سەدىقە قىلىنغان <يۈرەك> - ھىكايە

سەدىقە قىلىنغان <يۈرەك>

 

(ھېكايەت)

ئالىمجان ئاخنىياز شەيدايى

 

كۈنىنى شەھەرنىڭ ئۇزۇن ھەم كەڭ ، ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان چوڭ يولنىڭ بويىدا ،كىشىلەرگە يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ،كۆپىنچىسىنىڭ تىل – دەشناملىرىغا ئۇچرىسا ،ئانداــ ساندا كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى بىلەن سۇنۇلغان پارچەــ پۇرات پۇللارنى يىغىپ،كۈنلىرىنى تەستە ئۆتكۈزىۋاتقان تىلەمچى يىگىت بۈگۈنمۇ ئۇچىسىدىكى ئەسكى چاپىنىنى سېلىپلا ئاددى ‹دوكان ›نى قۇرۋالدى دە سودىسىنى باشلىدى ، بەزى – بەزىدە 《مەرد》باي خوجايىنلارنىڭ كۆپرەك پۇل بەرگىنىدىن باشقا ئاندا – ساندا پارچە پۇللارغا شۇكرى قىلىپ كەلگەن بۇ يىگىتكە نىسبەتەن شۇ كۈنلىرىمۇ بەخىتلىك سانىلاتتى، چۈنكى يېزىدا چېغىدا كىشىلەرنىڭ نەرسىسى يوقىسىلا مۇشۇ ئاتا – ئانىسى يوق بىچارىدىنلا كۆرەتتى، شۇڭلاشقا ئۇرۇق – تۇغققانلىرىمۇ ئۇنى ئوغرى ئاتاپ ئىنتايىن ئۆچ كۆرەتتى. ئۇ بۇ يەردە تۇرىدىغانغا يەر تاپتى، قۇرسىقى توق ،پەقەت بىرەر ئايدا بىر قېتىم ئاراندا ئۇچىسىغا كىشىلەرنىڭ سەدىقە قىلغان كىيمىنى ئارتالىغاندىن باشقا ھەممە ئىشلىرى ئۆزىگە شۇنچىلىك بەخىتلىك تۇيغۇ بېرەتتى. ئارزۇلىرى كۈچلۈك ھەم ئورۇنلۇق ئىدى . ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچى يوق ئىدى.

-ئەگەر مىڭ يۈئەن پۇلۇم بولسا ھە ، دەپ ئويلايتتى ئۇ ئىچىدە ، مۇشۇ شەھەردە گېزىتچىلىقتىن ياكى گازىرچىلىقتىن بولسىمۇ ئىش باشلىسام ، چوقۇم مۇشۇ ھالىتىمنى ، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەلەيتتىم، قاچانمۇ مىڭ يۈئەن يىغارمەن .... ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ خىيالدا يۈرگىنىگە بىر يىلدىن ئاشتى، كۈندە يىغقىنى كۈندە يەيدىغان نېنىغا ئاران يېتىۋاتاتتى،  ئۇنىڭ گېزىت ياكى گازىر سېتىۋالغۇدەكمۇ پۇلى يوق، پەقەت بارى پۇت- قولى ، ئۇ پۇت – قولىنى ئىشلىتىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمايتتى، ئويلايدىىغىنى مېنىڭ بۇ شەھەردە تۇنۇيدىغان ئادىمىم يوق دىگەن ئۇقۇم بىلەن ، مىڭ يۈئەن تاپسام ... دەيدىغان ئارزۇلار ئىدى . چۈشىدىمۇ ، ئوڭىدىمۇ شۇنى خىيال قىلاتتى ، ئەمما خىيالىدىكى مىڭ يۈئەننىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا پەيدا بولىشى مۇمكىن ئەمەستە . 

 خىزمەت كۈنى بولغاچقىمۇ، شۇنچە گۈزەل ئەمما ئادەم شالاڭ بۇ باغچىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا بىر يىگىت قولىدا بىر ئورالما ئىچىگە ئېلىنغان قۇتىدا نەرسە تۇتقىنىچە بىرسىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ تېخى ھاياتنىڭ ئىسسىق سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن ،بىغەم ، ھېلىدىن ھېلىغا كىرىش ئېغىزىغا تىكىلىۋاتقان كۆزلىرى ئۇنىڭ بىر مۇھىم ئادىمىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى يۇشۇرالمىغىنىدەك ، قاداق ،نىڭ نېمىلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان يۇمران قوللىرى چىڭ سىقىندىغان ئورالمىنىمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.

ئۇ مۇشۇ شەھەردىكى داڭلىق باينىڭ ئوغلى، ھېچنىمىدىن غېمى يوق ، ئەمما ئۇ ناھايىتى ئەخلاقلىق ھەم ئاقكۆڭۈل ئىدى . كىتاب ئوقۇشقا ، رەسىم سىزىشقا ، ساز چېلىشقا قىزىقاتتى. بۈگۈن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەنىدى ،ئۇ تىت – تىت بولاتتى ، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئېيتقىنىدا ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغىنىنى خىيال قىلىپ ھاياجانلىناتتى، ئەپسۇس ، ئۇنىڭ كۆرگىنى كىرىش ئېغىزىدىن كىرىپ كەلگەن قىزنىڭ بىر يىگىتنى قولتۇقلىۋالغان كۆرۈنۈشى بولدى . مۇمكىنمۇ ؟ ئۇ ئۆزىدىن توختىماي شۇلارنى سورايتتى ، مېنىڭ ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرۈشۈم مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمىدى ؟ ئۇ نېمىشقا ماڭا ئېيتمايدۇ ؟

ئۇنىڭ قۇلىقىغا قىزنىڭ سالام قىلىشلىرى ، بۇ مېنىڭ يىگىتىم دەپ تۇنۇشتۇرۇشلىرى ئەسلا كىرمىدى، ئۇ قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ باغچىدىن چىقىپ كەتتى ، قىز بولسا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ :

-ساراڭمۇ بۇ ؟ دېگىنىچە يىگىتى بىلەن قولتۇقلىشىپ قېلىپ قالدى . يىگىت ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىدىن كۈلەتتى،  شۇنچە يېقىن ئۆتكەن، شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن قىز دوستىنىڭ يىگىتى بارلىقىنى ئۇ خيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

ئۇ قولىدىكى سوۋغاتنى تەييارلىغاچ قانچىلىك ھاياجانلانغان ھە!؟ ئەمما ئەمدى ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولدى ، دۇنيا مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز ، سەن مىڭ قەدرىنى قىلساڭمۇ قەدرىڭنى بىلمىسە بىكار ، سېنىڭ ئازابىڭ بەدىلىگە باشقىلار خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ ، بەزىدە سەن شاھمات تاختىسى ئۈستىدىكى پىشكىلاردەك قەدىرسىز قۇربانلىق بېرىسەن خالاس . يىگىت قولىدىكى ئورالمىنى ئەخلەتكە تاشلىۋەتمەكچى بولدىيۇ ئويلىنىپ قالدى:

-بۇلارنى ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئەمەسمىدىم ، تاشلىۋەتسەم باشقىلارنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ خۇشال قىلالمىغىدەكمەن ، شۇڭا ھاجىتى بار بىرسىگە بېرىۋىتەي .ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتتى ... 

 -ياخشىمۇسىز ! شېرىن خىياللار بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتقان تىلەمچى بايىقى يىگىتنىڭ چاقىرىشىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدى . تىلەمچى بىر كېلىشكەن ھەم سالاپەتلىك يىگىتنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقىنىدىن تەئەججۈپلىنىپ ئەتراپىغا نەچچە قېتىم قارىۋىتىپ دېدى :

-ھە ، ياخشى ، سىز ؟

-سىزگە بىر سوۋغىتىم بار ئىدى ، قۇبۇل قىلىڭ .

تىلەمچىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى . چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم باشقىلاردىن سوۋغا تاپشۇرۋېلىشى ئىدى . يىگىت قولىدىكى ئورالمىنى تىلەمچىگە بېرىپ ئىنتايىن ئازادە ھەم ئەركىن ھېسلارغا چۆمگەندەك بولدى،  تىلەمچىنىڭ قارىداپ كەتكەن يۈزىدىن چاقنىغان كۈلكىنىڭ نۇرى يىگىتنىڭ قەلبىدىكى ئازاب ، ئۆكۈنۈش دىگەنلەرنى يوقىتىپ بىر خىل ئىشەنچ ھەم خۇشاللىق بېغىشلىغاندەك قىلاتتى. يىگىت يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن تىلەمچى ئورالمىنى يىرتىپ ئىچىدىكى قۇتىنى ئاچتى. ئىچىدە بەزىلىرى چوڭ بەزىلىرى كىچىك، بەك نەپىس بولمىسىمۇ خېلى ئەجىر قىلغىنى بىلىنىپ تۇرىدىغان، يۈز يۈەنلىك پۇلدىن قاتلانغان يۈرەك شەكىللىرى تۇراتتى. تىلەمچى ساناپ بېقىۋىدى ئازمۇ ئەمەس كۆپمۇ ئەمەس ساق مىڭ تال چىقتى . تىلەمچى خۇشال بولدى، خىياللىرى ئەمدىلكتە ئەمەلگە ئېشىۋاتاتتى. ئۇ بۇ يۈرەكلەرنى ھېلىقى يىگىتنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ ، مۇھەببىتى بىلەن قاتلىغىنىنى ھېس قىلغاندەك بولدى دە كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى .

تىلەمچى يىگىت قولىدا نۇرغۇن گېزىت كۆتۈرگىنىچە كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئالدىراش ئىدى، ئۇ تويۇقسىز بىر تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ قالدى، بۇ چىراي ئۇنىڭغا خۇددە خىزىرلاردەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزى ئۇچراشتى، تىلەمچى يۈگۈرۈپ كېلىپ يىگىتنى قۇچاقلىۋالدى ، يىگىتمۇ ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىنلا ئۇنى ئاللىبۇرۇن تونىۋالغانىدى .

-شۇنى ھېس قىلدىمكى ، دېدى تىلەمچى ئۇ يىگىتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ،ئىنسان ئۆزىگە ئىشىنىشى ، ئۆز كۈچىگە تاينىشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىكەن، سىز مېنىڭ ئۆز كۈچۈمگە تاينىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز ، رەھمەت سىزگە ، ئەمدى بۇنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي.

 تىلەمچى ھېلىقى قۇتىنى يىگىتكە سۇندى، تىلەمچى ئۇ قۇتىدىكى پۇلغا چېقىلمغان بولۇپ سەدىقە قىلىنغان يۈرەك شەكىللىك پۇللارنى ئىگىسىگە قايتۇرماقچى بولىۋاتاتتى. ئەمما يىگىتنىڭ ئېسىگە شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر قايتا كېلىۋالدى، ئۇ ئۇ قۇتىنى ئەمدى كۆرۈشنى خالىمايتتى .

يىگىت :

-مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئازابنى يۈدىۋالغان كىشى ئەڭ ئەخمق كىشىكەن، يەلكىمىزگە مەجبۇر ئارتىۋالغان ئۆتمۈشنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندىلا ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىدىن بەختىمىزنى تاپالايدىكەنمىز . بۇ دەل مېنىڭ ئۆتمۈشۈم ، دېدى دە قۇتىدىكى يۈرەك شەكىللىك پۇللارنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتتى.

يۈرەكلەر ھاۋادا بىر ئاز لەيلەپ كىشىلەر ئارىسىغا تۆكۈلدى، كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقىدىن خۇشاللىق تاپقان ئىككى يىگىت ئۆتمۈشىنى كىشىلەرگە سەدىقە قىلىۋىتىپ بىر – بىرىنىڭ دولىسىنى قېقىشقىنىچە كېتىپ قالدى .

ناۋادا سىز ياخشى كۆرگەن ھەر قانداق نەرسىلەر سىزگە خۇشاللىق، ئازادىلىك ئېلىپ كېلەلمىسە ئۇ سىزگە مەنسۇپ ئەمەس ، ئۇ سىز ئۈچۈن پەقەتلا يۈك خالاس. ــــــــــــ ئالىمجان …





1933 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-17 22:36:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-25 23:01:15 مۇستەقىم
بەكياخشىنەرسىلەرنى چىقىرۋاتىسىلەر
2016-1-13 20:48:58 زۇلپىقار
ياخشى يېزىلىپتۇ.
2016-1-9 18:51:55 mamat haxem
Yahxe yezlptu yahturdum
2016-1-6 11:05:39 月光
我很喜欢
2015-12-30 1:21:55 ئابلىتىپ
رىئال تۇرمۇشنىڭ كىچىك كارتنسى بوپتۇ ياخشى يىزلىپتۇ
2015-12-24 21:13:50 مەرزىيە
بۇ ئەسەرنى بەك ياختۇردۇم . تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگەكەن . ❤
2015-12-21 21:06:50 شەيدايى
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت
2015-12-21 20:15:07 kakukguli
bak,yahxikan,maga,yaridi
2015-12-20 15:29:54 aslima
bak yahxi yiziliptu yakturdum
2015-12-20 13:28:07 پەرھات
مەزمۇنى ياخشى چىققان ئەسەر ئىكەن
2015-12-20 2:24:42 kurwanjan
bak.yahxikan.rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ