مەھەللەمدىكى قىز - 10 -قىسىم ھىكايە

 مەھەللەمدىكى قىز    10-قىسىم

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)


شۇنچىلىك ھارغانلىقىمنى بىلدىم، سوغۇق ئىچىپلا كارۋاتقا ئۆزۇمنى ئاتتىم ،ئۇياق بۇياققا تولغىنىپ دادامغا تىلفون قىلىپ ھال ئەھۋاللىشىپ بولۇپ نىمە قىلسام مەيلى دەپ تىلفون قىلسام ئالمىدى،يەنە قايتىلىدىم ئالمىدى…
تىلفۇننىڭ توكىمۇ ئازقالغانىدى توكقا چىتىپ قويۇپلا تاماققا چىقىپ كەتتىم ،ئائىلە قورونىڭ قارشى تەرىپىتىكى ئاشخانىغا كىرىپ قىززىق قىلىپ ئۇگىرە ئىچىپ ،سوغۇق ئىچىملىكلەردىن ئىككى ئۇچ قۇتا ئىلىپ ئۆيگە قايتىم ،قايتىش يولۇمدا قوشنامنىڭ ھاسىراپ مۆدۇرۇپ قوللىرىدىكى نەرسىللىرى بىلەن مىڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ياردەملىشىپ ئۆيىگە كىردۇق …
ۋاي بالام قىرىلىق دىگەن مانا مۇشۇ شۇ كىچىككىنە نەرسىلەرنى ئىلىپ يىرىم يولدا ھىرىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بالام قىنى ئولتۇرە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىۋەرمەي سوغۇق چاينىمۇ ئىچىپ قويغىن ،دىگىنىچە تىترەپ تۇرغان قوللىرىدا چاي چاينىكى ۋە پىيالە كۆتۇرۇپ داستىخان تەرەپكە مىڭىۋاتاتتى ،مەنمۇ ياق دىيەلمەي پاراڭلىشىپ سوغۇق چاي ئىچىشىپ ئولتۇردۇم …
يىرىم سائەتچە ئەركىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇم ،باللىرى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى ئۇچ ئوغلى بىر قىزى بار ئىدى ھەممىسىنىڭ سىرتتا مۇقىم خىزمىتى بولغاچقا دەمئىلىش كۇنىلا ئۆيگە كەلگىنىنى كۆرگىلى بولاتتى ،بولمىسا ئۆز ئۆيلىرىدە بولغاچقا بۇ قوشنام قىزىنىڭ قىزى نەۋرىسى بىلەن تۇراتتى ……
مەن ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي خوشلىشىپ چىقتىم دەر ھەقىقەت بۇنداق ياشانغان كىشلەرنىڭ قىشقدا مەندەك بىر سۆزمەن بالىدىن بىرى بولسا ئۇنداقلار يالغۇزسىراپ قالمىغان بولاتتى ئەپسۇس بىقىپ چوڭ قىلغان باللىرى خىزمەت ئائىلەم دەپ يۇرىيدۇ دە……
ئۆيگە كىرىپ تىلفونىنى قولۇمغا ئالدىم  دادام تىلفون قىلىپمۇ بولغانىدى …قايتىلىدىم ئاكام ئالدى تىشلىقمۇ ئاكا ياخشى تۇرىۋاتامسەن …؟
داداملار قانداق …؟تاماققا چىقىپ كەتكەنىدىم بەك ئۇخلاپ كىتىپتىكەنمەن ھازىر چىققانىدىم تىلفونۇمنىڭ توكى يوقتى…!
ھەئە ھەممىمىز ساق سالامەت ئۆزۇڭچۇ تامىقىڭنى ۋاقتىدا يە ھە! قالايمىقان ئىشلارغا ئارلىشىپ قالما ……!
ماقۇل ئاكا مەنمۇ چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا نەدىكى يوق گەپلەرنى قىلىدىكەنسە…!
ھە ئىشلىرىڭنى قىلىۋەر ئانچە مۇنچە تىلفۇن قىلىپ قوي شەھەرگە كىرىۋىلىپلا  بىزنى ياراتمىدىڭمۇ يا …! بىلىپ قال جۇما ئوغال سىنىڭ جەددى جەمەتىڭ يىزىلىق  دەپ چاقچاق قىلىپ تىلفونىنى قويىۋەتتى … چاتاق يوق ئاكىجان ماقۇل خوش …… !
تېلېفوننى ئەمدى قويۇپ تۇرۇشۇمغا، گۈلمىرەنىڭ ئاچىسى تېلېفون قىلغانىدى،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىمىتجان قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ…؟ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئارامىڭىزنى ئېلىۋالدىڭىزمۇ گەپ قىلىڭ بولسىڭىز تېلېفوننى ئىلىپ  قويۇپ گەپ قىلماي قىز بالادەك نازلىنىپ تۇرىدىكەنسىز….دەپ  ئۇلاپلا كۈلۈپلا كەتتى.
……ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەدە تىنچلىقمۇ،ھەئە تاماق يەپ ئارامىمنى مۇۋاپىق بولدۇم ھازىر ئۆيدە سۇ ھوزۇر كۆرەيمىكىن دەپ ئولتۇردۇم…دېدىم بىر خىل بولۇپ ….!
ھە ئۇنداقتا سىزمۇ بىكار ئىكەنسىز مەن چۈشتىن كېيىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەنمەن، شۇڭا سىز گۈلمىرە بىلەن بازار ئايلىنىپ كىرسىڭىز بولۇپتىكەن ئالىدىغان ئازراق نەرسىلەر بار ئىدى، مەن بىللە چىقالمىدىم…بۇ شەھەرنىڭ چوڭ بازارلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا سىزگە تېلېفون قىلىشىم……
بۇ ، بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى ھەدە،… ھە !بولۇپتۇ، مەنمۇ بىكار تۇرسام تۇرىدىكەن مەن بىللە چىقاي …
دىدىم تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.
بۇ گۈلمىرە بىلەن، بىللە چۆرگىلىگىلى ۋاقىت چىقمىغانىدى،قانداق بولۇپ كەتكىنى بۇ، دەپ ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم……!
ئەكبەرجاننىڭ ئانىسىغا تېلېفون قىلىدۇ…!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ ئەكبەرجان ھوشىغا كەلدىمۇ؟ مەن ھازىر ئەكبەرجاننىڭ يېنىغا باراي دېگەن ئىدىم، بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭكى قىزى بۇ بازاردىن  نەرسە كىرەك ئالماقچى ئىكەن بازارنى بىلمەيدىكەن شۇڭا بىللە چىققىن دېگەن ئىدى.ياق دېيەلمىدىم……
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام ياخشى، ھە بولۇپتۇ بالام بىللە بېرىپ ئايلىنىپ كەلگىن،ھاردۇقىڭمۇ چىقىپ قالار…. ھەئە ئۇ ھوشىغا كەلدى باياتىن، ئازراق تاماق يېگەن ئىدى،ھازىر يەنە ئۇخلاۋاتىدۇ.
ئەمدى بالام دوختۇرخانىغا كېلىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغىن، ساقايغان ۋاقىتتا، بىللە يۈرەرسىلەر…! ئۇنداق دېمەڭ ھەدە، مەن، كەچتىلا بارىمەن.
بولىدۇ بالام، بېرىپ بىللە چۆگىلەپ ئارامىڭنى ئېلىپ كەلگەن، كەلگەندە كۆرۈشەيلى!
تېلېفون ئۈزۈلدى…نېمىشقىدۇر بىر يەرلىرىم بىر قانداق ئىدى…
ئۆيدە ئىچىمگە ئوت كەتكەندەك بولىۋاتاتتى ، قانداق بولۇپ كەتتكىنى بۇ، قىيىشقاندەك گۇلمىرە بىلەن بىللە ئايلىنىدىكەنمەن دىسە……!
ھەي ھەي …دېگىنىمچە، ئۇياق بۇياققا مېڭىپ كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتتىم، قانچىلىك ياتقانلىقىمنى بىلمەيمەن  ۋاقىتلاردا تېلېفونۇم جىرىڭلىدى،ناتونۇش نومۇرى ئىدى،…ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئابلىمىتجانمۇ ؟ئاۋازدا تىللا دىلمىرە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى  …ھەئە مەن شۇ ئۆزىڭىزچۇ ئۆزىڭىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ھازىر نەدە سز؟
مەن ھازىر ھەدەمنىڭ ئۆيىدە،ئازراق قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى شۇنى قىلىپ بولۇپ سىزگە تېلېفون قىلاي ھەرقاچان ھەدەم سىزگە دېدىغۇ دەيمەن،مەن بۇ چوڭ شەھەرنىڭ بازارلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا مەن بىلەن بىللە بازار ئايلىنىشىپ بېرەمسىز؟
گۈلمىرە بۇنداق دەۋاتسا مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم،بولىدۇ بولىدۇ، مېنىڭ ئىشىم يوق ئىدى بىكار،ئۇنداقتا سىز قىلىدىغان ئىشىڭىزنى قىلىۋېلىپ ماڭا تېلېفون قىلىڭ مەن شۇ چاغدا يېنىڭىزغا باراي…
گۈلمىرەمۇ ماقۇل دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى،يۇرۇگۇم شۇنداق تىز تىز سوقىۋاتاتتى مەندە بىرخىل ھاياجان بىرخىل زور كۇچ پەيدا بولدى …
شۇنچە زور ئىشەنچلەر بىلەن گۈلمىرەنىڭ تېلېفون قىلىشىنى ساقلاۋاتاتتىم ۋاقىت قوش كالىسىدەك شۇنداق ئاستا ئۆتەتتى ………
     





523 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 1:38:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ