغى ئۈزۈلۈپ كەتتى چېچىلغان نەرسىلەرنى ئالاي دەپ ئەمدە ئېڭىششىمگلا جەرت،،،،،،،،قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ئالە شەرىڭنى ،ما ئىشىنى ،،،،يۈزۈم شۇئانلا ئوت ئېلىشقا باشلىدى. كاللام قۇپقۇرۇق، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئويلاۋاتقىنىم پەقەت بىرلا < ئىشتىنىمنىڭ قايسى تەرىپى يىرتىلغاندۇ؟ كىملەر كۆرۈپ قالغاندۇ؟>. مەن يېنىمدىكى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن قىزغا ئەھۋالنى ئېيتتىم قىزچاق ھېچقانداق مەسىلە يوقلقىنى ئېيتتى. مەن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. ھچقانداق ئىش بولمىسا ئۇنداقتا ھېلىقى ئاۋازچۇ؟
بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىمدىكلەر يولنىڭ ئوتتۇرسنى شەرەتلەپ بىر نەرسىلەرنى دىيىشۋاتاتتى ، مەنمۇ ئۇلار كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ بويى پاكارراق، قۇرامىغا يەتكەن بىر ئوغۇل بالا يولنى ئىككى بۆلەككە بۆاۈپ تۇرغان رىشاتكىغا مىنىپ قالغاندى. يامان بولغىنى بويى پاكار بولغاچ يەرگە تۇللۇق دەسسيەلمەي قىيلىناتتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى يىگىت ئاق ئىشتان بۇلۇپ، ئىشتاننىڭ سۈكۈلگەن يۇچۇقتىن ئىچىدىكى كىيمىمۇ كۆرنۈپ قالغاندى. ئەسلىدە ھېلىقى ۋەھىملىك غەلتە ئاۋازنىڭ كىلىش مەنبەسى .....
شۇ ئارىدا مەن چىقماقچى بولغان ماشنا بىكەتكە كىردى. مەن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاران تەستە ئاپتۇبۇسقا چىقتىم. ئالدى تەرىپىمدە تۇرۋاتقان ئىككەيلەنمۇ باياتىنقى ئىشنى كۆرگەن بولسا كېرەك. شۇ ئىش ئۈستىدە پاراڭ قىلىشۋاتاتتى، ئارىسدىكى سېمىزرەك كەلگەن بىر ئايال سۆز ئېچىپ:
- توۋا دەيمەن بۇ زاماننىڭ باللىرىغا ،،رىشاتكىنى ئاتلاپ ئۆتۈش ناھايتى ئەخلاقسزلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ يەردىكى رىشاتكىنى ئاتلاپ ئۆتكۈچە ،ياش بولغاندىن كىيىن بەش - ئالتە قەدەم ماڭسلا يولدىن ئۆتۈش نۇقتسغا بارىدىغان تۇرسا ،،،ھەي مۇشۇ كۈنلەردە ئادەملەر نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتدىغاندۇ.
بۇ ئاچىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم. دىمىسمۇ ئاتايتەن كىشلەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەر بىر يۆل بۆلىكىدىكى رىشاتكىلارنى نەچچە يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرغان تۇرسا،،،،، ئەسلىدە ئىشتاننىڭ يىرتىلىشدىن ساقلىنىپ، رىشاتكىغا ئىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. بىراق يىگىتكە شۇ ئىككى قەدەم ئېغىر كەلدى.
... ئاقىۋەت ،،،ئەسلىدە ،،،،، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ،قېنى ئەمدى سز باھا بېرىپ بىقىڭ ، ئەسلدە نۇرغۇن ئىشلار ،نۇرغۇن ئىشلارنىڭ باشلىنىشى ،جەريانى ،نەتجىسى ئەسلىدە،،،،،
خ. چەشمە- 2015-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
1313 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 1:14:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|