ۋىسال تاپمىغان سۆيگۈ 4 - قىسىم
ئاپتۇرى ؛ نەفىسە
رەنا بىلەن شىرزات ئايرىلدى. ئۇلار ئايرىلغان چاغدا رەنا شۇنداق يىغلاپ كەتتىكى شىرزاتمۇ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، بۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرىنى كىملا كۆرسە چىدىمايتتى. رەنانىڭ تويىغا ئازقالدى ، رەنا ھۇجرىسىدىن چىقمايتتى ، كۈن بويى يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ ھازىر خۇددى تىرىك مۇردىغا ئايلانغان ئىدى، ئاپىسى گەپ قىلسىمۇ جاۋاپ قايتۇرمايتى، تاماقمۇ يىمەيتى. ئۆيدىكىلەر زورلاپمۇ باقتى لىكىن ھىشنىمە يىمەيتى. چىرايى سارغىيىپ قان قالمىغان ئىدى.
تويغىمۇ ئاز قالدى ، ئۇ كۈندىن كۈنگە تۈگۈشۈپ كىتىپ باراتتى، ئۇ باشقىلار بىلەن توي قىلىدىغىنىنى ئويلىسىلا پۈتۈن جىسمى شۈركىنىپ كىتەتتى. ئۇ شىرزات بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئاقىلاشسا يەنە ئازاپلىناتتى ئۇمۇ ئازاپلىناتتى ، توي بولۇشقا ئازلا قالدى ، رەنانىڭ ئۆيدىكىلىرى قاتتىق توي تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى. رەناغا بۇ ئىشلار بىر ئويلىسا چۈشدەك بىلىنىۋاتاتتى، ئەپسۇس ئۇنداق ئەمەستى ، بۇ ئاچچىق رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ئامالى يوقتى ھەم قىلالمايتتى.
ئەتە رەنانىڭ تويى، ئۇ بۇ توينى ئەسلا قوبۇل قىلالمايتتى، رەنانىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر خىيال كەلدى ، ئۇ شىرزات بىلەن توي قىلالمىغاندىكىن ئۇنىڭغا ئەمدى ئۆلۈمدىن باشقا يول يوقتى. ئاھ خۇدا ئۇ مانا بۇ يولنى تاللىماقچى. <ياق! رەنا ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ > دىگەندەك بىلىنەتتى شىرزات ئۇنىڭغا، < ئۇنداق قىلما!> دەۋەتقاندەك تۇيۇلاتتى. لىكىن ئۇ مۇشۇ ئۇسسۇلنى ئەڭ ياخشى دەپ ئويلىدى ، باشقىلار بىلەن قانداقمۇ توي قىلالىسۇن ، شۇڭا ئۇ ئۆلۈپلا قۇتۇلماقچى ، توۋا ئۇنىڭ كاللىسىغا بۇ شۇم خىيال نەدىن كەلدى.
ئەتە ئۇنىڭ تويى ئۇ نەدىن تاپتىكى بىر قۇتا دورىنى بىراقلا ئىچىۋەتتى، دورىنىڭ نىمە دورا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ تىلفۇننى ئىلىپ شىرزاتنىڭ رەسىمىنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرىۋالدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاستا ئاستا يۇمۇلماقتا. ئۇ كەتكەن ئىدى، بۇنى ھىچكىم بىلمىدى. ئۇ ئاتا ئانىسىنى، شىرزاتنى بارچە ئادەملەرنى تاشلاپ كىتىۋاتاتتى. توي كۈنى ئەتتىگەندە ئاپىسى قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى، قىزىنى چاقىردى لىكىن قىزىدىن سادا چىقمىدى. ئاپىسى قايتا قايتا چاقىردى، يەنىلا جىمجىت سەل ئەنسىرىدى ، ۋە قىشىغا بىرىپ قارىسا قىزىنىڭ ئاغزىدىن ماغزاپ چىقىۋاتاتتى.
- قىزىم رەنا! ئاپىسى بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى ،- قىزىم ئادەمنى قورقۇتمىساڭچۇ قىزىم كۆزۈڭنى ئاچە ، ئاپىسىنىڭ بۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەممىسى يۈگۈرۈپ كىردى.
رەنانى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى ، ئەپسۇس ئۇلار كىچىككەن ئىدى ، مانا بۈگۈنكى توي بىردەمدە ئۆلۈمگە ئايلاندى ، پۈتۈن دوختۇرخانا بىناسى يىغا ئاۋازى بىلەن قاپلاندى ، شىرزات بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەيتى ، كۆزىدىن ياشلار تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇ يۈگۈرگەنچە دوختۇرخانىغا ماڭغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تىللاۋاتاتتى، ئۇ ئۇچقاندەك كىلىۋاتقان ماشىنىنىمۇ كۆرمىدى، شىددەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن شىرزات يەرگە يىقىلدى.
دوختۇرخانىدا شىرزاتنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، ئاللاھتىن ئوغلىنىڭ ئامان ئىسەنلىكىنى سوراۋاتاتتى، ئىشىك ئىچىلىپ دوختۇر چىقتى. ھەممەيلەن يۈگۈرۈپ كەلدى ، دوختۇر بىشىنى تۆۋەن قىلىپ:
- كەچۈرۈڭلار، بىز تىرىشتۇق لىكىن بولمىدى ، بىمارنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرى قالدى.
بۇ گەپ ئالەمنى مالەم قىلدى، مانا بۈگۈن دوختۇرخانىدا كۆتۈرۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يىغا ئاۋازى ئىدى، ئۇلار يۈگۈرۈپ شىرزاتنىڭ قىشىغا كىردى، ئاپىسى شىرزاتنىڭ مىنى رەنانىڭ قىشىغا قويۇڭلار ، دىگەن گىپىنى ئارانلا ئاڭلىيالىدى. شىرزاتنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلدى ، ئاھ رەھىمسىز تەقدىر ئىككى ياش بىر كۈندە بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى ، شۇ چاغدىلا رەنانىڭ ئاتا ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ بەكلا خاتا قىلغىنىنى بىلدى ، ئەمدى قانچە قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيتى ، ئىككىلىسى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى بارچە كىشىلەرنى ئازاپتا قويۇپ كەتتى ، ئۇلارنى ئايرىغان تەقدىر يەنە ئۇلارنى بىللە ئەكەتتى ، بۇ دۇنيادا ۋىسالىغا يىتەلمىگەن بۇ ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئۇ دۇنيادا مۇرادىغا يىتىشىنى تىلەيمەن ، ھەم بارچە ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئايرىلىپ كەتمەسلىكىنى تىلەيمەن.
تۈگىدى...
1891 قېتىم كۆرۈلدى | nafisa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-16 12:41:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-9 23:51:33 | زۇلپىيە |
مەن بەك تەسىرلەندىم بەك يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ مەنمۇ مۇھەبىتىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن پەقەت چىدىمايمەن ئاۋازىنى ئاكلىمىسام غىرىپلىق ھىس قىپ قالىمەن ئۇنىڭ بىلەن بەك توي قىلغۇم بار رىسقىمىز قوشۇلغاي بەك ئۇمۇد قىلىمەن |
2016-4-2 18:12:11 | گۈلمىرە |
بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئادەمنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمايدىكەن. ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئامالسىز ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز .. ھەر بىر ئاتا ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەخىىتلىك كۈن كەچۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ لىكىن بەزى ئىشلارغا ئۇلارمۇ ئامالسىز .. ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئايرىلماسلىقىنى ئامال قىلىپ ئۆيدىكىلىرىنى قايىل قىلىشىنى ، مەڭگۈ بەخىتلىك ئۆتىشىنى تىلەيمەن .. بۇ دۇنيادا بىرگە بۇلالمىغان بەخىتسىز ئاشىقلارمۇ نۇرغۇن شۇلارنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ بىرگە ئۆتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .. . .... |
2016-3-20 13:57:17 | ئۆتكەن كۈنلەر |
بەك ياخشى يىزىپتۇ 👍�� |
2016-2-22 16:09:24 | دىلشات |
بۇ ھېكايە شۇنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ ، بەزىدە سەن ئۆز تەغدىرىڭنى ئۆزۈڭ ئۆزگەرتمىسەڭ ۋاقتى كەلگەندە ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ |
2016-2-2 14:54:27 | abduwali ali |
bazida taghdir kaj bulidu wisal tapmighan iqim xundak aqqik bulup kattim yighilidak bulup kattim taghdir nimidigan rahimsiz taghdir rahimsiz mu apturning kalmi rahimsiz mu turmuxta har adamnining turmuxi oziga munasiwatlik bulidu bir birni yahxi muhabbatta wijdan akidisida pak kalb bulidu xuning turtkisida hayati baliga ozi kurban kilghan aptur kalmi ga aprin yana tihimu yahxi uqun bir adamnining idiya koz yizix mijaz haraktri dunya harxi har hil idiya koz karaxtki adamlar bar atiraptidiki gap sozlri mijaz harahti ohxax bolmaydu sizdin umut kutidighinim turmux ugunux arkilik hikaya bulamdu pusit bulamdu salbiy haraktirdiki kixilarni turmux ugunux arkilik kuzatsingiz man oylayman asiringiz ga yingi hayati kuq atkilidu dap oylayman kiyinki kadamda kalmingizga amat yar bulaun ma asa |
2016-1-31 1:13:18 | ئەقىدە |
بەك تەسىرلىك ئىكەن ئالدامچىلىق ساختىلىق ھىيلىگەرلىك نەپسانىيەتچىلىك شۆھرەتپەرەسلىك نومۇسسىزلىق بىلەن بۇلغانغان بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ساداقەتمەن ۋاپادار ئاشىق…مەشۇقلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ ؟ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|