قاراڭغۇ ئورمان 23- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 23— قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

ئەتىسى ئۇچار جىسىمدا پەرىدە ، مەپتۇنئاي ، ھامۇتئاخۇن ئاكا ، ھەم قارا كىيىملىك چەۋەندازدىن بىرنى قويۇپ، تەتقىقات مەركىزىگە بېرىپ ئۇچار جىسىمغا كىرەكلىك ئۈسكىنىنى ئېلىپ چىقىشقا ئاتلاندۇق. پەرىدە كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قىيالمىغان نەزەردە، ئەندىشە بىلەن مېنى ئۇزاتتى، مەن مېڭىۋېتىپ كەينىمگە قارىدىم ئۇنىڭ كۆزلىرى ياشقا لىق تولغان ئىدى ، ئۇ مېنىڭ كۆرۈپ قېلىپ ئازاپلىنىشىمدىن ئەنسىرگەندەك ئوغۇرلىقچە يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ۋاقىردى :

 - سىزنى كۈتۈپ تۇرىمەن!!!

 مەن نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بېرىپ مېڭىشنى ئويلىساممۇ يۈرۈگۈمنى پىچاقتا تىلغاندەك ئازاپلىنىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي پەقەت بېشىمنى لېڭشىتىپلا قويدۇم ، كۆڭلۈمدە « ئاھ خۇدا ئۇنى يەنە كۆرۈشكە نىسىپ قىغايسەن» دىگەن نىدا ئەكىس ئىتەتتى. باشقىلارمۇ ئىشىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى، ساق - سالامەت قايتىپ كىلىشىمىزنى تىلەپ قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇپ قويۇشتى.

 تاڭنىڭ ساپ ھاۋاسى دىماققا ئۇرۇلاتتى ، ئەتىراپ شۇنداق تىمتاس بولۇپ ئالدىدا قارا كىيىملىك چەۋەنداز ، ئۇنىڭ كەينىدىن مەن، مېنىڭ كەينىمدىن باشقىلار قاتارلىشىپ كىتىپ باراتتۇق، قارا كىيىملىك چەۋەندازنىڭ قورالى ئۇچىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق باشتىن قانداقتۇ قىزىل ، يېشىل سىگنال چىراقلىرى يېنىپ تۇراتتى ، بىزمۇ لىق ئوق قاچىلانغان قوراللىرىمىزنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئېچىپ، يېنىمىزغا ئېسىۋالغان تاپانچا ، پىچاقلارنى بىر قۇر تۇتۇپ بېقىپ كۆڭلىمىز خېلىلا توق ئىدى .

- خاتىرجەم بولۇڭلار ، بىز ھازىر بىخەتەر رايوندا ، خەتەرلىك رايونغا تېخى كىرمىدۇق ،- دىدى قارا كىيىملىك چەۋەنداز بىزنىڭ جىددىيلەشكەن كەيپىياتىمىزغا قاراپ بېقىپ .

بىز مەخلوقلاردىن ئايرىلغان مۇداپىئە پەردىسىنى كۆرەلمىگەچكە ، ئورنىمىزنىڭ بىخەتەرمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيتتۇق.

- ئەمىسە خەتەرلىك رايونغا كىرگەندە ئەسكەرتىپ قويۇڭ ،- دىدىم مەن ، - بىز پەرىقلەندۈرەلمەيمىز .

 ئاسمانپەلەك ئۆسكەن غەلىتە، قېلىن دەرەخلەر بىلەن تولغان بۇ قاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە قانداقتۇ بىر خىل ۋەھىمە ،بىر خىل سۈر يېغىپ تۇراتتى، ئەتىراپتىكى جىمجىتلىقتىن پەقەتلا بىزنىڭ ئاياق تىۋېشىمىزلا ئاڭلىناتتى . بىز يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كىيىن قارا كىيىملىك چەۋەنداز بىردىن توختاپ بىزگە ئالدىمىزنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈردى :

- مانا بۇ مۇداپىئە توسىقى پەردىسى ، بۇ جايدىن ئۆتسەكلا خەتەرلىك رايونغا كىرىمىز .

 ئۇ شۇنداق دىگەچ قولىدىكى قورالىنىڭ بىر كونۇپكىسىنى باستى ،كۆز ئالدىمىزدا تۇيۇقسىز چاقماق ئۇچقۇنلىرىدەك نۇرلار تورسىمان ھالەتتە چاقناپ بىر تام ھاسىل قىلدى -دە يولىمىز تەرەپتىن بىر يوچۇق ئېچىلدى . قارا كىيىملىك چەۋەنداز يوچۇقتىن چىقىپ بىزنىمۇ مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك رايونغا قەدەم باستۇق .

 - دىققەت قىلايلى ، يېققىن ئارلىقنى ساقلايلى !- دىدىم ھەمىراھلىرىمغا ئەسكەرتىپ ، - ھەر ۋاقىت خەتەرگە ئۇچۇرشىمىز مۇمكىن.

مەن ئەسكەرتمىسەممۇ ھەمىراھلىرىم يولغا چىققاندىن باشلاپلا جىددىيلىشىپ كىتىۋاتاتتى . بىز ئىلگىرلەپ تاغدىن پەسكە چۈشىدىغان يانتولۇققا يىتىپ كەلگەندە ، ئورمان ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، قاياقتىن كەلگەنلىگى نامەلوم كۆكۈچ رەڭلىك تۇمان ئەتراپنى قاپلاپ قاراڭغۇ كۆرىنىۋاتقان ئورماننى تېخىمۇ غۇۋا ، تۇتۇق كۆرۈنىشكە باشلىدى. بىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەنسىزلىككە چۈشۈشكە باشلىدۇق ، بۇنداق بولغاندا يىرتقۇچلار يېنىمىزغا كىلىپ بولغىچە كۆرەلمەيتتۇق . يانتو داۋاندا ئاللىقانداق ئىسكىلىتلار چېچىلىپ ياتاتتى ، ھەتتا بەزى ئىسكىلىتلار شۇنچىلىك يۇغانكى شەكلىدىنمۇ قانداق مەخلوق ئىكەنلىگىنىنى بىلگىلى بولمايتتى .

 - موشۇنداق يۇغان مەخلوقنىمۇ ئۆلتۈرۋەتكۈدەك يەنە قانداق نەرسە باردۇ ؟- روشەنگۈل بۇنىڭدىن چۆچۈپ قالغاندەك قىلاتتى .

- ھېلقى قۇڭغۇزلار يەپ تاشلىغانمىدۇ ؟- دىدى قاھار ،- چۈنكى ئۇ ھەرقانداق جانلىقنى بىردەمدە ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇپ قويالايدىكەن ئەمەسمۇ .

 مەن ئىسكىلىتقا تەپسىلى قاراپ باقتىم ، ھەقىقەتەن بۇ مەخلوق بىز كۆرگەن مەخلوقلارغا ئوخشىمايتتى ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى مايمۇنغا ئوخشاش بولۇپ، ئىگىزلىكى قارىماققىلا ئالتە مىتىردىن كەم ئەمەس ئىدى، باش شەكلى بولسا ئادەم بېشىدىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بولۇپ، يۇغانلىغىدىن ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىغى ئاران يەتكۈدەكلا ئىدى ، قاراۋېتىپ ئۇنىڭ باش سۆڭىگىدىكى ئالتە تال تۈشۈككە كۆزۈم چۈشتى ، ئۇ تۈشۈكلەر ئۇنچە يۇغان بولمىسىمۇ سىرتقى زەربىنىڭ سەۋەبىدىن تىشىلگەندەك تۇراتتى .

- بۇ مەخلوق قۇڭغۇزغا يەم بولمىغاندەك تۇرىدۇ ، ئۇ باشقا سەۋەپتىن ئۆلگەندەك قىلىدۇ ،- دىدىم ئۇلارغاتۈشۈكلەرنى كۆرسىتىپ .

 - شۇنداق ،- دىدى قارا كىيىملىك ،- بۇ مەخلوق بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ مەخلوق، ئۇ بەك ياۋۋۇز،  ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ھەرقانداق جانلىق ئىسىنى يوقۇتۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزلىگىدىن يەم بولغىلى بارىدۇ ، ئۇنى ئۆلتۈرگىنىمۇ باشقا تۈردىكى مەخلوق، ئۇ يەردە ماڭمايدۇ ، بەلكى مايمۇندەك دەرەخ ئۈستىدە ياشايدۇ ، ئۇ تېخىمۇ خەتەرلىك ، بەدىنىڭ ئىگىزلىگى بىر مىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ ، تۇرقى قۇرۇپ قالغان ئىسكىلىتتەكلا ، لېكىن ئۇنىڭ قولى ئۇزۇن ، تىرناقلىرى قولىدىنمۇ ئۇزۇن ، نەيچىگە ئوخشايدۇ ،ئۇ ھۇجۇم قىلىپ قالسا دۈشمىنىنىڭ باش سۆڭىگىنى تىشىپ بەدىنىدىكى ئەڭ كۈچلۈك زەھەر سۇيۇقلىغىنى تىرنىغى ئارقىلىق دۈشمىنىنىڭ مىڭىسىگە كىرگۈزىدۇ،  زەھەرلەنگەن جانلىق ئون سىكىنۇتتا ئۈلۈپ، قۇرۇق قاخشال بولۇپ قالىدۇ .

- ئۇ نىمىنى ئوزۇق قىلىدۇ؟- سورىدىم جىددىيلىشىپ .

- ئۆلگەن جانلىقلارنىڭ مىڭىسىنى ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئىچىدىن چىقىدىغان پولاتتەك قاتتىق يەنە بىر نەيچىسى بار ، ئۇ شۇ ئارقىلىق ئۆلگەن جانلىقلارنىڭ مىڭىسىنى شوراپ يەپ بولىدۇ .

 بىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن قورقۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغانتۇق ، بۇ چاغدا بىزگە يىققىنلا بىر يەردىن قورقۇنۇچلۇق ھۆكۈرگەن ئاۋاز ھەممىمىزنىڭ ئىسنى يىغدى .

 - ئۇلار بىزنىڭ ھىدىمىزنى پۇراپ قالغانمىدۇ ؟- سورىدىم قارا كىيملىكتىن ئالدىراپ .

 - ياق ئۇلار ھىدنى پۇرىيالمايدۇ ، لېكىن شەپىنى سىزەلەيدۇ ، تىزدىن يوشۇرنۇپ ، شەپە چىقارمايلى !

بىز قويۇق ئوت - چۆپلەر قاپلىغان باراقسان بىر دەرەخ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ ئەتراپتىكى شەپىگە قۇلاق تىكىشتۇق . ئەتىراپ جىمجىت ، ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى . بۇ چاغدا قارا كىيىملىك چەۋەنداز بىلىكىدىكى بىر كونۇپكىنى باستى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالقىنىدا بىر ئىكىران پەيدا بولۇپ ، ئەتراپىمىزنىڭ سۈرىتى نامايەن بولدى ، ئۇ ئەتراپنى كۆزىتىۋېتىپ ، ھەركەت قىلىۋاتقان قىزىل رەڭلىك بىر گەۋدىنى بايقىدى. گەۋدە ئەتىراپنى تىمىسقىلاپ بىزگە يېقىنلىشىۋاتاتتى، ئۇ يېقىنلاشقانچە بىز جىددىيلىشىپ ، چوڭقۇراراق نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتۇق . ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى ، بۇ چاغدا مەخلوق ئالدىمىزغا كىلىپ توختىدى ، ئۇنىڭ يۇغان ، كىلەڭسىز پۇتلىرى بىزدىن ئىككى مىتىرچە نېرىدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، پوشۇلداپ ئالغان نەپەسلىرى ئۈستىمىزدىن كىلەتتى، ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان ئوت - چۆپ شۇنچە قويۇق بولمىغان بولسا ئۇ بىزنى كۆرۈپ بولغان بولاتتى . بىز جىددىيلەشكەنچە ئۇ ئورنىدىن مىدىرلىمايۋاتاتتى ، ئەگەردە بىز مىدىرلاپلا قالساق ئۇ سىزىپ قالاتتى - دە بىزنى شۇ يۇغان پۇتلىرى بىلەن دەسسەپلا يەرگە چاپلىۋېتىشى چوقۇم ئىدى .

بىز ئۇنىڭ كىتىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرغىنىمىزدا ئاستى تەرپىمىز تەۋرىگەندەك قىلدى. بۇ تەۋرەش قانداقتۇ يەر تەۋرەشكە ئوخشىمايتتى ، باشقا جايلار جىمجىت تەۋرەش نوقتىسى بىزنىڭ ئاستى تەرىپىمىزلا ئىدى .بىز شۇنداقتىمۇ مەخلوقتىن قورقۇپ قىمىرلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتۇق. تەۋرەش كۈچەيمەكتە ئىدى ، بۇ چاغدا مەخلوقنىڭ نەزىرىمۇ دەرەخ ئاستىغا يۆتكەلگەندەك قىلاتتى، ئەمدى بۇ جايدا جىمجىت مۈكۈش ئەمدى بىزگە پايدىسىزدەك قىلاتتى ، بىز بىر - بىرىمىزگە ئىشارەت قىلىپ ئېتىنلىپ چىقىپلا مەخلوققا ئوت ئېچىشنى پىلانلاپ تۇرىشىمىزغا ھەممىمىزنى قانداقتۇ بىر كۈچ ئاستى تەرپىمىزدىن ئېتىپ چىقىرۋەتتى ، مەن يەرگە دۇمىلاپ چۈشۈپ ، ئىسىمنى يىغىپ بېشىمنى كۆتەرگەندە ئالدىمدا بەدبەشىرە بىر مەخلوق ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا غايەت زور بىر يىلان بېشىنى ئىككى - ئۈچ مىتىردەك كۆتۈرۈپ ھۈرپەيگىنىچە مەخلوققا خىرىس قىلىپ تۇراتتى.  ئەجەپلىنەرلىگى ئۇ يىلاننىڭ بەدىنى بىز بىلىدىغان يىلانلارغا ئوخشىسىمۇ بېشى تەرپىدە ئوخشاش چوڭلۇقتا ئۈچ باش تۇراتتى . يىلان بەكلا يۇغان بولۇپ ئۇنىڭ يەردە سوزۇلۇپ تۇرغان بەدىنى ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىغى يەتكۈسىز ئىدى. ئۇ ئەمىلىيەتتە دەرەخ ئاستىدىكى شاخ - شۇمبا ، ئوت - چۆپ ئاستىدا ئۇخلاۋاتقاندا بىز ئۇقۇشماي ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۋېلىپ ئۇنى ئۇيغۇتۇپ قويغان ئىدۇق.

يىلاننىڭ تۇيۇقسىز ئېتىنلىپ چىقىشى بىزنى ئىزدەپ ، تىمىسقىلاپ كەلگەن مەخلوقنى تەمتىرتىپ قويدى ، بۇ ئىككى گىگانىت مەخلۇقلار بىر - بىرگە خىرىس قىلىشىپ بىزنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغاندەك قىلاتتى ، بىز ئۇلارنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىھتىيات بىلەن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىشتۇق ، ھەممىمىزلا بۇ تاسادىپىلىقتىن بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە ، پۇت - قوللىرىمىز بوشاپ ، يۈرەكلىرىمىز قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقىۋاتاتتى .

 ئىككى مەخلوق بىر - بىرىدىن قىلىشمايدىغاندەك تۇراتتى، يىلان بىردىنلا مەخلوقنى بىر ئايلىنىپلا ئۇنى چىرمىۋالماقچى بولدى ، مەخلوق بۇنى سەزگەندەك سەكرەپ چىقىپ ، ئۇنىڭ بويۇن تەرپىدىن قوچاقلىدى ھەمدە ئېغىز سالماقچى بولغان بېشىغا كۈچەپ مۇش ئاتتى ، يىلاننىڭ بېشى زەربىدىن توغلاندى - دە ئىككى تەرەپتىن ئىككى بېشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ، مەخلوق ئۆتكۈر تىرنىغى بىلەن ئۇنىڭ بويۇن تەرپىگە چاڭگال سالدى ، يىلان غەزەپتىن « چىر» ئاۋاز چىقىرىپ ئۇنى يۈگەپ ئالدى ، بىز بۇنداق خەتەرلىك جەڭگە قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمىزگە پايدىسىزلىغىنى ھېس قىلىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاچتۇق ، ئەگەردە يەنە قاراپ تۇرىۋەرسەك قايسىلا تەرەپ يەڭسە بىزگىمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىدى .

 بىز مەخلۇقلارنىڭ غەزەپتىن ھۆكۈرەش ، چىرقىراشلىرىنى كەينىمىزدە قالدۇرۇپ يۈگۈرگەن پېتى ئوچۇقچۇلۇققا چۈشۈپ توختىدۇق .

 - ئاز قالدۇق ،- دىدى قارا كىيىملىك ،- ئاۋۇ بىزنىڭ بازىمىز ئۇنىڭ شەرقىدە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ھېلقى چىركاۋ بار.

 مەن شۇندىلا بۇ ئۇچۇقچۇلۇقنى ئەسكە ئالدىم ، بۇ توختاخۇن ئاكىنى مەخلوق پارچىلىۋەتكەن، يەنە بۇۋاينىڭ دادىسى مەخلۇقلارغا يەم بولغان ئوچۇقچۇلۇق ئىدى،  مەن قارا كىيىملىك چەۋەنداز كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم ، ھەقىقەتەن ئۇ تەرەپتە چەمبەرسىمان غەلىتە بىر مەيدان كۆرۈنۈپ تۇراتتى .

 - ئۇ بازىما؟- ھەيران بولۇپ سورىدىم .

 - ھەئە ، ئۇ يەر ئاستى قۇرۇلىشى ، بۇ كۆرىۋاتقىنىمىز ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزى ، تىز بولايلى،  مەخلوقلار سەزمەستە بازىغا كىرىۋالايلى !

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا كۆز ئالدىمىزدا لۆمىلدەپ بىر قانچە مەخلوق كۆرۈندى، بىز تەمتىرەپ تۇرۇپلا قالدۇق .

- چاتاق بولدى ،- دىدى قارا كىيىملىك ،- ئۇلار سىزىپ بوپتۇ ، قاراڭلار !

بىز ئەتراپىمىزغا قاراپ ئىشىنەلمەيلا قالدۇق ، بايىلا ھېچنەرسە كۆرىنمىگەن ئورمانلىقلاردىن چوڭ - كىچىك ، غەلىتە - غەلىتە مەخلوقلار لۆمىلدىشىپ چىقىپ بىزنى قورشاپ بولغان ئىدى . بىز جىددىيلىشىپ نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرغاندا شۇنداق قاتتىق ھۆكۈرگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ بازىنىڭ يېنىدىكى ئورمان ئىچىدىن غايەت زور بىر مەخلوق دەرەخلەرنى سۇندۇرۇپ چىقتى ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئۇ بىز ئىسكىلىتىنى كۆرگەن ھېلقى مەخلوق شۇدەك قىلاتتى ، ئەڭ غەلىتە يىرى شۇ ئىدىكى ئۇنىڭ بوينىدا بىر ئاق ئۇزۇن كىيىم كەيگەن بىر ئايال، ئاپپاق چاچلىرىنى يايغىنىچە بىزگە قاراپ ئولتۇراتتى . …

 داۋامى بار…





2819 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 0:15:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-27 18:47:20 منمبقەاى
ىەاىىەابۈنەىمقمنب
2016-2-12 0:51:46 مەرھابا
ئاخىرىغا بەك تەقەززا بوپ كەتتىم قاچان يازىسىز
2016-2-10 15:46:42 mihman
ئاخىرسى قاچان يوللۇندۇ بۇ ئەسەرنىڭ ، مەن بەك قىزقىپ قالدىم
2016-2-2 16:13:44 شەھلا
نېمىشقا ئالۋاستىنىڭ رولىنى دائىم ئاق كىيىملىك ئايال ئالىدىغاندۇ. بەزىدە ئاق كىيىم كىيگەن ئاياللار ئۇچراپ قالسا جىنمىكىن دەپ قالىمەن.
2016-2-2 11:27:24 رىزۋانگۈل
مەن بۇ ھىكايىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلۋاتىمەن، بولسا يەنە مۇشۇنىڭدەك ھىكايىلەرنى كۆپرەك يېزىپ بىزگە تەقدىم ئىتىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن،
2016-2-1 18:50:43 شىرئەلى
ئاخىرى يۇققۇ
2016-2-1 15:33:45 كىپىنەك
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن
2016-2-1 9:11:57 arzigul hulja
man sezning asarlingeznibakyahturupokuyman sezning tehimu yahxi asarlarni yezip awatixingezni umit kiliman sez meni doslar qambiringezga kergizip koyuxingezni umitkilman 13201113744
2016-2-1 9:11:55 arzigul hulja
man sezning asarlingeznibakyahturupokuyman sezning tehimu yahxi asarlarni yezip awatixingezni umit kiliman sez meni doslar qambiringezga kergizip koyuxingezni umitkilman 13201113744
2016-2-1 9:11:50 arzigul hulja
man sezning asarlingeznibakyahturupokuyman sezning tehimu yahxi asarlarni yezip awatixingezni umit kiliman sez meni doslar qambiringezga kergizip koyuxingezni umitkilman 13201113744
2016-1-31 22:37:40 يارقىن
تەسەۋۋۇرغا ناھايىتى باي يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ