يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى- ھىكايە 1-قىسىم - سەيفۇللا ئابدىراخمان
يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى

ھىكايە1-قىسىم
ئاپتورى سەيفۇللا ئابدىراخمان تەنھا بۇركۇت

ھايات يوللىرىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئۇزىگە چۇشلۇق ياشاش ئۇسۇللۇرى بۇلىدۇ شۇ سەۋەپتىن ھەممە ئادەمنىڭ تەغدىر قىسمىتى ھايات يولىرىدىكى ھاكايىسى ئوخشاش بولمايدۇ ھەم ئىنساننىڭتاللاش ھوقوقىمۇ بولمايدۇ،مەن تۇۋەندە ئۇزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق ھەم ئۇزۇن ھەم قىسقا بولغان ھايات كەچۇرمۇشۇمنى بايان ئەتمەكچىمەن،ئۇ ۋاقىتلاردا مەن شۇنچىلىك غەمسىز،بىر بالا ئىدىم،مەن ئىسىمگە كەلسەم ئاپام تۇگەپ كىتىپتىكەن مەن دادامغا بۇلۇلگەنكەنمەن،يىنىمدا چوڭ ئاپام باتتى چوڭ داداممۇ بۇرۇنلا قازا قىپ كىتىپتىكەن،چوڭ ئاپام مىنى بەكلا ياخشى كۇرەتتى ماڭا يىگۇزمەي تۇرۇپ ئۇزى يىمەيتتى ئۇزى ئۇزى كەيمەيتتى،مەن شۇنچىلىك كەپسىز ھەم بەك شوخ ئىدىم،مەن بەك قىززىقچى بولغاشقىمۇ تاڭ بەك ھەۋەسكار ئىدىم فىلىم كىنو لارغا بەك قىززىقاتتى ئۇ ۋاقىتلاردا لۇشاڭ دەيدىغان بىر نەرسە بەك مودا بولغان مەن دادامغا يىغلاپ تۇرۇش ئارقىلىق شۇنى ئالغىلى سالغان،ئۇ ۋاقىتلاردا ھىنداستاننىڭ بىر فىلىمى بەكمۇ مودا بولغان ئۇ فىلىم ئىنگىلىسلار زامانىستىكى تۇرمە باشلىقى ناملىق فىلىم بۇلۇپئشۇ ۋاقىتلاردا ئۇ فىلىمنى چوڭ كىچىك ھەممىسى بەك ياخشى كۇرەتتى،مەنمۇ ئۇ فىلىمغا بەك قىززىققاشقا ئۇ فىلىمدىكى تۇرمە باشلىقى بۇلىمەن دەپ دادامنىڭ قاتتىق موزىسنى ئۇنمىغىنغا ئۇنماي ئېلىۋالدىم دادام كەنىتنىڭ مۇدىرى ئىدى،شۇنداق قىلىپ مەن قۇلۇمغا بىر كالتەكنى ئىلۋېلىپ مەلىدە كىمنى كۆرسەم شۇنى تۇتىمەن دەپ مەن ئىڭگىلىسلار زامانىستىكى تۇرمە باشلىقى دەپ يۇرەتتىم ،شۇندەق قىلىپ مەلىدىمۇ تۇرمە باشلىقى دەپ نام ئالدىم،چوڭ بولغاچقىلا مەن شۇنچىلىك ئەركە ئىدىم مىنى مەيلى دادامنىڭ ئىنىلىرى بولسۇنمەيلى دادام بولسۇن بىر تاياق سالاممايتتى ھەتتاكى ئۇ ۋاقىتلاردا تىلۋىزور بىر مەھەللىدە ساناقلىك ئىدى بىزنىڭ ئائىلىدە مەن ئۇچۇن باتتى،مەن دەل فىلىمنى دورىمەن دەپ شۇ تىلۋىزورنى چېقىۋەتكىنىمدە ماڭا ھېچكىم بىرنەرسە دىمىگەن چوڭ ئاپاممۇ كۇلۇپ كەتكەنتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىلۋىزورمۇ يۇقاپ كىتىپ بۇرۇن كۆگەن فىلىملەرنى كۇچىلاردا كىچىك دوسلار بىلەن بىللە ئوينۇدۇم،بەزى ۋاقىتلاردا ئۇزۇم يالغۇز ئۇزۇمگە سۆزلەپمۇ ئوينۇدۇم،كۇنلۇرۇم خۇشال ئويناش ئۇخلاش ئىچىدە بىرخىل رىتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى شۇ ۋاقىتلانىڭ بىرىدە چوڭ ئاپامنىڭ كىسىلى بەكمۇ ئېغىرلاپ كەتتى چوڭ ئاپامنىڭ يۇرەك كىسىلى باتتى،يەنىلا مەندىن ئەنسىرەپ داۋاملىق مىنى جىنىم بالام سەيفۇللا سەن ئون ياشقا كىرۋاساڭ ئۇلۇپ كەتسەم دەيمەن دەيتتى بۇدىگىننى مەن يىشىم بەك كىچىك بولغاشقىمۇ ئەيتاۋۇر چۇشەنمەيتتىم ھېلىمۇ ئىسىمدە مەرھۇم چوڭ ئاپام ،دادامنىڭ چوڭ قىزى مەن ئۇنى تاجىخان ئانام دەپ چاقىراتتىم تاجىخان ئانام،بىركۇللۇكتە ئوخشىغان لەغمەن ئەكەلگەنتى،چوڭ ئاپام شۇ ئاشتىن بىر چۇكا يىمەي تۇرۇپ سەيفۇللاچۇ سەيفۇللا بۇ ئاشنى يە دەپ ماڭا تەڭلىگىندە ھەممىسى،سىز كىسەل تۇرسىڭىز ئاپا يەڭ دەپ زورلىسىمۇ چوڭ ئاپام ماڭا يىگۇزگەن چوڭ ئاپام مىنىئمەلىمىزدىكى بازارغا شۇنچە كىسەل قىرلىقى بىلەن يۇدۇپ ھاپاچلاپ ئاپىرىپ كىلەتتى چوڭ ئاپام تاماققا بەكمۇ ئۇستا ئىدى ئۇ ۋاقىتلاردا ھەم تاماق ئەتكىلى بۇلدىغان ھەم نان ياققىلى بۇلدىغان بىز ئۇنى كالا ئۇچاق دەپ ئاتايتتۇق،شۇنداق ئۇچاقتىن بىرنى چوڭ ئاپامنىڭ ئىككىنجى قىزى،سالامەت ئاپام،سىلىپ بەرگەن چوڭ ئاپام بەكمۇ پاكىز ئايال بولغاچقا تاماق ئەتكەندە قازاننىڭ قىشىدا ئادەم تۇرغۇزمايتتى مەن قەستەن بىرۋېلىپ چوڭ ئاپامنى جىلە قىلاتتىم ئوچاقتىكى كۇيۇپ تۇرغان ئۇتۇننى يەنە بىر ئۇچاققا ئىلۋەتكىنىمدە چوڭ ئاپام ھەي تەتۇر پىشانە ئاپاڭدىن ئايرىلغىنىڭ يىتەر ئوت ئارما دەپ شۇندا ئاچچىقلىغىنىدا مەن ھىجىيىپ تۇرۇپ چوڭ ئاپا دەپ ئەركىلەپ ئۆتكۇزۇۋەتەتتىم ھەتتاكى ئۇيۇننى دەپ ئۆيگە كەممىسەم چوڭ ئاپام سەيفۇللا بالام دەپ ئىسمىمنى تولاپ نەلىنى بىر ئايلىنىپ چىقاتتى،ھەتتاكى شۇ قۇلۇدىكى تاماقنى ماڭا يىگۇزمەي تۇرۇپ كەتمەيتتى،شۇ كۇنلەردە دادامنىڭ 2چى ئىنىسى ئابدۇللا ئاكامنىڭ تۇيى بولدى تويدا بەكمۇ شوخ بولغاچقا قان قىنىمغا پاتماۇ ئوينايتتىم ئۇ توينى سۇرەتكە ئالغان ئىدى كەچلىكتە دادام دادامنىڭ ئاكا ھەدىلىرى چوڭ اادامنىڭ ئىنەلىرى بۇ توينىڭ ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشەتتى شۇنداق قىلىپ ئابدۇللا ئاكاممۇ توي قىلدى،ئابدۇللا ئاكامنىڭ ئايالى چوڭ ئاپامغا ھەم ماڭا قارايتتى ئابدۇللا ئاكاممۇ مىنى بەك باقاتتى توي قىلسىمۇ بەك ئۇيۇنچى ئىدى مەلىمىزدىكى دۇكاننىڭ ئالدىدا كۇندە مەن پۇل ئالماي قويمايتتىم دادەمنىڭ ئىنىلەرىمۇ ھەتتاكى نەۋرە تۇققانلەرىممۇ چوڭ ئاپام بولغاچقا ماڭا بەك ئامراق ئىدى ھېچكىمنىڭ ئۇيىدە تەرەكتۇر يوق ۋاقىتتا يەنە بىزنىڭ ئائىلىدە باتتى ئۇنىڭدا دادامنىڭ بىرىنجى ئىنىسى ئەلى ئاكام ئىككىنجى ئىنىسى ئابدۇللا ئاكام ئۇچۇنجى ئىنىسى ئەزىز ئاكام بىرلىكتە ئىتىزنىڭ ئىشىنى قىلاتتى مەن شۇ بەش ياش ۋاقتىمدا ئاكىلىرىم ماڭا تەرەكتۇر ھەيدەشنى ئۇگەتكەن،مىنى ھەممىسى بەك ئەركىلتەتتى ئۇ چاغلاردا كىچىدى مەن بىلەن يىتىش ئۇچۇن ھەمنىسى پۇل بىرىپ مەن بىلەن ئۇخلا دەيتتى مەن قايسى پۇلنى جىق بەرسە شۇنىڭ بىلەن ياتاتتىم كىيىن دادام مىنى مەكتەپكە بەردى مەكتەپ مەدئۇللىرى مىنى كىچىك دەپ بەك تەستە ئالدى دادام كەنىت مۇدىرى بولغاچقا ئالدۇردى ئۇزى ئامال قىلىپ،بۇ خەۋەرنى چوڭ ئاپام ئاڭلاپ دادامنى تىللاپلا كەتتى كىچىك بالىنى مەكتەپكە بەدىڭمۇ مەن ئۇنى نان چايناپ يۇگۇزىدىغان تۇرسام ئۇزنىڭ تامىقىنى ئۇزى يەممەيدىغان ئادەمنى مەكتەپكە بىرىپ دەپ چوڭ ئاپام كىرگۇزمىدى شۇنىڭدىن كىيىن مەن چوڭ ئاپام بقلەن تۇردم،دادام ئۇۋاقىتلاردا بويتاق بولغاچقا ماڭا بەك قاراپ بۇلالمايتتى مەن ئاساسلىقى چوڭ ئۆيدە تۇراتتىم،كىيىن دادام بىر ئايال بىلەن توي قىلدى ئۇ ئايال تۇغماس بولغاچقا بالىسى بولمىغاچقا مىنى بەك ياخشى كۇرەتتى ئەتىۋارلايتتى،ئۇگەيلىمەيتتى شۇنداق كۇنلەردە ھاياتىمدا الەم شۇمۇل ئۆزگىرىش بەردى،چوڭ ئاپامنىڭ كىسىلى ئېغىرلاپ كەتتى،چوڭ ئاپامنى يىزا دوختۇرخانىسىدا داۋالاتتۇق،يەنە شۇ دەمدە مىنى ئىسمىمنى ئىغزىدىن چۇشۇرمىدى خىلى ياخشىلانغاندەك بولدى دوختۇرخانىغا ئەپ چىقتۇق،چوڭ ئاپامنى بىزنىڭ ئۆيدە ئۇگەي ئاپام كۇتتى شۇكى كەشتە چوڭ ئاپام،تاجىخان ئاپام سالامەتخان ئاپاملار ئەلى ئاكامنىڭ ئايالى ئابدۇللا ئاكامنىڭ ئايالى باتتى چوڭ ئاپامنىڭ كىسىلى قوزغالدى دەل شۇ ۋاقىتتا چوڭ ئاپام مىنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ سىنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇم بالام سىنى بىرىنجىدىن ئاللاھقا تاپشۇردۇم ئىكقىنجى بوپ ئاكىلىرىڭغا داداڭغا تاپشۇردۇم دەپ ھەمنىڭلاردىن مەن رازى باللىرىم دەپ گىپىنىڭ ئاخىرنىمۇ دىيەلمەستىن مەندىن بۇ دۇنيادىكى ھەمنىمىزدىن مەڭگۇگە ئايرىلدى چوڭ ئاپامدىن ئايرىلغان شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ ئەركىلەشلىرىم ئاكقلىرىمنىڭ مىنى ئەركىلتىشلىرى شمىنىڭ خۇشاللىقرىم ھەممىسى تۇگۇگەن بولدى،
 بىرىنجى قىسىم تۇگۇدى،داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ، قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋامىدا بولسۇن تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭىزلەرنى ئۇمۇت قىلىمىز ھۆرمەت بىلەن كەمىنە سەيفۇللا ئابدىراخمان تەنھا بۇركۇت چ چ،ئۇندىدار 1737315200




130 قېتىم كۆرۈلدى سەيفۇللا ئابدىراخمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 9:56:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ