ئانا بۇ دەم بولاي ئوغلىڭىز ​ (ھېكايە) 2-قىسىم

ئانا بۇ دەم بولاي ئوغلىڭىز 

 (ھېكايە) 2-قىسىم


    تەتىلىم ھەمىشە تېلىفۇندىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان  بۇ كۈنلەردە، مەندىكى خۇش-چاقچاقلىق، كۈلكە تەبەسسۇملار ئەسلا يوقىغان. بارغانسىرى تېلىفۇنۇمدىن قەدەم ئايرىلالمايدىغان، توكى تۈگىسە ئىچىم تىت-تىت بولىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ئانام مەندىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى سېزىپ،مېنى ئەسلىمگە قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرى قالمىدى. بىراق مەن يەنىلا شۇ تەرۇزدا، تېلىفۇن قولۇمدا. بىر كۈنى ئانام تۇيۇقسىز مەندىن نەتىجە قەغىزىمنى سوراپ قالدى. خوشياقماستىن قولۇمدىكى تېلىفۇنۇمنى قويدىمدە، ئانامغا نەتىجە قەغىزىمنى ئەچىقىپ بەردىم. ئانام قەغىزىمنى ئىلىپ شۇنچە ئۇزۇن قاراپ كەتتىكى، ئۇنىڭ بارغانسىرى تاتىرىپ كىتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ مېنى تىترەك باستى. ئەزەلدىن ئانامنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئانام ماڭا تىكىلدى:«ئوغلۇم، بۇ نىمە؟!ھە! بۇ نەتىجىلەرنى سەن كۆتۈرۈپ كەلدىڭمۇ؟شۇنچە يىللاردىن بېرى مىنى پەقەت ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باقمىغان ئىدىڭغۇ،ناھايىتى ياخشى ئوقۇيتىڭ، مەن دائىم سېنىڭ نەتىجىلىرىڭنى باشقىلارغا ئېيتىپ پەخىرلىنەتتىم. بوپتۇ، بۇ قىتىم ئىمتاھاننى ياخشى بىرەلمىدىڭمۇ دەيلى، ئاستىدىكى مۇئەللىمنىڭ باھاسى دىگەن يەردە يىزىلغىنى نېمە ئەمدى!؟ ئۇنىڭ ئوغلىڭىز سىنىپتىكى ئاخىرقى ئوقوغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى، دەرىسلەردە ئۇخلايدۇ دېگىنى نېمىسى؟ سەن نىمانچە بولۇپ كەتتىڭ؟دېگىنە!» ئانام شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش چۈشۈشكە باشلدى. مەن تۇرۇپلا قالدىم. ئانام ئەزەلدىن ماڭا بۇنچە ئېغىر گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. بىراق بۇ ئىشتىن كىيىن مەندە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئاناممۇ ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بولدى. نېمە قىلارىمنى بىلمەي يۈردۈم. ئانامنىڭ شۇ گەپلىرىدىن كىيىن تېخىمۇ گەپ قىلماس، ھېچ ئىشىقا ئارالاشماس بولدۇم. قولۇمدا تىلىفۇن، كۆڭلۈمدە يەنىلا شۇ «پەرىشتە»«پەرىزات».
            ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا ئىكەن،
            بالىنىڭ كۆڭلى تالادا ئىكەن.
   بىر كۈنى ئۆيدە يالغۇز قالدىم. بىر تەرەپتە تېلىۋوزور قويىلىۋاتاتتى، مەن بولسام تېلىفۇنغا قاراپ ئولتۇراتتىم. ئىشىكنىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىشىكنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئانام قولىدا ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە ھاسىراپ تۇراتتى. ئانام ماڭا قاراپ :«بالام، قاراپ تۇرىسەنغۇ، ياردەملاشمەمسەن؟»دەپلا ئۆيگە كىردى-دە، ھاپالا-شاپىلا تاماققا تۇتۇش قىلدى. گەرچە خۇشياقمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئانامغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىرىپ تۇردۇم. ئانام ئەمدىلا يۇيۇپ قويغان ئۈزۈمدىن بىرنى ئىلىپ ئاغزىمغا سىلىپ قويدى. بىردىنلا قەلبىم ئىللىق سېزىمغا تولدى-دە، ئانامغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئاناممۇ ماڭا قاراپ كۈلدى، خىلىغىچە گەپ قىلىشماي تۇردۇق. بىردىنلا ئانام سۆز باشلىدى.
-ئوغلۇم، ئالدىنقى كۈنى مېنى كەچۈرگىن، ئاچچىقىمغا پايلىماي بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ قويۇپتىمەن.ئۆزۈمنىڭ يۈز-ئابرويۇم ئۈچۈن سېنى ئەيىبلەپتىمەن،مەندىن رەنجىمىگىن بالام.» ئانام پەس ئاۋازدا ماڭا شۇنداق دىگەچ بېشىمنى ئاستا سىلاپ قويدى.
    ئانامنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن ماڭا بېشىنى ئىگىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم يىرىم بولدى.ئۆزۈمنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلدىم. ئانىنىڭ بالىدىن كەچۈرۈم سورىغىنى نەدە بار، مەن راستىنلا بىر بولۇمسىز ئوغۇل ئىكەنمەن!!!
      -يا...ياق!ئانا، ئۇنداق دېمە، مەندىن ئۆتتى، مەن ياخشى ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى.»بېشىمنى تۆۋەن سالدىم.
      -بولدى بالام، بۈگۈن مەن سەن ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى يىمەكلىكلەرنى تەييارلىدىم. سەن بىلەن ئولتۇرۇپ ياخشى سۆزلەشكىم بار.-ئانام ناھايىتى خوش بولغاندەك قىلاتتى.
      -رەھمەت ئانا!-بۇ گەپ يۈرىكىمدىن چىققان ئىدى.
 تاماق پىشقاندىن كىيىن، ئانام ئۈستىلگە ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تىزدى. پاھ!ھەممىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەر ئىكەن. ئانام ئىككىمىز تاماققا باقتۇق، خىلى ئۆتكەندىن كىيىن ئانام بىردىنلا:
      -بالام، ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نېمە؟-دەپ سورىدى ماڭا ئاستىرىتتىن قاراپ.
      -نېمە؟نې...نېمە دەۋاتىسەن ئانا؟-مەن يەۋاتقان ئاپلىسىننى ياندۇرىۋەتكىلى تاس قالدىم. بىردىنلا يۈزۈم قىزىرىپ ئانامغا قارىيالماي قالدىم-قايسى قىزنى دەيسەن ئانا؟
      -بولدى، يوشۇرما،بالام، سىنېڭ بۇنچە بولۇپ كېتىشىڭ چوقۇم بىرسىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىڭدىن بولغان سەن ياشلىق دەۋرىڭگە كېلىپ قالدىڭ، بىرەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭ بۇ نورمال ئەھۋال،بىراق سېنىڭ «ياشلىقىڭ ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغاندەك قىلىدۇ.
      خېلى ۋاقىتقىچە گەپ قىلماي، يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم. ئاخىرى، بۇ دەدلىرىمنى ئانامغا ئىيتىش قارارىغا كەلدىم-دە، ئانامغا ھىكايەمنى ئېيتىپ بەردىم.
     -ماڭا قارا ئوغلۇم، ھەرگىز بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنچە تاشلىۋەتمىگىن، بەلكىم ئۇ قىز سىنى سىناۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بىراق سەن ئۇ قىزنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىدىڭ، چۈنكى سىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ساپ كۆڭۈلنى ساقلاپ قالالمىدىڭ. شۇنداق بالام، قىزلار يەنىلا نازۇك، ھەمىشە بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولىشىنى، پەقەت ئۆزىگىلا كۆڭۈل بېرىپ، ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئويلايدۇ.سەن بۇلارنى قىلالمىدىڭ، ھەتتا ئۆزۈڭنى ئازابلاپ يۈردۈڭ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا تېخىمۇ يارىماس كۆرۈنۈپ قالدىڭ،شۇنداقمۇ؟... ...
      ئانامغا رەھمەت ئىيتىمەن، ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى ئويغاتتى، مەن چۈشەنگەنىدىم، مەن خاتا قىپتىمەن، ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەمدە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن.

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالدىم. ھازىرقى مەن ھەر كۈنى ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش.«پەرىشتەم»مۇ ئالدىراش. گەرچە پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قويساممۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش خىيال دىڭىزىغا چۆكۈپ كەتمەيتتىم.ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن، ئارزۇ-ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى قەلبىمنى قايتا ئارزۇ ئوتلىرىغا ئۇلاشتۇردى.بېلىمنى رۇسلاپ بىلىم بۇلىقىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. بارا-بارا يۈرۈكۈمدىكى مۇھەببەت يالقۇنىنىڭ ئورنىنى بىلىم ئۇچقۇنلىرى ئىگىلەشكە باشلىدى.لېكىن بۇ قەلبىمدە ئۆچمەس داغلارنى قالدۇغان مۇھەببەتنى يوقىتىپ قويغۇم يوق،ئاخىرى، بۇ مۇھەببەتنى قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەڭ كەتكەن بىر ئىتىزغا كۆمۈپ قويدۇم. بىلىمگە شۇنچە ئىشتىياق باغلىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە ھەر كۈنى پەرشتەمگە ئوغۇرلۇقچە قاراپ قوياتتىم. ئۇنىڭ كۈلكىلىرىنى مەلھەم قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئوماق چىرايىنى يۈرەك قەسىرىمگە رەسىم قىلىپ ئېسىپ قويغانىدىم.
          بەلكى سۆيگۈ پىنھاندۇر دىلىمدا،
          ئەمما ئۇنى چىقارمايسەن تىلىڭغا،
          رەھىم ئەتكىن مەن شەيدا بۇلبۇلۇڭغا،
          زىلالە،زىلالە،زىلالە......

    كۈنلىرىم يەنىلا ئۆگىنىش بىلەن ئۆتمەكتە، بۇنداق ئالدىراش كۈنلەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم. بىر كۈنى كەچلىكى تېلىفۇنۇم سايرىدى.ئەسلىدە ئانام ئىكەن.
-تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم-ئانام خۇشاللىق ئىلىكىدە تىلىفۇننى ئىلىپلا شۇنداق دىدى.
    -ھە؟بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈممىتى؟-مەن ھەيرانلقتا سورىدىم.
    -ھەئە،ئوغلۇم، 19ياشقا كىرىپ قالدىڭ...
     ئەتىسى ماڭا بىر پوچۇركا كەلدى، پۇچوركا ئانامدىن كەلگەن ئىدى. كۆڭلۈم يايراپ كەتتى. بۇ مېنىڭ 19 ياشلىق بىردىنبىر سوۋغىتىم ئىدى.«پەرىشتەم» گەرچە تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىمىگەن بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇنىڭدىن رەنجىپ ئولتۇرمىدىم.چۈنكى كۆڭلۈمدە ئانام ماڭا يار-يۆلەك ئىدى.
           شۇ مۇھەببەت تارتىپ مەيلىمنى،
           ئېيتماق ئۈچۈن كەلدىم دەردىمنى،ئانا
           ئادا قىلماق ئۈچۈن قەرزىمنى ئانا،
           ئانا بۇ دەم بولاي  ئوغلىڭىز…

              جۈپ قولىڭىز ھاماندۇر ئانا،
              شۇڭا مەغرۇر ئۇچتۇم سامادا،
               ۋەيرانىمەن خارىمەن ناۋادا،
               مېنى ئوغلۇم دېمەي قالسىڭىز.
«پەرىشتەم»گە قاراۋەتىمەن، تۇيۇقسىز ئۇمۇ ماڭا قارىدى،بىز ئۇزۇن قارىشىپ تۇردۇق،ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش بىلەن نەمدەلگەنىدى…
                          2017.2.22
( ئەسەردىكى شېئىرلار ناخشا تېكىستىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى. )
     





232 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 0:23:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ