يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 3 - قىسىم
زۇرفى
ھە خانقىز قەيەرگە ماڭدىڭىز ؟ ئۇ قانداقلەرچە مىڭىپ كۇننى كەش قىلۋەتكىنى بىلمەي ئالدىدا تۇرغان بۇ مەسلەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى ، _ قارا بۇ تۇمۇچۇقنىڭ چىرايلىقلىقىنى ، يۇرگە جىنىم ئوينۇتۇپ چىقاي ؟ بىرنىڭ كەينىدىن بىرى توختىماي گەپ قىلۋاتقان بۇ مەسلەر چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان زىلالدىن بىرەر ئېغىز سۆز ئالالماي قولنى سۇنىشىغا قۇلۇڭنى تارت - دىگەن كۇچلۇك ئاۋازدىن چۇچۇپ كەينىگە بۇرۇلدى ، ھە نىمە دەيسە بىزنىڭ تۇمۇچۇققا كۆزۇڭ چۇشكەن ئوخشىمامدۇ ؟
قاتتىق تەككەن بىر مۇشتىن خىلىلام سەگىپ قالغان چوڭاراق كەلگەن بىر مەس بىر سىلكىنىۋېتىپ ئارقىغا بۇرلۇپلا ماڭدى ئارقىدىن جۇغى كىچرەك ئىككىسىمۇ تاپان بىسىشىپ ئاللاقاياقلارغىدۇ غايىپ بۇلۇشتى .
زىلال سىز …… ؟
ئۇ ئالدىدا تۇرغان قىزنىڭ زىلال ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ چۆچۇپ كەتتى . زىلال بىر ئېغىز گەپ قىلماي يەرگە قاراپ تۇراتتى . تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن بىرنىمىنى سەزدىمۇ مۇختەر ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن زىلال مۇز تەرلەۋاتقان ئىدى .
_نىمە بولدىڭىز ، ئۇلار باشقا ئەسكىلىق قىلمىغاندۇ گەپ قىلىڭە زىلال ؟ مۇختەر توختىماي سورايتى ، زىلال خۇنۇك كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ مۇختەرگە قارىدىيۇ ……
زىلال كۆزىنى ئېچىپ پۇت قوللىرىنىڭ چىقىپ ئاغىرۋاتقانلىقىنى ، بىشنىڭمۇ ئاغىرۋاتقانلىقى ھېس قىلدى دە ئاستا ئورنىدى تۇردى .
مۇختەر سىز …… زىلال سۇئال نەزىرىدە كارۋاتنىڭ يىنىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاۋاتقان مۇختەرنى كۆردى ؟ ھېلقاچان ئۇيقۇسى قاتتىق مۇختەر نىمە بولدىكىنە مۇختەر دىگەن ئاۋاز بىلەن چۇچۇپ كۆزىنى ئېچىپ زىلالغا قاراپ _ ھە مەن ، مۇختەر ، قانداراق تۇرسىز ، يەنە بىئارام بۇلۋاتامسىز ؟
زىلال نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قاراپ تۇرۇپ قالدى مۇختەر بىرنىمنى سەزگەندەك تېزلا قىلىپ _ قوقماڭ زىلال ، ئاخشام دوسلار بىلەن كۆرىشىدىغان بۇلۇپ ئۆيدىن چىقىپ يولدا كىتىۋېتىپ بىر قانچىسىنىڭ بىر قىزنى ئوتتۇرغا ئىلۋېلىپ بىرنىم دەۋاتقىنىنى كۆرۇپ يىنىغا بارسام مەسلەركەن ، بۇ قىزغا ئەسكىلىك قىلمىسۇن دەپ ئۇلارنى كەتكۇزۋېتىپ قارسام سىز ، گەپ سورسام بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىڭىز ، قىزىپ كىتىپسىز مەنمۇ بىلمەيلا قالدىم ھوشىڭىزدىن كەتتىڭىز ، ھىلمۇ ياخشى بۇ مىھمان خانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرەر قۇر كۆرۇپتىكەن سىز ھوشىڭىزدىن كەتكەندە كىلىپ ماڭا ياردەملىشىپ سىزنى بۇ مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ دورا ئەكىرىپ بەردى ، بولغان ئىش مۇشۇ شۇ كۆپ ئويلىماڭ باشقا ئىش يوق . ئۇ گىپىنى تۇگىتىپ زىلالغا قارىدى زىلال قىزارغان يۇزىنى تۇسۇشقا ئۇرۇندىيۇ ئامال قىلامىدى . سىز كېچىچە … مىنىڭ … يىنىمدا … ئۇرۇندۇقتا… ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ قولاشمايۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ مۇختەر ھە مەن ئۇرۇندۇقتا ئۇخلۇدۇم ، ئۇمۇ بىرخىل كۆزدە زىلالغا قاردى ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ، ئاناردەك قىزارغان مەڭزىنى كۆرۇپ ئۇلگۇردى . ئىشىك چىكىلدى ، ئىشىكتىن كىرگىنى ئاخشامقى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىدى ، قىزىم قانداراق تۇرسىز ، ئاخشام بەك قىزىپ كىتىپتىكەنسىز دەپ كىرىپ كەلگەن 40 ياشنىڭ ئالدى كەينىدىكى يۇزىدىن نۇر يىغىپ تۇردىغان بىركىشى زىلالنىڭ يىنىغا كەلدى ،
_ ھە مەن ياخشى ،بولۇپ قالدىم رەھمەت سىلەرگە سىلەرنى كۆپ ئاۋارە قىلىپتىمەن .
زىلال بىرنىمىنى ئىسىگە ئالغاندە تېزلا مۇختەرگە قاراپ سائەت سائەت قانچە بولدى ؟ دەپ سورىدى ، مۇختەر سائەتنىڭ 9 دىن ئاشقانلىقىنى دىگىنىدە زىلال ئېغىر بىر ئۇھسىندى ، نىم بولدى قىزىم بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز بارمىدى .
ھەئە تاغا بۇگۇن 5- نىڭ بىلىتىنى ئالغان ئىدىم سەھەردە يۇرتقا قايتماقچىدىم ، ئۇ يىنىدا يۇرتقا قايقۇدەك كۆپ پۇلنىڭ قالمىقانلىقىنى ئويلاپ بىشنى ساڭگىلتىپ ، مەن قايتاي . دەپ ئورنىدىن تۇردى ، يەنە تۇرىۋەرسە بۇ مىھمان خانىنىڭ پۇلىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ ئۇلگۇردى ، ھە قىزىم نىمىگە ئالدىرايسىز توختاڭ بۇنى ئىسسىقىدا ئېچۋېلىڭ گەپ بىلەن بۇلۇپ كىتىپ سىزگە بەرمەپتىمەن . دەپ قۇلىدىكى ئىسىق ساقلاش قاچىسىدىكى تاماقنى ئۇزاتتى ، بولدى تاغا سىزنى ئاۋارە قىلىپ مەن … ھە ئىلىڭە رەھمەت دەپ ، قاچان تاماق يىگىنىڭىز يادىڭىزدا يوقتۇ ھىلى نان يىمەس ، مۇختەر شۇنداق دىگىنىچە ئامانلىق ساقلىغۇچىغا قاراپ كۇلۇپ قويدى . ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە قايتاشىدا زىلالغا تاماق ئەكىرىپ بىرىپ ئۆتۇپ كەتمەكچى بولغانلىرىنى دەپ قۇيۇپ ئۇلار بىلەن خۇشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى .
ئەلىنىڭ نۇمۇرىنى يىزۋالماپتىمەن ، بۇ بالا نەگىمۇ كەتكەندۇ مۇختەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تۇختىماي ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلاتتى ، ئاخشامنىڭ ياقى ئىتىك تۇرغان تىلفۇن تېخى ئېچىلمىغان ئىدى .
مۇختەر بىلەتنى ئىلىپ زىلالنىڭ قىشىغا كەلدى يۇرىڭە زالغا كىرەيلى 12 نىڭ بىلىتىكەن يەنە 40 مىنۇت قاپتۇ سىزنى پويىزغا ئۆزەم چىقىرىپ قۇيۇپ قايتاي بولمىسا مەن خاتىرجەم بۇلالمىغىدەكمەن . مۇختەر شۇنى دىگەچ زىلالنىڭ قول چامدانىنى سۆرۇگىنىچە ئالدىدا ماڭدى ، زىلال ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
ۋوي بىزنىڭ مۆرىمەسكەنغۇ بۇ ، بۇ گۇزەلنۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى ئۇ ئالدىدا كىتىۋاتقان مۇختەرنى كۆرمەي زىلالغا نەشتىرىنى سانجىغىلى ئۇنىڭغا زەردە بىلەن ھە ئاي خېنىم كېچىدىن قايسى ئوغۇللار بىلەن كۆڭۇل ئېچىپ چىرايلىرى سارغىيىپ كەتتى ، ئۇيۇن ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ .
_ گۇزەلنۇر ، نىمە دەۋاتىسىز ، ئاغزىڭىزغا بىقىپ سۆزلەڭ زىلال سىزگە ئوخشىمايدۇ ، ھەممىلا ئادەمنى ئۆزىڭىزگە ئوخشىتىۋەرمەڭ .
گۇزەلنۇر ئارقىسىدىن ئاڭلانغان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارقىغا بۇرۇلدىيۇ تۇرغان جايىدا قىتىپ تۇرۇپلا قالدى ، مۇ… مۇ … مۇختەر س…س … سىز ؟ گۇزەلنۇرنىڭ ئاغزىغا گەپ كىلىدىغاندەك ئەمەس ، مۇختەر كىلىپ زىلالنىڭ قۇلىدىن سۆرىگىنىچە ۋوگزالنىڭ ئىككىنچى قەۋەتى يەنە پويىز ساقلاش زالىغا ئىلىپ ماڭدى .
بىرخىل سىزىم زىلالنى كۆيدۇرۋېتىدىغاندەك ، بىر توك تاپىنىدىن كىرىپ چوققىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك سىزىمدا مۇختەرنىڭ سۆرەپ مىڭىشىغا قاراپ قەدەملىرىنى چوڭ چوڭ ئىلىپ تېز قەدەم بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭماقتا …
داۋامى بار ……
| 688 قېتىم كۆرۈلدى | zila715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-24 18:24:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|