بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 11 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 11 - قىسىم


 ئاشخانىدا ئىشلىدىم ، ئۆمۈرۈمدە نۇرغۇن ئىشلارغا قىزىقاتتىم نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايتىم ئەمما بىردىن بىر ئاچ قېلىشقا رازىمەنكىن ئاشپەز بۇلۇشقا قىزىقمايتىم ھەم خىيالىمغا  كىرگۈزۈپمۇ باقمايتىم ئەمما ئىرادە مىنى ئاشپەز بول دىگەن ئىدى ئىرادىنى سىناش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ئەڭ قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى مەجبۇر ھالدا ئۈن-تىنسىز قىلالىسىڭىز ئاندىن ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بۇلىدۇ ئىشەنمىسىڭىز مەندەك سىناپ بېقىڭ سىزمۇ ئىشىنىپ قالىسىز.
ئۇنى تاپىدىغانلىقىمغا شۇنچە ئىشەنچىم بار ئەمما قانچىلىك ئىرادەم بار بۇ ماڭا نامەلۇم ئىدى .
شۇڭلاشقا بىر كۈن ياتاقتىن چىقماي نىم ئىش قىلشىم كىرەك دىگەن سۇئال بىلەن پىلان تۈزدۈم قايتا -قايتا ئويلاندىم .
ئاخىر پىلانىمنىڭ بىرىنچى بولغىنى مەن قىزىقمىغان ئىش بىلەن ئىرادەمنى تاۋلاش بولدى بىر كۈن ئويلىنىپ ئاشپەز بۇلۇش پىلانىمنى تۈزۈپ چىقتىم  ئەتىسى ئەتىگەندە نەۋرە ئاكامنى تېپىپ ئۇنىڭغا ئاشپەز بولغۇم بارلىقىنى ئېيىتقىنىمدا ماڭا قاراپ ھەيران قالدى چۈنكى ئۇ ماڭا 《ئوبدان ئىنىم ئوقىيالمىدىڭ ئەمدى ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ھۈنەر بىلەن جان باققىن ھۈنىرىڭ بولسا ئەتىۋارىڭ بۇلىدۇ  دەپ نەسىھەت قىلدى شۇ كۈنى كەچتلا بېرىپ دادامغا مەن قىزقىدىغان ھۈنەرنى بۇلۇپمۇ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا فىلىم ئىشلەش رەسىم لاھىلەش كەسپىگە قىزقىدىغىنىمنى سەۋيەمنىڭمۇ يىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتىم ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا نەۋرە ئاكام كىرىپ ئىشىمنى بۇزدى بۇ كىچىك بولغاچ ئىش ئۇقمايدۇ ئۇ تۆمۈر تەسەك بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ پالانى ئۆگەنگەن ھازىر كوچىدا لاغايلاپ يۈرۈيدۇ ئاشپەزلىكنى ئۆگەنسۇن نەگىلا بارمىسۇن قايسى ئاشخانىغا كىرسە ئەتىۋارىنى قىلىدۇ دەپ دادامنىڭ قارارىنىمۇ مەن قىزىقىدىغان ئىشتىن بۇرىۋەتكەن مەن مەن دىگەننى قىلدۇرمىساڭلا ھېچ ئىش قىلمايمەن مىنى ئاشپەز بولارمىكىن دەپ چۈش كۆرمە يۇندا ئىچىدە سەنلا ياشاپ كەت دەپ قاتتىق ۋارقىراپ ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ سامانلىق ئۆيگە كىرىپ ئۈن چىقارماي يىغلىغان ئىدىم نىمىشقا يىغلىدىڭ سەن ئوغۇل بالىغۇ دىيشىڭلا مۇمكىن ئەمما مىنڭ ئورنۇمدا سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار تەغدىرىڭلا بىر ئېغىز سۆز بىلەن تىركىشىپ تۇرۋاتقان تۇرسا مەن ئۆزۈم چۈشەنسەم ئۆزۈم توغرا دەپ قىزققان ئىشىم بۇلدىكەن غۇرۇرۇم كۆتۈرسە ۋىجدانىم يول قويسا ھەتتا كۆزۈمدىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزۇشقىمۇ رازى ئىدىم 》ئاكامنىڭ كۆز ئالدىغا شۇ گەپلىرىم كەلگەن بولسا كېرەك بىر خىل خۇش بولغان ئىدى ئۇ مەقسىتىگە يەتتى ئەمەسمۇ.
ئاشخانىغا تۇنجى كىرگىنىمدە شاگىت بولدۇم يېشى ئەڭ چوڭ ئەمما دەرىجىسى ئەڭ تۈۋەن شاگىت ئىدىم  مەندىن باشقا 4 (تۆت) شاگىت بار ئىدى نىنچى دەپ چاقىراتتى مەن 5-شاگىت ئىدىم ئەمما مەندىن باشقىلىرى ئاران 19-20 ياش ئەتراپىدا ئالدىغا 7 ئاي كەينىدە4 ئاي بولغان شاگىتلار ئىدى ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگۈنۈپ قوللىرى كەپ بولغان ئىدى تۇنجى كۈنى باش شاگىتتىن تىل ئاڭلىدىم بىر خىل مەنمەنچىلىكى چىقىپ تۇراتتى كەچلىكى ياتاققا كىرىپ خەپ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كىتىپ مەنمەنچىلكىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلمىسام دىگەن نىيەتكە كەلدىم ئەمما ھېچكىم ھۈنەرلىرنى ماڭا ئۆگەتمىگەن ھەتتا كۆرسەتمىگەن ئىدى .
مەن ئوغۇرلۇقچە نىمىنى قىلۋاتىدۇ چۈشۈنۈپ تۇۇرۇپ كۆرۈۋالغان ئىدىم ئىسىمدە قالمايدۇ دىگەنلەرنى يېزىۋالاتتىم بىر ھەپتە بولاي دىگەندە 2- شاگىت ئوينىغلى كېتىپ ئېسىنى بىلمىگۈدەك بۇلۇپ مەس قايتىپ كەپتۇ ئۇستىمىزغا 2- شاگىتنىڭ ئىشىنى مەن قىلاي دىسەم قىلالمايسەن دەپ تۇرۋالدى چۈنكى 2- شاگىت قىلدىغان ئىشنى 3 ئايدا ئاران ئۆگەنگەن ئىدى لىكىن مەن قىلالايمەن قىپ باقاي دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋېلىشىم بىلەن ئۇستىمىز قوشۇلدى مەن قىلدىم قوللۇرۇم دىگەندەك ماسلىشىپ بۇلالمىسمۇ ئىشنى 2- شاگىتتىن ئاشۇرۇپ قىلدىم ئۇستىمىز كۆرۈپ ھەيرانلىق نەزەردە قارىۋەتكەندىن كىيىن بۇندىن كىيىن بۇ ئىشنى سەن قىلغىن 2- شاگىت سەندىن ئۆگەنسۇن دىدى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بۇلدۇم شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىمنى قىلىۋەردىم ئىشىمنى قىلغاچ باشقا شاگىتلارغا يېقىن بولغاچقا قىلۋاتقان ئىشلىرنى ئېنىق كۆرەتتىم ھەممىنى ئېسىمدە ساقلاپ خاتىرلىۋېلىپ يادىلاپ يۈرۈپ 15 كۈن ئىچىدە چوڭ شاگىتنىڭ ئىشلىرنى ئۆگۈنىۋالدىم ھەتتا ئۇستام تەييارلايدىغان ئالاھىدە تاماقلارنىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ يۈرۈپ ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم.
19 كۈن بولغاندا ئۇستامنىڭ يۇرتقا باردىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ كەتتى بىراق ئۇستىمىز چوڭ شاگىتقا قىلدىغان ئىشلىرنىڭ ھەممىنى دەپ بېرىپ كۆرسىتىپ قۇيپ كەتتى لىكىن چوڭ شاگىتنى لوبەن ئۇستاڭنىڭ ئىشىنى ئەمدى سەن قىل دەپ بۇيرىغاندا قىلالماي خېرىدارلانى نارازى قىلىپ ئاشخاندىن چىقىرىپ قويدى لوبەن ئاچچىقلاپ كەتتى شۇۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىپ لوبەنگە مەن قىلاي دىسەم ئاچچىقىدا ماڭا ۋاقىراپ كەتتى مەن قوقماي تۇرۇپ ئاۋال مەن قىلىپ باقاي ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تېتىپ باقسىلا دىسەم ئامالسىز قوشۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن كۆرىۋالغىنىم بويچە تاماق تەييارلاپ چىقتىم لوبەن تېتىپ كۆرۈپ ئۇستاڭ قىلغانغا ئوخشاي دەپتىكەن بىراق بىر تېتىتقۇسى كام قالغاندەك تۇردۇ دىدى دەپ بۇلۇپ سەن كەگلى قانچىلىك بولشى دەپ سوردى بۈگۈن 20- كۈنى دىسەم چوڭ شاگىت ئەتكەن تاماقنى ئالدىمغا قۇيۇپ قارا مۇشۇمۇ تاماقمۇ تېتىپ باقساڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ ئۆزى كەشىپ قىلغان ئوخشايدۇ 7 ئايدىن ئاشتى بۇنىڭغا دەپ ئۇف تارتىپ ئولتۇرۋېتىپ بۇندىن كىيىن ئۇستاڭنىڭ ئىشىنى سەن قىل ئۇستاڭنىڭ مۇئاشىدىن 3/2قىسمىنى بېرەي ئۇستاڭدەك قىلالىغاندا ئۇستاڭ بلەن ئوخشاش بېرىمەن بۇ تۆت شاگىت بۇندىن كىيىن سىنىڭ شاگىرتىڭ ساڭا ياردەملەشكەچ ھۈنەر ئۆگنسۇن دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ ئۇستام بوپ قالدىم.
بىر ئاي تۇلۇق توشقاندا قۇربان ھېيىت كەلدى يۇرتۇمغا بېرىپ ئاپام بىلەن ھېىتنى ئۆتكۈزۈپ بىر ھەپتە بولغاندا قايتىپ كەلدىم .
قايتىپ كىلىپ 2 كۈن دوسلىرىم بىلەن بازار ئايلاندىم كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز چۈشۈمدە كۆرگەن رېستۇراننىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ قالدىم.
دەرھال توختاپ رېستۇران ئالدىغا كەلدىم دوسلىرىم چاخ چاق قىلىپ رېستۇراندا ئوينىغىڭ كىلۋاتامدا ئاداش مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق دەپ بىكار ئېيىتمىغاندە دەپ كۈلۈشتى مەن قاراپ تۇرۇپ مەن بۇ يەردە ئىشلەيمەن دىدىم.
دوسلۇرۇم كۈلكىسنى توختۇتۇپ بىر بىرگە قاراپ تۇرۋېتىپ بىرسى ئاداش چۈش كۆرۋاتمايدىغانسىە دەپ سوردى مەن ياق ئاللىبۇرۇن چۈشۈمدە كۆرۈپ ئويغىنىپ بولغانمەن دەپ قۇيۇپ ئۇدۇل رېستۇران ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.
ئىچىگە كىرىپ باتەيدىكى مۇلازىمدىن ئۇدۇللا بۇ يەرگە خىزمەتچى قۇبۇل قىلامدۇ دەپ سورىدىم مۇلازىم ماڭا بىر قۇر قارىۋېتىپ ئالاقىلشىش نۇمۇرڭىزنى قالدۇرۇڭ بىز سىز بىلەن ئالاقىلشايلى دىدى دوسلىرىم ھەيرانلىقتا قاراپلا قالدى .
نۇمۇرۇمنى دەپ بېرىپ دوسلۇرۇم ئالدىغا كىلىپ ھەيران قالماڭلا بۇ ئۇنچە ھەيران قالغۇدەك يەر ئەمەسقۇ بۇ يەرنىڭ خوجاينىمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم دىسەم ئاغىنە بۇنىڭغا ھەيران قالمىدۇق سىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرشىڭ ھەمدە ھېچقانداق ئەھۋالىنى چۈشەنمەستىن ئىشلەيمە دىگنىڭدىن ھەيران قالدۇق دەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
داۋامغا قىزىقسىڭىز كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ دوستۇم.





606 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 5:27:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 16:09:04 بۈيۈك ئاشىق
كەچۈرۈڭلا ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ داۋامىنى يازالماي قالدىم مۇمكىن بولسا ئەتە ئەسەر مۇنبەرگە چىقىدۇ
2017-3-3 4:13:21 مالىك
ئاخىرىنى ئەجەپ ساقلىدىم
2017-2-27 17:11:29 ئابلىكىم
بۇ ئەسەر ئۈزلۈپ قالدىغۇ قاچان يوللايسىلە
2017-2-24 5:01:11 سەن ئۈچۈن
ئەسەرنىڭ داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز بۇلاتتى ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ