مەھەللەمدىكى قىز - 5 -قىسىم ھىكايە

مەھەللەمدىكى قىز 5-قىسىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  (تەنھا تۇرنا )


كىرىپ كىتىشى بىلەن ئۆيگە قايتىش يولىدا مەن يىزىدىن كىتىشنى ئويلاشتىم شۇنداق قىلغاندا گۇلمىھرە مىنىڭ كۆزۇمگە كۆرۇنمىسە ئەس يادىمغا يەتمىسە ئاندىن مەن ئەركىن بولالايدىغانلىقىمنى بىلىپ يەتتىم،ئۆيىگە كىرىپ ئانامغا دىدىم ئانا مەن بۇ يەردە مەن بىلەن ئوينىغىدەك دوسلىرىم يوق مەن بەك زىرىكىپ كەتتىم،دادامغا دەپ باقسىڭىز مىنى شەھەرگە كىرگىلى قويسا مەن ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن تەتىلىمنى ئۆتكۇزسەم ،بۇ يەردە تۇرسام يا ھازىر سىلەرگە ياردەملەشكىدەك ئىشلارمۇ بولمغانتىكىن شۇنداق قىلاي،شەھەردىكى ئۆيدە تۇراي ئانا، دادامغا بۇ گەپلەرنى دىسەم مىنى ئىنىق شەھەردە تۇرغىلى قويمايتى،ئانام بالام نىمە ئىش قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلغىن بىز سىنى توسمايمىز دىدى،مەن ئانامنىڭ گىپى يىرالمايتىم ماقۇللا دىدىم ،كەچمۇ بولاي دىدى كەچلىك تاماقنى بولىشىغا يەپتىمەن ئاناممۇ نىمانداق ئاچ قالغاندەك يەيسەن،چۇشتە تاماق يىمىگەنلىكتىن شۇنداق كۆپ يىدىڭمۇ ؟ھەئە ئانا  كۆڭلۇم خىلى تارتىپ قالدى،شەھەرگە قايتىپ كىتىشنىڭ پىلانى ياخشى بولىۋاتاتتى،نەۋرە ئۇكىللىرىم بىلەن  چاقچاقلىشىپ ئۆزۇمدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى يوقۇپ تىزىراق تاڭ ئىتىشىنى ئارزۇلاپ تۇراتتىم،خۇددى تاڭ ئاتسا بەك چوڭ ئۆزۇگىرشلەر بولىدىغاندەك ئىدى،كىچىكلەر بىلەن بولۇپ كەچ بولغىنىنىمۇ تۇيماي ئۆينىڭ ئىچىدە ئويۇن بىلەن بولۇپ بىردەمدىلا كەچ بولغانىدى،ئۇلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىگە چىقىشىپ كىتىشتى مەن يالغۇز قالغانىدىم ،ئاناملارنىڭ يىنىغا چىقىپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن يەنە يىنىپ كىرىپ ئورۇن سالمايلا بىشىمغا ياستۇقنى قويۇپ تورۇسقا قاراپ   چىگىش خىياللارغا بەنىد بولۇپ كەتتىم ، مەن راستىنلا تاش يۇرەك  مىنى سىغىنغانلاردىن مەن يىراق،ئۇلارنى قىيناپ  يۇرىدىغۇ ئىشقى پىراق، مانا بۇ دىگەن مۇھەببەت ھەي مۇھەببەت سەن نىمىدىگەن شەخسىيەتچى ھە ئۆزۇڭنىلا ئويلامسەن.
تىلفونۇمدىن يەڭگىل ناخشا چىقىۋاتاتتى مەن ھەر ئويلاردا ئىدىم ،سىرىتتا ئۇزۇن ئۇزۇندا بىر ئىككى قىتىم ئاڭلىنىدىغان ئىتنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى،ئاستا ئاستا كۆزۇم بىلىپ بىلىنمەي يۇمىلاتتى،ھەر ئون ئەنبەش مىنۇتلاردا ئويغۇنۇپ، تولغۇنۇپ ياتالماي ئەتىراپىمدىن يوتقاننى ئىزدەشكە تەمشىلىپ چىراقنى ياندۇرسام بىشىمغا ياستۇقنى قويۇپلا ياتقىنىم ئىسىمگە كەلدى،ئورۇننىمۇ ھەش پەش دىگۇچە جايلاشتۇرىۋىلىپ ياتىىتم،كۆزۇمگە ئۇيقۇ كىلىپ يۇمۇلۇپ كىتىۋاتاتتى مەن بۇ تاڭنى ئۇخلىماي ئاتقۇزسام باشقا بىر جايغا بىرىپ ئەركىن بوپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا ياتاتتىم .
تۇيۇقسىز تىلفۇن كەلدى قارىدىم ھىچ تونۇيدىغان نومۇر ئەمەس ئالدىم ،ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم كىمۇ؟سادا كەلمىدى نەپەس ئىلىۋاتقاندىكى تىنىق ئاۋازى ئاڭلىناتتى،  قايتا گۇمان بىلەن سورىدىم كىمۇ سىز ؟ يەنە گەپ يوق تىلفون ئۇزۇلدى،تۇيۇقسىز كىلىپ گەپ سۆزقىلماي ئۇزۇلگەن تىلفون زادى كىمنىڭ تىلفوننى ؟گاراڭ كاللامدا ھىچنىمە يوق ئىدى،ئەجىبا گۇلمىرە ئەمەستۇ شۇ بولغاندىمۇ نىمىشقا گەپ قىلمايدۇ ،يا ئۆيدىكىللىرى كۆرۇپ قالغاندىمۇ بولدى نىمىلا بولسا بولسۇن بۆگۇن بولسىمۇ قۇلاق تىنىچ ئۇخلاي شۇنداق قىلىپ تىلفوننىمۇ ئىتىۋىتىپ كۆزۇمنى چىڭ يۇمۇپ ياتتىم،ئۇيقۇ دىگەن مانا مۇندا بولسا بولمامدۇ روھلۇق ئۇيغۇنۇپتىمەن،ئەتىگەنلىك تاماقنىمۇ راۋرۇسلا يىدىم  داداممۇ مىنىڭ شەھەردە دوسلىرىم بىلكەن بىللە تەتىلنى ئۆتكۇزۇشىمگە قوشۇلغاچقا ئۆزى ماشىنا بىكىتىگە ئەكىلىپ قويدى،ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا قولۇمغا خىلى كۆپ پۇلنى بىرىپ بالام سەن چوڭ ئەمدى كىچىكلەر بىلەن ئوينايدىغان ۋاقىتىڭ ئۆتۇپ كەتتى قانداق ئوينىساڭ ئوينا ئەمما ئۆزۇڭنى يوقىتىۋەتمە سەن مىنىڭ بالام ھەم ئاناڭنىڭ بالىسى دەپلا ئۆزۇڭنى ئاسىرا قىنى چىقە،ماشىنىغا چىقتىم،چىقىپ بوپ ھەيران قالدىم دادام بۇ قىتىم ماڭا پۇل بىرىپ ئوينا چوڭ بولدۇڭ كىچىكلەر بىلەن ئوينايدىغان ۋاقتىڭ ئۆتتى ،مىنىڭ بالام دىسىلا بولىدىغۇ ئاناڭنىڭ بالىسى دىگىنى نىمىسى،دادام ماشىنا بىكىتىدىن خىلىلا يىراقلىشىپ  يولدىن ئۆتۇپ بولغانىدى،ماشىنىمۇ قوزغالىدى  ھىلى ئاخشامقى تىلفۇن قىلغان زادى كىم بىلەن يەنە دادام نىمىشقا بۇنداق دەيدۇ بىلەن ئويلاشقا باشلىدىم ماشىنا يىزا يولىدا ئۇياق بۇياققا تەۋرىنىپ ماڭاتتى……
     





697 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 13:28:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-26 1:10:19 GulPiYa
Mahallamdiki kiz digannig ahiri yokma
2016-10-18 11:37:35 ئ‍اراپات
بەك ياخشى يىزلىپتۇ ئ‍اخىرىنى قاچان يىزىپ بۇلاسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ