قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 16- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 16- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

ئۇلار تېڭىرقاپ قالدى، شۇنچىلىك تونۇش بولۇپ كەتكەن يوللار ئەمدى پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ ، ئەتراپنى بارغانچە قاپلاپ كىتىۋاتقان بۇ سىرلىق تۇماندا تېخىمۇ سۈرلۈك مەنزىرە نامايەن بولۋاتاتتى .

- قانداق قىلىمىز ؟- دىدى دىلبەر ئارقى - ئالدىغا قارىغىنىچە ،- بۇ جايلار ماڭا شۇنچىلىك ناتونۇش بىلىنىۋاتىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۇمانمۇ بارغانچە قويۇقلاشتى ، ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىش تۈگۈل سارايغىمۇ قايتالماي تۇرمايلى ئەمدى ، قانداق قىلىمىز قايتامدۇق ؟

تايىر گەپ قىلغۇچە سەمەت كەسكىنلىك بىلەن :

- نىمىشقا ماشىنىنى تاپالمىغۇدەكمىز ، مېڭىپ باقايلى ، بەلكىم بىز باشقا يولدىن ماڭغاندىمىز ، ئازاراق تۇماننى دەپ كەينىمىزگە يېنىپ يۈرەمدۇق ،- دەپلا يول باشلاپ ماڭدى.

ئىككىسى بىر - بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ئۈن - تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئۇلار ماڭغانچە ئەتراپ يەنىلا ناتونۇش ئىدى ، ئەگرى - بۈگرى يوللار چاسا شەكىلگە كىرگەن ، كىچىك ،قاتار سېلىنغان ئۆيلەر ئورنىدا چوقچۇيۇپ تۇرغان قەبىرلەر پەيدا بولغان ئىدى. ئۇلار كىتىۋېتىپ تېڭىرقاپ قالدى ، چۈنكى ئالدىدا يول توسۇلۇپ ئىگىز سېپىل قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى .

- بىزنى نەگە باشلاپ كەلدىڭ ئەمدى ؟- دىدى تايىر ،- كىلىپ باقمىغانلا يەر ئىكەنغۇ بۇ .

سەمەتمۇ بېشىنى تاتىلۋەتتى .

- مۇشۇ تەرەپتىن كەلگىنىمىز ئېنىق ، لېكىن كەلگۈچە بۇنداق سېپىلنى مەنمۇ كۆرمىگەن ، كەينىمىزگە يانايلى ،- دىدى ئۇ سېپىل تېمىغا بىرنى تىپىپ .

ئۇلار كەينىگە يېنىشتى، بۇ چاغدا ئەتراپنى پۈتۈنلەي تۇمان يۇتۇپ بولغان بولۇپ ،تۇمان قويۇقلىغىدا ناھايتى ئون بەش ماڭدام يەرگىچە كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۇماندىن بىر خىل بەتبۇي پۇراق كىلىپ ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. -

قانداق پۇراق بۇ ؟- دىدى دىلبەر بۇرنىنى قول ياغلىغى بىلەن توساپ ،- ئەزەلدىن بۇنداق پۇراقنى پۇراپ باقماپتىمەن ، نىمانداق بەتبۇي .

- مەنمۇ شۇ ،- دىدى تايىر ،- بۇنداق پۇراقنىلا ئەمەس، بۇنداق تۇماننىمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن، خېلى بولدى مەن بۇ تۇمانغا دىققەت قىلىۋاتقىلى ، بۇ تۇمان ئىسقا ئوخشاش كۈلرەڭ ئىكەن. يۆلىنىشىمۇ ھەر خىل بولىۋاتىدۇ خۇددى بىزنىلا ئەگىشىپ يۈرىگەندەك .

- ئادەمنى قورقاتمىغىنە ئاداش ،- دىدى تايىر ،- بىزگە ئەگىشىپ دىسەڭ يۈرۈگۈم جىغ قىلىپ قالىدىكەن ، بۇ جايدا ئادەم ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتقاندا بىرەر پىشكەللىك بولۇپ قالمىسۇن .

- ئېغىزىڭىزغا تاش ،- دىدى دىلبەر ،- يەرگە تۈكۈرۈڭ ، پىشكەللىكنى ئارزۇلاۋاتامسىز.

سەمەت دىلبەرنىڭ كۆڭلىنى قىلىپ يەرگە تۈكۈرۈپ قويدى. تايىر بۇلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇلار تۇمان ئىچىدە كەلگەن ئىزىنى بويلاپ قايتىۋاتاتتى.

تايىرلار مېڭىپ بولغاندىن كىيىن باشقىلار مەخپىي ئۆيدىكى ئالتۇنلارنى يۆتكەپ تۇرماقچى بولۇشتى. ئۇلار يەر ئاستى يولى بىلەن مەخپىي ئۆيگە بېرىپ ئاندىن كۇتۇپخانىغا چىققاندىن كۆرە بىۋاستە كۇتۇپخانىدىن كىرىدىغان ئىشىكنى ئېچىشنى مەسلىھەتلىشىپ كۇتۇپخانىغا كىرىشتى -دە بۇلار مەخپىي ئۆيدىن چىققاندا سۈرۈلۈپ ئېچلىغان كىتاپ ئىشكاپىنى سۈرۈپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇشتى. لېكىن بۇلار قانچە كۈچىسىمۇ ئىشكاپ مىدىرمۇ قىلىپ قويمىدى .

- چوقۇم بۇ ئىشىكنى ئاچىدىغان مىخانىك قۇرۇلمىنىڭ ئاچقۇچى موشۇ كۇتۇپخانىدىمۇ بار ،- دىدى تۇرغۇن تىت - تىت بولۇپ ، - بولمىسا بۇ يەرگە چىقىدىغان ئىشىك قويامدۇ؟

- ئەمىسە ئۇ مىخانىك ئاچقۇچ قەيەردە؟- دىدى گۈزەلنۇر.

- ئىزدىسەك تاپالايمىز ئىزدەيلى ،- تۇرغۇن شۇنداق دەپلا ئىشكاپتىكى كىتاپلارنى ئېلىشقا باشلىدى .

- نىمە قىلىۋاتىسىز؟ چۈشەنمىدىم ،-دىدى گۈزەلنۇر تۇرغۇننىڭ ھەركىتىگە قاراپ .

- بۇنداق ئىش ،- دەپ چۈشەندۈردى تۇرغۇن ،- ماتىرياللاردا بۇنداق مەخپىي، پۇختا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈنلەي مىخانىك تېخنىكا بىلەن قۇرۇلمىلارنى ياساپ ئىشىكلەر ئۆزلىگىدىن ئېچىلىپ يېپىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئېچىش، يېپىش ئۈچۈن مەخپىي ئورۇنغا ئاچقۇچ رولىنى ئوينايدىغان سايمانلارنى ھەتتا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان يوچۇقلارنىڭ ئىچىگە، تاملارنىڭ ئارسىغا ئورنىتىپ قويىدىغانلىغى يەنە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەر شۇنداق قۇرۇلمىلارنى باشقۇردىغان ئۈسكىنىلەر دەپ يېزىلغانكەن. بەزى قۇرۇلمىلار مەخسۇس مەخپىي شىفىر رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ خاتا مەشغۇلات قىلىنسا دەرھال قوغدىنىش ، ھۇجۇم قىلىش تەرتىپىگە ئۆزلىگىدىن كىرىدىكەن ، شۇڭا بۇ جايمۇ شۇنداق جاي بولغاچقا بۇنىڭمۇ ئاچقۇچى بار دەپ ئويلاۋاتىمەن.

- ۋاھ ، ھىكايە سۆزلەۋاتامسىز ، سىز كىنولارنى بەك كۆپ كۆرۋېتىپسىزمۇ نىمە؟ قانداق ماتىرياللاردىن كۆردىڭىز بۇنداق ئىشلارنى ؟- دەپ كۈلدى گۈزەلنۇر ئېغىزنى ئەتكىنىچە ئۆزىنى تۇتالماي.

ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىسكەندەرمۇ كۈلدى.

- مازاق قىلۋاتامسىز ئۆزىڭىزچە ،- تىرىكتى تۇرغۇن ،- بۇنداق ماتىرياللارنىچۇ مەخسوس ئارخولوگ خاتىرلىرىدىن تاپالايسىز ، يەنە مىسىردىكى ئەلئېھرامنىڭ سىرىنىمۇ ئوقۇسىڭىز چىقىدۇ ، قاراپ تۇرۇڭ سىزگە ھازىرلا كۆرسىتىپ قويمىسام .

ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشكاپتىدىكى كىتاپلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ باقتى. لېكىن ئۇ ئويلىغان قۇرۇلما كۆرۈنمەيتتى ، بۇ چاغدا ئۇ كىتاپ ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە قاتار تىزىپ قويۇلغان قىممەتلىك فار -فۇر بويۇملارغا كۆز تىكتى.

تايىرلار كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يەنە بىر توساققا بېرىپ قالدى .

- بۇ قانداق ئىش ، بۇ بىز بايىلا كەلگەن يولغۇ ،- دەپ تۇرۇپلا قالدى تايىر .

- راس بىز بايا كەلگەن يول شۇمۇ بۇ ؟- دەپ ئىشەنمىگەندەك سورىدى دىلبەر ئالدىدا ئىگىز تۇرغان سېپىل تېمىغا قاراپ .

- مېنىڭچىمۇ بۇ بىز كەلگەن يول ، لېكىن بۇ توساق تام نەدىن پەيدا بولدى ،- دەپ تايىرنىڭ گېپىنى دەلىللىدى سەمەت ، - ئىزىمىزغا قاراپ باقساقلا بىلىمىزغۇ. ئۇلار دەرھال ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى. كەلگەن ئىزلار شۇنداق ئېنىق بولۇپ لېكىن نەتىجىسىدىن ئۇلار قورقۇپ داڭ قېتىپ قالدى چۈنكى بۇ ئىزلار ئۆز ئەينەن تام ئىچىگە تۇتۇشۇپ تۇراتتى .

- بۇ مۇمكىنمۇ ؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ،- تايىر جىددىيلىشىپ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشقا ئىشىنەلمەيۋاتاتتى.

دىمىسىمۇ بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەكلا بولۇپ بۇ ئىزلار ئۈستىدىكى غايەت زور تامنى قانداق كۈچ يولنى توغىرسىغا توساپ بۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ دەپ ئويلىغۇدەكلا ئىدى.

- بىز ئەجىبا تامدىن توسالغۇسىز ئۆتۈپ كەلدىقمۇ ، بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟- دىدى دىلبەر تامنى سىلاپ.

لېكىن تام شۇنچىلىك مۇستەككەم تۇراتتى . تايىر تامنىڭ ئۈستىگە چىقىشنى ئويلاپ باقتى -دە چىقىشقا كۆزى يەتمىدى چۈنكى ئالتە - يەتتە مىتىر تامغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار بىر پەس تۇرغاندىن كىيىن تۇرۇشنىڭ زۆرۆرىيتى يوقلىغىنى ھېس قىلىپ يەنە كەينىگە ياندى -دە بىر ئاز مېڭىپ تېخىمۇ ھەيران قېلىشتى ، ئەمدى بۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى يول ئەتىراپىدىكى سېپىل تام بولماستىن تۇمان ئىچىدە يېيىلىپ تۇرغان قەبىرىستانلىق بولۇپ چىقتى.

تۇرغۇن ئىشكاپقا ئېسىلىپ چىقىپ ئۈستىدىكى چىرايلىق لوڭقا ، نەقىشلىك تەخسە ، كۆركەم چىنە چەينەك قاتارلىقلارنى بىر ياقتىن ئېلىپ كۆردى لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى . ئۇ ئاچچىقلاپ ئولتۇرۋېدى گۈزەلنۇر يەنە كۈلۈپ كەتتى . گۈزەلنۇرنىڭ كۈلىشىدىن تۇرغۇن تېخىمۇ تىرىكىپ كىتاپ ئىشكابىنى بىرنى تېپىۋەتتى. بۇ تىپىشتىن ئىشكاپ ئۆزلىگىدىن غارىلداپ سۈرۈلدى، كەينىدىن تام ئاستا كۆتۈرلۈپ مەخپىي ئۆي ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. ئۇشتۇمتۇت بۇ كارامەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىدىن گۈزەلنۇر چۆچۈپ كىتىپ يۈگۈرگىنىچە كۇتۇپخانا ئىشىكىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىشقىمۇ ئۈلگۈردى .

- قانداقكەن ، بىڭسىم بارمىكەن ،- دەپ كۆرەڭلەپ كۈلدى تۇرغۇن گۈزەلنۇرغا قاراپ .

- قانداق ئاچتىڭىز ؟ قەيەردىكەن قۇرۇلما ئاچقۇچى ،- گۈزەلنۇر كىلىپ ئىشكاپنىڭ ئۇ يەر - بۇ يىرىگە قارىغاچ سورىدى تۇرغۇندىن ھەيران بولۇپ.

تۇرغۇن ئىشكاپنىڭ پۇتىنى كۆرسىتىپ قويدى. دەرۋەقە ئىشكاپنىڭ پۇتى ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك كۆرەنگەن بىلەن ئەمىلىيەتتە يەردىن ئاز كۆتۈرلۈپ تۇراتتى، گۈزەلنۇر قايىل بولغىنىنى ئىپادىلەپ بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى . ئۇلار ئاستا ئۆيگە كىرگەندە مەشئەللەر ئۆزلىگىدىن يېنىپ بولغان بولۇپ ھەيران قالارلىغى ئۆي ئىچىدە يا ئالتۇن ، كۆمۈش ، يا تاش ساندۇق كۆرۈنمەيتتى. تۇرغۇن تىزلىك بىلەن ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە قاراپ چىقتى، ئۆي بۇرۇنقى ئۆي ئىدى .

- بۇ … بۇ … بۇنىڭ ئىچىدىكىلەر قېنى ؟- ئۇ بۇ سۇئالنى كىمدىن سورىغىنىنى ئۆزىمۇ بىلەلمىدى .

تايىرلار ئاستا قەبىرستانلىققا يۈزلەندى، تۇمان ئىچىدە بۇ قەبىرستانلىق شۇنچىلىك سۈرلۈك كۆرىنەتتىكى ئۇ جايدىن تۇمان بىلەن تەڭ بىر خىل ۋەھىمە كىلەتتى .

- ماڭايلى ،- دىدى تايىر يول باشلاپ ،- بۇ قەبىرستانلىقنى كىسىپ ئۆتەيلى ، بەلكىم ئۇ يەر بۇ جايغا سولۇنۇپ قالغاندىن ياخشىدۇ.

تايىرنىڭ كەينىڭ سەمەت ئەگەشتى، دىلبەر قەبىرىستانلىققا قاراپلا قورۇقتى ، ئۇ ماڭماي تۇرىۋالدى .

- مەن قورقىۋاتىمەن ، مەن ئەزەلدىنلا قەبىرستانلىقتىن مېڭىشتىن قورقىمەن ، - ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقاتتى.

تايىر قايتىپ كىلىپ :

- قورۇقماڭ بىزگە موشۇنداق ماڭماقتىن باشقا يول يوقتەك تۇرىدۇ ، يۈرۈڭ بىز بار ،- دىگىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى . قەبىرستانلىق ئىچىدە تار يوللار بولۇپ ئاندا - ساندا تىكىپ قويغان دەرەخلەر ئالىقاچان قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەنتى. قەبىرلەر ھەر خىل، ھەر شەكىلدىكى قەبىرە تېشى، قەبرە تاملىرى بىلەن تولغان بولۇپ قارىماققىلا بىر ئالۋاستى ئۇۋۇسىدەك كۆرىنەتتى.

ئۇلار مېڭىپ كىتىۋېتىپ دىلبەر ۋاقىرۋەتتى. بۇنىڭدىن قورقۇنىچ ئىچىدە ئاران كىتىۋاتقان تايىر بىلەن سەمەت چۆچۈپ تۇرۇپلا قېلىشتى. تايىر دىلبەرگە قارىدى. دىلبەر قولى بىلەن قەبىرستانلىقنىڭ ئوتتۇرسىنى كۆرسەتتى، قەبىرستانلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا بېشى يوق بىر ئاق كىيىملىك ئايال، چېچىدىن تۇتقان ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر قىزچاق ئايالنىڭ قولىنى تۇتقان ھالدا ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى.

بۇلار يەنە قانداق قىسمەتكە ئۇچۇردى ، بۇ جاينىڭ بۇنداق سىرلىق غەلىتە بولىشىدا قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .






1323 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:46:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ