يوقالغان قوشۇن -10 - قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن

(10-قىسىم)

metro

«ۋايجان، ۋاييەي » دەپ ۋاقىراشقان ئەسكەرلەر كۆپۈيۈپ يېتىپ كەتكەنلەر پات - پاراق بولۇشۇپ كىتىشتى ، قاسىمبەگ ، خو قوماندان بىلەن چىدىردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ۋاقىردى : - نىمە بولدى ، نىمىش بولدى … لېكىن نىمە ئىش بولىۋاتقىنىنى ھېچكىم بىلمەيۋاتاتتى ، ھەممىسى ئۆرە - توپە بولۇشۇپ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىۋاتقان نەرسىلەرنى زەپ بىلەن ئۇرۇش ، چۈشۈرۈش بىلەن ھەلەك ئىدى ، ۋايجان دەپ چىقىراۋاتقانلار قوشۇن ئىچىدە ئۇ يەر - بۇ يەرلەردىن ئاڭلىنىپ ھەممىسى شۇنداق قاتتىق ساراسىمىگە چۈشمەكتە ئىدى ، خو قۇماندان ۋاقىردى : - مەشئەل ، تىز مەشئەلنى تەييارلاڭلار! بىر نەچچە ئەسكەر يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ يۈك - تاقلار ئارسىدىن تەييارلاپ قويغان مەشئەللەرنى مايغا چىلاپ ئوت يېقىپ يىتىپ كىلىشتى ، قاسىمبەگ ، خو قۇماندان ئىككى مەشئەلنى ئېلىپ ۋاقىراپ - چىقىراپ كىتىۋاتقانلارغا قاراپ كىتىۋېتىپ يەر يۈزىدە چېپىپلا يۈرىگەن بىر نەرسىلەرگە كۆزى چۈشتى - دە مەشئەلنىڭ يورۇقىنى چۈشەردى: - چايان ! قاسىمبەگ قورقۇپ كەينىگە داجىدى ، يەر يۈزىدە شاپىلاقتەك چوڭلۇقتا چايانلار مىغىراپ كەتكەن ئىدى ،خو قۇماندانمۇ ئەتىراپقا سەپسېلىپ قاراپ كەينىگە چىكىندى ،ئۇ مەشئەلنى يەرگە قارىتىپ كىلىۋاتقان چايانلاردىن قوغدانغاچ ۋاقىردى : - تىز ، بۇ يەردىن ئايرىلىڭلار ، تىز چىكىنىڭلار ، مەشئەللەرنىڭ ھەممىسىگە ئوت يېقىڭلار ! پولاتمۇ ئاتىسى بىلەن ئەسكەرلەر ئارسىدىن يۈگۈرەپ چىقىپ مەشئەل تەييارلاشقا باشلىدى ، مەشئەللەرنىڭ سانى كۆپەيگەنچە ئەتىراپ يورۇپ ، سانسىز چايانلار ئاشكارلىنىشقا باشلىدى ، ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرى چايانلارنى چەيلەپ ئۆلتۈرسە ، بەزىلىرى زەھەرلىنىپ يىقىلىشقا باشلىدى،بەزىلىرى يىقالغانلارنى كۆتۈرۈپ ، يۆلەپ ، سۆرەپ دىگەندەك چىكىنىۋاتاتتى. بۇ چاغدا قوشۇندىكىلەر ئاساسەن توپلىنىپ بولغان بولۇپ يۈزدەك مەشئەل بىر سېپىل ھاسىل قىلغىنىچە چايانلارنى توساپ قەدەممۇ - قەدەم كەينىگە يېنىۋاتاتتى ،بۇ چاغدا چىدىردىكىلەرمۇ جېنىنى قۇتقۇزۇپ توپقا قوشۇلۇپ بولغان ئىدى. چايانلار بارغانچە كۆپۈيىپ يەر يۈزىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ قوشۇنغا يۇپۇرلۇشقا باشلىدى ، سادىر بۇۋاي ۋاقىردى : - تىز چىدىرغا ئوت يېقىپ چايانلارنىڭ يولىنى توسايلى ! خو قۇمانداننىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىدىر سۆرەپ كىلىنىپ ئوت يېقىلدى ، بۇ ئۇلۇق ئوتتىن چايانلار داجىدى ، لېكىن چىدىر قانچىلىك ۋاقىت كۆيسۇن ،خو قۇماندان جىددى بۇيرۇق قىلدى ، ھەمىمىز تىزلىك بىلەن كەينىمىزگە چىكىنەيلى ، قانچىلىك يۈگۈرەلىسەك شۇنچە ياخشى ، بولمىسا بۇ قاراڭغۇدا موشۇ يەردە ئۈلىمىز ، ھەممىسى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ يۈگۈرەشتى لېكىن بىر ئىشتىن ئالاقزادە بولغان قاسىمبەگ خو قۇماندانغا ئېسىلدى : - قۇماندان ، يۈك - تاقلار ، تۆگىلەر … تۆگىلەرچۇ ؟ بۇ ئىش شۇنداق تاسادىپى بولغاچقا خو قۇماندان جېنىنى ئېلىپ قېچىش بىلەن بولۇپ كىتىپ مال - مۈلۈكىنى ، تۆگىلەرنى ئۇنۇتقانتى.ئۇ ئوت يورىقىدا تۆگىلەر ياتقان يەرگە قارىدى ، لېكىن تۆگىلەر كۆرۈنمەيتتى،جىددىيلەشكەن قۇماندان قاسىمبەگكە ۋاقىردى : - تۆگىلەر قېنى ،تىز تۆگىلەرنى قوتۇلدۇرۇپ چىق ، تىز… ئادەملىرىڭنى ئېلىپ تىز بول ، قاسىمبەگ بۇ چايانلارنىڭ ئىچىگە قارىدى ، بۇلارنىڭ ئىچىگە كىممۇ كىرەلىسۇن ، بۇنداق چوڭ چاياندىن بىرىلا چاقسا جاننى ئالمامدۇ،لېكىن، مال - مۈلۈك بولمىسا ئۇلار يەنىلا تۈگەشمەمدۇ قاسىمبەگ ئادەملىرىنى چاقىردى : - تىز بېرىپ تۆگىلەرنى ئېلىپ كىلىڭلار ! قاسىمبەگنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئون نەچچە ئادىمى ئۇنىڭ بۇ بۇيرۇقىدىن ئەندىكىپ كەتتى ، ئارىدىن بىرى : - بېگىم … بۇ … بىز قانداقمۇ … بىزنى ئۆلسۇن دىگەنلىرىغۇ بۇ، ھازىرغىچە تۆگىلەرمۇ چايانلارنىڭ زەھىرىدە ئۆلگەندۇ بەلكىم … قاسىمبەگ جىدىيلىشىپ ئالدىراۋاتقاندا ئادەملىرىنىڭ كەينىگە داجىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قۇيقى چېچى تىك تۇردى : - ۋۇ ھارام تاماقلار ، تۈگىلەرنى ، يۈك - تاقنى ئېلىپ چىقىشمىساڭ ئوخشاشلا ئۈلۈشمەمسەن ، مېڭىش ، تىز … مەشئەلنى ئېلىپ … تىز … لېكىن چاپارمەنلەردىن بىرىمۇ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. بۇلارغا قاراپ تۇرغان خو قۇماندان ۋاقىردى : - تىز بولۇشمامسەن ، ئوت ئۈچسە قېچىپمۇ قېچىپ كىتەلمەيمىز قاسىمبەگ خو قۇمانداننىڭ ۋاقىرغىنىدىن چۆچۈپ كەتتى - دە يېنىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ ئادىمىدىن بىرنى «ۋاڭ» قىلىپلا ئاتتى : - مېڭىشامسە يوق؟ باشقىلار ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ئۆزلىرىنىمۇ ئېتىۋېتىدىغانلىغىنى پەملىدىدە - دە تەۋەككۈلگە چايان توپى ئىچىگە يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ كىتىشتى ، لېكىن ئۈچ مىنۇت ئۆتمەي ئۇلارنىڭ قىيا - چىياسى ئاڭلىنىپلا جىمجىت بولۇپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ ھالاك بولغىنىنى پەملىگەن خو قۇماندان ، قاسىمبەگ بىلەن كەينىگە قاراپ قېچىشتى ، بۇ چاغدا قوشۇندىكىلەر بۇ يەردىن خېلى ئۇزاپ بولۇشقان ئىدى، خو قۇماندان بىلەن قاسىمبەگ قوشۇنغا يىتەشكەندە قوشۇن بىر كىچىك دوڭگە چىقىۋېلىشقان ئىدى ، ئۇلار شۇ يەردە چايان چېقىۋالغان ئوتتۇز نەچچە ئادەمنىڭ ئىڭىراشلىرى ، ۋاقىراشلىرىغا ئامالسىز قاراپ تۇرشقان ئىدى .قاسىمبەگلەر كىلىپ ئەھۋالنى بىر قۇر ئىگەللىدى ، خو قۇماندان دوختۇرىنى چاقىردى ھەمدە زەھەلەنگەنلەرنى داۋالاشنى بۇيرىدى ھەمدە چايانلارنىڭ قوغلاپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەتىراپنى كۈزىتىشتى ، ئەتىراپ جىمجىت ئىدى ، بۇ چاغدا ئاسماندىكى بۇلۇتلار سۈرۈلۈپ ئايمۇ جاھاننى غۇۋا يۇرۇتۇشقا باشلىدى . قاسىمبەگ ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ ئىككى ئادىمىگە : - سىلەر ئاستا بېرىپ كۈزۈتۈپ بېقىڭلار بايقى نەس باسقۇر ھاشارەتلەر كىلىۋاتامدىكىن؟ ئۇنىڭ ئىككى ئادىمى چارلاپ ئۇلارنى بايقىمىغانلىغىنى يەتكۈزدى. قوشۇن ئىچىنى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلاپ تۇراتتى بۇ چاغدا زەھەرلىنىپ ئىڭىراۋاتقانلاردىن بىرى جان تالاشقىنىچە جان بەردى، دوختۇر ئالاقزادە بولغىنىچە قۇماندانغا دوكىلات قىلدى: -دوكىلات قۇماندان ، زەھەر كۈچلۈككەن ، بىزدە زەھەر قايتۇرىدىغان دورا بولمىغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك زەھەر پۈتۈن بەدەنگە تاراپ بولغاچقا … داۋالاشقا … بولمايۋاتىدۇ… - ئەبلەخ ، نىمىشقا باشقىچە ئامالىنى قىلمايسەن قاراپ تۇرۇپ ئوتتۇز نەچچە ئادەم موشۇنداقلا ئۈلۈپ كىتەمدا؟ دوختۇر نىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىچە قۇمانداننىڭ ئالدىدىن ئاستا داجىدى. ئاي ئاستا - ئاستا سۈرۈلمەكتە ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن زەھەرلەنگەنلەرمۇ بىر - بىرلەپ جان بىرىشكە باشلىدى ، ئۆلگەنلەرنىڭ دوستلىرى ، يۇرداشلىرى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنىچە ئۈنسىز يىغلىماقتا ئىدى . قوشۇن موشۇنداق كۆڭۈلسىز بۇرۇختۇمچىلىق ، ئازاپ - ئوقىبەتتە تاڭ ئېتىشنى ساقلاشقا باشلىدى ، گۈلنەزەر ئاي يورىقىدا ئاچىسىغا يۆلەنگەنچە كۆزى بىلەن ئادەملەر ئارسىدىن پولاتنى ئىزدەشكە باشلىدى، لېكىن پولات بىلەن«قارا ئېيىق» كۆرۈنمەيتتى ،ئۇ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ئۈنىنى چىقارمىدى،بۇ كىچىدە ئۇلارنىڭ نەدىلىكنى سادىر بۇۋايلا بىلەتتى. تاڭ ئاستا - ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىدى ، بۇ چاغدا قەيەرگە بارغانلىغى نامەلوم پولاتمۇ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ قايتىپ كەلدى،لېكىن ئۇنى ھېچكىم تۇيمىدى . تاڭ ئېتىشىغا جەسسەتلەر شۇ داۋانغا رەتلىك تىزىلىپ قويۇلدى ، ۋىداشىلىدىغانلار ۋىدالاشتى باشقىلار ئالدىراپ يۈك - تاق ،تۆگىلەر قالغان تەرەپكە سۈرۈلدى ، ئالدىدا مال - دۇنياسىدىن غەم يىگەن خو قۇماندان بىلەن قاسىمبەگ كىتىۋاتاتتى ، ئۇلار قونالغۇغا يېقىن بارغاندا ئالدىدىكى قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى ، كەينىدىكىلەرمۇ دەرھال بىر دوڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈشتى ،ئۇلار بويۇنلىرىنى سۇنۇشۇپ شۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆردىكىن چوڭلىغى ئۆكۈزدەك ، ئۇزۇنلىغى ئون نەچچە مىتىر كەلگۈدەك كەسلەنچۈكلەردىن تۆت - بەشى بىر نەچچە يەرگە توپلىشىپ بىر نەرسە يەۋاتاتتى. - نىمە ئۇ ئۇنداق يۇغان …قانداق مەخلۇق بۇ… ئاناڭنى… ئۇلار يەۋاتقان بىزنىڭ تۆگىلەرمۇ نىمە…تۈگۈشۈپتۇق،- خو قۇماندان بىلەن قاسىمبەگنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ ئولتۇرۇشۇپلا قالدى ، - قانداق ھايۋان ئۇ ، كۆرۈپ باقمىغانلا مەخلوقكەنغۇ؟- سورىدى خو قۇماندان شەپكىسىنى بېشىدىن ئېلىپ ئاچچىغىدا مىجىغدىغىنىچە، - بىلمىدىم ، سادىر بۇۋايدىن سورايلى ، ئۇلار سادىر بۇۋاينى ئىھتىيات بىلەن چاقىرتىپ كەلدى ، بۇۋاي ئۇ مەخلوقلارنى ئاللىقاچان تونۇپ بولغانتى . - ئۇلار كەسلەنچۈكلەركەن ، - دىدى بۇۋاي ئۇلارغا پەس ئاۋازدا، - چۆل - جەزىرلەردە ياشايدۇ ، ئەسلى ئۇلارنىڭ جۇغى بەك كىچىك بولاتتى ، بۇلارمۇ بەك يۇغىراپ كىتىپتۇ، ، ئىھتىيات قىلايلى بولمىسا بىزگە ھوجۇم قىلىپ قالسا قېچىپمۇ قۇتۇلالمايمىز، خو فامىلىك بىلەن قاسىمبەگنىڭ ئۈنى چۈشۈپلا كىتىشتى ،ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن كىلىۋاتقان كىلىشمەسلىك ، بۇ قانلىق ھادىسىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ قەبىرسىنىڭ قۇملۇق بولۇپ قالىدىغانلىغىنى ، ئەزىرائىلنىڭ قەدەممۇ - قەدەم يىقىنلاۋاتقانلىغىنى كۆڭلى تۇيۇپ بولغان ئىدى . - قانداق قىلىمىز ، قوراللارمۇ شۇ يەردە ، تۈگە ، ئىشەكلەرمۇ بۇ يىرتقۇچ مەخلوقلارغا يەم بوپتۇ ، ئەمدى قانداق قىلىمىز ، - خو قۇماندان ساراڭلاردەك سۇئال سوراشقا باشلىدى ،بۇ سۇئالنى كىمدىن سوراۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . ئۇلار ئۈن - تېۋىچ چىقىرىشقا ، ھەركەت قىلىشقا پېتىنالماي دوڭنىڭ كەينىدە جىمجىت يېتىشتى ، ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى . - ئاتا ،- دىدى پولات ئاتىسىنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ پەس ئاۋازدا ،- بۇ قانداق جايدۇ ، نىمانداق غەلىتە يەر بۇ؟ - بۇ جاينىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا بالام ،- دىدى بۇۋاي بىر ئىشنى جەزىملەندۈرگەندەك ،- بىز ھېلقى خەتەرلىك جايغا كىلىپ قالغاندەك تۇرىمىز ، كىچە بىزگە ئۇچۇرغان چايان توپى چوقۇم ھېلقى بىز ئۆلتۈرگەن گىگانىت چاياننىڭ بالىلىرى بولىشى مۇمكىن ، بۇ ئەتىراپتا چوقۇم ئۇ چاياننىڭ ئۇۋۇسى بار ، بۇ كەسلەنچۈكلەر بۇ ئەتىراپتا سۇ مەنبەسى بولمىسا ھايات تۇرالمايدۇ ، شۇڭا بۇ ئەتىراپتا سۇ مەنبەسى بار، «سۇ » دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالغان قاسىمبەگنىڭ جېنى تىرىلگەندەك ئۆمۈلەپ دىگۈدەك سادىر بۇۋاينىڭ يېنىغا كەلدى . - نەدە سۇ ، سۇ نەدە باركەن؟ سادىر بۇۋاي قاسىمبەگنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن يېرىلىپ كەتكەن كەلپۈكلىرىگە قاراپ : -موشۇ ئەتىراپتا سۇ بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتۇق ، بۇ پەرەز ، بېگىم …پەرەز ،- دەپ كۈلۈپ قويدى. قوشۇن بارغانچە دەۋزەخكە يېقىنلىماقتا ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1998 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 19:05:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-22 20:51:07 پەرۋاز
رھمەت قۇلىڭزغا دەرت كەلمىسۇن ئىنم داۋاملىق ترشپ تېخمۇ نادر ئەسەر لەرنى يېزپ چىقىشڭزغا تېلەكداشمەن ...................
2016-1-7 22:42:50 gulpiya
yokalgan kux ning birinqi kisimidin oninqi kismini tapalmidi kandak koriman rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ