يوقالغان قوشۇن
(6-قىسىم)
metro
قاسىمبەگ بۇۋاينىڭ بۇنداق ئەنسىز دىگەن گەپلىرىدىن تىڭىرقاپ قالدى ،ئۇ يوقاپ كەتكەن ئادەملىرىدىن جەسەتلەر ئىچىدە بار - يوقلىغىنى بىر قۇر تەكشۈرەپ چىقتى ،ئۆلگەنلەر ھەممىسى خو قۇمانداننىڭ ئادەملىرى ئىدى . قوشۇن كەچ كىرگۈچە كۆرىنىۋاتقان داۋاننىڭ يېنىغا بېرىۋېلىشنى پىلانلاپ تىز سۈرئەتتە ئىلگىرلىدى، لېكىن قاراڭغۇ چۈشۈپ كۆز باغلانغاندىلا ئاندىن مەنزىلگە يېقىن بارالىدى.ئۇلار كىچىنى موشۇ يەردە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چىدىرتىكىشتى ، ئات - تۆگىلەردىكى يۈكلەرنى چۈشۈرۈشتى، تاماق قىلىشقا ئوتۇن يوق ھەممىسى نان ، سۇ بىلەن قۇرساق توقلاشتى ، تاماقتىن كىيىن قوشۇننى جىمجىتچىلىق قاپلىدى ،خو قۇماندان بوراندا ئۆلگەن ئادەملىرىنىڭ تەقدىرى پۈتۈن قوشۇنغا تەسىر يەتكۈزگىنىنى چۈشىنىپ يەتتى ، ئۇ بۇ ھالاكەت دېڭىزىدىن سالامەت ئۆتۈپ مەنزىلگە ئامان بېرىۋېلىشنى ئويلاپ ،قوشۇندىكىلەر ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك چىقىشىدىن ئەنسىرگىنىچە ئەسكەرلىرىنى بىر قۇر ئارلاپ چىقىتى -دە كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا باشلىدى :
- قېرىنداشلىرىم ، جاپا چەكتىڭلار بۇ سەپەردىكى جاپالارمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ ، يەنە غەيرەت بىلەن بىر نەچچە كۈن جاپا چەكسەكلا بالا - قازادىن قۇتۇلىمىز ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئەركىن ياشايمىز ، جەڭ قىلىپ قان تۆكىدىغان دەۋىرىمىز ئاخىرلىشىپ باياشات ياشايدىغان ۋاقىتلىرىمىز كىلىدۇ ، قاراڭلار ! بۇ تۆگىلەردىكى مال - دۇنيا ھەمىمىزنىڭ ، بىزگە بىر ئۆمۈر يېتىپ يىيىشكە يىتىدۇ ، قېرىنداشلار ماڭا ئەگەشكىنىڭلارغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىلەر ، غەيرەت قىلايلى ! بۇنداق جاپالار قىزىل پاچاقلارنىڭ قۇربانلىغىغا ئايلانغاندىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ…
ئەسكەرلەرنىڭ سۇلغۇن ، ھارغىن چىرايلىرىغا خو قۇمانداننىڭ ئىلھاملىرى مەدەت ،ئىلھام بولۇپ كۈلكە يۈگۈرەتتى. قاسىمبەگنىڭ كاللىسىدا بۇۋاينىڭ بايقى ئەنسىز چىرايى بىلەن دىگەن گېپى ئەكىس ئىتەتتى ، ئۇ بىر نان بىلەن بىر قاچا سۇنى بىر ئادىمىگە كۆتەرتكىنىچە سادىربۇۋاي بىلەن پولاتنىڭ يېنىغا پايپاسلاپ يىتىپ كەلدى :
- سادىرۋاي ئوغلۇڭ بىلەن جاپا تارتىڭ ، يېشىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ بىز بىلەن تەڭ مېڭىۋاتىسەن ، ئەسلىدە سېنى بۇنداق جاپا سالغۇم يوقتى ، لېكىن يول بىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئامال يوق … ھە سېنىمۇ رازى قىپ قويىمەن ،- قاسىمبەگ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يالغان ھېجىيپ ئاخىرلاشتۇردى. سادىربۇۋاي بۇ زەھەرلىك يىلاننىڭ يالغان - ياۋداق گەپلىرىگە ئېرەنمۇ قىلمىدى ، ئۇ جىمىلىپلا كەتكەن ئىدى ، پولات قاسىمبەگ ئېلىپ كەلگەن سۇ، نانلارنى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويدى . بۇ ۋاقىتتا گۈلنەزەرمۇ پولاتنىڭ يېنىغا بېرىشقا پۇرسەت تاپالمايۋاتقاندا ئاتىسى باھانە بولدى - دە ئاچىسى ئامىنەنى مەجبور سۆرەشتۈرۈپ يىتىپ كەلدى ، قاسىمبەگ بۇۋاينىڭ بۈگۈن جەسەتلەر ئارسىدا دىگەن گېپىنى ئېنىقاراق بىلىشكە گەپنى تەشتى:
- سادىرۋاي ، بۈگۈن ئەجەپ غەلىتە ، چۈشىنكسىزلا گەپ قىلدىڭ ، سېنى ئۇنچىۋالا قورقىتىۋەتكەن قانداق ئىش ، نىمە رىۋايەت ؟ ھەممىسى سادىر بۇۋاينىڭ ئېغىزىغا تىكىلدى ،
- بوپتۇ ،- دىدى بۇۋاي ئۇلۇق كىچىك تىنىپ ،- سىلەرگە موشۇ ئەتىراپتا يۈز بەرگەن بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بىرەي ، بىز كىچىك ۋاقىتلاردا سودىگەرلەرگە يۈك تۇشۇيدىغان كارۋان يولباشلىغۇچىلاردىن ئاڭلىغان بىر غەلىتە ئىش بار ئىدى ،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بىر قېتىم زور تۈركۈمدىكى كارۋان قوشۇنى تەكلىماكانى كىسىپ مال ئېلىپ كىلىۋېتىپ كىچىلىك قونالغۇغا چۈشۈپتۇ ، ئۇلار تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا ئاسماندىن بىر ئوت شارى كىچىنى يورۇتقىنىچە ئۇلاردىن يىراق بولمىغان جايغا چۈشۈپتۇ ، ئۇلار دەسلەپتە قورۇققان بولسىمۇ كەينىدىن بۇ ئوت شارىغا قىزىقىپ قاپتۇ لېكىن باراي دىسە خېلى ئارلىق بولۇپ يولدىن ئېزىپ قايتىپ كىلەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ بارماپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن يەنە بەزى كارۋانلارنىڭ دىيىشىچە، قۇملۇقنىڭ مەلۇم يىرىدە ھەر خىل ھايۋان ، ھاشارەتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىغىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ يۇغانلىغىنى ، يىلان ، چايان ، كەسلەنچۈكلەرنىڭمۇ ئادەمنىڭ قورۇققىسى كەلگۈدەك يۇغىراپ كەتكىنىنى ئاڭلىدۇق ، ھەتتا بۇ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ يەپ تاشلىغان كارۋانلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىمۇ شۇ ئەتىراپتا ئۇچۇراپتۇدەك،
بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى يەنە موشۇ ھەقتە بىر پاراڭ تارقالدى ، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە تەكلىماكانغا چۈشكەن ئۇ تاش تاشقى پىلانىتتىن چۈشكەن مىتتورىت تاش بولۇپ سېۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئۇنى بايقاپ تەكلىماكانغا چۈشكەن ئورنىنى مۇقۇملاشتۇرۇپتۇ ، ھەمدە ئۈرۈمچى ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى تاپماقچى بولۇپتۇ، ئۈرۈمچى ھاكىمىيىتى ئۆز ئىشلىرىغا يىتىشەلمىگەچكە بۇ ئىشنى سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرىشىگە قويۇپ بىرىپتۇ ، سېۋىت ئىتىپاقى ئايرۇپىلان ئاجىرتىپ قۇملۇقنى نەچچە كۈن چارلاپ مىتورىت چۈشكەن ئورۇننى تېپىپ قارىسا ئۇ ئورۇن بىر ئورەككە ئايلانغان ، ئورەك ئىچى سۇ بىلەن توشقان ئەتىراپى بولسا بوستانلىق ئىكەن ، ئۇلار بۇ جاينى خەرىتىگە چۈشۈرۈپ بولۇپ قايتىپ كىتىپ دەرھال تانكا ، قۇملۇقتا يۈرەلەيدىغان ماشىناھەربىي ئەتىرتى قۇرۇپ باشقىدىن ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار مىتورىت تاش چۈشكەن جايغا بارمايلا قارىسا ئۇزۇن، پاقىراق بىر نەرسە لۆمۈلدەپ كىلىۋاتقۇدەك ، ئۇلار ئالمان - تالمان دۇربۇندا قارىسا غايەت زور بىر يىلانمىش ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىرەت تانكا ، پىلموتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يىلاننى ئوققا تۇتۇپتۇ ، بىر چاغدا يىلاننىڭ بىلى زەخىم يەپ ھەركەت قىلالمىغاندا تانكا بىلەن بېشىنى پارتىلتىپ ئۆلتۈرۈپ ماشىندىن بىرگە مىڭ تەستە بېسىپتۇ -دە ئازگالغا يېقىنلاپتۇ ، قارىغۇدەك بولسا ئازگال ئەتىراپدىكى قۇملۇقلار چېچىلىپ ياتقان ئالتۇن زاپىسى ئىنتايىن مول رودىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار خوشاللىغىدا رودىلاردىن كۆتىرەلىگۈدەكلىرىنى ماشىنىلارغا بېسىپتۇ لېكىن شۇ چاغدا ئازگال تەرەپتىن غايەت زور چايان ، يىلان ، كەسلەنچۈكلەر ئۇلار تەرەپكە يۇپۇرلىنىپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئەتىرەت قورقۇپ كىتىپ جان - جەھلى بىلەن قېچىپ چىقىپتۇ.ئۇلار يۇرتقاچىققاندىكى مەنزىرلەرنى كۆرگىچىلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئېلىپ چىققان يىلاننىڭ ئۇزۇنلىقىداچوڭ ماشىنىغا پاتماي قۇيرۇقى يەردە سۆرۈلۈپ مېڭىپتىمىش .
قاسىمبەگ قۇرۇققىنىدىن بولسا كىرەك تىتىرەك ئاۋازدا سورىدى:
- ئۇلار قايتا يەنە بارماپتۇمۇ ؟ - قىزىق يىرى ،- دىدى بۇۋاي ،- ئۇلار كىيىن تولۇق قورانلىنىپ نەچچە قېتىم ئايرۇپىلاندا ، تانكا - ماشىنلاردا چۈشكەن بولسىمۇ ئۇ جاينى تاپالماپتۇ ، بەزى داڭلىق كارۋان يولباشلىغۇچىلاردىن ئاڭلىشىمچە ئۇ يەر سىرلىق ھالدا ئورنى يورتكىلىپ ، گاھ پەيدا بولۇپ ، گاھ يوقاپ تۇرىدىغان يەرمىش . گۈلنەزەر ئۆزىمۇ بىلەلمەي سورىۋەتتى :
- نىمىشقا ئەمدى ؟ بۇۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ: - خېنىم بالام ، بۇ دىگەن كۆچمە قۇملۇق ، يۆتكىلىدىغان سىرلىق ماكان . گۈلنەزەر بۇۋايدىن گەپ سورىغىغا خىجىل بولۇپ ۋېللىدە قىزاردى - دە يەرگە قارىۋالدى. ئاچىسى ئامىنە ئۇنىڭ بېقىنىنى بوش چىمداپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. پولات قىزنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئوماقلىغىنى ھېس قىلغاندەك بولدى. قاسىمبەگ يەنە بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن يەنە سورىدى :
- بىز ماڭغىلى شۇنچە ۋاقىت بولدى ، بىرەر جانلىق ئۇچۇرمىدى ، ئۇلار نەدىن پەيدا بولغاندۇ ؟ بۇۋاي ئالدىرماي جاۋاپ بەردى :
- بۇنداق قاقاس ، ئىسسىق قۇملۇقتا سۇ نەدە بولسا ئۇنداق ھايۋانلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ - دە.
قوشۇن راسلا موشۇنداق ئەزىرائىل ماكانىغا كىلىپ قالدىمۇ ، راسلا شۇنداق ھايۋانلار بارمىدۇ ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋامىدا بولسۇن....
2015-10-7