ھاياتىمدىكى زور بۇسۇش«2ـ قىسىم»

         ھاياتىمدىكى زور بۇسۇش«2ـ قىسىم»


بۇ ئىشلا ئاياقلىشىپ ئۇزۇن ئۇتمەي مەكتەپ تەتىلىمۇ توشۇپ قالدى.
يىڭى قەدەملەر بىلەن مەكتەپ ھاياتىنى باشلاپ كەتتىم،مەن قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇم يۇق بىر كەسىپتە چۇڭلانىڭ ئۇندىشى زورلىشى ئاساسىدا ئۇقۇدۇم،ھەي قىزىقمىغان ئىش ھامان بىر باشقا چىقمايدۇ دەپ ئۇيلايتىم،قاخشايتىم،سۆزلەيتىم .
مەۋسۇم بىشىدا بۇ مەكتەپكە يىڭى كەلگەن چىغىمدا ئازراق قىزىقىپ ئۇزۇمنى زۇرلاپ دەرىس ئېلىپ ماڭغانئىدىم ، مۇئەلىم نەتىجەمنى كۆرۇپ مىنى بەنجاڭ قىپ قۇيغان،ھازىر كۇنلۇرۇم ئۇخلاش بىلەن ئويناش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئەنە كۇنلەر شۇ دەرىقىدە ئۆتمەكتە ،ھەش-پەش دىگىچە قىش پەسلى يېتىپ كەلدى.
يەر-جاھان تىمتاس دەل-دەرەخلەر ئاپپاق لىباستا،ئاسماندىن پاختىدەك لەپىلدەپ قارلار ياغماختا ، مەن خوشاللىقىمدىن ۋارقىراپ تۇرۇپ ئې قار ماڭا ساڭا ئوخشاش ئوپپاق ،ئاخكۆڭۇل،مىھېرلىك ،مۇلايىم قىز ئۇچۇراپ قالسا نە قەدەر ياخشى بولار ئىدى ،ھە! شۇ خىياللاردا كۇنلۇرۇم ئۆتمەكتە،بىر كۇنى تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى مەن بۇ ناتۇنۇش نۇمۇر كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى زادى بىلەلمەي تىلفۇننى ئالدىم. ياخشىمۇ بامۇ سەن ؟ بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى،مەن دۇدۇقلىغان ھالدا ھە ھەئە ياخشى ياخشى كىمۇ ،ئۇ ئەسلىدە مىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاغدىشىم ئىكەن ،ئۇنۇڭ بىلەن خىلى ھازا پاراڭلاشتىم،ئۇ ئاخىردا مەندىن بىر گەپ سورىماخچى ئىكەنلىكىنى ئيىتتى. نىمۇ گەپ ئىكەنلىكىنى سۇرىغىنىمدا مۇھابىتىم بار يۇقلىقىنى سوردى، مەن يوق دەپ جاۋاپ بەرگەچ نىمە بۇلدى سۇراپ قاپسەن دىگىنىمدە،ئۇ ھۇدۇقۇپ گەپ قىلىشقا باشلىدى. سەن بىز بىلەن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭدا بىر قىزغا تەلەپ قۇيۇپسەنكە ئۇ قىز شۇ گېپى راسمۇ يالغانمۇ سۇراپ باققىن دىگەن ئىدى،مەن سۇرېغىلى تىلفۇن قىلىشىم،دەپ گىپىنى توختاتتى. مەن ئۇزۇن ئۇيلاپ زادى قايسى قىز ئىكەنلىكىنى زادى تاپالمىدىم ،ئۇ تېرىككەن ھالدا ئىسمىنى دىدى، مەن ئۇ چاغلاردا كىچىكلىكتە ئۇينۇشۇپ  دەپ قويغان شۇ گىپىم ئىسىمدە پەقەت يۇق ئىدى.

 مەن ئۇنۇڭغا ھىلى تىلفۇن ئۇراي دەپ تىلفۇننى قۇيۋەتتىم، ئۇيان ئۇيلاپ بۇيان ئۇيلاپ ئۇ قىزغا دىگەن گىپىم ئىسىمگە كەلگەن ئىدى،ئۇ قىز مىنىڭ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم ئۇنۇڭ ئىسمىنى «ئۇ» دەپ ئاتاي ،مەن «ئۇ»نى شۇنچىلىك تىرىكتۇرەتىم جىلە قىلاتىم،قەستەن سۇقۇشۇپ يۇرەتىم ،كىچىكلىكمىكى تۇۋا شۇ چاغلانى ئۇيلىسام ھازىرغىچە كۇلگۇم كىلدۇ ، «ئۇ» شۇنچىلىك ئۇماق ،شۇنچىلىك ئۇچۇق،شۇنچىلىك ئاق كۆڭۇل مىجەزى ئوغۇل مىجەز ئۇزىگە تازا ماس كىلەتى.مەن «ئۇ»نىڭ ئوغۇرلۇقچە كۇندۇلۇك خاتىرىسىگە يازغان مەزمۇنلانى ئوقۇۋالاتىم .مەن ئاخىرى ئۇنى ئىسىمگە ئالدىم،مەن ئۇيلاپ قالدىم توختا مەن ھازىر تەنھا ئاشۇ قىز بىلەن بىر پىكىر ئاملاشتۇرۇپ باقايمۇ،گىپىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەنلەرنى ئۇيلۇدۇم.تىلفۇننى قۇلۇمغا ئىلىپ ھىلىقى ساۋاقدىشىمغا تىلفۇن ئۇردۇم ،ئۇ تىلفۇننى ئالدى. ئىشىڭ تۇگدىما بىكا بۇلدۇڭمۇ دەپ سۇرىدى، مەن بىكا بۇلغانلىقىمنى «ئۇ» غا دىگەن گىپىم راسلىقىنى ئۇنۇڭغا تەلەپ قۇيغانلىقىمنى ئىيتىم. شۇنۇڭ بىلەن «ئۇ» نىڭ تىلفۇن نۇمرىنى سۇرىدىم . تىلفۇن نۇمۇرنى دەپ بەردى ،مەن ئۆزىگە تىلفۇن ئۇراي دەپ تىلفۇننى قۇيۋەتتىم. «ئۇ» نىڭ نۇمرىنى كىرگۇزۇپ ئۇراي دەپ پەقەت ئۇرالمىدىم قۇلۇم تىتىرەپ يۇركۇم سىپ كىتىپ باراتى................

ئاخىرغا قىزىقسىڭىز دىقىتىڭىز كىيىنكى ساندا بۇلسۇن رەخمەت.
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






169 قېتىم كۆرۈلدى aBDoL ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 0:59:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ