دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم؟ (3-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
بۇگۇن بىر كىچە يەنە يىغلاپ چىقتىم،ئەتىگەن ئۇرنۇمدىن تۇرشۇمغا يەنە يىغا باستى،مەن يىغامنى زۇرىغا بىسىپ ئاپام ساخلاپ كىلۋاتقان بالىلىق ئەسلىملىرىم ساقلانغان ساندۇقنى ئاچتىم.
ئەنە بالىلىقتا قالغان ئەسلىملەر،سۇرەتلەر كۆز ياشلىرىم مىنىڭ ئىختىيارىمغا باقماي تۆكۈلۇشكە باشلىدى،چىچىنى ئىككى ئۇرۋالغان چىرايلىق غەمكىن بىر قىز ئەلبۇمىمنىڭ ھەمىلا بەتلىرىدە كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى،ئەسلەش خاتىرلىرىمنى ۋاراقلىدىم:
"دۇستۇم سەن بەك بەخىتلىك،سىنىڭ مەڭگۇ شۇنداق بەخىت ئىچىدە ئۆتۇشىڭنى تىلەيمەن،،،،دۇستۇڭ مۇھەببەت"ئاھ جىنىم دۇستۇم ھەممە بەخىتنى ماڭا تىلەپ ئۆزۇڭگە ھىچنىمە قالدۇرمىغان بۇلغۇيمىتىڭ؟
-بۇلدى قىل جىنىم قىزىم ئەتىگەندلا كۆڭلۇڭنى بۇزماي ناشتا قىلايلى-دىئدى ئاپام چىچىلىپ ياتقان نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغۇشتۇرغاچ.
-ئاپا مەن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ ئۆيىگە بارايمىكىن-دئدىم مەن ناشتىدىن كىيىن ئاپامغا يالۋۇرۇپ .
-بارمىساڭ بۇلارمىكىن -دىدى ئاپام سەل ئۇڭايسىزلىنىپ-سىنى كۆرسە ئاپىسىنىڭ ئىچىلىرى ئۆرتۇنۇپ كىتەمدكىن دەيمەن،پەرزەنىت ئۇتى بەك يامان ئۇنىڭ يارىسىغا تۇز سىپىلىپ قالمىسۇن بەك كۆڭلۇڭ ئۇنىمسا قەبرىسنى بۇلسمۇ يۇقلاپ كەل
ئاپامنىڭ گىپنڭمۇ جىنى بار ئىدى،مەن مۇھەببەتنىڭ ئاپىسغا ھەسرەتىن باشقا نەرسە بىرەلمەيمەن .
مەن ئاپام داداملارنىڭ بىللە بارايلى دىگىنگە ئۇنىماي چۇشكە يىقىن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدىن چىقتىم،ھەممە يەر شۇنچە تۇنۇش شۇنچە مىھرى ئىللىق ئاندا ساندائۇچىراپ قالغان تۇنۇشلارنىڭ سۇس سالاملىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا،ھالىڭ نىمە دەپ سۇرايدغان يىقىنلىرمۇ يۇق ئىدى،يۇرتۇمدا ئەسلى مۇھەببەتلا مىنىڭ ئەڭ يىقىنىم ئىكەن بۇنى پەقەت ئۇنىڭ ئۆلۇمىدىن كىيىنلا ھىس قىلدىم
مەن ئەڭ ئاۋال دۇستۇم ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان دەرياغا قاراپ يۇل ئالدىم،ئەنە دەريا سۇيى قىرغاقلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ غەزەپ بىللەن ئاقماقتا،كۆز يىشىم يامغۇردەك تۇكۇلۇپ بۇ ئانا دەرياغا قۇشۇلۇپ كەتتى ىئۇنىڭدىن نىملەرنىدۇر سۇرغۇم ئۇنىڭغا نىملەرنىدۇر دىگۇم "مۇھەببەت"دەپ ئاۋازىمنىڭ بارىچە تۇۋلىغۇم كەلدى.
"ھەي ئەزىم دەريا نىمشقا دۇستۇمغا كەڭ قۇينىڭنى ئاچىسەن،ئۇنى نىمشقا شۇنچە تىز يالماپ كىتسەن؟"ئاچچىق خىيالىرىمنى بىر نەچچە ئايالنىڭ ۋاڭ چۇڭى ئالىمقاياقلارغا ئۇچۇرۋەتتى،
-ھە دەل شۇ يەر ئەنە ئاۋۇ قىز تۇرىدغۇ(مىنى دىمەكچى)
-ھە كۆردۇم
دەل شۇ يەردىن سەكرەپتىمىش
ئاھ،بىر تۇپ غەيۋەتخۇرلار مىلىتىمگە چۇشكەن مىتە،بۇ مىتلەر ئادەمنىڭ يۇرىكىنلا يەيدىغۇ زادى!!!!
-ئۇ رەسۋا شەرمەندىچىلىكىنى ئۆلىمى بىلەن ياپماقچى بۇپتىدە
شۇنى دىگىنە ئۆلىدغان يەر تىپىلمىغاندەك سۇنى بۇلغاپ،،،،،،
نىملەرنى دەيدىغاندۇ،سۇرقى يۇق جاھانمۇ بۇ؟شەرمەندچىلىكنىڭ قانداق بۇلدىغىنىنى بىلەمدىغاندۇ؟ئۆزلىرنىڭ ئاغزىدىن نىملەرنىدۇر ئىقىتىپ ساپ ھاۋانى بۇلغىۋەتكىنىنى ھىس قىىلمامدىغاندۇ بۇ بىر تۇپ گالۋاڭلار؟
ئۇلار يەنە نىملەرنى دىدى ئاڭقىرالمىدىم،بارا بارا مەندىن يىراقلاپ شۇ تاتلىق غىيۋەتلىرىنى قىلىشىپ كىتىپ قىلىشتى،
ئۇلارنىڭ كەينىدىن قۇغلاپ ئىككى ئىغىز ھەق سۆزلەپ ئاغزىنى ئىتىپ كىلەي دەپ ئۇيلۇدۇم ئەمما بىر دانانىڭ"ئاقىل بىلەن دىيىشىپ يىڭلىپ باقمىدىم،نادان بىلەن دىيىشىپ يىڭىپ باقمىدىم"دىگەن سۆزى ئىسىمگە كىلىپ ئۇلارنى قايىل قىلشقا كۆزۈم يەتمەي بۇ ئويۇمدىن يالتايدىم دە يەنىلا خىيالىرىم بىلەن سۆزلەشتىم
بىچارە دۇستۇمغا زادى نىمە بۇلغاندۇ؟ئۇ نىمىنى خاتا قىلغاندۇ؟ئۇ مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزمىسۇن،ئۆلۈمى بىلەن ھەمىنى ئاخىرلاشتۇردىغۇ؟بىزنىڭ گۇزەل كىتاپلىرىمىزدائۆلگەن ئادەمنىڭ يامان گىپىنى قىلماسلىق ئۇنى يالغاندىن بۇلسىمۇ ياخشى سۆزلەر بىلەن سۇپەتلەش تەكىتلىنىدغۇ؟ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە يەنە تەپمەك دىگەن مۇشۇ بۇلسا كىرەك
مەن ئاچىغىمغا ھاي بىرىپ نەزىرىمنى دەرياغا ئاغدۇردۇم،كاللامدا نۇرغۇن يىشىمى يۇق سۇئاللار مەن دەرياغىلا ئەمەس پۇتۇن دۇنياغا سۇئال نەزىرىم بىلەن قارىدىم
ھەمىللا يەر ئادەمنىڭ ئىچىنى يەيدىغان سۇكۇتكە چۆكۈپتۇ،قانچىلىغان ئىچىنىشلىق ھىكايلەرگە شاھىد بۇلغان دەريا قانچىلىغا ئازاپلىق كەچمىشلەرنى ئاخىرلاشتۇرغان دۇنيا بۇ دۇستۇمنىڭ ئۆلۇمىگە تەۋرەپ قالمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۆلىمى پەقەت مىنىڭ قەلبىمنىلا شۇنداق ئاستىن ئۇستۇن قىلۋەتكەندەك تۇراتتى،
مەن ئازاپقا ئىچىنىشقا نۇرغۇن يىشىمى يۇق زىديەتلەرگە تۇلغان قەلبىمنى كۆتۈرۇپ ئىغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ قەبىرستانلىقا قاراپ يۇل ئالدىم،،،،،،
دۇستۇمنى نىمشقا غەيۋەتخۇرلا تىللايدي(ئۇلارغۇ ھەمىنى تىللاپ باقىىدۇ)ئۇ زادى نىمە گۇناھ قىلدى بۇلارغا قىزىقسىڭىز ھىكايىنىڭ داۋامىنى كۇتۇڭ .
مەريەمگۇل تاشمەمەت
637 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-23 2:22:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-29 8:42:46 | 2583205348 |
بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى چىقمامدۇ ساقلاۋاتقىلى نەچچە كۇن بۇپ كەتتى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|