دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم؟ (2-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
ھەر قىتىم سىغىنىش،تەلپۈنۇش بىلەن يىتىپ كىلىدغان يۇرتۇمغا بۇگۇن ماتەم قايغۇسىغا چۆمۈلۇپ يىتىپ كەلدىم،
مانا مەن سىغىنغان يۇرتۇمنىڭ كۇچىلىرى،مەن دۇستۇم بىلەن ماڭغان كۇچىلار ئەنە،ماڭا دۇسلۇقنى ،مىھىر مۇھەببەتنى،نۇرغۇن تۇنجىلارنى ئۈگەتكەن ئانا مەكتىپىم ئاپتۇزدىن چۈشۇپلا ھەمىلا يەرگە تۇيماي قاراۋاتىمەن نەگىلا قارىماي شۇ غەمكىن دۇستۇمنىڭ سىماسى.
ئادەملەر ھەجەپ بۇلىدكەن دۇنياغا كۆز ئاچقىنىدا ھەمىنى خۇش قىلسا دۇنيادىن كەتكىنىدە يەنە ھەمىنى نادامەتتە قالدۇرىدكەن،يۇرتۇمغا كىلىپ دۇستۇمنى تىخمۇ بەك سىغىنغىنمنى ھىس قىلدىم.
-كەلدڭمۇ قىزىم؟-مەن شۇ خىياللار بىلەن ئىشىك ئالدغا كىپ قالغىنىمنمۇ سەزمەپتمەن،ئاپامنى كۆرۇپ ئىچىمگە پاتماي قالغان پىغانلىرىم بىراقلا تىشغا ئۆرلىدى،
-جىنىم ئاپا بۇ نىمە قىسمەت ئەمدى ئۇ ئەمدلا 30نەچگە كىرگەن بىر ناتىۋان ئىدغۇ-مەن ئاپامغا ئىسلىپ ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ يىغلىدىم،
-بۇلدى سەۋىر قىل بالام،-ئاپام ياشلىرمنى سۇرتۇپ مىنى ئۇيگە باشلاپ ماڭدى،ئۇمۇ يىغلسا بۇلاتىغۇ ئۇمۇ مۇھەببەتكە ئامراق ئىدغۇ،ئاپامنىڭ تۇرقىدىن مەندىن بىر ئىشنى يۇشۇرۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى،مەن ئاستا ياشلىرىمنى سۇرتۇپ ئۇيگە كىردىم،
-دادام قىنى ئاپا؟
-سىرتقا چىقىپ كەتكەن ،،،،ئاپامنىڭ گىپنىڭ ئاخىرى چۇشۇپ بۇلغىچە دادام كىرىپ كەلدى،
-ھە تىنىچ ئامان كەلدڭىزمۇ قىزىم؟مەن دادامنى كۆرۇپ ئىتىلىپ باردىم ئۇ مىنى ئىللىق باغرىغا باستى،
-دادا مەن چىديالمايلا قالدىم،
بۇلدى قىل قىزىم دۇستۇڭنىڭ ئۆلۇمگە ئۇنچە قىپمۇ كەتمە،،،،مەن ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن دادامغا قارىدىم،ئۇ مەندىن ئۆزنى قاچۇردى بۇلغاي ئاستا تالاغا چىقىپ كەتتى.
سۇئال نەزىرىمنى ئاپامغا تىكتىم ئۇنىڭدنمۇ سادا چىقىدغاندەك ئەمەس،بۇلارغا زادى نىمە بۇلغاندۇمىنىڭ نەچچە يىل بىللە يىتىپ بىللە ئۇيناپ چۇڭ بۇلغان دۇستۇم ئۆزلىرنىڭ قىزىدەك بىر ياشنىڭ ئۇلۇمىگە نىمشقا ئىچىنمايدۇ،نىمشقا ئۇنى تىلغا ئىلشتنمۇ شۇنچە قاچۇرىدۇ ئۆزلىرىنى،مەن چىدىمىدىم ئاخىرى تاماق ئىتۋاتقان ئاپامدىن سۇردۇم؛
-ئاپا مۇھەببەتكە نىمە كىلشمەسلىك كەلدى،ئۇنىمشقا بۇنچە تۇيۇقسىز ئۆلۇپ كىتىدۇ،؟
ئاپام ئىشىنى قۇيۇپ ئاستا يىنمغا كەلدى:
-بالام بەك ئىچىڭگە ئىلىپ كەتمە،مۇھەببەت مەھەللەبىشىدىكى دەرياغا ئۆزىنى ئىتىپ ئۆلىۋالدى
-نىمە؟بىشىمغا سۇغۇق سۇ تۆكۇلگەندەك ئەندىكىپ كەتتىم،يۇركىم تىغ بىلەن تىلغاندەك ئىچىشاتتى،ئۆلۇم ھەر خىل بۇلىدۇ بەزلەرئاغىرىق سەۋەبى بىلەن بەزلەر قانداقتۇر ھادىسلەر بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ ئۆلۇمىگە سەبىر قىلايلى دەيمىز،ئەمما گۇزەل ھاياتىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلارنىڭ ئۆلۇمىگە نىمە دىسەك بۇلىدۇ؟بۇ ھايات بەك بەك گۇزەل ئىدىغۇ!!!!!؟
-نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟زادى قانداق قىسمەت ئۇنئ ئۆلۈم گىردابىغا سۆرەپ بارغاندۇ؟سۇئاللىرىم جاۋاپسىز قالدى،دادام ئىغىر ئىغىر تىنىپ گەپمۇ قىلمايتى،ئاپام بۇلسا نىمدندۇر ئۆزنى قاچۇراتى
ئاھ،خۇدا كۆز ياش نىمدگەن ياخشى نەرسە ھە؟ئەگەر كۆز ياشلىرىم بۇلمغان بۇلسا شۇ تاپتىكى ئازابىمنى يۇركىمگە قانداقمۇ سىغدۇرا بۇلغۇيتۇم؟
ئاپامنىڭ ھاردۇق ئىشى دەپ ئەتكەن سۇيقىشى ھىچ گىلىمدىن ئۆتىدغاندەك ئەمەس،
-ئاپا مەن مۇھەببەتنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي،،دىدىم مەن بىر پىيالە ئاشنى ئاران ئىچىۋىتىپ
-بۇلدى بارمىغىن بالام-دىدى ئاپام باشلىرىمنى سىللاپ-ئەسلى كەلمسەڭمۇ بۇللاتتى،سەن ئۇ يەرگە بارساڭ تىخمۇ ئازاپلىنسەن،رەھمەتلىك تۇنۇگۇن يەرلىكىدە يىتپمۇ بۇلدى
نىمشقا بەزلەرنىڭ ئۇلمى تيانشان تىغدەك قەدرلىنىپ بەزلەرنىڭ ھاڭگرت پىيدەك بۇپ قالىدغاندۇ تۇنجى قىتىم بۇ گەپكە نارازلىقىم قۇزغالدى پەقەت دادام بىلەن ئاپامنىڭ چىراي ئىپادلىردىنلا بىچارە دۇستۇمنىڭ ئۇلىمنىڭ قانچىلىك قەدىرسىز بۇپ قالغىنى چۇشەنگىلى بۇلاتتى.
بەزلەرنىڭ شۇنداق گۇزەل ھىكايىلىرى بۇلىدۇ،بەزلەرنىڭ ئىچىنىشلىق،گۇزەل ھىكايىلەرگە ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلغان بىلەن ئىچىنشلىق ھىكايىلەرگە چىن كۇڭلىدىن ھىسداشلىق قىلىشى ناتايىن ،ھىسداشلىق قىلمسمۇ خۇپ بۇپتۇ دىمسىلا كۇپايە،،،،،بەلكىم مۇھەببەتنىڭمۇ شۇنداق بىر ئىچىنىشلىق ھىكايىلىرى با بەلكىم ئۇمۇ شۇ نۇرغۇنلىغان خۇپ بۇپتۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇلشى مۇمكىن،،،،،،،،،،،،،
دۇستۇم نىمىشقا دەرياغا ئۆزنى تاشلىۋالىدۇ؟ قىزىقسىڭىز ھىكايىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سىلىڭ!!!!!
مەريەمگۇل تاشمەمەت
1124 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 0:49:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-27 13:29:09 | مەريەمگۈل |
ئەسىرمنى ياختۇرغىنڭلارغا رەخمەت بۇ بىر ھەقىقى ۋەقە ئاخىرنى ۋاقىت يار بەرسىلا تىز پۇتۇرشكە تىرشىمەن |
2016-11-24 11:31:39 | ئادىلە |
ئاخىرىنى تىزراق يىزىڭە ، قىزىقىپ كەتتىم |
2016-11-22 23:18:50 | رازىيە |
بەك ياخشى كۆرۈپ ئۇقۇدۇم ،رەھمەت سىزلگەﺋﺍﺧﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﯩﻤﺎ |
2016-11-22 23:04:18 | نازىم |
داۋامىنى تىزراق يوللاڭلارچۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|