پــــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
7. قىسىم
ئۇنىڭغا قاراپ ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالمىدىم . ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى ، چۈشۈمدىكى پەرىشتىنىڭكىگە ئوخشاش قاش ، كىرپىكلەر ، ئاپئاق خالات ئاستىغا يوشۇرۇنغان گۈزەل جەزبىدار بەدەن ئاھ خۇدا .... بۇ چۈشۈمدىكى پەرىشتىنىڭ ئۆزىغۇ .....
سستىرا قىز ئالدىمىزغا كەلگەندىن كېيىن دوختۇر ئايال ماڭا قاراپ :
-سىز بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ ، ئوكۇلنى سەل تۇرۇپ ئاسايلى . دېدى ۋە سېستىرا قىزغا قاراپ :
- شەھىدە سىز مەن بىلەن مېڭىڭ . دېدى
ئىككىيلەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ بىمارلار ئۆيىدە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم . كارۋاتنىڭ قىرىغا كېلىپ تېلفۇن ئويناپ ئولتۇردۇم . ئارىدىن بەش مىنۇت ۋاقىت ئۆتتىمكىن سېستىرا قىز كىرىپ كەلدى ۋە تۈنگۈنكىدەك ئوكۇلنى سېلىپ بولۇپ :
- مەن سەل تۇرۇپ كىرەي ، بىرەر ئىش بولسا مېنى چاقىرىڭ دېگىنچە چىقىپ كەتتى .
تېلفۇنۇمدا بىرمۇنچە كىنو بار ئىدى ، كۆرۈپ ئولتۇردۇم . ھايال ئۆتمەي سېستىرا قىز يەنە كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ ئىشىكتىن كىرگىننى كۆرۈپ تېلېفوننى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردۇم . ئۇ يېنىمغا كەلگەندىن كېيىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا :
-ئوكۇلىڭىز تۈگەي دەپتۇ ، مېنىڭمۇ ئىشىم يوق ، ئوكۇل تۈگكەندە ئالماشتۇرۋېتىپ بىراقلا چىقىپ كېتەي . دېدى ۋە ئالدىمدىكى بىمارلار ياتىدىغان كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى .
ئۇنىڭ كۆزلىرگە قارىدىم ، بايا ئىشىكتىن كىرگەندىكى خۇشال ، تېتىك ھالىتدىن بىراقلا غەمكىن ، كۆزلىردىن ھازىرلا تاراملاپ ياش تۆكىلدىغاندەك ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى .
مەن پەس ئاۋازدا سوردۇم :
- كەيپىاتىڭىز تازا ياخشى ئەمەسمۇ قانداق ، بايا خېلى خۇشال كۆرنەتتىڭىز ، ئەمدىلىكتە بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك غەمگە پېتىپ كېتىپسز ؟ دېدىم ئۇنىڭغا .
- ھەئە كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس ، ئۆيىمىزدە ئازراق كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپتىكەن ، بايا ئۆيدىكلەر بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشتىم . دېگنچە يىغلاپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ يىغلاپ كەتكىندىن خېلى ئېغىر كېلىشمەسلىك كەلگەن بولسا كېرەك دېگەنلەرنى ئويلىدىم . ھەم كۆڭلىنى تېخمۇ يېرىم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن نىمە ئىش بولغانلىقنىمۇ سوراپ ئولتۇرمىدىم .
ئۇنىڭ يىغىسغا تەسەللىي بېرىشنى ئويلىدىم ، بىراق نېمە دەپمۇ تەسەللىي بېرەمەن . ھەي مۇشۇ تاپتا مېنىڭ ئاشۇ گەپدان ئاغىنلىرىم بولغان بولسا ، بۇ قىزنى بىردەمدىلا كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋەتتى . مەن نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق كەمسۆز ، يۇۋاش بوپ قالغاندىمەن . ئىشقىلىپ قاملاشمىسمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە باشلىدىم :
- بولدى دوختۇر ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، خۇشاللىق ، كۈلكە بىزلەرنى ۋاقىتلىق كۈلدۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنگە ئوخشاش كۆڭۈلسز ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ شۇڭا ھەرۋاقىت سەۋىرچان بولۇپ ياشىماق تولىمۇ زۆرۈردۇر . ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئازابىڭىزنى مەن چۈشەنمەيمەن ، بىراق سىزگە قولۇمدىن كېلشىچە تەسەللىي بېرەلەيمەن ..... دېدىم ئارانلا
سېستىرا قىز گېپىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يېشنى سۈرۈتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ :
- رەھمەت سىزگە ، مۇشۇ دوختۇرخانا
ئىچىدە مەن ئازاپلانغاندا تۇنجى بولۇپ تەسەللىي بەرگەن ئادەم سىز بولدىڭىز . دېدى ئۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتكەچ .
- نىمە ؟ مەن سىزگە تۇنجى بولۇپ تەسەللىي بەردىمما ؟ نىمە دەيدىغانسز ؟ دېدىم مەن ھەيران بولۇپ .
- ھەئە شۇ ، چۈنكى مەن بۇ دۇختۇرخانىغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئازاپلاندىم ئەمەسمۇ ، يەنى تۈنگۈن كەچتىمۇ پەقەت ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتكەن ئىدىم .باياتىن ئۆيدىكلەر بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ شۇنداق ئازاپلىنىپ كەتتىم دېدى ئۇ قىز .
مەن چۈشنەلمەي تۇرۇپ قالدىم . ئۇ چۈشەنمىگەنلىكىمنى بىلگەن بولسا كېرەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ :
- چۈنكى مەن بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىشقا چۈشكىلى ئاران بىر ھەپتە بولدى ، شۇڭا بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ تۇنجى يىغلىشىم دېدى .
ئۇنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئاندىن چۈشەندىم ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم . ئۇمۇ ماڭا قوشۇلۇپ كۈلۋاتاتتى . تۇيۇقسز ئىشىك ئېچىلىپ بىرى كىرىپ كەلدى .
يەتتىنچى قىسم تۈگدى .
داۋامى بار .......
319 قېتىم كۆرۈلدى | uqkuni | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-20 4:42:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-30 18:14:35 | 💦dev💦 |
مەن بۇ پەرىشتەم پوۋىستىنى ئوقۇپ ،بۇ يازغۇچىمىزنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا قانچىلىك ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەنلىكىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۈمۈدىم شۇكى ،بۇ يازغۇچىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ مەزمۇنى ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . نېيتى دۇرۇس بولسا ، قىلالمايدىغان ئىش يوق! سىزگە مەدەت تىلەيمەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|