ئالۋاستى تۇمار (ۋەھىمىلىك ھېكايە) 1-قىسىم

 ئالۋاستى تۇمار
  (ۋەھىمىلىك ھېكايە)
  ئاپتورى: مۇساجان مۇھەممەد (سەردار)


زۇلمەتلىك، ۋەھىمىلىك بىر كېچە، مەۋلان ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە ناھايتى بەتبەشىرە بىر ئالۋاستىدىن قورقۇپ كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرمەكتە ئىدى، ئۇ شۇنداق تېز يۈگۈردىكى، ئالدىغا كەلگەن دەل-دەرەخلەرنى ئۈسسۈپ يىقىلىپ، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، چاتقاللىقلارغا پۇتلۇشۇپ، يىقىلىپ-قوپۇپ دېگۈدەك جىننىڭ بارىچە يۈگۈرۈۋاتاتتى، ئۈستىۋاشلىرى ۋە پۇت-قوللىرى بولسا قىپقىزىل قانلار بىلەن بويالغان بولۇپ، ھەرقانچە يۈگەرسىمۇ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئالۋاستىدىن يىراقلىشالمايتى، بىراق جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  ئۇنىڭغا قاچماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى، ئۇ يۈگۈرەۋەرگەنلىكتىن ھاردى بولغاي مەيدىسىنى تۇتۇپ خارىلداپ ھاسىرىغىنىچە بارا-بارا ئاستىلاپ توختاپ قالدى-دە جايىغا «گۈپپىدە» يىقىلىپلا كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقىنىچە ھۇشىدىن كەتتى، ئۇ ھوشىغا كېلىپ كۆزنى ئاچقاندا بولسا ئۆزىنىڭ بىر تۈپ دەرەخكە ئىككى قولىدىن ئېسىقلىق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى سەزدى، ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئەتراپقا قورقۇنچ نەزىرى بىلەن قارايتتى. سۈتتەك ئاپئاق، تەخسىدەك يۇپيۇمىلاق يېڭىدىن چىققان تولۇن ئاينىڭ نۇرى ئەتراپنى غۇۋا ئىلغا قىلغۇدەك يۇرتۇپ ئەتراپنى ناھايىتى سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى، مەۋلان ئەتراپتىكى مەنزىرىلارنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئەتراپ پۈتۈنلەي ئادەم ئىسكىلىتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ باشلىرى يوق، باشسىز ھالەتتە ئىككى قولى بىلەن دەرەخقە ئېسقلىق، بەزىلىرىنىڭ بولسا بەدەن قۇرۇلۇشى بۇزۇۋېتىلگەن ھالەتتە يەردە ياتقان، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باش سۆڭەكلىرى ئىزىۋېتىلگەن ھالەتتە، ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ  پۇت-قوللىرى ئۈزۈلگەن بولۇپ ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان ھالەتتە تۇراتتى، مەۋلان بۇ مەنزىرىلارنى قايتا كۆرۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى، ئۇ خۇددى كۆزىنى ئاچسا ئىسكىلىتلارغا جان كىرىپ ئۆزىنى تىتىپ، پارە-پارە قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ كۆزىنى ئاچماسلىققا تىرىشاتتى، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى سەت، ناھايىتى سوغۇق، ئاچچىق بىر كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كۆزىنى ئاچتى، كۆز ئالدىدا كۆپكۆك ھەم مەينەت چاچلىرى مۈرىسىگە كېلىدىغان، بۇرنى كەپتەرنىڭ بۇرنىغا ئوخشاش ناھايىتى كىچىك،  كۆزىدە قىپقىزىل قانلار تامچىپ تۇرغان، بىراق قارچۇق دەيدىغان نەرسىدىن ئەسەر يوق، چىرايى بولسا ئاپئاق، يۈزلىرىدىن سۆڭەكلەر تېشىپ چىقىپ چىرايىنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋەتكەن، كالپۇكلىرى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان بولۇپ، قارىداپ كەتكەن چىشلىرى كالپۇكنىڭ ئارىلىرىدىن كۆرۈنۈپ قالغان بىر ئالۋاستى، قولىدا قىپقىزىل قان تېمچىپ تۇرغان بىر قىلىچنى تۇتقىنىچە سوغۇق كۈلۈپ مەۋلاننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
-م...م...مېنى قويۇۋەت، مېنى قويۇۋەت، مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم:-مەۋلاننىڭ ئاغزى شۇ تاپتا گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئالۋاستى بولسا مەۋلاننىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماستىن قولىدىكى قىلىچنى ئېگىز كۆتۈردى-دە خىرقىراق ئاۋازدا:
-سەن تۈگەشتىڭ، ئەمدى ئۆلىدىغان ۋاقتىڭمۇ بولدى، سەن ئىنتايىن قىينىلىپ ئۆلىسەن:-دېگىنىچە قولىدىكى قىلىچنى مەۋلاننىڭ قورسىقىغا قارىتىپ بىرنى شىلىتىۋېدى، مەۋلاننىڭ پۈتكۈل ئىچكى ئەزالىرى ساڭگىلاپ قالدى، مەۋلان ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق تىپىرلايتى، قاتتىق ئىڭراپ جان تالىشىۋاتاتتى، ئۇ ئالۋاستى مەۋلاننىڭ قورسىقىغا قولىنى تىقتى-دە يۈرىگىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئاغىزىغا سېلىپ بىر چايناپلا يۈتىۋەتتى، ئاندىن قولىدىكى قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە مەۋلاننىڭ بوينىنى نىشانلاپ بىرنى شىلتىدى.
- ياق.....ياااااااااااق......
مەۋلان شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. -بالام نېمە بولدۇڭ، قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ، قارىسام قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپسەن. كېچىدىن بېرى ۋايجانلاپ جۆيلۈپ چىقىڭ، ئويغاتسام ئويغانمىدىڭ، شۇڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىغىيدى دەپ بېشىڭدا قاراپ تۇرغان ئىدىم:-مەۋلاننىڭ ئاپىسى شۇنداق دېگىنىچە تېخى تۈنۈگۈن شەھەردىكى ئوقۇشنى تاماملاپ كەلگەن ئوغلى مەۋلاننىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى، مەۋلان تەرلىرىنى سۈرتكەچ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ: -ھېچ...ھېچ ئىش يوق ئاپا، بەك ئەنسىرەپ كەتمە، شۇ ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ يوق، كېچىدىن بېرى سەل يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن، بەلكىم تۈنۈگۈن قايتىپ كەلگۈچە سەل چارچاپ قالغان بولسام كېرەك، ئەمدى خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، سەنمۇ كىرىپ ئارامىڭنى ئالغىن، ھېلىمۇ ماڭا قارايمەن دەپ كۆپ جاپا تارتىپسەن:-دېگىنىچە ئاپىسىنى خاتىرجەم قىلدى،  ئاپىسىمۇ بۇش ئاۋازدا بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئوقۇپ مەۋلانغا سۈفلىۋەتكەندىن كېيىن، چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە چىقىپ كەتتى، مەۋلان بولسا ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى بىر ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانداق ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي ئۇخلاپ قالدى، بىر چاغدا مەۋلان ھاجىتىنىڭ بەكلا قىستاپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ ئويغۇنۇپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى بەكلا بوشىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ  كەتكەن بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ خوش ياقمايۋاتاتتى، لىكىن ھاجىتىنڭ قىستىشىغا چىداپ بولالماي، ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىر قەدەملىرىنى بىر بىرلەپ يۆتكىگىنىچە ھاجەتخانىغا قاراپ ماڭدى، بۇ چاغدا تاڭمۇ ئەمدىلەتىن سۈزۈلگەن ئىدى، ئۇ ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھويلىغا كىرىۋىدى، تاماق ئېتىش ئۈچۈن سەي-كۆكتاتلارنى يۇيىۋاتقان ئاپىسى مەۋلاننى كۆرۈپ: - تۇردۇڭمۇ بالام، قانداقراق ئۇخلاپسەن، بىرە ئىش بولدىمۇ. - ياق ئاپا ھېچ ئىش يوق، ئاخشام يامان چۈش كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا خېلى ياخشى ئۇخلۇدۇم، ھازىر ھاجەت قىلغىلى چىققان.......، ھە راس دادام كۆرۈنمەيدىغۇ. -داداڭ ئەتىگەندىلا مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن، كىرىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.   قارىسام پۇت-قولۇڭنىڭ ماغدۇرى يوقتەك، چىرايىڭ بەك سۇلغۇن تۇرىدۇ،كېچىدىن بىر ياخشى ئۇخلىيالماي قالدىڭ، كىرىپ بىردەم ئۇخلىۋالغىنە جېنىم بالام. مەۋلانمۇ ھە دېگىنىچە بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئۈستىگە چىقىشقىمۇ خۇش ياقماي، ئۆزىنى سۇپۇنىڭ ئۈستىگىلا تاشلاپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ كېچىدىن بىرى كۆرگەن چۈشلەرنى ئويلاۋاتقان بولۇپ،   قانچە ئويلىغانسېرى  ئۇنى شۇنچە قورقۇنچ بېسىۋاتاتتى.ئەنە شۇ چۈشنى كۆرگەندىن كېيىن مەۋلان ئۆزىنى غەلىتىلىك، بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە،   ناھايىتى بىر قارا بېسىپ قالدىغۇ شۇ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم قورقۇتۇپ نېمە قىلىمەن، ئۇنتۇپ كەتسەملا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدۇ،   دەپ ئويلايتتى، لېكىن مەۋلان بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشقانسېرى، ئۇنىڭ كاللىسىدا كېچىدىن بىرى كۆرگەن ۋەھىمىلىك چۈشى بىر-بىرلەپ كەچمەكتە ئىدى، ئۇ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خىيال سۈرگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.
-مەۋلانجان، مەۋلانجان، تاماق پىشتى، تاماق يەۋالغىن بالام.
مەۋلان ئاپىسىنىڭ شۇنداق دەپ چاقىرشىدىن كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، ئايىغىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇخانىغا قاراپ ماڭمىدى، لېكىن نېمىشقىكىن ئۇنىڭ ئەس يادى تېخىچە كېچىدىن بېرى كۆرگەن ھېلىقى ۋەھىمىلىك چۈشىدە ئىدى.  ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ھويلىدىكى سوپىدا ئولتۇرغان دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭغىچە ئاپىسى بىر قاچا لەغمەننى كۆتۈرۈپ كەلدى-دە، ئابلىكىمگە بېرىپلا يەنە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
مەۋلانمۇ دادىسى بىلەن پاراڭلاشقاچ بىر قاچا لەغمەننى بىردەمدىلا يەپ بولدى، ئۇنىڭغىچە ياندىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي تېلىفونى سايراپ كەتتى.
-بولدى دادا، مەن ئالاي، سەن تامىقىڭنى يەۋەرگىن.
مەۋلان تېلىفۇننى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىكى تاماقنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان دادىسىغا شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە تېلىفۇنغا قاراپلا كىمنىڭ تېلىفۇن قىلغانلىقىنى بىلىپ تېلىفۇننى ئالدى.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم چوڭ دادا.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەۋلانجان بالاممۇ سەن، قانداق ياخشى تۇرىۋاتامسەن.
-خۇداغا شۈكرى ياخشى، چوڭ دادا، ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن.
-ياخشى بالام ياخشى، شۇنداق قىلىپ مەكتىپىڭدىن يېنىپ كەلدىڭما.
-ھە، ھەئە.
-ساق-سالامەت كېلىۋالغان بولساڭ ياخشى بوپتۇ بالام، ھە راس بىزنىڭ ئۆيگىمۇ كېلەمسەن يا.
-بارىمەن چوڭ دادا بارىمەن، مەنمۇ تېخى مەكتەپتىن تۈنۈگۈن كەلدىم، ئەتىگىچە باراي ھە.
-بۇپتۇ بالام ئەتە كېلەسەن، يېنىڭدا داداڭ بولسا چاقىرىپ قويغىنە كۆرۈشىۋالاي.
-مانا ھازىر چاقىرىپ قوياي.
مەۋلان شۇنداق دېگىنىچە دادىسىنى چاقىردى ۋە، دادىسى كىرگەندىن كېيىن تېلېفوننى دادىسىغا بېرىپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگىنىمۇ مەۋلان پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىز، ۋە ئىنتايىن بىئارام بولغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى ئۇ كېچىدىن بېرى يەنە شۇ ۋەھىمىلىك چۈشنى قايتا كۆرگەن بولۇپ ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت، ئالدىنقى قېتىم بىر كۆك چاچلىق ئالۋاستى ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇ قېتىم بېشىدا پەقەر ئۈچ تاللا چېچى بار كۆزلىرىدىن قان لاۋىلداپ تۇرغان، ئۈچ كۆزلۈك، قاپقارا ھەم ئىنتايىن ئۇرۇق بىر ئالۋاستىنىڭ قولىدىكى قىپقىزىل زەنجىردە، پۇت-قوللىرى ئۈزۈلگەن ھالەتتە، بوينىدىن سىتماق سېلىنىپ سۆرىلىپ دەرەخ دەرەخلەرگە ئۇرۇلۇپ ئۆلگەن ئىدى، ئەمما دېيىشكەن گەپلىرى، ئورنى ئالدىنقىسىغا ئوپمۇئوخشاش ئىدى، مەۋلان بۇ ئىشنىڭ تېگىدە چوقۇم بىر سىر بار دەپ ئويلايتتىيۇ لېكىن قانداق سىرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمەيتى، ئۇ بۈگۈن تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن دادىسىغا:
-دادا، بۈگۈن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە بارايمىكىن دېگەن ئىدىم:-دېدى. دادىسى ئۇنىڭدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلغانىدى، مەسىلەن ئاپىسى ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ئەكېلىپ ئوغلۇم تامىقىڭنى يەۋالغىن دېسە، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە، چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆيدىن بىرە نەرسە ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇسا ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كىيىن، نېمە ئەپ چىقاتتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەپ چىقىدىغان بولۇپ قالغانىدى، دادىسى، بەلكىم يېزىغا بېرىپ ئىككى ئۈچ كۈن تۇرۇپ كەلسە ئازراق ئوڭشىلىپ قالار، ئۇلارنى سېغىنغاندۇ دەپ ئويلاپ.
-بۇپتۇ بالام، ياخشى ئويلاپسەن، ئۇ يەرگە بارغاندا چوڭلارغا بىزدىن سالام ئېيتىپ قوي، ئەسلى بىزمۇ بارايلى دېگەن، لىكىن ئىشنىڭ جىقلىقىدا بېرىپ بولالمىدۇق.
-ھە بولىدۇ دادا، سالام ئېيتىپ قويىمەن:-مەۋلان شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە، كىيىم-كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ يېزىغا قاراپ يول ئالدى. (ئۇنىڭ چوڭ دادىسى 86 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ خېلىلا ساغلام، تېتىك ئادەم ئىدى، چوڭ ئانىسى بولسا خېلى بورۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدە مەۋلاننىڭ كەنجى تاغىسى سادىر، سادىرنىڭ ئايالى مېھرىگۈل، سادىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ۋە مەۋلاننىڭ چوڭ دادىسى بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەم تۇراتتى).  ئارىدىن بىرە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن مەۋلان چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ ھويلىغا كىرىشىگىلا ھويلىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان چوڭ دادىسى مەۋلاننى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلدىڭمۇ بالام، كېلە كېلە:-دېگىنىچە مەۋلان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭغىچە ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان، ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن نەۋرە ئىنىسى ئابدۇللا چىقپ كەلدى-دە، مەۋلان بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن:
-ھە ئاكا، ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپسەندە؟
-ھەئە، بۈگۈن مەكتەپكە بارماپسەنغۇ؟
-كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ؟، بۈگۈن دېگەن يەكشەنبە تۇرسا.
-ھە راس بۈگۈن يەكشەنبە ھە، پەقەتلا يادىمدا يوق، كاللامغا بىر ئىش كىرىۋېلىپ.
-ھە مەكتەپتىكى مۇھەببىتىمنى ئۇنتالمىدىم دېگىنە.
-ماڭە ۋا لاۋزا، نەدىكى گەپنى قىلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، چوڭ دادامنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ، كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرىدىكەنسەن:-مەۋلان شۇنداق دېۋىدى ئابدۇللا قىزارغىنىچە.
-خاپا بولمىغىنە، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۇنچىلىك ئىشقىمۇ خاپولاش كېتەمدۇ، بولدىلا مېنىڭ سىرتقا چىقىدىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى چىقىپ بېرەي:-دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، مەۋلانمۇ چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ ئولتۇردى.
-ھە چوڭ دادا، ئاكام بىلەن يەڭگەم كۆرۈنمەيدىغۇ.
-سادىراخۇن ئەتىگەنلا ئىشقا كەتكەن، ئايالىنىڭ بېشى ئاغرىپ قاپتىكەن ئايالى دورىخانىغا كەتتى، ھېلىغىچە كېلىدۇ.
مەۋلان چوڭ دادىسى بىلەن شۇنداق پاراڭلاشماقتا ئىدى.

ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە، مانا كەچمۇ كىرەي دېدى، مېھرىگۈلمۇ ئاللىبۇرۇن قايتىپ كېلىپ تاماققا تۇتۇش قىلغان ئىدى، ئۇنىڭغىچە سادىراخۇنمۇ كەپ بولدى.
تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئۇخلاش ئۈچۈن سادىر ۋە ئايالى ئۆزلىرىگە ياتىدىغان ئۆيىگە،  مەۋلان، چوڭ دادىسى ۋە ئابدۇللا ياندىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
تۈن يېرىم كېچىدىن ھالقىغان چاغ، مەۋلان ئۆزىنىڭ توڭلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا چۆچۈپ كەتتى-دە دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى.  

ئەسەرنىڭ نادىر مەزمۇنلىرىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسىمدا بولسۇن....
 داۋامى بار.......







1185 قېتىم كۆرۈلدى (سەردار) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-5 18:11:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-23 17:28:03 ھىدايەت
بك ياخشى يېزىپسىز،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن داۋامىچۇ ؟
2016-12-27 15:16:15 dilxat
qakkan rah arkisini yullisag la bop tikan bak paizika bu asar
2016-12-24 16:39:41 تەنناز
داۋامىغا بەك قىززىقىۋاتىمىەن ،تىزراق ئەۋەتكەن بولسىڭىز،
2016-12-22 12:53:21 شەبنەم
ئاخىرى يوقما نەچچە كۈن بولدى يوللانمايدۇ
2016-12-22 11:27:31 (سەردار)
داۋامىغا قىزىقساڭلار مېنى قوشىۋېلىڭلار چچ:3248356639
2016-12-20 15:26:11 (سەردار)
داۋامىغا قىزىقسىاڭلار مېنى قوشۇۋېلىڭلار يوللاپ بېرىمەن. چ چ:3248356639 ئۈندىدار:sardarbbs
2016-12-19 12:31:55 ئانارگۈل
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ئاخىرنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-12-18 20:12:03 رىزۋانگۈل
نىمىشكە داۋامىنى يوللىمايسىز ؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ