تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدا ئاز بولمىغان ئاشىق- مەشۇقلار بار ئىدى ، لىكىن بۈگۈنى قارىساق ئىنتايىن خوشال خورام ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا كۆزلىرىنى قىزارتىشىپ ئايرىلىپ كىتىشكەن . نىمىگە ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى سورىسىڭىز ئۈزلىرىنىڭ چىقىشالمىغىنىنى ، دائىم گەپ تالىشىپ قالغاندا قارشى تەرەپنىڭ يول قويمايدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر .
ئەنە شۇنداق تىراگىدىيەلەرنى تولا كۆرۈپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنمۇ بولدۇق. ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەنلەر داۋاملىق مەكتەپ بوسۇغىسىدا پىرقىراش بىلەن ئاۋارە بولساق ،ئۆتەلمىگەنلەر ئاستا ئاستا جەمئىيەت قۇينىغا سىڭىشىپ كەتتى ،بەزىلىرىنىڭ تويلىرىنىمۇ ئوينىغان بولدۇق .
ھەر تەتىلدە بىللە تاماق يەپ ،ئويناپ دىگەندەك بىر يەرگە يىغىلىشىپ ھال مۇڭ بولۇشۇپ ، ھەرخىل تىمىلار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشىپ گەپلىرىمىز تۈگىمەي قالاتتى، ئەلۋەتتە ئەڭ موھىم تىما يەنىلا دوسلانىڭ مۇھەببەتنى ، تۇي قىلدىغان يىگىتنى قانداق تاللاش ئۈستىدىكى مۇلاھىزە ۋە تەجىربە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشلىرى ئۈستىدە بولاتتى .
ھەر قىتىمقىسى ئوخشاش يەكۈن، ئۆز يىشى بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەر بىلەن يۈرۋاتقان -توي قىلغان دوسلىرىمىزنىڭ تۈگمەس قاخشاشلىرى بىلەن ئاخىرلاشسا ، ئۆزىدىن چوڭراق ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمىشى ، يولدىشى ياكى مۇھەببىتىنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك ئىززەتلەپ ، خۇددى كىچىك باللانى ئەكىلەتكەندەك ئەكىلتىپ ھەممە ئىشتا يول قۇيىدىغان بەختىنى كۆز- كۆز قىلىشلىرى بىلەن ئاخىرلىشاتتى .
خۇلاسە كالام، شۇنىڭدىن كىيىن مەن دائىم ئوغۇل دوست تاپسام چوقۇم ئۆزۈمدىن چوڭراق بىرىنى تاپىمەن دەپ ئويلايدىغان بولدۇم ،شۇڭا مىنى قوغلاشقان يىگىتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم مەندىن چۇڭ بولىشى شەرت ئىدى .
مانا نۇرغۇن قىتىملىق تاللاش شاللاشلاردىن كىيىن ئاخىرى مەنمۇ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان <<ئاكا مۇھەببىتىم>>نىمۇ تىپىپ چىقتىم.
مەن يۇرتىمىزدىن يىراقراق يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقويتۇم ، ئۇ بولسا يۇرتتا يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى ، ھەقىقەتەن بۇ <<ئاكا مۇھەببىتىم >> بىلەن ناھايىتى كۈڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتىم. مەن قانداق پىكىردە بولسام ئالدىن ئويلىشىلىدىغان ، ئۇششۇقلۇق قىلساممۇ ، ئورۇنسىز خاپا بولساممۇ يەنىلا <<ئاكا مۇھەببىتىم>>نىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن يول قويۇشلىرى بىلەن ئاخىرلىشاتتى ، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بىرەر قىتىممۇ قاتتىقراق سوقۇشۇپ تەگىشىپمۇ قىلىشمايتتۇق . مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىدىم گەرچە ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى مەندىن مەمنۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلمىسەممۇ لىكىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان ھىسياتىنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايتتى .
كىچىكىمدىن بىر تال قىز دەپ ئەتىۋارلىنىپ ، ئۇنىڭغا قىتىلىپ مەھەللىدە ئوغۇل بالىلار بىلەنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان مەندەك ھەم ئەركە ، ھەم ئەكەك -سەدەك قىزنىڭ مىجەزىگە كۆنمەكمۇ بەس مۈشكۈل ئىدى، مۇشۇ ئوغول بالدەك مىجەزىم سەۋەپ مەن بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشنىمۇ بىلمەيتىم ، مۇشۇ ئەكە مىجەزىم سەۋەپ ھەممە ماڭا يول قويۇشى كىرەك دەپ ئويلايتتىم ، بەزىدە ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىتىراپ قىلغۇم كەلمەيتتى .
شۇنداق قىلىپ مەكتەپتە ئازراقلا بىسىمغا ئۇچراپ كۈڭلۈم يىرىم بولسىلا ئاچچىقىمنى ئۇنىڭدىن چىقىراتتىم، ئۇ ماڭا بەك ۋاي دەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمنى بەك چوڭ تۇتاتتىم ، بىرەر قىتىممۇ ئۇنىڭغا بولغان ساپ ھىسياتىمنى ئىپادىلىمەيتتىم ، ئىپادىلىمىدىم دىگەندىن دۆتلۈك قىلىپ ئىپادىلەشنى بىلمىدىم دىسەممۇ بولدۇ. باشقا قىزلاردەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىشنى بىلمىسەممۇ،ئورۇنسىز جىدەل تىرىساممۇ ، ئۇ بىرەر قىتىممۇ مەندىن رەنجىمەيتتى ، ھەر قىتىم <<بوپتۇلا قانداق قىلاتتىم كىم ماڭا سىنى ياخشى كۆرۈپ قال دەپتىكەن >> دىيىشى بىلەن ئورۇشىمىز تىنىج يول بىلەن ھەل بولاتتى .
ئىككى يىلمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى ،ھازىر ئۇنى خاپا قىلسام ئۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كىتەتتى ، بۇرۇنقىدەك خاپا بولۇشۇپ قىلىپ يىرىم سائەتكىمۇ قالماي تىلفۇن قىلدىغان-ئۇ ،مەيلى خاتالىق مەندىن ئۆتسۇن ئاۋۋال كەچۈرۈم سورايدىغان ئۇ بارغانسىرى ئىغىر بىسىقلىشىپ ، سوقوشۇپ قالساق قاتتىق ئۇھسىنىپ << ئەگەر توي قىلىپ قالساقمۇ مۇشۇنداق تەتۈرلۈك قىپ تۇرىۋالاسەنمۇ ؟ >>دەپ قويدىغان ، ئۇنداق چاغلاردا ئالدىراپ تىلفۇن قىلمايدىغان بولۋالدى . بەلكىم مەندەك تەنتەكنى جىقراق ئويلانسۇن ، چوڭ بولسۇن دىگەندۇ .
لىكىن مەن يەنىلا ئەنسىرەپ قالمەن، سەۋىرنىڭمۇ چىكى باردە ، <<ئاكا مۇھەببىتىم>> ياق مۇھەببەتلا ئەمەس دادام ۋە ئىككى قىرىندىشىمدىن قالسىلا مىنى چىن يۈركىدىن خۇددى ئۆز سىڭلىسىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغان ھامىيرىمنىڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىشىدىن ، مىنىڭ مۇشۇ مىجەزىم سەۋەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن بەكمۇ قورقىمەن ، مەن تىرىشۋاتىمەن ياخشى بولۇشقا ، ئۇنىڭ كۈڭلىنى چۈشىنىدىغان ، دەردىگە دەرمان بولالىغۇدەك ، كۈڭلى ئازار يىگەندە كۈڭۈل يارىسىغا مەلھەم بولغۇدەك ياخشى ھەمرا بولۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىمەن ،لىكىن ئويلاپ قالىمەن ئۇنىڭ مەندىن باشقىمۇ باش قىتىنچىلىقى ، دەردى بارمىدۇ دەپ .
مەن قانچە خاتا قىلساممۇ ،ئۇ بىرەر قىتىم يۈركۈدىن چىقىرىپ ۋايساپ باقمىدى ، خۇددى دادام ئائىلە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپالىق كۈرەش قىلىشنى مەجبۇرىيەت بىلگەندەك ،مەندەك بىر تەنتەكنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ ئاخىرغا ئۈزۈپ چىقىشنى خوشاللىق دەپ بىلدى .
مەن داۋاملىق ئۇنى خاپا قىلىشنى سۈننەت دەپ بىلسەم ،كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرۋىتىشنى ئۇ پەرھىز دەپ بىلدى .
ئاتا -ئانامنىڭ بالىسى بولغۇنۇمنى بىرىنجى بەختىم دىسەم ، ئۇنىڭغا يولۇققۇنۇم ئىككىنجى بەختىم ۋە بەلكىم ئەمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىممۇ دەل -ئۇ .
مىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك <<ئاكا مۇھەببىتىم >> سىزدىن چىن كۈڭلۈمدىن مىننەتدارمەن ، قولۇمنى ھەرگىز قويۇۋەتمەڭ ………