مەدەتكارىم سىز دادا

مەدەتكارىم سىز دادا

 

نۇر.يۈسۈپ

 

دادا! دەپ باغرىمنى يېرىپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا شۇ سۆيۈملۈك دادا مېھرىنى تونۇتقان، دادا دېگەن بۇ ئەركەكنىڭ مەندەك بىر ئاجىزە قىز ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك،ئەڭ يېقىن،ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان،ماڭا ھاياتلىق ئىنئام قىلىنغان شۇ ۋاقتتىن تارتىپ ئەتراپىمنى مېھر-مۇھەببەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ساپ بولغان دادا مېھرى بىلەن تولدۇرغان يىگانە بىر زاتقا ئەڭ ئالى شۈكۈرلەرنى ئېيتىمەن.نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى شۇ زات ناۋادا ماڭا باشقىچە بىر تەغدىرلەرنى ئىرادە قىلغان بولسا بۈگۈن بۇ يەردە دادا مېھرىنى تەسۋىرلەپ،مەدھىيلەپ ئەمەس بەلكى ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم زامانداش ئەمما قىسمەتداش بولمىغان قاناتسىز ئۇچۇرمىلاردەك شۇ مېھىرگە زار بولۇپپۇچىلانغان كۆڭلۈمگە مەرسىيە توقۇپ تۇرغان بىرى بولىشىم مۇمكىن ئىدى. ئۆزۈمنى بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپ ئون ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز ئېسىل قىزلىرىم دېگەن سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ چوڭ بولغاچقىمۇ، ئاپامدىن سىزنىڭ قىز پەرزەنتلىك بولغان ۋاقتتىكى ئەنكاسىڭىزنى سوراپ بېقىش يادىمغا كەلمەپتۇ،بەلكى سىزمۇ كۆپلىگەن دادىلارغا ئوخشاش ئوغۇل تاماسىدا يۈرۈپ قىزغا ئېرىشكەندە بۇ كۈتۈلمىگەن سوغاتتىن نارازى بولغانسىزمۇ؟ بىلىمەن، ھازىر سىزدىن«ئوغۇل پەرزەنتلىك بولماي جۈپ قىزغا دادا بولغىنىڭىزدىن كۆڭلىڭىز يېرىممۇ؟»دېگەن كىچىك بالىنىڭ سوئالىنى سورىسام چوقۇم تولا كۈلمەيدىغان چىرايىڭىزغا ئىللىق تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ، سىڭلىم ئىككىمىزنى بىرمۇنچە ماختاپ بىزنى خۇددى راستتىنلا ئون ئوغۇلمۇ يېتەلمەيدىغان ئېسىل قىزلار ئىكەنلىكىمىزگە ئىشەندۈرىۋېتىسىز. بۇرۇن بەزىدە باشقىلارنىڭ«سىلەر قىزلار نېمىگە يارايسىلەر،ئۆيۈڭلاردا ئوغۇل كەم» دېگىنىنى ئاڭلىسام تەن بەرمەستىن سىزنىڭ بىزنى ئون ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز قىزلىرىم دەپ خۇرسەن بولىدىغىنىڭىزنى ئېيتىپ دەۋالىشاتتىم. ئۇلار بولسا« ھازىر بىلىنمىسە كېيىن بىلىنىدۇ» دەپ تۈگىتەتتى.ئەمدى ئويلاپ باقسام بىز سىز ئۈچۈن،شەخسەن مەن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەپتىمەن. بۇرۇن « ناۋادا ئوغۇل بولۇپ قالغان بولسام ھە» دېگەن ئازغۇن خىيال كاللامغا ئازدۇر-كۆپتۇر كىاگەن بولسا مانا ئەمدى سىزنى ھەر ئويلىسام شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ناۋادا ئوغۇل بولغان بولسام ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىڭىزدە مەنمۇ يىگىتلىك كۈچۈمنى چىقارسام قەددىڭىز ھازىرقىدىن مۇستەھكەم،مەزمۇت تۇرغان بولار ئىدى. ئىككى يول ماڭىدىغان يەرگە مەنمۇ بېرىشىپ ھەمدەمدە بولسام قەدەملىرىڭىز ھازىرقىدىن كۈچلۈك دەسسەر ئىدى. بىر ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن دۇنيا ھەلەكچىلىكىدە بولغىنىڭىزدا مەنمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشالىسام چاچلىرىڭىز ھازىرقىدىن قويۇق،قارا بولار ئىدى. ئەڭ مۇھىمى بۈگۈنكىدەك كۆزىڭىزدىن،ھىمايىڭىزدىن يىراق ياقا-يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كۈنلەردە « قىزىم ساق-سالامەت تۇرغانمىدۇ؟بىرەرسىگە بوزەك بولۇپ قالغانمىدۇ؟پۇل-پىچەكتىن قىينىلىپ قالغانمىدۇ؟كۆڭلى بىرەر نەرسىدىن ئازار يەپ يىغلامسىراپ تۇرغانمىدۇ؟...»دېگەندەك مىڭلاپ جاۋابى يوق سوئال،غەم ئەندىشىلەردىن ئازىراق بولسىمۇ خالاس بولۇپ كۆڭلىڭىز تىنچ-خاتىرجەم تۇرغان بولار ئىدى. ئارىلىق بەزىدە شۇنچە گۈزەل بەزىدە شۇنچە ئاچچىق نەرسە ئىكەن. ئۇ شۇنداق گۈزەل نەرسىكى ئەسلىدىنلا نۇرغۇن ياخشى سۈپەتلەر مۇجەسسەملەنگەن دادا مېھرىنى خۇددى بىر قەۋەت گۈزەللەشتۈرۈش ئەينىكىدىن كۆرىۋاتقاندەك، تېخىمۇ گۈزەل،مېھىرلەرنى مېھىرى بولمىش قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئۇ يەنە مەن بۇرۇن دائىم ئاڭلاپ ياداپ كەتكەن شۇنچە ئېرەنسىز، خۇشياقماسلىق بىلەن قۇلاق كارىدۇرۇمدىن شامال ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزىۋېتىدىغان پەند-نەسىھەت، ياخشى سۆز، توغرا كۆرسەتمىلەرنى ھەتتاكى خاپا بولۇپ كايىشلىرىڭىزنىمۇ مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانگۈزەللىك بىلەن بېزەپ، ھەرقانداق يېقىملىق كۈيدىنمۇ يېقىشلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئەمما بەزىدە ئارىلىق شۇنچە ئاچچىق نەرسە ئىدىكى،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ« دادا! » دەپ ئېسەدەپ يىغلاپ،قۇچىقىڭىزغا ئۆزۈمنى ئېتىپ كۆڭۈل ئاغرىقىمنى پەسەيتنش كويىدا بولسام، جان قىزىم دەپ ھەممىدە نازىر ھازىر تۇرىدىغان دادامنىڭ ياشلىرىمنىڭ سۈرتۈشلىرى،كۆڭلۈمنى ياساشلىرى ئەمەس بەلكى ئارىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاچچىق تەمنىڭ يۈرىكىمگە كىرىپ كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چىقىشلىرى بولۇپ، گوياكى شۇ پەيتتە ئارىلىقنىڭ ئاچچاق تەملىرى ھەممىسى كۆزۈمگە قۇيۇلغاندەك قىزىرىپ ئىششىغان كۆزلىرىم دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق تەمنى تېتەر ئىدى. ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئىلىمنىڭ قەدر-قىممىتىنى تونۇغان كىشى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ ماڭا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئانا تىلىمىزنى، ئاددى ھېساپلارنى ئۆگەتكەن ئىدىڭىز. ئۇ ۋاقتتا ناھىيەلىك يەسلىدە بالىلارغا ئاۋال ئۇيغۇر تىلى ھەرپلىرىنى ئۆتىدىغان بولۇپ، يەسلى يېشىم توشۇپ يەسلىگە بارسام پۈتۈنلەي مەن بىلىپ بولغان نەرسىلەر دەرسلىك قىلىنغان ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە،تىلىمنىڭ تولۇق چىقمىغىنىغا قارىماي ساۋادىم چىقىپ بولغان بولۇپ، تېلۋىزوردىكى، دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىلىرىدىكى خەتلەرنى ئوقۇشقا ئامىراق ئىدىم. ھەر كۈنى « تېمپراتۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات» دېگەن پىروگرامما چىقسا ھىجىلاپ يۈرۈپ ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئوقۇيتتىم. «تۇرپان» ئاغزىمغا ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ھەرپلىرى چىرايلىق كۆرۈنگەنلىكىدىنمۇ ئەيتاۋۇر تۇرپاننىڭ مەلۇماتىنى بەرسىلا سەبى تىللىرىم بىلەن ت ئۇ تۇي پ ئا پان تۇيپان دەپ قايتا قايتىلاپ دەيتتىم، ئۇنىڭدا يەنە توققۇزتارا دەيدىغان بىر جاينىڭمۇ مەلۇماتى بولۇپ ھەر قېتىم ھەرپكە ھەرپنى قوشۇپ ئوقۇپ بولغىچە باشقا شەھەرلەرگە ئۆتۈپ كېتەتتى، ئاخىرى بىر كۈنى ئىلگىرى ھېجىلىغانلىرىمنى ئېسىمدە تۇتىۋېلىپ كېيىنكى ھەرپلىرىنى قوشۇپ دېگەندەك ئوقۇپ« توققۇزتايايا » دەپ يېڭى نام بەرگىنىمدە قانچە خوش بولۇپ كەتكىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن.ئۇ ۋاقتلاردا يەسلىگە بېرىشقا شۇنچە قېرىق ئىدىمكى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بارمايمەن دەپ يىغلاپ جاپا سالاتتىم،سىز بولسىڭىز مېنى مۈرىڭىزگە مىندۈرۈپ نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى ئېيتىپ يولغا چىقاتتىڭىز، ئۇ قوشاقلارنى، ئۇنىڭدىكى ئوبرازلارنى ماڭا شۇنچە سىڭدۈرىۋەتكەن ئىدىڭىزكى «قىزىم نۇزۇگۇمدەك قەيسەر، سادىر پالۋاندەك باتۇر» دېگەن گېپىڭىزنى ئاڭلىساملا سىز بىلەن تەڭ قوشاقلارغا قېتىلىپ يىغىلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولاتتى. مانا ئەمدى مېنى ئىلىم ئېلىش،جاھان كۆرۈپ مۇستەقىل بىر قىز بولىشىم ئۈچۈن يىراق بىر جايغا ئوقۇشقا ئەۋەتتىڭىز. قانچىلىغان دادا ئۆزى ئۈچۈن مەلىكە بولغان قىزىنى شۇ يىراق جايلارغا يولغا سالالايدۇ ھە؟ بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىرىدىنمۇ يۈرەكلىك بولمىسا، بۇ ئايرىلىشقا چىداش مۇمكىن ئەمەس. ئەزەلدىن بىرىگە يىغامنى كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان بولغانلىقىم ھەمدە كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىپ يولغا چىقىش ئۈچۈن خوشلاشقاندا بىر رەت بولسىمۇ ئارتۇق قارىيالماي ئارقامنى قىلىپ كېتىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى قۇچاقلىشىپ خوشلىشىش ئەمەس بىر سىكۇنت ئۇزۇن قاراپ سالساممۇ كۆزلىرىمدىن ياش ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك تۇراتتى، ئەمدى ئويلىسام مەيلى يىغلاپ ئۆزۈمنى يوقاتقان بولساممۇ ھىدىڭىزنى پۇرىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. دادا، سىزنىڭ دادىلىق سىمايىڭىزنى قەلەملەر ئارقىلىق يېزىپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. سىزنى شۇنچىكى ئوخشىتىۋەتسەمكى مەن كۆرگەن ھەرقانداق گۈزەل ئىستىلىسكىلاردىنمۇ ئارتۇق سۈپەتلىگەن بولار ئىدىم. بەلكى ھەربىر دادا ئۆز قىزىغا شۇنچە سۆيۈملۈكتۇر، ئەمما مەنھە بولسا سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا دەپ ئېلان قىلىپ بېشىڭىزغا تاجلارنىڭ تاجىنى تاقىسام... ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، پەخرلىكتىن ھەل بېرىلگەن،ھېچكىم تارتىۋالالماس شەرەپلىكتىن تاج كىيدۈرىمەن. دادا، دۇنيادا ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزنىڭ نائۈمىدتە بولىشىڭىز،ئەڭ خوشاللىقىم بولسا سىزنىڭ مەمنۇنىيىتىڭىز. مەندىن پۈتۈن دۇنيا يۈز ئۆرىسىمۇ سىزلا مەدەتكار بولسىڭىز ھەرقانداق توساقلاردىن ئۆتەلەيمەن دەپ ئويلايمەن.مەدەتكارىم بولغان سىزگە ئامانلىق، خاتىرجەملىك بولسۇن، رىغبەتلەندۈرىشىڭىزگە ئىنتىزار بولۇپ- قىزىڭىزدىن.





1009 قېتىم كۆرۈلدى نۇر.يۈسۈپ ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 4:12:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-21 0:32:42 haspiy*
Bu asarni ukkup Bak zuklanDim . axxu ulluG DaDILirimiz Amman Busun. xundak Bir kunla Qukum kiliDu DaDiigiz SizDin Pahirlinip kulidegan . Elim uQun Baskan har Bir kadimigiz Gul Bugay!
2015-8-16 9:56:59 ئارزىگۈل
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك سىڭلىم تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۆپ ئىلگىرلەپتۇ ئوقۇپ سىزدىن ھەم شۇ ئېسىل دادىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم تېخىمۇ غەيرەتلىك ۋە تىرىشچان بولۇڭ
2015-8-13 23:29:15 نۇر.يۈسۈپ
ياخشى كۆرۈپ ئوقىغىنىڭلارغا،ماڭا مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى تىلەكلىرىڭلارنى ئايىمىغىنىڭلارغا رەھمەت،پىكىر-تەكلىپىڭلارنى بەرگەيسىلەر.
2015-8-13 21:35:01 mihir
Bak yahxi , tasirlik yezipsiz . Kollirigizda kalam uksimisun . Apirin .
2015-8-13 20:01:24 ئالغىن
بەك ياخشى تەسىرلىك يىزىلىپتۇ ئىلاھىم بىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن داۋاملىق تىرشىڭ
2015-8-13 15:08:55 ئۇيغۇرقىزى
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،خۇددى مىنىڭ ئەھۋالىمنى يازغاندەك مىنىڭ كۆڭلىمدىكىنى كۈرىۋىلىپ يازغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، ئىلاھىم بىلىمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولسۇن نۇر خىنىم ،ئوخشىتىشلار ئاجايىپ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىڭىز مۇ بەكلا قالتىس ، بەك تەسىرلىك يېزىپسىز ئۇقۇۋىتىپ يىغلاپ كىتىپمەن ، داۋاملىق تىرىشىڭ ، خوشال ياشاڭ !!! دادىڭىز ئۈمۇدى ھەممىمىزنىڭ ئۈمۇدى !
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ