گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 9- قىسىم
ئەركىننىڭ تۈزگەن پىلانى بولسا تاھىرنى خالنۇردىن يىراق قىلىش ، ئەگەر يىراقلاشمىسا ئوقۇشتىن چېكىنىپ يۇرىتقا ھەيدىۋېتىش ،ئاندىن خالنۇرغا تەلەپ قويۇش بولدى .
تاڭ سەھەر ئەركىن تاھىرنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئۇنىڭغا :«چۈشتە ساڭا دەيدىغان گېپىم بار » دېدى .تاھىر ئۈندىمىدى ، دەرسنى تۈگىتىپ چۈشلۈك ئارامدا ئەركىن تاھىرنى ھېلىقى ئۇرۇندۇقتىن تاپتى .ۋە ئۇنىڭغا :
- سەن مېنى ئالداپسەن .خالنۇر بىلەن مۇناسۋىتىم يوق دەپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئاپپاق چاپپاق بۇلۇپ يۈرۈپسەن ، سېنىمۇ دوس دېگىلى بولامدۇ ؟ ئاتا ئانامنىڭ ساڭا قانچىلىك ياخشىلىق قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭما ؟
-ئەركىن ئۇنداق دېمە ، مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم .
-ئۇنداقتا سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي ، خالنۇر مېنىڭ ، مەن خالنۇرنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى خالنۇر بىلەن بىللە كۆرۈپ قالماي ، ئەگەر كۆرۈپ قالسام ئاتا ئانامنىڭ يۈزى ئۈچۈن بولسىمۇ سەندىن ئۆتۈنەي بۇ مەكتەپتىن كەت !
ئەركىن بۇ گەپلەرنى تەھدىت تەلەپپۇزدا دېدىمۇ ياكى يېلىنىش تەلەپپۇزىدا دېدىمۇ بىلگىلى بولمايتى ، ئەركىن ئارقىسىغىمۇ قارىماي گەپنى دەپ بۇلۇپلا كەتتى .تاھىر كۆڭلىدە ئويلىدى ، ئۇمۇ خالنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ،بىراق ئەركىنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىننىڭ ئائىلىسىگە قەرىز ،چۈنكى ئۇ شۇ ئۆيدە چوڭ بولغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇ خالنۇردىن ۋاز كېچىشى كېرەك . ئۇمۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا خالنۇر كەلدى .ۋە ئۇنىڭغا :
-بۇيەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز ؟ چۈشلۈك تاماق يېدىڭىزمۇ ؟ -دەپ سورىدى .تاھىر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى .
-مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ، ئەركىن ياخشى بالا ،مەن بەرىبىر سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن .ئەركىن چوقۇم سىزنى بەخىتلىك قىلالايدۇ .
-نېمە دەۋاتىسىز؟ مەن ئويۇنچۇق ئەمەس ، مەندىكى يۈرەك تاش ئەمەس ، يۈرۈكۈم پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىدۇ .
-بولدى قىلىڭ !-تاھىر قاتتىق ۋارقىردى .
-مەندىمۇ يۈرەك بار ، مەن مەڭگۈ سىزنى ياخشى كۆرەلمەيمەن ، مېنىڭ يۇرۇتتا قىز دوستۇم بار .
تاھىر شۇنداق دەپلا كېتىپ قالدى . خالنۇر ئاۋاز چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ يىغىسنى تاھىر ئاڭلىدى .تاھىر ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغۇسى بولسىمۇ قارىيالماي ئىچ ئىچىدىن ئۆكسۈپ كەلگەن بىر ئازاپ بىلەن تەڭ كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى ئۇ ئىچىدە مۇنداق تەكرارلايتى .«نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ زادى نېمىشقا ؟».
بۈگۈن كەچ ئۈچەيلەن ئۇيقۇدىن بىدار ، ئەركىن پەرھات بىلەن ھاراق ئىچىپ ئۆزىگە سۆزلەپ ، ئۆزىگە كۈلۈپ ، ئۆزىگە يىغلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالدى.
تاھىر بولسا ئىچ ئىچىدىن ئازاپلىنىپ ، ىالنۇرغا دېگەن گەپلىرىگە پۇشايمان قىلدى ، ۋە ئۈن تىنسىز يوقاپ كەتمىگىنىگە پۇشايمان قىلدى.
خالنۇر بولسا تاھىرنىڭ «يۇرۇتتا قىز دوستۇم بار » دېگەن گېپى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىدى . ئۇ تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىقتى ، ياتاقداشلىرى ئۇنىڭدىن نېمىش بولغانلىقىنى سورىسىمۇ دەپ بەرمىدى . بۇ كېچە ئۈچەيلەنگە نىسبەتەن ئەڭ ئازاپلىق كېچە بولدى .
ئەتىسى سىنىپقا كىرگەن تاھىر ئىختىيارسىز ھالدا خالنۇرنىڭ پارتىسىغا قارىدى ، خالنۇر پارتىدا بىھوش ئادەمدەك ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ چاچلىرى ئازراق چۇۋۇلغان ، كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بۇلۇپ تاھىرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى . دەرىس باشلاندى چۈشلۈك ئارامدا تاھىر ئىختىيارسىز ھېلىقى ئۇرۇندۇق قېشىغا كەلدى ، ئۇرۇنداقتا خالنۇر يىغلاپ ئولتۇراتتى . خالنۇر تاھىرنى كۆرۈپلا تاھىرغا ئۆزىنى ئاتتى .دەل شۇ پەيىتتە ئەركىن پەيدا بولدى دە ئاچچىقىدا تاھىرنى بىر مۇشت سالدى .ۋە ئۇنىڭغا :
-ھۇ تۇزىكور ، مەن سېنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم ، سەن يەنە قىلدىغىنىڭنى قىپسەن ، ئۇ دېگەن ماڭا تەۋە قىز ، سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا چاپلىشۋالسەن ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى يۇقىرلاپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇ تاھىرغا يەنە مۇشت ئاتقىلى تەييار بولىۋاتقاندا خالنۇر تاھىرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالدى ۋە غەزەپ بىلەن ئەركىنگە قارىدى . ئەركىن ئۇنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بىردىنلا بوشاپ كەتتى .
خالنۇر ئەركىنگە مۇنداق دېدى .
-سەنمۇ ئوغۇلبالىما ؟ مەن تاھىرنىلا ياخشى كۆرىمەن ، سېنى ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس . تاھىر يوق بولغان تەغدىردىمۇ مەن سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرمەيمەن .مەن ساڭا ئۆچ ، سەندىن نەپرەتلىنمەن .
ئەركىن خالنۇرنىڭ يىغا ئارلاش ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېتىپ قالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئەركىن مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسمىدى. ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟
ئەركىن نەگە كەتتى ، تاھىر بىلەن خالنۇر مۇھەببەتلەشتىمۇ ؟ پەرھات ئەركىننى قانداق قايمۇقتۇردى ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن
ئاپتور قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
| 467 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-24 2:29:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|