قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 23 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 23- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


- ئەمىسە، بىزنىڭ قەدىمىمىز بۇ يەرگە يىتىشىگىلا بىزنى كۆرۈپسىزدە،- دىدى تۇرغۇن ئەجەپلىنىپ .

ئەرۋاھ ئايال تۇيۇقسىز كۈلۈمسىرىدى - دە بېشىنى لېڭشىتىپ :

- سىلەر كىلىشتىن بۇرۇنلا ، بولۇپمۇ سىز كومزەكتىن خەرىتىنى تاپقاندىلا مەن بىلىپ بولغانمەن ، چۈنكى بۇۋىڭىز مېنى كۆرگەن .

- نىمە ، بۇۋام سىزنى كۆرگەنمۇ ؟- تۇرغۇن چۆچۈپ كەتتى ،- بۇۋاممۇ بۇ جايغا كەلگەنمۇ ، ئۇ سىزنى قانداق ، قاچان كۆرگەن ؟

- ئۇ ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقىتلىرى ئىدى ،- دەپ سۆزلەشكە باشلىدى ئەرۋاھ ،- بىر قېتىم يۇرتلارنى ئارلاپ كىلەي دەپ چىققانتىم ، بۇۋېڭىز ئوتۇن كەسكىلى موشۇ يېقىن ئەتراپقا كىلىپ قاپتۇ ، مەن ئۇزۇندىن يالغۇزچىلىق ، تەنھالىقتا زىرىكىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئوتۇن كىسىشىگە قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تىمەن ، تىتىك ئىدى ، قاراپ ئولتۇرىۋەردىم، مەن ئۇنى كۆرەتتىم، ئۇ مېنى كۆرەلمەيتتى، بىر چاغدا ئىسىمدە يوق گەپ قىلىپ تاشلاپتىمەن ئۇ قورقۇپ كەتتى، مەن ئۇنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئادەم شەكىلىگە كىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم، لېكىن ئۇ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىغىمنى ،ھەم بىر ئىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۈم، ئۇ شۇ قورقۇپ قېچىپ كەتكىنىچە نەچچە كۈنلەر ئاغرىپ ياتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ساقىيىپ يەنە كەلدى، مەن ئۇنىڭ ياردەم قىلىشىنى يەنە ئۆتۈندۈم، ھەمدە ياردەم قىلسا كۆپ بايلىق كۆرسۈتۈپ قويىدىغانلىغىمنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ يەنە قورقۇپ قېچىپ كەتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە كەلدى ، ياخشى يىرى ئۇ بۇ قېتىم قورقۇشنى تاشلاپ خېلى يۈرەكلىك بولۇپ كەلگەن ئىكەن، بىز پاراڭلاشتۇق، ئۇمۇ مېنى چۈشەندى، مەنمۇ ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇش خىيالىدا ئۇنىڭغا ھەممىنى دەپ بەردىم، ئۇ يول خەرىتىلىرىنى، شەھەردىكى مەخپي جايلارنىڭ ئورنىنى سىزدى، مەن ئۇنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن بايلىق بار جايلارنى دەپ بەردىم، لېكىن ئۇ شۇ كىتىپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار شۇ پېتى قېلىپ قالدى .

- ھە ، ئەمدى چۈشەندىم،- دىدى تۇرغۇن ، - لېكىن بىزنىڭ ئۇ خەرىتىنى كۆرگىنىمىزنى قانداق بىلىسىز؟

- بىزگە مۇناسىۋەتلىك گەپ ، ئىشلار بولسا بىز نەدىلا بولمايلى دەرھال بىلىۋالىمىز .

- ئەمىسە بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزدىن خەۋەرداركەنسىزدە ؟

- ھەممىسى ئەمەس ، ئاساسلىق سىلەرنىڭ پېيىڭلاردىلا يۈرۈدۈم ، چۈنكى بۇ ئىشقا سىلەرلا ياردەم قىلالايسىلەر .

تايىرلار ئۈندىمىدى. بۇنىڭدىن ئايال ئەندىشىگە چۈشۈپ تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ تىزلاندى :

- سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇڭلار ، ۋاقىت ئاز قالدى ، ئۇنى يوقاتساڭلار بۇ جايدىكى ئالۋاستىلار يوقىلىدۇ ، جىنلار ئىنسان بارماس جاڭگاللارغا ، چۆل - جەزىرلەرگە سۈرگۈن بولىدۇ ، ئۇ چاغدا مەنمۇ بېگىمنىڭ يېنىغا قايتالايمەن ، - ئۇ يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،- ئەگەردە ئالۋاستى كىتاپ ئۇيغانسا ھالاك بولىدىغان سىلەرلا ئەمەس ، نۇرغۇن ئىنسان ھالاك بولۇپ جىن - ئەرۋاھلار كۆپىيىدۇ ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىمەن ، پۈتۈن جاھان ئالۋاستى ، جىنلار خارابىسى بولىدۇ.

ئۇلار ئەرۋاھ ئايالنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇشلىرىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى، قوشۇلسا قانداق يوقۇتۇش تۇرماق ئۇ كىتاپنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ، يەنە ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئائىت ھېچنىمە بىلمەيتى .

- ئەگەردە ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتىمىز دىسەك قانداق قىلىشىمىز كىرەك ، ئاۋال ئۇنى تېپىشىمىز كىرەكتە ،- دىدى تايىر .

- بۇنىڭغا مەن ياردەم قىلىمەن ، سىلەردە ئۈچ ئاچقۇچ بارغۇ دەيمەن ، بۇ يەردە ئۈچ ئاچقۇچ بار ،- ئۇ سۆزلىگەچ ساندۇقنىڭ يېنىغا باردى ، - قوشۇلساڭلار بۇنى ئالىمەن، ئاندىن يەنە بىر تۇرالغۇدا ئالۋاستى كىتاپ ئۈيىنىڭ ئىچكى خەرىتىسى بار ، ئۇنىمۇ دەپ بىرىمەن .

- ماقۇل يوقۇتايلى، ئۇ سىز دىگەندەك ئالۋاستى بولسا چوقۇم يوقۇتۇش كىرەك ،- دىدى دىلبەر يىگىتلەر ئېغىز ئاچقۇچە ئوتتۇرغا چىقىپ .

- لېكىن ،- دىدى ئەرۋاھ ئايال ،- خەتىرى بەك چوڭ .

- قانداق خەتەرلەر بار ؟- تايىر بۇ ئەھۋالنى پەرەز قىلغان ئىدى شۇڭا ئالدىراپ سورىدى .

- ھازىر ئالۋاستى كىتاپ يېنىغا نۇرغۇن قوشۇن توپلىدى، ئۇ قوشۇن ئۇنى قوغدايدۇ، بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭ يېنىدىكى بۇ قوشۇن ، جىن - ئالۋاستىلار ، تېنىنى تاپالمىغان ئەرۋاھلار ، يەنى تېنىغا قايتقان جىنلار ، بۇ دىگىنىم ئىسكىلىتكە ئايلانغان تېنى بىلەن جەڭ قىلىدىغان ئەرۋاھلار ، يەنە قانداق ئالۋاستىلار بار ئۇنى تېخى مەنمۇ بىلمىدىم.

ئۇلار ئەرۋاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا پۇتلىرى يۇمشاپ قالدى، كىممۇ قورۇقمىسۇن ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بىر توپ قورقۇنۇچلۇق ئالۋاستىلار ئۇلارنى ھەر تەرەپكە تارتىپ پۇت - قوللىرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ غاجاۋاتقاندەك ، قوللىرىنى كۆزلىرىگە تىقىپ كۆز ئالمىلىرىنى ئويۇپ ئېلىۋاتقاندەك خىياللار ئەكىس ئېتىپ كەتتى.

- ئەمىسە ،- دىدى ئىسكەندەر بىر ئىشنى ئەسكە ئېلىپ ،- بىز كەلگەندە بۇ ئەتىراپ نۇرغۇن ئىسكىلىتلار بىلەن تولۇپتىكەن ، بىر قۇيۇندا يوقاپ كەتكەنتى ، دىمەكچى بولغىنىڭىز، شۇ ئىسكىلىتلار ھازىر بىر قوشۇن بولۇپ بوپتىدە .

- توغىرا ، سىلەر كەلگەندىن كىيىن ئالۋاستى كىتاپقا كىرەك بولغان قان بىلەن تەن تەل بولغاچقا ئۇ تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان .

- بىر ئىشنى چۈشەنمىدىم ،- دىدى تايىر ،- ئالۋاستى كىتاپ ئۆزىگە لازىملىق قان بىلەن تەننى نىمىشقا ئالۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ باشقا جايلاردىن تېپىپ كەلمەيدۇ ، ئۇنداق بولغاندا ، ئۇ بالدۇرلا ئۇيغىنالايتتىغۇ؟

- بۇ ئويلىغىنىڭىز توغرا ،- دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئەرۋاھ ،- ئەسلى ئالۋاستى كىتاپ ئەپسوندا نەزەربەنىت قىلىنغان ئىدى، ئۇ ساقلىنىۋاتقان ئۆي يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇپۇراپ ئۈستىدىن بىر تۈشۈك ئېچىلىپ قالدى ، بۇ تۈشۈكتىن چۈشكەن ئاي نۇرى ئالۋاستى كىتاپنىڭ ئۈسىتىگە توغرا كىلىپ قالغاچقا ئۇ كۈچكە كىرىپ ئەپسوندىن بوشۇنىشقا ئاز قالدى، بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كىلىشىڭلەرگە ئۇدۇل كەلگەچكە ئۇنىڭغا كىرەك نەرسىلەر تەل بولۇپ بولدى، ئەمدىكى مەسىلە دەل ئاينىڭ تولىشى .

- بولدى قوشۇلدۇق ،- دىدى تايىر بىلەن تۇرغۇن دەرھال ،- ئاچقۇچلارنى ئېلىڭ، ئۇنى يوقۇتايلى، بولمىسا بىزمۇ ھالاك بولغۇدەكمىز ، ئالۋاستى كىتاپ قول سالغۇچە بىز ئاۋال قول سالايلى .

ئەرۋاھ ئايال تاش ساندۇقنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ ئىچىدە بىر نىمىلەرنى ئوقۇشىغا تاش ساندۇقنىڭ ئېغىزى خۇددى بىرسى كۆتۈرگەندەك ھاۋادا لەيلەپ تۇختاپ قالدى .

- قېنى سىلەر ئېلىڭلار ،- دىدى ئۇ ،- ئەرۋاھلار بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇت بولىۋاتقان ھەرقانداق نەرسىنى تۇتالمايدۇ، ئالالمايدۇ .

تايىر بېرىپ تاش ساندۇقنىڭ ئىچىگە قارىدى، ساندۇق ئىچىدە چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ تۇرغان يىرتقۇچ بۆرە شەكىللىك، تېرناقلىرىنى پاقىرتىپ ئېغىزىنى يۇغان ئاچقان ئېيىق شەكىللىك، يەنە بىر كىچىك شەمشەر شەكىللىك ئۈچ تال ئالتۇن ئاچقۇچ پاقىراپ تۇراتتى. تايىر بۇ ئۈچىسىنى يەرگە قويۇپ، قوينىغا تىقىپ ساقلاۋاتقان ئەجدەرھا، سۇمۇرۇغ، ئىسكىلىت ئاچقۇچلارنى چىقىرىپ بۇلارغا قوشتى، باشقىلارمۇ بۇلارغا قىزىقىپ ئۇنىڭ ئەتىراپىغا توپلاشتى .

- بۇلار توشتى ، ئالتە ئاچقۇچ دىگىنى موشۇلاركەن ،- دىدى ئۇ ئۇلارنى بىردىن - بىردىن ئېلىپ ئۆرۈپ - چۆرۈپ تەپسىلىي قارىغاچ، لېكىن بۇ زادى نىمىنىڭ ئاچقۇچى ، قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

- بۇلارغا سەل قارىماڭلار ،- دىدى ئەرۋاھ ،- بۇلارغا ئەپسۇن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلار ئۆزى كىرەكلىك قۇلۇپ بىلەن ئۇچۇراشقاندىلا ھەركەتكە كىلىدۇ، بۇلارنىڭ قۇلۇپلىرى ھېلقى غەلىتە ئۆينىڭ ئىچىدە .

- ئەمدى خەرىتىنى قانداق تاپىمىز ؟- سورىدى تۇرغۇن .

- ئۇ جاينى مەن بىلىمەن ، مەن ئىزدەپ تېپىپ ئورنىنى كۆرۈپ قويغان، سىلەرنى باشلاپ باراي، لېكىن سىلەر بۇ ھالەتتە سىرتقا چىقساڭلارلا ئالۋاستىلارنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر، ئاۋال قوراللىنىڭلار ، مەن سىلەرنى قوراللاندۇراي.

ئەرۋاھ ئايال شۇنداق دىگىنىچە تام تۈۋىگە بېرىپ ئىچىدە يەنە بىر نىمىلەرنى ئوقىۋېدى بىر ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ ئىشىكتىن ئىچىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن باشقىلارمۇ ئۇ جايغا كىرىشتى. ئۆيدە بىر نەيزە، ئىككى شەمشەر ، ئىككى قالقان ، بىر ئوقيا تۇراتتى.

- بۇلارنى ئېلىڭلار ، بۇلارغا ئالۋاستىدىن ساقلىنىش ئەپسۇنى ئوقۇلغان ، شۇغىنىسى دىققەت قىلىڭلاركى بۇلارغا بىر تامچە قېنىڭلار تېمىپ قالسىلا خاسىيىتىنى يوقىتىدۇ، بۇلارنى ئېلىپ سىرتقا چىقايلى، خەرىتىنى قولغا چۈشەرمىسەك بولمايدۇ ، كىم بىلىدۇ ئالۋاستى - جىنلار ئاللىقاچان ئۇنى قوغداشقا ئۆتتىمۇ تېخى.

ئۇلار ئەرۋاھ ئايالنىڭ يول باشلىشى بىلەن يەر ئاستى ئۆيىدىن سىرتقا چىقتى، شەمشەردىن بىرنى تايىر ، بىرىنى سەمەت ، ئىككى قالقاننى ئىككى قىز ، ئوقيانى تۇرغۇن، ئىسكەندەر نەيزىنى ئېلىشقان ئىدى، ئۇلار سارايدىن چىقىپلا ئەرۋاھ ئايال دىگەندەك غەلىتىلا ئەھۋالغا دۈچ كەلدى، ساراينىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدە ئورۇقلىغىدىن ئىسكىلىت بولۇپ قالايلا دىگەن ، چىراي - بېشىدىن بالىغا ئوخشايدىغان، ۋېجىك، شۇنداق جانسىز ، كۆزلىرى ئارانلا پىلدىرلاپ تۇرىدىغان قىپ - يالاڭغاچ مەخلۇقلار ئۆمىلىشىپ يۈرەتتى .

- دىققەت قىلىڭلار ،- دىدى ئەرۋاھ ئايال ئەسكەرتىپ ،- بۇلار بەك خەتەلىك ، جىن - ئالۋاستىلارنىڭ بىر تۈرى ئىسمى ئىمىسپىيون دىيىلىدۇ، بۇلار بەكلا ئاجىز كۆرەنگىنى بىلەن بىر يىرىڭلارنى تۇتىۋالسا بولدى تۈگەشكىنىڭلار ، ئۇ چاغدا سىلەر ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشكەن بولىسىلەر . ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى بۇ گەپتىن جىغىلداپ كەتتى، بۇ چاغدا ئاسماندا قارا بۇلۇتتەك ئۇچۇپ يۈرىگەن بىر توپ شەپەرەڭ پەيدا بولدى .

- ئەمدى موشۇ يەردە تۈگىشىمىزمۇ قانداق ؟- دىدى ئىسكەندەر .

بۇلا ئەتراپتىن كىلىۋاتقان ۋەھىمىگە قاراپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قېلىشتى، ئۈلۈم ئۇلارغا ئېغىزىنى شۇنداق يۇغان ئېچىپ قىستاپ كەلمەكتە ئىدى .

بۇلار بۇ ئۈلۈمدىن قۇتۇلالامدۇ ، بۇ ئالۋاستىلارنىڭ يېنىدا ئۇلار بىر چۆمۆلە ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئالۋاستى كىتاپتىن غالىپ كىلەلەرمۇ ؟ داۋامىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1599 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:49:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ