قاراڭغۇ ئورمان32- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 32- قىسىم  ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)

 

ئۇ ساندۇقلارنىڭ ئېغىرلىغىدىن يۆتكەپ بولغىچە ھالىمىزدىن كىتەتتۇق ، لېكىن بالا - چاقا ، قۇرساق ئۈچۈن ئىشلىمەي بولمايتتى. شۇنداق ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كىچىسى قورقۇنۇچلۇق ئىش يۈز بەردى، قەيەردىن كەلگەنلىگى نامەلوم زور كۆلەمدىكى بۆرە توپى بىزنىڭ ھەم كۆك كۆزلەرنىڭ تۈگە ، ئىشەك قاتارلىق بىردىنبىر بايلىغىمىز ، قاتناش قورالىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى، بىز پاتپاراق بولۇپ ئۇلارنى قوغداپ قالماقچىمۇ بولدۇق، لېكىن ئۇ يىرتقۇچلار بەك ۋەھشىيلىشىپ كەتكەچكە ھېچقانداق قىلىپ چىكىندۈرەلمىدۇق. ھەتتا كۆك  كۆزلەرنىڭ ئۇ مىلتىق دەپ ئاتىۋالغان نەرسىلىرىمۇ كىرەككە كەلمىدى .ئامالسىز ئۆزىمىزنىڭ جېنىنى جان ئىتىپ ئوت يېقىپ قوغدىنىپ قاراپ تۇردۇق . ئەتىسى باشلاپ كۆك كۆزلەرنىڭ مىجەزى ئۆزگەردى ، قوپال ۋاقىرايدىغان ، ساراڭلاردەك كوتۇلداپ سۆزلەپ كىتىدىغان ، ھەتتا بىزگە تاياق كۆتۈردىغان بولدى ، بىز بۇنداق ئۆزگۈرۈشنى چۈشەنمەي ئۇلارنىڭ تىلماچلىرىدىن سەۋەبىنى سورىساق ، ئۇلار :« ئەسلى بىز ئىككى كۈندىن كىيىن ساندۇقلارنى تۆگىلەرگە ئارتىپ قايتىماقچى ئىدۇق ، ئەمدى تۆگە يوق بولدى شۇڭا قايتالمايمىز ، شۇڭا خوجايىنلار ئامالسىزلىقتىن خاپا بولۇپ تىپىرلاپلا قېلىۋاتىدۇ» دىدى. ساندۇقتا نىمە بارلىغىنى سۈرۈشتۈرسەك دەپ بەرمىدى . شۇ كۈنى كۆك كۆزلەر گەمىلىرىگە سولۇنىۋېلىپ بىر كۈن چىقمىدى، بىزمۇ بىر كۈن ئاچ قالدۇق ، ئەتىسى ئۇلار بىزنى چاقىرتىپ توپلىدى ھەمدە تىلماچى ئارقىلىق بىزگە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى . تىلماچنىڭ دىيىشىچە ، ھەممىمىز بۇ يەردىن بىر مەزگىل ئايرىلمايدىكەنمىز، قىلىدىغان ئىشىمىز بىر قۇرۇلۇش سېلىش ئىكەن. ئۇ پۈتمىگىچە بىرەرى كىتىدىكەن، ياكى قاچىدىكەن يۈز خاتىرە قىلماسمىش. تاماقنى كۆك كۆزلەر ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، بىز پەقەت يۇۋاشلىق بىلەن ئىشلىسەكلا بولىدىكەن.  بۇلارنى ئاڭلاپ ھەممىمىز خاپا بولدۇق، ھېلىمۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلەپ بەرگەن تۇرساق، بىز ياكى ئۇلارنىڭ قۇلى بولمىساق، شۇ چاغدا ئارىمىزدىن قېنى قىززىق يىگىتتىن بىرى چىقىپ قارىشى تۇردى، كۆك كۆزلەر ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتتى ، ھەممىمىز غەزەپلىنىپ ئېتىلماقچى بولغانتۇق ئۇلار مىلتىقلىرىنى بىزگە توغۇرلىدى. ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن كىم ئالدىغا چىقسا شۇنى ئېتىۋاتىدىغاندەك قىلاتتى ، مەن ئارىغا چۈشۈپ قېرىنداشلىرىمىزنى باستىم، چۈنكى بىر جان ئۆلسە ئۇ ئائىلىسى بويىچە تۈگىشەتتى، بىز ھۇجۇم قىلساقلا ئۇلارنىڭ قولىدىكى مىلتىقلار ئون نەچچە ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇۋاي ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى .

- مەن شۇ چاغدا بەك خاتا ئىشتىن بىرنى قىپتىمەن ، مەن توسىمىسام بوپتىكەن. مىڭ ئەپسوس بىكا توساپتىمەن. بۇۋاينىڭ كۆزلىرىدىن قىپ - قىزىل ياش سىرغىپ چىقتى، باشقىلارمۇ باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۈنسىز ھەسىرەت چىكىۋاتقاندەك قىلاتتى، مەن بولسام بۇۋاينىڭ ئېغىزىغا قاراپلا ئولتۇراتتىم، ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .

- قېرىنداش ، يۇرداشلار مېنىڭ يېلىنىپ ، يالۋۇرۇپ توسىۋېلىشىم ئارقىسىدا ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىشتى، لېكىن شۇ چاغدىن باشلاپ كۆك كۆزلەرلەر ھەممىمىزگە ئالۋاستىدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانتى، ھەممىمىز ئاچچىغىمىزنى يۇتۇپ،  يىغلاپ - قاخشاپ دىگەندەك قىلىپ ھېلقى يىگىتنى يەرلىككە قويدۇق. ئالۋاستىلار بىزنىڭ يۇمشاپ قالغىنىمىزدىن كۆرەڭلەپ ياۋۇز كۆزلىرى بىلەن قاراپ، بىزنىڭ قان - گۆشىمىزنى يەپ ئىچىشكە تىرناق بۈلەشنى باشلىغان ئىدى. ئەتىسى بىز ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە ئىشنى باشلىدۇق، ئورمانلىقتىكى ياغاچلارنى كىسىپ، سۇ باشلاپ كىسەك قويۇپ دىگەندەك ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى باشلىدۇق. ئىشنىڭ ئېغىرلىغىدىن قوللار قاپىرىپ ، پۇتلار پۈكۈلدى،  بالىلار كىچىكلەپ، چوڭلار ئورۇقلاپ بىر تىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى، ئايال - قىزلارمۇ تاماق ئىتىش ، كىر - قات يۇيۇشتىن سىرىت يەنە ئەرلەردەك ئەمگەككە سېلىندى، كۈنلىرىمىز بارا - بارا دەۋزەخنىڭ كۈنىگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى . كۆك كۆزلەر ئىش قىلماي ، ئىككى ئادىمىنى يەنە يولباشچىسى بىلەن تىلماچىنى ئەگەشتۈرۈپ بىزگە ھەيۋە قىلىش ، ئىشقا بۇيرۇش ، نازارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. قارا كۈنلەر بىر - بىرلەپ ئۆتىشى بىلەن بىر بىنانىمۇ پۈتكۈزدۇق، ئۇ بىنا غەلىتە بولۇپ ئۇنى كۆك كۆزلەر چىركاۋ دەپ ئاتىدى، بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ياغاچچى قېرىندىشىم ئىشىك - دەرىزە ياسىدى، ئۈستەل - ئورۇندۇق ياسىدى. بىز يەنە ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۇلارنىڭ ئىلاھىنىمۇ ياساپ چىقتۇق. ھەممە پۈتكەندە ئۇلار ھېلقى ئېغىر ساندۇقلارنى يەر ئاستى ئۈيىگە ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرىدى، بىز شۇ چاغدا بۇ ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئالتۇن ئىكەنلىگىنى بىلدۇق ھەم ھەيران قالدۇق. توۋۋا موشۇ جاڭگالغىمۇ شۇ كۆپ ئالتۇن يوشۇرۇپ قويۇپتۇ دىسە ، ھەممە ئىش تۈگەپ ئۇف دىگىنىمىزدە كۆك كۆزلەر ھەممىمىزنى چىركاۋغا يىغدى -دە ئارسىدىكى بىرسى سۆز قىلدى، تىلماچ بىزگە چۈشەندۈردى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ، بىز ھەممىمىز بۇ يەردە بىر يۇرت بەرپا قىلغۇدەكمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال بىز دىنىمىزنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا باش ئۇرىدىكەنمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىلەن توي قىلىدىكەن. بىر  مەزگىلدىن كىيىن ئۇلار يۇرتىغا قايتسا بىز بۇ يەرنىڭ خوجايىنى بولغۇدەكمىشمىز، شۇڭا كىتىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىزگە خوجايىن ، باشپاناھ ، غەمگۈزار بولۇپ تۇرغۇدەك. قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بىز تۈگىمەس ساۋاپقا ئىرىشكۈدەكمىزمىش … بۇلارنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ غەزىپى تاشتى،  يىگىتلىرىمىزنىڭ تۈكلىرى ئاچچىقتىن كىيىملىرىنى تىشىپ چىقتى، بىز ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي چىركاۋدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق، ئۇلار بىزنىڭ قارىشىلىق قىلغىنىمىزنى كۆرۈپ قامچىلىرى بىلەن ساۋداشقا باشلىدى. بىزمۇ چىدىماي قارىشىلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار ئوق چىقاردى، ئوتتۇرىمىزدا قانلىق جەڭ بولدى، بىز ئۇلاردىن ئىككۈيلەننى ئۆلتۈردۇق، لېكىن ئۇ قانخورلار بىزنىڭ ئون نەچچە ئادىمىمىزنى ئېتىۋەتتى، بىز ئۆلۈپ كىتىۋاتقان ئەركەكلىرىمىزگە قاراپ تەسلىم بولدۇق، تەسلىم بولمايمۇ ئامال يوق چۈنكى ھايات قالغانلار قېرىلار، ئاياللار ، بالىلارلا ئىدى.

 بۇۋاي بىر پەس جىمىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئەينى چاغدىكى جەڭ مەيدانىنى ئەسكە ئېلىپ ئازاپلىنىۋاتقىنىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى .

- ئۇ جەڭدىن كىيىن بىزگە موشۇ قۇدۇقنى قازدۇردى، بىز بۇنى يىغلاپ تۇرۇپ، قان - ياشلىرىمىز بىلەن قازدۇق، چۈنكى بۇ قۇدۇقنىڭ جەسسەت تاشلاشقا ئىشلىتىدىغىنىنى بىلىپ يەتكەنتۇق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭمۇ موشۇ قۇدۇققا تاشلىنىدىغانلىغىمىزنى پەملەپ بولىشقان ئىدۇق. راس دىگەندەك جەڭدە ئۆلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن مەجبورى ھالدا قۇرۇققا تاشلىدۇق، شۇنىڭدىن كىيىن كۈنىمىز تېخىمۇ بەتتەر بولدى ، ئۇلار يەر ئاستى ئۆيىگە زىندان ياساتتى،  ھەم خالىغان ئادىمىنى تۇتۇپ ئەكىرىپ جازالىۋەردى، ئۇلارنىڭ جازالىرى بىر - بىرىدىن قەبىھ بولۇپ بىزمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىدىغاندىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدۇق . موشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئارىمىزدىن بىر باتۇر چىقتى، ئۇ باشقا مىللەتتىن بولسىمۇ قېرىنداش بولۇپ قالغان ياغاچچىنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ ئەقىللىق ، ھەم چىرايلىق بولۇپ بۇ كۆك كۆزلۈك ئالۋاستىلار ئۇنىڭغا چىش بىلەپ يۈرەتتى، لېكىن ياغاچچى قىلىدىغان ئىشلار تۈگىمىگەچكە ئۇلارغا ئالدىراپ قول سالمىغانتى. بىر كىچىسى قىز بىزنى باشلاپ بۇ دوۋزاختىن ئېلىپ قاچتى، بىز بىر كىچە يول يۈرۈپ مۇۋەپىقىيەتلىك قېچىپ چىقتۇق دەپ ئويلاپ تۇرغاندا بىز بىلەن بىر مىللەتتىن بولغان كۆك كۆزلەرنىڭ يولباشچىسى ئۇلارنى باشلاپ ئىز قوغلاپ يىتىشۋالدى ھەم بىزنى ئۇلارغا تۇتۇپ بەردى، شۇ كۈنى قىز ھەم ئائىلىسى يەر ئاستى زىندانغا سولاندى، ئۇ ھايۋانلار زىنداندا ئۇلارغا قىلمىغىنى قالمىدى. قىزغا نۆۋەتلىشىپ پەسكەشلىك قىلدى، ھەتتا ئاتالمىش بىز بىلەن بىر مىللەتتىكى ئىككى يالاقچىمۇ ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ ئۇلارنى خورلىدى، بىچارىلەرنىڭ يىغا زارى ئەتراپنى بىر ئالدى، كىچە - كۈندۈز زىنداندىن چىققان يىغا ئاۋازى، قىينىغاندا چىدىماي ۋاقىرغان ئېچىنىشلىق ئاۋازلار يۈرەكلىرىمىزنى ئىزەتتى. بۇ ھايۋانلار بىچارىلەرنى قىينىغىنى ئازدەك ئۇلارنى ئاچ قويدى ، يىمەكلىك تۇرماق، بىرەر يۇرتۇم سۇمۇ بەرمىدى. بىز ئۇلارغا رەھىم قىلىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردۇق، يېلىندۇق ، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ يالۋۇرلىرىشىمىزگە پىسەنىتمۇ قىلىپ قويمىدى. ھەتتا مازاق قىلىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كىتىشتى، بۇغۇ مەيلى يەنە تېخى ئارىمىزدىكى بىر نەچچە قىزنىمۇ تۇتۇپ يەر ئاستى زىندانغا ئېلىپ چۈشۈپ پەسكەشلىك قىلدى. بىز بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدۇق، بەربىر قاچانلا ئۆلسەك بىر ئۈلۈمدە شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز تاياق - توخماق كۆتۈرۈپ ئۇلارغا جاننى تىكتۇق. ئۇلارمۇ بۇنداق بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولسا كىرەك بىز پۈتۈنلەي ئۆلۈپ تۈگىگىچە بىزنى ئوققا تۇتتى …

 بۇۋاي بىردىنلا جىمىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قان ئېقىپ تامچىلاپ چۈشۋاتاتتى ، ئۇ بىر پەستىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلدى ، ئارىدا مەنلا چالا ئۈلۈك بولۇپ قاپتىمەن. ئەتىسى قارىسام موشۇ قۇدۇقتا يېتىپتىمەن، ئەتراپىم قېرىنداشلىرىمنىڭ جەسسىتى بىلەن توشۇپتۇ، بۇ ھايۋانلار كىچىككىنە بالىلارنىمۇ ھايات قويماپتۇ ، مەن يىغلاپ - قاخشاپ يارلانغان بەدىنىمنى سۆرىيەلمەي ئاسمانغا قاراپ ياتتىم، بەدىنىمگە ئوق تەككەچكە قان توختىمايۋاتاتتى، مەن ئۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن قۇدۇق ئىچىگە ياغاچچىنىڭ قىزى چۈشتى. ئۇ خۇددى پەرىلەرگىلا ئوخشايتتى، ئۇ چۈشۈپ ئەتراپتىكىلەرنى كۆرۈپ زار - زار يىغلىدى،  ھەمدە ماڭا قىزلارنىڭ ھەممىسى خورلىنىپ ئۈلۈپ كەتكىنىنى، دادىسى، ئاپىسى ئاكا ، ئۇكا ، سېڭىللىرىنىڭ ئاچلىقتىن قىينىلىپ ئۈلۈپ كەتكىنىنى، ئۆزىنىڭمۇ ھېلقى بىز بىلەن بىر مىللەتتىن بولغان ئىككى غالچا تەرپىدىن ئېسىپ قويۇلۇپ تاياق يەپ ئۈلۈپ كەتكىنىنى دەپ بەردى. مەن ھەيران قالمىدىم چۈنكى ئۇ قۇدۇققا لەيلەپ چۈشكەندىلا ئۇ قىزنىڭ روھى ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم، ئۇ كۆك كۆز ئالۋاستىلار بىلەن ئىككى غالچىسىنى ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈپ ئىنتىقام ئېلىپ بولغانلىغىنى، بۇ دۇنيادا ئۇچۇرغان خورلۇق ، ئازاپلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئادەمنى كۆرسە قېنىنى ئىچىدىغانلىغىنى، بۇ دۇنيا ئادەملىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلىنىدىغانلىغىنى، ھەم بۇ يەردىن كەتمەي بىز بىلەن بىللە ياشايدىغانلىغىنى ئېيتىپ قۇيۇپ قۇدۇقتىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۆلۈپ بولغىچە ئۇنى كۆرمۈدۈم. 

 بۇۋاي ھىكايىسىنى تۈگۈتۈپ ماڭا قارىدى، مەن ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۆز ، ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاقلىرىدىنمۇ قان ئېقىۋاتقىنىنى كۆردۈم دە دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم ھەم باشقىلارغا سەپ سالدىم، باشقىلارنىڭ چىرايىمۇ بۇۋايدەك ھالەتتە بولۇپ ئۇلاردىن ئاققان قان تامچىلاپ - تامچىلاپ قۇدۇق قان ئىچىدە قېلىۋاتاتتى، مەن قۇرۇققىنىمدىن قاتتىق ۋاقىرۋەتتىم :

 - قۇتقۇزۇڭلار!!!

 بۇ چاغدا تونۇش ئاۋاز قۇلۇغۇمغا كىردى :

- ئەركىن ؟ ئەركىن ؟ گەپ قىلىڭ !

 مەن ئاۋازدىن ئىسىمنى يىغىپ كۆزۈمنى ئاچتىم بايقى چۈشۈم بولۇپ قۇدۇق ئىچى يورۇپ كەتكەن قۇدۇق ئېغىزىدىن يورۇق قول چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى . …

ئاخىرى بار…





2838 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-5 22:37:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-7 13:16:43 ئ‍ەلى
مىترو قېرىندىشىم ئ‍اپىرىن داۋاملىق تىرىشىڭ بەك ياخشى يېزىۋاتىسىز
2016-6-7 13:16:43 ئ‍ەلى
مىترو قېرىندىشىم ئ‍اپىرىن داۋاملىق تىرىشىڭ بەك ياخشى يېزىۋاتىسىز
2016-4-7 14:46:14 arkin
hormatlik tahrir apandim okurmanlarni bundak uzun saklatkinigiz pakatla kamlaxmidi jumu, agar ahiri bar bolsa tizrak yollag, bolmisa birakla yollimag, kandak gap bu, ,dayim xundak amdi tugigan ohxaydu dap turganda azrak yirini yollap koup yana yokap kitidikansiz, kamlaxmidi bu kilik
2016-4-7 11:31:06 ئ‍ارزۇ
ئ‍ەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىترو ئ‍ەپەندى ياخشىمۇ سىز؟ قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن ئ‍ەسەرلىرىڭىزگە قىزىقتۇرۇپ قۇيۇپ ھەجەپمۇ تەلمۈرتىۋاتتىڭىز خاپا بولماي ۋاختى ۋاختىدا يېزىپ ئ‍ەۋەتىپ تۇرسىڭىز زا😊😊😊
2016-4-6 23:51:23 Eziz jan
Asar yahxi dawamlixiptu , koligiz ga dart barmisun . Dawamini adamni takazza kilmay wahtida yollisang lar boptikan
2016-4-6 23:51:22 Eziz jan
Asar yahxi dawamlixiptu , koligiz ga dart barmisun . Dawamini adamni takazza kilmay wahtida yollisang lar boptikan
2016-4-6 23:37:06 alef
bixini untup kalgele tuduk bu asarneg
2016-4-6 23:26:14 tag arkisi.
dawamini tiz rak yazsingiz kirin dixim
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ