تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 2 - باب 4 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

تەقدىر سىمفونىيەسى  
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئىككىنچى  باب : پويىزدىن باشلانغان قەدەم
تۆتىنجى قىسىم


مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ شۇنچە ھاياجانلانغان يۈرۈگۈمنى تۇتۋىلىپ شۈكرى دەپ تىندىم ئىچىمدە . ئالدىمدا بولسا رازىيە يول باشلاپ كېتىپ باراتتى. ئالدى تەرەپتە بولسا يىڭىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىۋاتقان بولۇپ ئادەم دىڭىزىغا ئايلانغان ئىدى .
 رازىيەنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن تەمتىرمەيلا تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرۋالدىم ھەمدە ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئىيتىپ ، كېيىن ئايرىم رەھمىتىمنى قايتا بىلدۈرىۋالىدىغان بولۇپ تىلفۇن نومۇرىنى سورىۋالدىم . دە يۈك – تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم . ياتىقىم ئىكىنچى قەۋەتتە ئىدى . ياتاققا كېرىپ ئورۇنلىشىپ بولغانلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن تىخى ئادەم ئورۇنلاشمىغان بىر كارۋاتقا يۈك – تاقلىرىمنى جايلاشتۇردۇم . بۇ جەرياندا ياتاققا مەندىن بۇرۇن كىرگەن ئۈچ نەپەر ياتاقدىشىم بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم . ئۇلارنىڭ بىرى ئەكپەر بولۇپ قەشقەر شەھىرىدىن ئىكەن ئۇ ، يۇمۇلاقراق كەلگەن ، ئۇستىخانلىق ، گەۋرى بالا ، يەنە بىرى كۇچادىن ، ئىسمى ۋەلىي بولۇپ ئۇ سەل ئورۇق ، يۈز شەكلى سەل سوزۇنچاقراق ئىدى . يەنە بىرى بولسا غۇلجىلىق قۇدرەت ، ئۇ سەل پاكاراق كەلگەن ، ئۆزىمۇ سەل ۋىجىك بالا ئىكەن . ئاخىرىدا مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ بىرلىكتە چىقىپ يىڭى مەكتىۋىمىزنى ئايلىنىپ كىرىش تەكلىۋىنى بەردىم ، ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ يىڭى تونۇشقان تۆت ياتاقداش يىڭى مەكتەپنى ئايلىنىشقا باشلىدۇ، قەدەمدەمدە بىر ئۇچراپ كىلىۋاتقان بىزگە ئوخشاش يىڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە ئوخشاش بۇ كاتتا بىلىم يۇرتىغا ھەۋەس بىلەن قاراشلىرى ، ئالدىراشلىق ئىلكىدە كىتىپ بارغان كونا ئوقۇغۇچىلار ، ئوقۇتۇش بىنالىرى ..... ئىشقىلىپ مەكتەپنىڭ شۇنچە چوڭ كۆلىمىدىن باشلاپ بىزنى قىززىقتۇرۋاتاتتى . بىز يىڭىدىن كەلگەچكىمقۇ ئىزىپ قىلىپ ياتىقىمىزنى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ كۆپ ئايلانمىدۇق . قايتىش يولىدا ئامىۋىي تىلفۇندىن قوشنىمىز مامۇت ئۇستامنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلدىم . بىچارە ئانام تۈنۈگۈندىن باشلاپ شۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە مېنىڭ تىلفۇن قىلىشىمنى كۈتۈپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغان ئىكەن . ئانام تىلفۇننى ئىلىپلا ئەسەدەپ يىغلاپ كەتتى ، ئانامنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ شۇنچە كۆڭلۈم يىرىم بولدى . ئانامغا ئەھۋالىمنىڭ ياخشىلىقى ، مەكتەپكە تىنىچ – ئامان ئورۇنلاشۋالغىنىمنى ئىيتىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدىم ، دە دادامنى سورۇدۇم . ئانامنىڭ ئىيتىشىچە دادام ئۆيگە تىلفۇن ئورنىتىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كىتىپتۇدەك . ئەتىلەردىن بىر تىلفۇن قىلىشىمنى ، شۇ ۋاقىتتا نومۇرىنى ئىيتىپ بىرىدىغانلىقىنى ، قوشنىلارنى ئاۋارەقىلىۋەرسەك ياخشى بولمايدىغانلىقى ئىيتتى . مەنمۇ ماقۇلىقىمنى بۈلدۈرۈپ قىمىغان ھالدا تىلفۇننى قويۋەتتىم . يىڭى ياتاقداشلىرىم مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . بىز ياتاققا قايتىپ كەلدۇق . قايتىپ كېلىپلا يىڭى ئىككى ياتاقدىشىمىز بىلەن تونۇشتۇق . ئۇلارنىڭ بىر سەل ئىگىزرەك كەلگەن ساقاللىق ئابدۇللا ئىسىملىك بالا ئىدى . يەنە بىرى بولسا ئاقسۇلۇق بىلالىدىن ئىسىملىك بۇرۇتلۇق بىر بالا ئىدى . ئۇلار بىلەن خۇشال ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ھەمىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشقۇل بولدۇق . ئارلىقتا غولجىلىق قۇدرەت ئىغىز ئىچىپ :
- دوسلا ھەمىمىز بىر ياتاقتا ياتىدىكەنمىز ، بەزىلىرىمىز بەلكىم بىر يىل ، بەزىلىرىمىز بەش يىل ساۋاقداش بولىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا بۇنىڭكدىن كىيىن چىقىشىپ بۇ يات شەھەردە يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ئۆتسەك . دەپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلدى . ھەمىمىز قۇۋەتلەپ رازىلىقىمىزنى بىلدۇردۇق . ئارقىدىنلا قۇدرەت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- مەن كىچىكىمدىن سەل ئەركە كۆنۈپ قالغان ، شۇڭىلاشقىمۇ تاماكا چىكىشتىن ئىبارەت  . بىر ناچار خۇيۇم بار شۇنى بىر توغرا چۈشۈنۈپ كەتسەڭلا . دىدى سالماق تەلەپپۇزدا . توۋا ، نىمانداق بالىدۇ بۇ دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە، مەن ئەزەلدىن شۇنداق چىكەرمەن – ئىچەرمەن بالىلار بىلەن ئالاقە قىلمايتىمىم ، ئالاقە قىلىشنىمۇ ئۆزۈمگە بىر ھاقارەت دەپ بىلەتتىم . شۇنداقتىمۇ ئىغىزىمنىڭ ئۇىدىلا ھە دەپلا قويدۇم . بىز يۇرتىمىز ، ۋە كەسىپ ئىشلىرىمىز تپغرىسىدا پاراڭلاشقاچ ئۇيقۇغا كىتىشتۇق .
بۇ كىچە سەپەر ھادۇقىمۇ ، ئىشقىلىپ شۇنچە قاتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن . كۆزۈمنى ئىچىپلا قارىسام ياتاققا كۈن چۈشۈپ كىتىپتۇ . مەن ئادەتتە ئۆيدە ۋاقتىمدا تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈپ بولىشى بىلەنلا تۇرۇپ كېتەتتىم . بۈگۈن شۇنچە كىيىن قالغانلىقىمدىن بىرخىل خىجىل بولۇپ ئورنىمدىن تۇردۇم ، ئەمما ياتاقتىكى مەندىن باشقا ھەمىسى ئۇخلاۋاتاتتى . مەن يۈز – كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولۇپ ناشتا قىلاي دەپ ئويلىدىم ، تۇيۇقسىز رازىيە ئىسىمگە كىلىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىۋىلىش ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى بىلىۋىلىش مەقسىتىدە كۆرۈشۈپ بىللە ناشتا قىلىشنى ئويلىدىم دە ، تۈنۈگۈن يىزىۋالغان تىلفۇن نومۇرىنى ئىلىپ ئامىۋىي تىلفۇننىڭ يىنىغا باردىم . بىرىپلا ئىختىيارسىز قوشنىمىزنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى بىسۋەتتىم . ھازىر ئەتىگەن بولغاچقا ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ قالغان ئىدىم . قايتا رازىيەنىڭ نومۇرىنى باستىم .
_ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم . ئۇ ھايال بولمايلا تىلفۇننى ئالدى . مەن ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتىمەن . قارشى تەرەپتىن يەنە ئاۋاز ئاڭلاندى :
_ ئەسسالامۇ -  ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ .
_ ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام ، ياخشىمۇسىز رازىيە؟
_ رەھمىتۇللا مۇ سىز ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز . قىزىق ، ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا تونىۋالدى دىسە .
_ ياخشى ، بۇگۈن ۋاقتىڭىز بولسا بىللە ناشتا قىلايلى دىگەن .
_ بولىدۇ ، مەن چىنىقۋاتقان ئىدىم تۈنۈگۈن تىزىمغا ئالدۇرغان بىنانىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ مەن ھازىر باراي . دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى .
_ ئۇھ ، مەن ئەمدى تۇرغان ، بۇ قىز چىنىقىۋىتىپتۇ ، ھەقىقەتەن يامانكەن جۇمۇ . دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . دە ، ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ ماڭدىم .
 ئۇ ئالىقاچان كېلپ بولغان ئىدى . ئۇ بۈگۈن چىرايلىققىنە تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان ئىدى . بىز بىرقۇر الاملاشقاندىن كىيىن مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدۇق . كېتىۋىتىپ ئۇ مەندىن نەرىلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بولغانلىقىمنى ، ياتاقداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى ، ئۆيگە تىلفۇن قىلغان ، قىلمىغانلىقىمنى سورىدى . مەن ھەمىگە لايىقىدا جاۋاپ بىرىپ ماڭدىم . راس گەپ قىلسام ئۇنى شۇنچە جانلىق ۋە ئىشلارنى ئەستايىدىل سوراشلىرىدىن بىرخىل ئەيمىنىپ قالغان ئىدىم .
  بىز تاماق يىيىشكەچ پاراڭلاشتۇق . ئۆيدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا يىگەن تۇنجى تامىقىم خىلىلا تىتىغان ئىدى . بۇ قىتىم ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۇ مىھمان قىلدى ۋە :
_ ئالدىرماڭ يارەي ، سىزگىمۇ بارەي دەپتىكەن ، كىيىنكى قىتىم قىلاسىز ، ھازىر مەكتەپ ئىچىنى بىرقۇر ئايلاندۇرۇپ قوياي . دەپ ئىلىپ ماڭدى . مەنمۇ ئىتائەتمەنلىك بىلەن مىڭىشقا باشلىدىم . ئۇ  ماڭغاچ  ئۇچۇرغان بىنالارنىڭ ئىسمىنى ، يوللارنىڭ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ، مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرىنى بىرقاتار ئىيتىپ بەردى ۋە بالىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئالاھىدە دىقەت قىلىشىم لازىملىقىنى ، ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئىشىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى . مەن ماقۇللۇق بۈلدۈرۈپ ماڭاتتىم ، چۈشەنمىگەن جايلىرىم بولسا ئاندا – ساددا سوراپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا جىملا ماڭاتتىم ، ئۇ مىنىڭ تارتىنىۋاتقىنىمنى بىلدىمۇ ، بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
 بىز خىلى كۆپ جايلارنى ئايلاندۇق ، ئۇ مەكتەپنىڭ ھەممە جايلىرىنى بىلەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ئايلىنىپ خىلى كۆپ جايلارنى بىلىۋالغان ئىدنىم . سائەتكە قاراپ توقۇز بوپ كەتكىننى بىلدىم دە رازىيەگە سىنىپقا چىقىدىغىنمنى ئىيتىپ ئۆزرە سورۇدۇم . ئۇمۇ قوشۇلدى ۋە :
- كەچلىك تاماقنى بىللە يەيلى ، يەنە ھىلىقى تىزىمغا ئالدۇرغان بىنانىڭ ئالدىدا كۆتەشەيلى دەپ مىنى يەنە تاماققا تەكلىپ قىلغان بولدى . مەنمۇ بۇ قىتىم رەھمەت ئىيتىۋالاي دىگەنى ئويلاپ ماقۇللۇق بۈلدۈردۈم .
ئىكىمىز خوشلۇشۇپ ياتتاققا قايتىپ كىردىم ، ياتاقداشلىرىم تۇرۇپ ئۆز ئىشلىرىنى قىلۋاتقان ئىكەن ئۇلاربىلەن بىرقۇر سالاملاشقاندىن كىيىن بىرلىكتە سىنىپقا چىقىپ ئالىي مەكرەپ ھاياتىمىزدىكى بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنىغا قاتناشتۇق . سىنىپ مۇدىرىمىز ياشقا چوڭ بىر خەنغۇ مۇئەللىم بولۇپ ، ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىدەك كۆرىنەتتى . ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى ۋە  ، مەكتەپ قائىدىلىرىنى سۆزلەپ خىلى گەپلەرنى قىلدى . ئۇنىڭ خىلى گەپلىرىنى چۈشەنگەن بولساممۇ لېكىن بەزىلىرىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم . شۇنداقتىمۇ يامىداپ يۈرۈپ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشۈنىۋالدىم . ئاخىرىدا ئۇ ئەتە ھەربىي مەشىق باشلىنىدىغانلىقى شۇڭا بۈگۈن قايتىپ ئەتىكى ھەربىي مەشىققە ياخشى تەيارلىق قىلىش لازىملىقى ئۇقتۇردى ۋە ئەتە ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى يەتتىدە مەكتەپ مەيدانىغا تىزىلىپ بولۇشنى ئۇقتۇردى .
  مانا شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز باشلاندى ...

     





114 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 16:41:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ