قاراڭغۇ ئورمان 3- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

3- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 قىزلار ئالدىمىزدا بىر - بىرى بىلەن كۇچۇرلىشىپ، كۈلىشكىنىچە كىتىپ باراتتى ، ئاغىنىلىرىم يەنە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتتى -دە قىزلارنى كەينىگە مىندۈرۈپ مېڭىشقا باشلىدى ،ئادىلە پەرىدەگە « ئەركىنجاننىڭ كەينىگە ئولتۇرۋالغىن» دەپلا بىر ۋەلسىپىتنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇپ ماڭدى، پەرىدە ئادىلەنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ ماڭغىنىدىن ئاچچىقلاپ قېلىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ پەرىدە بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق، بۇ ئاغىنىلىرىمنىڭ ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇپ قېلىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنى ئىدى. مەن قىزنىڭ يېنىغا كىلىپ ، مۇلايىملىق بىلەن ئېغىز ئاچتىم :

 - كەينىمگە ئولتۇرۋالامسىز ؟- غەيرەتكە كىلىپ مىڭ تەستە شۇنى دىيەلىدىم.

 قىز گەپ قىلماي كىتىۋاتاتتى، ئۇ بىر ئاز ئاچچىقلىغاندەك ئىدى ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشى مېنىڭ سەۋەبىممۇ ياكى ئادىلەنىڭ يالغۇز تاشلاپ قېچىشىدىن ئاغرىنىشمۇ بىلمىدىم. مەن يەنە ئېغىز ئاچتىم :

- قاراڭ ھەممىسى كەتتى، ئىككىمىزلا قالدۇق، قېنى كەينىمگە ئولتۇرۇڭ، ئۇلارنى تاشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتەيلى!

قىز ھەمرالىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىشنى خالىدىمۇ، ياكى پىيادە قېلىشتىن قورۇقتىمۇ گەپ- سۆزسىز كەينىگە ئولتۇردى ، مەن ھاياجاندا ۋەلسىپىتنى قوزغىدۇم، قىز شۇنداق يەڭگىلمۇ يا كۈچۈمگە كىلىپ كەتتىممۇ شۇنداق تىز ئىلگىرلەپ دوسىتلىرىمغا يىتەشتىم -دە ئۇلارنىڭ ئىسقارتىشلىرى ئىچىدە مەغرور چاپتۇرۇپ ئۆتتۇم. قىزلار بىزنى كۆرۈپ «ماۋۇ بىر جۈپلەرنى» دەپ چاقچاق قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. پەرىدە بولسا شۇنچىلىك خوشالكى ھەربىر دوستىنى قىيداپ ئۆتكەندە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ «خوش ، بىز كەتتۇق» دىيىشنى ئۇنۇتمىدى. ئۇنىڭ بۇ خوشاللىغىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئىچ - ئىچىمدىن كۈلەتتىم، ئاغىنىلىرىم كەينىمدە قالغاندىن كىيىن كەينىدىكى قىزلارنىڭ تەلىپى بىلەنمۇ ياكى ئۇلارمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ ھەممىسى كۈچەپ پىدال تىپىپ ۋەلسىپىتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى .

- تىز بولۇڭ ئۇلار يىتىشۋالاي دىدى!

بۇ قىزنىڭ ماڭا دىگەن ئىككىنجى ئېغىز سۆزى ھەم ئىنتايىن يېقىملىق سۆزى ئىدى، كەينىمگە قارىدىم، راسلا كەينىمدىكىلەر بىر - بىرى بىلەن بەسلىشىپ قىزىپ كەتكەن ئىدى. مەنمۇ بارلىق كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمىدىم، سەپەر قىزلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى ، ئوغۇللارنىڭ چاقچاق گەپلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەنتى، يولمۇ بەك تۈز بولمىغاچقا قىزلار بەزىدە قورقۇپ ۋاقىراپمۇ كىتەتتى، شۇ چاغدا پەرىدەنىڭ سۈرئەتنىڭ تىزلىگىدىن قورقۇپمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنىمۇ، كۆڭلىگىمدىن ئاستا تۇتقىنىنى سەزدىم، بۇ چاغدا بىر خىل شىرىن سىزىم« غۇژۇددە» يۈرۈگۈمگىلا باردى ، مېنىڭ بۇنداق تۇيغۇدا بولۇشۇم تۇنجى قېتىم ئىدى، ئۇنىڭ كىتىۋېتىپ ھاياجاندا غۇلىچىنى كىرىپ زىل ئاۋازدا ۋاقىراپمۇ قوياتتى. مەن بۇ چاغدا كەينىمگە ئەڭ چىرايلىق قىزنى ئولتۇرغۇزۇپ ماڭغىنىمدىن قېن - قېنىمغا پاتمايتتىم. ئۇ مەھەللىگە بەش كىلومىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن مەھەللىنىڭ ئوتتۇرسىغا يىتىپ باردۇق، مەن بۇ يولنىڭ تۈگەپ قالغانلىغىدىن ئۆكۈنۈپ ۋەلسىپىتنى توختاتتىم، قىز ۋەلسىپىتتىن چۈشۈپ يۈزىنى ئەتتى-دە مېنىڭ كۆرۈپ قېلىشىمنى خالىمىغاندەك يەرگە قارىۋالدى .

 - ئاغرىدىمۇ ؟

قىز نىمە دىگىنىمنى چۈشەنمىدىمۇ لەپپىدە چىرايىمغا قاراپ كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالماي پىسىڭڭىدە كۈلدى -دە ئاندىن :

- ھەئە ، ئاغرىدى .

- كەچۈرۈڭ ، خەستەن قىلمىغانتىم.

 قىز كۈزۈمگە قارىدى .

- بىلىمەن ، لېكىن كىچىك بالىمۇ سىز بوغۇن قوزغاپ ئوينايدىغان، - قىز شۇ گەپنى دەپ بولۇپ «پىسسىڭڭىدە »يەنە كۈلدى .

 - كۆزىڭىزنى چاقتىما ،- دىدىم مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ، ئۇ بېشىنى لېڭشىتتى ،- كۆرۈپ باقسام بولامدۇ ؟

- ياق ، مازاق قىلىسىز .

بۇ چاغدا باشقىلارمۇ ھەممىسى كىلىپ بولغان ئىدى، ئۇلاردىن سىرىت ۋەلسىپىت ، ھاراۋا ، ھەتتا تىرەكتۇرلار بىلەن كىنوغا مېڭىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرمۇ مەھەللە ئىچىگە قاراپ ئاقماقتا ئىدى.

- توختاپ قاپسىلەرغۇ ،- دىدى ئاغىنىلىرىمدىن بىرى .

 - كىنونى قەيەردە قويىدۇ ، يولنى بىلمەيدىكەنمىز ،- دىدىم مەن .

 - ئەمىسە كەينىمدىن مېڭىڭلار ، مەن باشلاپ ماڭاي ، ھە راسىت ھەممىڭلار پىيادە مىڭىڭلار ، تاش - داڭگال ئېلىۋىلىڭلار بۇ مەھەللىدە ئىت بەك كۆپ ، قىزلار ئوغۇللارغا يېققىن مېڭىڭلار ھە ، ئىت قىزلارنىلا چىشلەيدۇ ،- ئۇ ماڭغاچ چاقچاقمۇ قىلىپ قويدى.

ئىت دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بەدەنلىرىم غۇژ قىلىپ قالدى راستىنى دىسەم ئىتتىن بەك قورقاتتىم، چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا بۇۋاملارنىڭ مەھەللىسىدىكى بىر ئىت كاسسامنى چىشلىۋالغانتى بەك ئاغرىپ كىتىپ مومام شۇ ئۆيدىن خېمىر ئېلىپ چىقىپ چاپلاپ ئاغرىقنى پەسەيتكەنتى، ئۇ چاغدا يىغلىغان يىغلىشىمنى دىمەيلا قوياي .

- ئىتتىن قورقامسىز ،- دەپ سورىدى تۇيۇقسىزلا پەرىدە .

مەن يۇغان بىر يىگىت بولۇپ قالغاندا بىر قىزنىڭ ئالدىدا «ھەئە» دىيەلەمدىم شۇڭا كەسكىنلا جاۋاپ بەردىم :

- ياق ، قورۇقمايمەن ، سىزچۇ؟

 ئۆزەمنىڭ شۇنداق ئەخمىقانە سۇئال سورىغىنىمدىن ئۆزەمگە ئاچچىغىم كەلدى، شۇمۇ سۇئالمۇ ، بىر نازۇك قىز ئىتتىن قورۇقمامدىكىنە ، بەلكىم ئىت تۇرماق چاشقاندىنمۇ قورقا .

- مەنمۇ قورۇقمايمەن ،- دىدى ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ،- قورىقسىڭىز قورقىتىدۇ ئەمەسمۇ ؟

 ھەيران قالدىم ، ئەجەپ يامان قىزكىنا ئىتتىنمۇ قورۇقمايدىغان، شۇلارنى ئويلاپ كىتىۋاتاتتىم ئالدىمىزدا كىتىۋاتقان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلۋاتقان ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

-----------

- ھەي ، ئۇخلىۋالدىڭما ، كۆزىڭنى ئاچ ،- تۇيۇقسىز قاھارنىڭ ئاۋازىدىن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ ئورنىمدىن قوپتۇم .

 - كەلدۇقما ؟

- نىمىگە كىلىسەن، چۈش بولدى قۇرساق ئاچتى، سېنىڭ ئاچمىدىما ؟

 راستىنى دىگەندە مېنىڭمۇ قۇرسۇقۇم ئاچقانتى .

- ئاچتى ، مىھمان قىلامسەن ؟

- ۋاي - ۋاي ، ھەي تىلەمچىلا بولىۋالدىڭغۇ ، قىلسام قىلاي ، قايسى ئاشخانىغا كىرىمىز ؟

 ئەتراپقا قارىدىم،ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە ئاشخانىلار كۆرىنىۋاتاتتى .

- خالىغان ئاشخانىغا توختىتە . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىنى ئاددىغىنا ھەم پاكىزە كۆرەنگەن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختاتتى، بىز بىر ئاز ھەركەت قىلغاچ لەغمەن بۇيرۇتۇپ ئىسسىق چاي بىلەن قۇرساق توقلىدۇق، يولدا ئىچىشكە سوغۇق ئىچىملىك ، مىيۋە - چىيۋە ، ياقتۇرغان يىمەكلىكلەردىن ئېلىپ سەپەرىمىزگە يەنە ئاتلاندۇق .

 - ھەي گەپ قىلغاچ ماڭە ، ماشىنا ھەيدىمىگىنىڭ بىر ، ئۇخلاپ ماڭغىنىڭ بىر .

 قاھار  زىرىكىپ قالغانمۇ غۇدۇڭشىدى .

 - ۋاي ئاداش ماشىنىنى سەن سۆرىمىگەندىكىن ھەيدەپ تۇرە ، مەن كىچە ئۇخلىمىغان ، بىر ئاز ئۇخلىۋالاي .

- ۋاي مەن ئۇخلاپتىمەنمۇ ، ئۇخلايمەن دەمسەن ، مانا ئۇخلا!!

 ئۇ ماشىنىنىڭ MP3 نى ئېچىپ ناخشىنى پۈتۈن ئاۋازدا قويىۋەتتى ، مەن ئېيتىشىپ ئولتۇرۇشتىن راھەت كۆرۈشنى ئەۋزەل كۆرۈپ ئورۇندۇقتا ياتتىم -دە كۆزۈمنى يۇمدۇم، خىياللىرىم يەنە پەرىدەگە قاراپ ئۇچتى.

----------------

 - ۋەلسىپىتلەرنى قىزلار يىتىلسۇن، ئوغۇللار ئىتلارغا تاقابىل تۇرۇشقا توخماق ئالايلى،- دىدى ئاغىنىلەردىن بىرى ،- ئىتلار بەك كۆپكەن ، قازاق ئىتلىرىكەن .

 شۇنىڭ بىلەن قىزلار ۋەلسىپىتلارنى يىتىلەپ ماڭدى، بىز كىسىپ يول ياقىسىغا رەتلەپ قويغان دەرەخلەردىن سۇندۇرۇپ توخماق راسلاپ ئىتلارنى قورقۇتۇپ يۈرۈپ كىنو قويۇلغان جايغا بېرىپ بولدۇق، بۇ چاغدا كۈن ئولتۇرۇپ كۆز باغلانغان ئىدى، كىنوخانا كونىرىغان كەنىت ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا كىنو ئىكىران رەختىنى تارتىپ، ئالدىغا ئۇزۇن ياغاچ ئورۇندۇقلاردىن ئاندا - ساندا تىزىپلا قىلىنغانتى. ئادەملەر سەپ - سەپ كىلىپ ئورۇندۇقلار توشقاندىن كىيىن ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئورۇنداقلا قويۇلۇپ مەيدان بىردەمدە ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانتى. بىزمۇ بوش كەلمەي ۋەلسىپىتلىرىمىزنى تىزىپ ئورۇندۇق قىلدۇق ، ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن قىزلار كەينى ئورۇندۇقتا بىز ئوتتۇرىدىكى جازىدا ئولتۇرۇپ كىنو باشلىنىشىنى ساقلىدۇق، ئەلۋەتتە مەنمۇ پەرىدە بىلەن شۇنداق خۇشال ، شۇنداق ھاياجاندا ئادەملەر توپىغا قارىغاچ ئولتۇراتتۇق .

- كەمپۈت يەڭ!

 ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ماڭا بىر تال كەمپۈتنى سۇنغانتى ، مەن كەمپۈتنى ئالغاچ ئۇنىڭ ئېچىۋېتىلگەن چىرايىغا قارىدىم، ئەتىراپ غۇۋا يورۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرغىنىنى، ئىككى زىنىغىنى، زىناق ياراشقان ئالمىدەك ئوماق چىرايىنى يەنە ئويماقتەك ئېغىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن چاچلىرى چىرايلىق لىنتا بىلەن تۈۋىدىن بوغۇلغان بولۇپ ، مەيىن شامالدا ئۇچۇپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ قارىشىمدىن خىجىل بولغاندەك لەپپىدە ئالدىغا قارىۋالدى . بىز كەمپۈت شۈمگەچ كىنونىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق. ئادەملەر توپى ئىچىدە بىز دىمەتلىك ھەتتا بىزدىن چوڭ ياشلىق بىر مۇنچە بالىلار تاماكىلىرنى پۇرقۇرتۇپ تارتىشقىنىچە ۋاقىراپ - جاقىراپ كىلۋاتاتتى. يان تەرپىمدە ۋەلسىپىتىدە ئولتۇرغان ئاغىنەم ماڭا ئاستا چۈشەندۈردى :

- موشۇ مەھەللىنىڭ زومىگەرلىرى ، ئىھتىيات قىلايلى .

مەن بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم . ئانغىچە كىنو باشلاندى ، ھېلقى زومىگەرلەرمۇ كىنوغا قىزىقىپ شۇ جايدا ئولتۇرغان ئوششاق - چۈششەك بالىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ بېسىقىشتى. كىنو ھېندىستان ھىكايە فېلىمى بولۇپ باشلىنىشىغىلا ئۆزگىچە ياڭراپ چىققان دېسكو مۇزىكىسى بىزنى ھاياجان قوينىغا سۆرەپ كىرىپ كەتكەنتى .

- « دېسكو چولپىنى »كەن ،- دىدى پەرىدە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ،- داڭقىنى ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان، بەك ياخشى كىنو دەيدۇ .

 ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشمايلا ئىكىراندا كىنو ئىسمى پەرىدەنىڭ دىگىنىدەك چىقتى، مەن ئاستا ئادەملەر توپىغا نەزەر سالدىم ، مەيدان چوڭ - كىچىك ، قېرى - ياش ، ئەر - ئايال ،كىچىك بالىلار ،ھەتتا قۇچاقتىكى بۇۋاقلارغىچە پۈتۈن دىققىتى كىنوغا مەركەزلىشىپ ،كىنو ئىچىگە كىرىپ كىتىشكەنتى.





3275 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-19 16:02:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-13 20:28:20 مېھمان
بەك ياخشى يېزىپسىز. قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن.
2015-12-25 11:41:40 شەبنەم
ئ‍اكا بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ھارمىغايسەن
2015-12-20 0:09:38 yure
nimixka dayim mazmunni uzartiwitsiz ihqamlap yazsigiz bolmidimu
2015-12-19 23:03:43 ulpat
bak yahxi qkptu
2015-12-19 20:50:26 abdulla
bakla yahxikan
2015-12-19 20:22:35 دىلكەش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئاكا داۋامىنى ساقلايمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ