بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 7 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 7 - قىسىم


   مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش قارارىمغا كىلىپ ئۇنىڭدىن نارازى بولغىنىمنى پەرىگە تېلفون قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى تېلفوننى ئۇردۇم  ھەم ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا ئالاقىمىزنى ئۈزدۇق .
شۇنىڭ بىلەن مەن قايتا قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئازابىمنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن باشقا ناھىيەگە بېرىپ خىزمەت قىلىش قارارىمغا كەلدىم .
تۇنۇشلىرىم ئارقىلىق بىر ناھىيەگە بېرىپ  خىزمەت قىلدىم .
ۋاقىت ئۆتتى ، ئەمما ئۇنى ئۇنتۇش مۇمكىن بولمىدى مەن خاتا قىلدىم دىگەن ئىدىيە مەندە شەكىللىنىپ قالدى .
كۈندىن كۈنگە ئازابىم ئېغىرلىشىپ كەتتى ، باشقا خىزمەتداش قىزلار بىلەن تۇنۇشتۇم نەچچىسى مىنى ياختۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى ھەمدە تەلەپمۇ قويدى نەچچىسنى رەت قىلدىم كۆڭلۈمدە بوش ئورۇن يوقلىقىنى مەن ياخشى كۆردىغان ئادىمىمنىڭ بارلىقىنى دىدىم بەزلىرگە پەرى بىلەن بولغان ئىشلىرىمنى ھەم ئۇنى ياخشى كۆردىغىنىمنى ھەتتا ئۇنى ساخلايدىغانلىقىمنى دىدىم ئۇلار توغرا چۈشەندى بەزلىرى مەندىن نارازى بولدى .
مەندە نىمە ئامال بولسۇن ساختا كۆڭلۈم بىلەن باشقىلارنى ئالدىسام دىلىغا ئازار بەرسەم مەنمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ئوينىشىدىغان شەخسىيەتچى بۇلۇپ قالمامدىم .
لىكىن پەرىگە بولغان سېغىنىشىم كۈندىن كۈنگە كۈچەيگىلى تۇردى مەنمۇ كۈندىن كۈنگە چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ ماڭدىم يالغۇزلۇقنى جىمجىتلىقنى خالايدىغان بۇلۇپمۇ قالدىم .
شۇ كۈنلەردە بىر خىزمەتداش قىز ماڭا كۆڭۈل بولىدىغان كۈيۈنىدىغان بۇلۇپ قالدى ماڭا تۇيدۇرماي كىر -قاتلىرىمنى يۇيۇپ ياتاق ئۈيۈمنى تازلاپ رەتلەپ قۇياتتى .
مەن ئەزەلدىن ياتاق ئۆيۈمگە قۇلۇپ سالمايتىم خىزمەتكە چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ ياتاق ئۆيۈم ئوچۇق تۇراتتى ئىشىكنى يېپىپ قۇيۇپلا چىقىپ كىتەتتىم .
ھەمدە ياتاق ئۈيۈمگە يات كىشلەر كىرمەيتى ، باشقۇرۇش تۈزۈم چىڭ بولغاچقا ھەمدە ساپالىق كىشلەر بولغاچقا باشقىلارنىڭ يىڭنىچىلىك نەرسىسىگە كۆز قىرنىمۇ سالمايدىغان كىشلەر بار ئىدى شۇڭا كۆپ قىسىم خىزمەتداشلار نىڭ ياتاق ئۆيى ئوچۇق تۇراتتى شۇڭلاشقا ئۇ قىز ھېچكىمگە كۆرۈنمەستىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشلىرىمنى قىلىپ قۇياتتى دائىم ئىشتىن چۈشۈپ ياتىقىمغا كىرسەم يۇيۋېتەي دەپ ئايرىپ قويغان كىرلىرىم ۋە ياتاق ئۆيۈم پاك پاكىز ئازادە بۇلۇپ قالاتتى كىرىپلا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى ھەم كىمنىڭ بۇنداق قىلىپ قويغىنىغا ھەيران قالاتتىم كىمنىڭ قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالاتتىم ، بىر كۈنى بالدۇراق ئىشتىن چۈشۈپ ياتىقىمغا كىرسەم بىر قىز كارۋىيىمنى رەتلەۋاتاتتى ئارقىسىدىن كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي كىم بۇلسىز دىسەم ئۇ قىز قىلۋاتقان ئىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ قالدى، كەچۈرۈڭ مەن ھەيران قالدىم سىز بۇ ياتاققا خاتا كىرىپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟
دەپ سورىدىم ئۇ قىز خىجىل بولدىمۇ گەپ قىلماي جىممىدە تۇرۇپ قالدى .
مەن ئاستا ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ ياققا قاراڭە دىسەم ئۇ قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپ مەن تەرەپكە قاردى مەن ئۇ قىزنى كۆرۈپ بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان قىز يەنى زۇلپىيەم ئىكەنلىكىنى بىلدىم ئۇ قىز چىرايلىق ئەدەپ ئەخلاقلىق جىمغۇرراق قىز ئىدى باشقا خىزمەتداش ئوغۇللارنىڭ ئۇ قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرگىننىمۇ بىراق نەچچىسى تەلەپ قويسا ياكى ئالاقىلشىش نۇمۇرنى سورىسا دەككىسنى بېرىپ يولغا سېلىپ قويغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم .
ئۇ قىزنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم ھەتتا ئىشىغا ياردەملەشكەن ۋاقتىممۇ بولغان بىراق سەپ سېلىپ ئۇ قىزغا قاراپ باقمىغان ئىكەنمەن،.
ھە راسلا خاتا كىرىپ قاپسىزدە كىمنىڭ ياتىقىنى تازلاپ بەرمەكچى ئىدىڭىز مەن كۆرسۇتۈپ بېرەي ياردەملىشىپ تازلىشىپ بېرەي ياتىقىمنى تازلاپ شۇنداق ئازادە قىلۋېتىپسىز دىدىم .
ئۇ قىز -ياق خاتا ئەمەس دەپ يۈگرۈپ چىقىپ كەتتى .
ئاستا كىلىپ كارۋېتىمدا ئولتۇردۇم نىمىشقا بۇنداق قىلدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاندىم بولدىلا ئارتۇق خىيال قىلماي دەپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ كومپىيوتىرىمنى ئاچتىم ئېچىپ كىيۇ كىيۇرمنى ئاچتىم قارسام ئارزۇيۇم دەپ بىرى كىرىپ قاپتۇ .
كىمدۇ دەپ ئۇچۇر ياززدىم ،-كىمۇ ؟ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇچۇر كەلدى ،مەن زۇلپىيەم دەپتۇ .
ھە!سىزمىدىڭىز دىسەم ھەئە كەچۈرۈڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي كومپىيوتىرڭىزنى ئاچتىم ھەمدە كىيۇ كىيۇرىڭىزنىمۇ ئاچتىم ھەم سىز يازغان خاتىرلىرڭىزنىمۇ ئوقىۋالدىم ئوقۇماي دىگەن لىكىن رەتلەۋېتىپ قولۇمغا چىقىپ قالدى ئوقۇماي دىسەم ئوقۇپ بېقىش قىزغىنلىقىم مىنى مەجبۇر قىلدى ھەممىنى ئوقۇپ بولدۇم مىنى كەچۈرۈڭ دەپتۇ .
مەن بوپتۇ بەرىبىر ئوقۇپ بوپسىز ئەمدى سىزدىن خاپا بولساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ مەن بۇ ئىشنى بىلمىگەن بۇلاي دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم.
كىيىن قانداق بولغاندۇ ؟قىزىقسىڭىز كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ !
     





611 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-20 2:27:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ