تەغدىرىم دەيمۇ 2-قىسىم تەسىرلىك ھىكايە
جېنىم ئانا ، مېنى مۇشۇ كۆرنۈشلەرنى كۆرسۇن دەپ تۇغقانمىدىڭىز…
ئۈچ كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى، توي تۈگەپ دانىيە ئائىلىمىزگە رەسمى كېلىن بولۇپ كىردى، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئۆزۈم سۆيگەن قىزنى ھامما دەپ ئاتاشقا مەجبۇر بولدۇم ،تىللىرىم كۆيۈپ كەتكەندەك بولدى. 
دانىيە كىچىك بولغاچقا ئۆي ئىشلىرنى تۈزۈكرەك قىلالمايتتى، لىكىن ئۇ ئىزچىل ئۆگەي بالىسنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىپ قالسام ئۇ ئۆزىنى دەرھال چەتكە ئالاتتى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مومام دانىيەگە قېيىنئانىلىق قىلغىلى تۇردى، ئۇ شۇنچىلىك قوپال گەپلەرنى قىلدى ، دانىيەنى نوقۇدى، لىكىن مەن بىلەن بىرگە بىر تۇردىغان گەپدان قىز مومام ئالدىدا سۈكۈتتە تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ، ھويلىلارنى تازلايتتى، ناشتىلىق، تاماق،يەنە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىمۇ ئۇنىڭ زىممىسىدە ئىدى.
بىر كۈنى مەن ئاغىنلىرىم بىلەن ئويناپ ئۆيگە كەچ قالدىم، چوقۇم ھەممىسى ئۇخلاپ بولدى دىگەن ئوي بىلەن ئاستا ئۆيگە كىردىم ، چىراقنى ياندۇرۇپ چۆچۈپ كەتتىم ، چۈنكى دانىيە مېھمانخانىدا يالغۇز يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئەسلى ئۇ تاغامنى ساقلاۋاتقان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمەي ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇردۇم، كېچە سائەت بىرلەر بىلەن ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام تاغام غەرق مەست، قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بىر قىز ئۇنى يۆلەپ ئېلىپ كەپتۇ، دانىيە بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرەكلىرى قان زەرداپ بىلەن تولغانىدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئائىلىمىزدە ئۇرۇش جىدەل قۇرىمىدى، دانىيە ئارقا ئارقىدىن ناھەقچىلىقلەرگە ئۇچىراپ كەتتى، دائىم تاغامنىڭ خاتا بولسىمۇ مومام ئىككىسى بىر بولۇپ دانىيەنى تىللايتتى، ھەتتا ئۇنى ئۇراتتى، مەن ئۆزۈم سۆيگەن ئادىمىمنىمۇ قوغدىيالمىدىم، ئۇ كۆز ئالدىمدىلا زار زار يىغلايتتى، تاياق يەيتتى، چىدىغۇسىز تىل ھاقارەتلەرنى ئاڭلايتتى.
داۋامى بار




331 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 15:38:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ