قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 5 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 5-قىسىم

metro


ئۇلارنىڭ قورۇققىنىدىن چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى.

- بۇ يەردە مۈشۈك باركەن ، ئەجىبا ئادەممۇ بارمىدۇ؟- دىدى سەمەت.

- نىمىگە مۈشۈك بولىدۇ؟ بايىلا كۆردىڭغۇ ، بىز كۆرگىنىمىز قۇش ئىدى، لېكىن ئۇ قانداقلارچە مۈشۈك بولۇپ قالدى ؟ بۇ … بۇ … جىنمۇ نىمە؟ تۇرغۇن گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاران دىيەلىدى .

ھەقىقەتەن مۈشۈك باشقا مۈشۈكلەرگە ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى بىلەن قاراشلىرىدىن بىر خىل ۋەھشىيلىك ، بىر خىل ۋەھىمە چىققانتى.

- خەرىتىنى كۆرۈپ باقايلى ، بۇ راستىنلا بىز ئىزدىگەن بايلىق يوشۇرۇنغان جايمىدۇ؟ بۇ يەر ھېچ بىر مەن تەسەۋۇر قىلغان جايغا ئوخشىمايدىغۇ ؟ دىدى تۇرغۇن سومكىسىدىن خەرىتە خاتىرلەرنى ئېلىۋېتىپ.

ئۇلار يەرگە خەرىتىنى يايدى ، ھەممىسى چۆرۈدەپ ئولتۇرۇپ خەرىتە بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ يەر ھەقىقەتەن ئۇلار ئىزدىگەن قەدىمى يۇرت ، چەكلەنگەن رايون ئۆزى شۇ ئىدى.

- شۇكەن ، بايلىق بار جايغا كەپتىىمىز ، قاراڭلار ماۋۇ بىرىنجى بەلگە چوقۇم بىرەر سىر يوشۇرۇنغان جاي. ماۋۇ ئۈچ بەلگە قويۇلغان ئورۇن بايلىق يوشۇرۇنغان جاي ، - تايىر خوشاللىقتا خەرىتىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

باشقىلارمۇ بايلىققا شۇنداق تىز ئىرىشىدىغىنىدىن روھلۇنۇپ كىتىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ پەيىتتە قەيەردىن پەيدا بولغىنى نامەلۇم بىر كىچىك قۇيۇن ئۇدۇل كىلىپ بۇلارنى بىردەم ئوتتۇردا قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ قىززىق ئەھۋالغا ھەيران قالغان سەمەت:

- غەلىتە ئىشتە بۇ ، بۇ يەردىمۇ قۇيۇن بولامدىكىن؟ - دىدى يىراقلاۋاتقان قۇيۇنغا قاراپ.

ئۇلار خەرىتىگە يەنە قارىماقچى بولىۋېدى خەرىتە يوق. خەرىتە قۇيۇننىڭ ئىچىدە ئاسمان - پەلەك ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى. ئەگەردە ئۇلار خەرىتىنىڭ كەينىدىن يۈگەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۇتۇش مۇمكىن ئەمەستى. شۇڭا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا چارە يوقتى.

- خەرىتىنى ئېلىۋالمىغانما ،- تىرىكتى تۇرغۇن.

- مەن سېنى ئېلىۋالامدىكىن دەپتىمەن ، - دىدى تايىر ئوڭايسىزلىنىپ.

- ئەمدى خەرىتە يوق قانداق تاپىمىز ئۇ بايلىقلارنى ؟

راس بۇ خېلى بىر يەرلەرگىچە سوزۇلغان قەدىمى خارابە ئىچىدىن بايلىق تېپىش دېڭىزدىن يېڭنە ئىزدىگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.

- ئەڭ ئاۋال بۇ خارابىلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆرگەچ ، پاناھلانغۇدەك يەر تاپايلى. ئاندىن بايلىقنىڭ ئىشىمۇ بىر گەپ بولا. بولمىسا ھازىر قاراڭغۇ چۈشسە شەپەرەڭلەرگە يەم بولمايلى يەنە ، -دەپ ئەسكەرتتى دىلبەر.

ئۇلار دىلبەرنىڭ سۆزىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلىپ خارابە ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇلار مېڭىۋاتقان يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاسمان پەلەك ئىگىز سوقما تام بولۇپ، سوقما تامنىڭ بەزى جايلىرى ئۆرۈلگەن، ئۆرۈلگەن تەرەپنىڭ كەينىدە پاكار سېلىنغان ئۆيلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ پاكار ئۆيلەر بەك كونىراپ كەتكەن بولۇپ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرى يوق ئىدى. يوق تەرپىدىن ئۆي ئىچى يىراققا قاراڭغۇ كاماردەك كۆرىنەتتى. ئۇلار كىتىۋېتىپ يولنىڭ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن ئېغىزىغا كىلىپ قالدى. ئۇلار بىر قانچە بۆلەككە مېڭىپ كۆرۈپ باقتى. لېكىن قايسى يولغا قايرىلسا يەنە ئوخشاش مەنزىرە بولۇپ، ئوخشىمايدىغىنى ئەتىراپتىكى كونا قۇرۇلۇشلار بولۇپ بەزىلىرى ئۆي بولسا بەزىلىرى قەبىرستانلىقتەك قىلاتتى. ئۇلار ئەتىراپنى كۈزۈتۈپ كىتىۋېتىپ بىر يۇغان گۇمبەزنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى. بۇ چاغدا قاراڭغۇمۇ چۈشكەن ئىدى .

- بۇ يەرمۇ پاناھلىنىشقا بولۇپ قالغۇدەك ،- دىدى ئىسكەندەر گۇمبەزنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ،- قاراڭغۇدا مىڭىۋەرمەيلى، موشۇ يەردە كىچىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەتە كۈندۈزدە ئاندىن ئەتراپنى ياخشى بىر كۆرەيلى. بەلكىم ئەتە تەلىيىمىز كىلىپ قالسا ئۇ بايلىقلارنى تېپىۋېلىپ قايتىمىزمۇ تېخى. ئۇنىڭ سۆزى ھەممىسىگە خۇش ياقتى.

- بۇ خارابىلىكنى بىر سۈرەتكە تارتىۋالاي ، بۇ چوڭ بىر بايقاش ،- دىدى گۈزەلنۇر تىلفۇنىنى ئېچىپ ،- ۋۇي سىگنال يوققۇ؟

- ئەمدى بىلدىڭىزما ، - ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تۇرغۇن كۈلدى ،- بىز ئۇ سىگناللار بىلەن خوشلاشقىلى نەۋاق.

- ئەمىسە بىز ئىپتىدائى دەۋىرگە كىرىپتىمىزدە ، - دەپ كۈلدى گۈزەلنۇر.

- ئۇنداقمۇ ئەمەس ، - تايىر يۈك - تاقلار ئىچىدىن قول چىراقنى ئېلىپ ياندۇرغاچ ، - بۇ ھازىرقى دەۋىرنىڭ.

بۇ گەپ قىززىق تۇيۇلۇپ ھەممىسى كۈلۈشتى. گۈزەلنۇر تىلفۇنىنىڭ تىلكامىراسىنى ئېچىپ ئەتىراپنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. باشقىلار يۈك - تاقلارنى يىشىپ قۇرساق توقلاشقا تەييارلىق قىلدى.

- بۇ يەر ھەقىقەتەن سۈرلۈككەن ،- دىدى تايىر ئىشنى قىلغاچ ،- مەن ئەنسىرەپ قالدىم، مۇھىتىمۇ ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىگە كىرە - كىرمەي ئۇچۇراۋاتقان نەرسىلەرنىڭ سىرلىقلىغى تېخىمۇ غەلىتە، كىم بىلىدۇ كىچىدە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بىرىدىغىنىنى. شۇڭا ئىسكەندەر ، سەمەت ئۈچەيلەن كۆپرەك ئوتۇن توپلايلى. كىچىچە ئوتنى ئۆچەرمەيلى. يەنە نۆۋەت بىلەن قاراۋۇللۇق قىلايلى. باشقىلارمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلدى. تايىر قاتارلىقلار ئوتۇن ئالغىلى ماڭدى. ياخشى يىرى بۇ خارابىلىكنىڭ ئىچىدىمۇ دوخمۇش - دوخمۇشلاردا ئۈستى قۇرۇق ، ئاستى يېشىلداپ تۇرغان ئاق تىرەك، قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن قاريىغاچلار كۆپ ئىدى. ئۇلار بىردەمدە بىر قۇچاقتىن ئوتۇن كۆتۈرشۈپ قايتىپ كىلىشتى. بۇ چاغدا باشقىلار ئورۇن - جايلارنى راسلاپ، قۇرساق توقلاشقا تەق بولۇشۇپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇشاتتى.

دەل شۇ چاغدا ئاسماندا ۋۇژ - ۋۇژ قىلىپ ئوقتەك ئۇچۇپ ئايلىنىۋاتقان قارا نەرسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى .

- شەپەرەڭلەر! ۋاقىرۋەتتى تۇرغۇن .

- تىز ئوت ياقايلى ، ئۇلار يورۇقلىقتىن قورقۇدۇ ئەمەسمۇ ، -دەپ ۋاقىرغىنىچە ئىسكەندەر ئوتۇنلارغا يۈگەردى.

قىزلار قورۇققىنىدىن چاپانلىرىنى بېشىغا ئارتىشقا باشلىدى. ئوتۇنلار تەييارلىنىپ ئوت يېقىلغۇچە ئاسمان شەپەرەڭلەر بىلەن توشتى. ھەتتا نەچچە شەپەرەڭ گۈمبەز ئىچىگىمۇ كىرىپ بولدى. بۇنى كۆرۈپ قىزلار ۋاقىراشقا ، ئوغۇللار تاياق - توخماقلارنى تەييارلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئەمدى تۈگۈشىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاۋاتقاندا، ئوت قۇرۇپ قاخشال بولغان ئوتۇنغا تىزلا تۇتاشتى، ئەتىراپ يورىدى، شەپەرەڭلەرمۇ يىراقلاشقا باشلىدى.

- ئەجەپ قورۇقتۇم ، - دىدى گۈزەلنۇر كۆزىدىكى يېشىنى سۈرتۈپ ، - كەلمىسەممۇ بوپتىكەن.

- ھازىرلا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىڭىزما ، - دىدى تۇرغۇن كۈلۈپ .

دىلبەرمۇ يىغلىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇ چاندۇرماي ، گۈزەلنۇرنى قۇچاقلاپ قويدى ھەمدە كۆڭلىنى ياساپ :

- كىم بىلىدۇ ئومۇغۇم بۇ يەرنىڭ بۇنداقلىغىنى، مەنمۇ ئاددى ئويلاپتىمەن، بولمىسا مەنمۇ كەلمەسكەنمەن، سېنى قىيناپ قويدۇم كەچۈر ھە؟

گۈزەلنۇر تىزلا ئەسلىگە كەلدى :

- ياقەي، بايا قورقۇپ كىتىپ دەپ قويدۇم ، - دەپ كۈلۈمسىرەپ تۈگەتتى.

يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغىنىنى كۆرۈپ تىزلىك بىلەن چاي قاينىتىپ، ئېلىپ كەلگەن نازۇ - نىمەتلىرىنى تىزىپ مىھمان قىلىشقا باشلىدى. تۇرغۇن چاقچاق قىلىپ قىزلارنى كۈلدۈرۈپ قويماقچى بولدى :

- ئەگەردە شۇ بايلىقلارنى تېپىۋېلىپ باي بولۇپ كەتسەم، سىلەرنى، قىزلارنى جۇمۇ ، ئاشۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئىسىل رىستۇرانغا ئەپكىلىپ، ئۇ چاغدا رىستۇراننىڭ شۇ كۈنلىگىنى سېتىۋالدىغان گەپ. ئەڭ ياخشى مۇزىكانىتلارنى تەكلىپ قىلىپ رۇس بىر مىھمان قىلمىسام ھېساپ ئەمەس، ھازىرچە مۇشۇنداق مىھمان قىپ تۇرايلى -ھە.

- ماڭە ۋاي ، - دىدى تايىر تۇرغۇنغا ،- پونىمۇ ئەپلەپ ئاتقۇلۇق ، ئايالىڭدىن بىسوراق بىر پۇڭ خەجىيەلمەيدىغان ھالىڭغا ، باي بولۇپ قالساڭمۇ كۈنىڭ شۇ بولا.

قىزلار كۈلىشتى.

تۇرغۇنمۇ بوش كەلمىدى :

- ۋاي خاتىرجەم بولە ئاداش، بايا سېنىمۇ ئېلىۋالمەن دىمەپتىمەن خاپا بولغان ئوخشايسەن. دىلبەرنى سەنسىز يالغۇز مىھمان قىلغىلى بولامدۇ ؟

ئىسكەندەر ، سەمەتلەر قىقاس سېلىشىپ كۈلۈشتى. تايىر خىجىللىقتا قىزىپ كەتتى. بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرغان دىلبەرمۇ خىجىللىقتىن تۇرغۇنغا دوق قىلدى :

- ھەي ، ھەي قانداق چاقچاق بۇ ، نىمىشقا بىزنى قالايماقان چېتىپ چاقچاق قىلىسىلەر ، - دەپ قويدى ، لېكىن قەلبى ئۆزىمۇ سەزمەي بىر خىل خوشاللىققا چۆمدى.

ئۇلار شەپەرەڭلەرنى ئۇنۇتقان ھالدا، شۇنداق خۇشال - خۇرام قۇرساق توقلاشتى. تايىر ئۆزى بىلىپ بىلمەي دىلبەرگە تاماق زورلايتتى. بۇنىڭدىن دىلبەر سۆيۈنسە، گۈزەلنۇر سىرلىق كۈلۈپ دىلبەرنى تىرىكتۈرەتتى. باشقىلارمۇ تايىرنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ كۆرمەسكە سالاتتى. ئۇلار قۇرساقلىرىنى تويغۇزۋېلىپ پاراڭغا چۈشۈشتى. كەچمۇ بولدى ، شەپەرەڭلەرمۇ ئاستا - ئاستا يوقىدى ، تولۇن ئايمۇ تاغ كەينىدىن ئاستا كۆتۈرلۈپ بۇ خاربىلىكنى يورۇتتى. ئوغۇللار ئەتراپتىن يەنە بىر مۇنچە ئوتۇن تەييارلاپ قويۇپ ئۇخلاشقا تۇتۇش قىلدى. بىرىنجى قېتىملىق قاراۋۇللۇقتا تۇرۇش نۆۋىتىدە تايىر تۇرىدىغان بولدى. باشقىلار ئوتنى چۆرىدەپ ئۇخلاشقا باشلىدى. ئايدىڭ كىچە خىلۋەت خارابىلىك شۇنچىلىك جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ ، ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك تۇيۇلاتتى. چىرىلدايدىغان نە بىرەر چىكەتكە ئاۋازى، ياكى بىرەر جانلىقنىڭ ھاياتلىق ئىپادىسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . تايىر ئوت قالىغاچ ئەتىراپنى ئىنچىكىلەپ كۈزۈتۈپ ئولتۇردى . سەپەر ئۇنى خېلى چارچاتقان بولۇپ ئولتۇرغىنىچە ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى، ئۇ ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر مۇنچە ھەركەت قىلدى. ئاندىن خېلى روھلىنىپ گۈمبەزنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئايغا قاراپ ئولتۇردى. ئۇ ئايغا قاراۋېتىپ ئۇدۇلىدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر نەرسىنىڭ تۇرغىنىنى سىزىپ قالدى. ئۇ ئىنچىكىلەپ ئۇ نەرسىگە قارىدى. ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن يىگىرمە چامدام يىراقلىقتىكى بىر ئەسكى تامنىڭ يېنىدا بىر ئاپپاق نەرسە تىككىدە تۇراتتى. «ئادەممىدۇ » دىگەن ئوي تايىرنىڭ خىيالىدىن كەچتى ، دە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارىدى. قارىدىيۇ پۈتۈن بەدىنىدىن تەر چىقىپ كەتتى چۈنكى ھېلىقى ئاق گەۋدە پۇتى يەرگە تەگمەي سۈرۈلگەن پېتى ئۇياققا - بۇياققا مېڭىۋاتاتتى. تايىر ئالمان - تالمان ئۇ تەرەپكە قارىتىپ قول چىرىغىنى ياقتى، لېكىن ھېچنىمە يوق بولۇپ چىقتى، قول چىرىغىنى ئۈچۈرۋىدى ھېلقى ئاق گەۋدە ئاستا سۈرۈلۇپ بىر تەرپى ئۆرۈلگەن بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تايىر قورۇققىنىدىن دەرھال ئوتنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇيقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولغان ئىدى . بىر چاغدا قاراۋۇللۇق نۆۋىتى تۇرغۇنغا كەلدى، تايىر تۇرغۇننى ئويغۇتۇپ قويۇپ قورقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بايىقى ئەھۋاللارنى ئېيتماي جىمجىتلا ياتتى، تۇرغۇننىڭ ئۇيقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلمىغان بولغاچقا ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ قويۇپ گۈمبەز تېمىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرغاچ قاراۋۇللۇق قىلماقچى بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇ گۈمبەزدىن يىراق بولمىغان يولنىڭ يورۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى سەزدى، تۇرغۇن دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىپ دىققەت بىلەن يورۇقلۇققا قارىدى. يورۇقلۇق كىچىك دائىرىدىلا بولۇپ بىر تۈپ قۇرۇق قارا ياغاچنىڭ ئاستىنىنى يورۇتىۋاتاتتى. تۇرغۇن ئۇ يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئەجەپلىنىپ تۇرغىنىدا قارا ياغاچ كەينىدىن قىپ - يالىڭاچ ، ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان بىر بالا چىقىپ تۇرغۇنغا قاراپ شۇنداق ئوماق ھالەتتە كۈلۈشكە باشلىدى. تۇرغۇن قورۇققىنىدىن قاققان قوزۇقتەكلا ئولتۇراتتى. بالا شۇ جايدا ئولتۇرۇپ توپا دۆۋلەپ ئويناشقا باشلىدى. ئۇ تۇرغۇنغا قاراپ ۋېلىقلاپ كۈلۈپ ئۇنىمۇ ئويۇنغا چاقىرىشقا باشلىدى.

… بۇ قورقۇنۇچلىق سىرلىق خارابىلىكتە بۇ تەۋەككۈلچىلەر يەنە قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچۇرايدۇ ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋامىدا بولسۇن. ...





1310 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:34:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ