جىن چاپلاشقا قىز 4-قىسىم
گۈلنۇر
ھەي تەقدىر قىسمەت ،ھەي رەھىمىسىز دۇنيا ،ھەي ھايات،سەن ماڭا يەنىمىلەرنى كۆرسىتەرسەن ،مەن راستىنلا خوشالىقلاردىن مەھرۇم قالدىمۇ بۇ تەقدىر قىسمەت ئازابلق كەچمىش ماڭا قاچانغىچە ھەمرا بولار، مەن خوشالىق ئىزدەپ، ئازابلىق ،ئىچىنىشلىق ،ۋەھىمىلىك شۇ تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئانا يۇرتۇمدىن قەۋىم -قىرىنداش ،دوس -بۇرەدەرلىرىمدىن ئايرىلىپ ئۆزۈمگە ناتۇنۇش بولغان بۇ يۇرۇت غىرىپلق ، يالغۇزلۇق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ تۇرمۇشقا قەدەم قويۇپ ماڭا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ مىنى پەپىلەپ مىنىڭ كۆزۈمگە قاراپ كىچىكمدە دەردىمنى ئاز تاتقاندەك چوڭ بولۇپ بىر تۇرمۇشلۇق بولۇپ يەنە ئۆز ھۆدىسىدىن بىمالال چىقالمايدىغان شۇ ئاجىز قىزىنى خوشالىق ھەم خاتىرجەملىكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۇرۇپ ئىللىق مىھرى بىلەن پەپىلەپ كىلۋاتقان جاپاكەش ئانام بىلەن مۇڭلىنىپ بىر -بىرىمىزگە قاراپ شۇ غىرىپلىق ئۈچۈپ تۇرىدىغان تۆت تامغا سولۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزۋاتىمىز ·
مەن بۇ يۇرۇتىن ئايرىلساملا ھەمە ئىش تۈگەپ خۇددى چۈشۈمدىن ئويغانغاندەك بولۇپ خاتىرجەم خوشال -خورام تۇرمۇشقا قەدەم قويىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ئەمما تولۇمۇ ئەپسۇس ھەممە ئىش سىز ۋە مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي بولمايدىكەن ،ماڭا ئازار بىرىدىغانلا غەم قايغۇدا قويىدىغانلا د غەيۋەت -شىكايەتلەرىن خالىي بولىمەن دەپ ئويلىغان تولىمۇئەپسۇسم مەن مەيلىي قەيەردىلام بولاي يەنىلام شۇلار ماڭا ھەمرا ،
مەن بۇ يۇرۇتقا كىلىپ ئۆزەمنىڭ كىسىلگە دەۋا ئىزدەپ ئاڭىغانلىكى دوختۇر ، تىۋىپ ،قارىم ، مولام دىگەنلەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ تۇردۇم ھەمىسىدە ھەر خىل ،ھەر ياڭزا دىياگىنۇز بۇلار مىنىڭ بىشىمنى تولىمۇ قاتۇراتتى ئايلىنىپ كەلگەندە شۇ قارا كۆلەڭگىنىڭ تەسىرىدىن كىسىلىم خىلىي بكلام ئىغىرلىشىپ قالغان ئىدى ئەمدى قانداق قىلارمەن نەگە بارارمەن بۇنىڭغا ھەقىقىي بىر ئامال ئۇنۇملىك رىتىسىپ چىقماسمۇ ،مەن قىسمەن ئادەملەر تەرپىدىن بوزەك بولغانى ئاز دەپ ئەمدى شۇ غايىۋانە نەرسىلەر تەرپىدىن قىينىلىپلا يۇرەرمەنمۇ مىنىڭمۇ باشكىلارغا ئوخشاش نۇرمال ئادەم بولغۇم بار باشقىلار بەھىرمان بولغان شۇنداق تۇرمۇشتىن بەھىرمان بولغۇم بار ،
مانا ئارقامدا ئۈچ باش ھەر تەرەپتىن توختىماي چاقىرىپ تۇرىدىغان غەلىتە ئاۋاز ،قۇلاق تۈيۈمدە ئىچىنىشلىق يىغا -زارە بۇنى ھىچىكىم ھىس قىلالمايدۇ بۇ ئازابىمنى ھەم ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ ، كالام قۇپ قۇرۇق نىمە قىلىشنى بىلمەيمەن ،
ئائىلەمدىكىلەرگە تىخىمۇ بىسىم قىلۋاتىمەن مەن بۇلارنى بىر چۇش بولسىدى دەيمەن قار بىسىپ قالغان بولسىمۇ بۇ چاقىچە ئويغىنىپ بولغان بولار ئىدىم ،كەينىمدىكى شۇ سۇس ئۈزۈن ئاق كۆينەكلىك ،چاچلىرى چۈۋۈلغان ھىچىكىم سەزمەيدىغان پەقەت مەن بىلەن ھەپلىشىپ كەينىمدە خۇددىي سايامدەك ئەگىشىپ يۇرىدىغان شۇ غايىۋانە كۆلەڭگە ،كەچلىرى ئالا قاياقلاردىن پەيدا بولىدىغان قىيا -چىيا،شاۋقۇن سۆرەنلەر مەن نەگىلام بارسام شۇ يەردە پەيدە بولىدىغان شۇ كۆلەڭگىلەر مەندىن يىراق تۇرساڭلار بولماسمىدى ،مەن تۈنجى رەت بۇلانى كۆرگەندە ئەس ھوشۇمنى يوقۇتۇپ يۈركىم چىقىپكىتىدىغاندەكئ ئاجايىپ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە قورقاتىم ،توۋا مانا ئەمدى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ خۇددىي ماڭا نورمال ئىشتەك بىلىندىغان بولدى بەلكىم مەندە قورقۇش تۇيغۇسى يوقاپ كەتكەن ئوخشايدۇ بۇ ۋەھىمىلىك تۇرمۇشقا ھەم قىينىلىشلارغا كۆنۇپ قالغاندىمەن .
مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بىر ھەپتە خاتىرجەملىك ھىس قىلىپ بىقىپتىمە ئەمما بىر ھەپتىدىن كىيىن كەينى كەينىدىن كەلگەن زەربە ، ئائىلە ئىشلىرى ، ھەم بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر مىنى ئەسلىدىكى ھالىتىمدىن بىراقلام پاسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ كىسىلىمنى يەنە بىر پەللە ئەۋجىگە چىقىرۋەتتى ،
مەن ئۆز يۇرتۇمغا يەنە باردىم قىزىمنى يىنىمغا ئەكىلىش ھەم يىقىنلىرىمنى كۆرۇش ئۈچۈن بارغان ئىدىم ئەمما مەن بىرىپ ئىككى كۈن بولا بولماي شۇ ئارقامدىكى كۆلەڭگىلەر تۈپەيلىي بىر مىيىپ ماالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدم ئۇلار مىنى ھەر كوي ھەر ئويلارغا سالدى كىچىلىرى ئۆيدىن چىقىپ ئۆزۈمۇ بىلمەيدىغان يەرنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ سەھەرگە يىقىن يەنە ئۆز ئۆيۇمگە كىرىپ ئۇخلاپ قاپىمەن كىچلىك ئۇيقۇ بىر كىچىك ئۆلۇم بولسا كىرەك ھەممىسى شىرىن تاتلىق چۇش كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقاندە مەن بولسام ۋەھىمە ئىچىدە ئەس ھوشۇمنى يوقاتقان ھالدا كىچىلىك سەيلە ساياھەت قىلىپ يۇردۇم ھەس مەن تاڭ ئاتقاندا ئاخشام نەلەرگە بارغاندىمەن دەپ شۇنچە ئويلىسامۇ ھىچ تاپالمىدىم مەن يىنىمدىكى كۆلەڭگىن ئاخشام مىنى قەيەرگە ئاپاردىلار دەپ سورۇدۇم ؟
ئۇلار ماڭا سىنى ئايلاندۇرۇپ كەلدۇق بىز بىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەڭ قاراڭغۇ جايغا ئاپىرىپ سەھەردە ئۆيگە ئىلىپ كەلدۇق دىدى مەن بۇنىڭغا بەكلام ھەيران قالدىم ھەم ئىچىمنى ئەنسىزلىك بىسىپ تىنىم شۈركۈنۈپ قورقۇنۇش باستى ، يولدۇشۇم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ بەك ئەنسىردىمۇ مىنى ئەتىسى ئەتىگەندىلام ئۆزى مىنى قىزىمنى ھەم ئاپامنى ئىلىپ يەنە خىجىڭغا ئەكىلىپ قويدى ھەم بىز يەنە دۇختۇرخانانىغا باردۇق ئۇلار كۆرۇپ بۇ قىتىمقىسى بەك يامان 黑魔鬼ئكەن ئۇ مەن ئامال قىلالمايمەن دىدى ھەي ئەمدى بۇ نەدە سەقلاپ تۇرغان بولغۇيتى شۇنىڭ تۈپەيلى مەن تا ھازىرغىچە ماڭالمايدىغان بولۇپ پۇتۇمنى سۆرەپ يۇرمەكتىمەن ،ئەمدى بۇنىڭ بىلەن يەنە نىمە كۈن كۆرەرەمەن ،بۇنىڭدىن قۇتۇلالامدىم بۇنى ھىچ بىلىمىدىم بۇنىڭدىن كىيىن يەنە نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ،مەن چارچىدى بەك چارچىدىم ئەمدى بۇنداق بىسىملاغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالىم قالمىدى ، سىلەردىن ئۆتۈنەي ئادەملەر بولسۇن ياكى شۇ غايىپتىكى نەرسىلەر بولسۇن ماڭا ئازار بەرمەڭلار مىنى ئۆز ئەركىنلىكىمگە قويۇپ بىرىڭلار ئىلتىماس.....
794 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-20 17:01:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-22 14:40:41 | بۇخەلچەم |
ئاداش غەيرەت قىل سەن چۇقۇم نورمال ھالتىڭڭە قايتىسە بىز سەن ئۇچۇن دۇئا قىلىمىز؟ |
2016-12-22 12:50:35 | شەبنەم |
بالدۇررااق ئەسلىڭىزگە قايتارسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|