ئامان بول ئابرال (ھىكايە 3-قىسىم ) - ئامانتاي سۇلتان غۇلجا

ئامان بول ئابرال 

(ھىكايە 3-قىسىم ) 

 ئامانتاي سۇلتان غۇلجا


       قۇياش ئاستا-ئاستا زىمىنغا كۆتۇرلۇپ چىقماقتا .قاراڭغۇ تۇنىنى قۇياش ئىللىق نۇرى ئارقىلىق يۇقاتماقتا ئىدى. ئەتىكى قۇياش تاغ باغرىدىن كۆتۇرۇلۇپ ئەتراپقا گۇزەل مەنزىرىنىھاسىل قىلماقتا .سەھەردىكى قۇياش كىشلەرگە بەخىش ئەتمەكتە ئىدى.ماشىنا ئىچىدىكىبىرەيلەن تاڭ ئىتىپتۇ مانا  ئۇرۇمچىگە كىلەي  دەپ قاپتۇق دىدى.ردنانىڭ بۇ سۇزنى ئاڭلاپ ھۇجۇدى بىرخىل تىتىرگەندەك بۇلدى.رەنا راسما ئۇرۇمچىگە كىلەي دىدۇقما دىگىنىچە دىرىزىدىن ئەتراپقا قارايتى ئەتراپتىكى گۇزەل مەنزىرە ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى تىتىرەشلەرنى يەنە يىراقلارغا ئىلىپ كىتەتتى .ئۇ كۇكتىكى قۇياشقا قارىدى. قىزغۇچ قۇياش نۇرى ئۇنىڭغا بىرخىل ھۇزۇر بىغىشلاتتى . رەنا ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قاراپ تۇيمايۋاتاتتى.ماشىنلارنىڭ ئۇيان-بۇيانغا ئۇتۇشلىرى .يۇل ياقىسىدىكى كەڭ كەتكەن يىشىللغا چۆمگەن تاغ ئىدىرلىرى ئۇنىڭغا بىلەكچىلا بىلىنۋاتاتتى .ئاپتۇبۇس ئىچىدىكى يۇلۇچىلار مانا ئەمدى شەھەرگە كىردىغان بۇلدۇق. تەييارلىق قىلىۋالايلى ھازىرلا ماشىندىن چۇشىمىز دىدى.راستىىنلا ماشنا شەھەر ئىچىگە كىرىشگە ئاز قالغان ئىدى .يۇل ياقىسىدىكى ئۇ ھۇزۇر ئالغان شەيئىلەر تاشلىنىپ شەھەر ئىچىدىكى شاۋقۇن سۇرەن مەنزىلگە يىتىپ كەلگەنلىكىنى  بىلدۇرۋاتقاندەك شۇنچىلىك جاراڭلىق ئىدىكى ماشىنلارنىڭ دىدىتلىغان ئاۋازلىرى ماشىن ئەتراپىنى بىر ئالدى .

شۇپۇر يۇلۇچىلار مانا ئۇرۇمچىگە كەلدۇق .ھازىر بىكەتكە كىرىمىز .تەييارلىق قىلىڭلار دىدى.ماشىنا راستىلا شۇپۇر دىگەندەك مەنزىلگە يىتىپ كەلگەن ئىدى .رەنا يىزىدا تۇغۇلۇپ ئۇسكەن بۇلۇپ ،بۇ تەرەققى قىلغان شەھەرنى ئەمدى ئۆزكوزى بىلەن كۇرۋاتاتتى .ئىگىز-ئىگىز بىنالار ،يۇلدا كىتىپ بارغان  ماشىنلار شۇنچە كۆپ ئادەملەرتۇپى ئۇنىڭغا بىر خىل تۇيغۇ  بىرۋاتاتتى.ماشىنا بىر ئازدىن كىيىن بىكەتكە كىرىدى.يۇلۇچىلار يوك تاقىلىرنى يىغىىشتۇرۇپ ،ماشىدىن چۇشۇشكە تەمشەلدى .ماشىنا بىكەت ئىچىگە كىرىدى رەنانىڭ يىغىشتۇردىغان ھىش نەرسىسى بۇلمىغاچقا ماشىنىدىن چۇشۇشنىمۇ خالىمايتى .يەنە ماشىندا ئۇزاق ئۇلتۇرۇشنى خالايتى .يۇلۇچىلار سۇمكا چامادانلىرنى كۆتۇرۇپ ماشىندىن چۇشتى .بىكەت ئىچىگە تاكسى شۇپۇرلىرى كىرىپ يۇلۇچىلارنى قاياقلارغىدۇ ئىلىپ كەتتى ھەممىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايىپ بۇلغان ئىدى .رەنا قۇل سۇمكىسىنى ئالدىدە ماشىندىن ھەمىنىڭ ئارقىسىدىن چۇشتى .ماشىدىن چۇشىشى بىلەن ئۇرمچىنىڭ سۇغۇق ھاۋاسى مەڭزىگە نەشتەردەك ئۇرۇللاتتى .سۇغۇقتا قىپقىزىل مەڭزى تىخىمۇ قىزىپ كەتكەن ئىدى .ماشىندىن  چۇشىشى بىلەن ئاخشام ئۇنىڭغا نان بەرگەن ئايال ياندا يۇك تاقىلىرنى ساقلىغانچە قاراپ تۇراتتى .ئۇ ئاستا ئايالنىڭ قىشىغا بىرىپ ھەدە تىخى ماڭماپسىزغۇ دىدى .قىزىم شۇ ئۇغلۇم ماشىنىسنى ھايداپ كەلمەكچى بۇلغان تىخىچە كەلمەيۋاتىدۇ .بىرەم ساقلاپ تۇراي دىدى .ئۇ ئايال رەناغا قىزىم سىز نەگە بارماقچى بۇلمىسا بىزنىڭ ماشىنىغا چۇشىۋىلىڭ ئاپىرىپ قۇيايلى ھەم بەكلا يالاڭ كىينىۋاپسىز .ئۇرۇمچنىڭ ھاۋاسى سۇغۇق دىدى .رەنا ئۆزىنىڭ نەگە باردىغانلىقىنى بىلمەيتى .ئۇ ئايالغا مەنمۇ ماشىنا ساقلاۋاتىمەن دادام كەلمەكچى ئىدى دىدى.ھە مۇنداق دەڭ ئەنە بىزنىڭ ماشىىنا كەلدى .ماقۇل قىزىم خۇش دىدى دە  كەلگەن ماشىنغا قۇل ئىشارتى قىلىپ يۇك تاقىلىرنى ئىلىشقا تەمشەلدى .ماشىندىن بىر بال چۇشۇپ يۇك تاقىلىرنى ماشىننڭ ئارقىسىغا بىسىپ  ناھايتى تىزلا يۇرۇپ كەتتى ھىلىقى ئايال رەناغا خۇش دىگەش قاراپلا قالدى.ماشىنىمۇ بىكەتتىن غايىپ بۇلدى .پەقەت بىكەت ئىچىدە رەنالا يالغۇز قالغان بۇلۇپ ،سۇمكىسىدىكى ئىسىم كارتىسىنى قۇلغا ئالدىدە بىكەت يىنىدىكى تىلفۇن بۇتكىسىغا قاراپ يۇل ئالدى .رەنا  تىلفۇن بۇتكىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئاكا مەن تىلفۇن قىلاي دىگەن ئىدىم .تىلفۇن بارمىدۇ دىدى .قىزىم سىز نەدە ياشايسىز ھازىر يان تىلفۇن ئومۇملىشىپ كەتتى ،بۇيەردىكى تىلفۇننى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا ئىلۋەتكەن قۇلنى كۆرسۇتۇپ ،ئاۋۇ يۇل ياقىسىدىكى دۇكاندا ئامىۋى تىلفۇن بارغۇ دەيمەن .شۇ يەرگە بىرىپ ئۇرسڭىز بۇلدۇ دىدى .رەنامۇ شۇ تەرەپكە يۇل ئالدى .ھەدە بۇيەردە تىلفۇن بارمىدۇ ؟ئايال بار دەپ تىلفۇننى رەنانىڭ ئالدىغا قۇيۇپ قۇيدى.دۇكانچى ئايال بۇقىزغا ھەيرانلىق بىلەن قارايتى .كىيىشى تەقىى تۇرقى زادىلا ئۇرۇمچىلىككە ئۇخشىمايتى .رەنا قۇلدىكى قەغەزگە قاراپ سانلارنى باستى ئۇنىڭ ھۇجۇدى تىتىرمەكتە .بىشىدىن سۇ قۇيغاندەڭ تەنلىرى شۇركەنمەكتە .يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ مەغرۇر تۇرماقتا .تىلفۇن ئۇزاققىچە ئۇلانمىدى .ئۇخەنزۇچە بىلمىگەچكە دۇكانچى ئايالغا ھەدە نىمە دەيەۇ دىدى .ئايال سىز ئۇرغان ئابۇنىت ھازىر سۇزلىۋاتىدۇ دەيدۇ .بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن يەنە باشتىن ئۇرۇڭ ئۇلۇنۇپ قالا دىدى. رەنا چۇڭقۇر سۇكۇتتە خىياللارغا پاتاتتى .يەنە ئۇ مىنىڭ دادامغۇ دەپ ئۆزىگە تەسەللى تاپاتتى ..

قەدىرلىك ئۇقۇرمەن رەنانىڭ داداسىنىڭ رەناغا بۇلغان پۇزىتيىسى قانداقتۇر ............

تەسىرلىك ھىكايىلىرىم سىلەر بىلەن بىرگە قۇللىسىڭىز تارقىتىپ قۇيۇڭ ! داۋاملىق يۇللىندۇ  !

ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى 1507146444

   





272 قېتىم كۆرۈلدى ئامانتاي سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-31 23:41:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ