ئېچىنىشلىق سۆيگۈ(ھىكايە)
رازىيە تۇرسۇن
بۇ ھېكايە بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان ھەقىقى ھېكايە ،يەنى ئۆزۈمنىڭ ھېكايسى ،بىر يىل بۇرۇن يەنى ئونىنچى ئاينىڭ ئوتتىرلىرى ئىدى،ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكىشكە باشلىدىم ،قىزىم ئەتراپىمدا ئويناۋاتاتتى ،ھىچ قىلىدىغان ئىش تاپالماي تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم ،ھەمدە ئۈندىداردا دوسلار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم ،ئەمما ھىچ كىم بىلەن پاراڭلاشقىم كەممەي، باشقا ئادەم ئىزدىتىپ باقاي دىگەن خىياللار بىلەن باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىنى ئىزدەتتىم ،شۇ ئارىدا سەۋىر ئىسىملىك بىر تورداش جالاڭە تۇنۇشۇپ قالايلى دەپ خەت يىزىپتۇ ،مەنمۇ ئىككىلەنمەي ئۇ ئەرنى جالىدىم ،مانا بۇ ئېچىنىشلىق ھېكايە شۇ كۈندىن باشلاندى ،ئەگەر مەن ئۇ ئەرنى جالىمىغان بولسام بۇ ئازاپلىق سۆيگۈ باشلانمىغان بىزمۇ تۇنۇشمىغان بۇلاتتۇق ،بىراق مەن بۇ سۆيگۈدىن زەررىچە نارازى ئەمەسمەن ،چۈنكى نۇرغۇن شىرىن كۈنلەر مۇشۇ جەريانىدا يەنى بىر يىل جەريانىدا بېشىمدىن ئۆتتى ،مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ،شۇنداق قىلىپ بىز بىر بىرىمىزنى جالىشىپ بۇلۇپ ئۆز ئارا تۇنۇشلۇق بەردۇق ،ئاندىن سۈرەتلىرىمىزنى ئەۋەتمەكچى بولدۇق ،لىكىن شۇ ئارىدا تۇيۇقسىز ئىشىم چىقىپ قېلىپ تېلفۇننى ئىككى ئۈچ سائەت قۇلۇمغا ئالاممىدىم ،ئىشىمنى تۈگىتىپ ئۈندىداردانى ئاچتىم ،ئۇ ئەر ئۆزىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىني ئەۋەتكەن ئىدى ،شۇنچىلىك قاملاشمىغان بىر يىگىتنىڭ سۈرىتى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى ، مەنمۇ سۈرىتىمدىن بىر پارچە يوللىدىم ،ئەمما ئۇ ئەر ئاللىبۇرۇن مىنى يۇيۋەتكەن ئىدى ،شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى ،قايتىدىن جالايدىغان يىرىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاچچىق بىلەن ئىككى ئېغىز خەت يازدىم ،نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا قايتىدىن قوشتى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ گەپ قىلىپ مىنى ساقلىسا جاۋاپ قايتۇراممىغىنىم ئۈچۈن ئىچى پۇشۇپ يۇيۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى ،ھەمدە كەچۈرۈم سورىدى ،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ جاۋاپ يازاممىغىنىمنى دەپ ئۆزرە ئېتتىم ،شۇنداق قىلىپ بىز تۇنۇشۇپ قالدۇق ،كۈندە ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ تۇردۇق ،ئۇقسام ئۇ ئەر ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەن ئىككى پەرزەنتى يېنىدا ئىكەن ،مەنمۇ ئاجراشقان ئايال ئىدىم ،بىز شۇنداق تىز چىقىشىپ قالدۇق ،بەلكىم مىجەزىمىز بىر بىرىمىزگە ماس كەلگەن بولسا كېرەك ،يېرىم ئايدىن كىيىنغۇ دەيمەن ،بىز يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى بولدۇق ،ھەمدە كۆرۈشتۇق مەن شۇنچىلىك ئوڭايسىز ھالەتتە تەمتىرەپ قالدىم ،نىمىشقىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئۇ ئەر بەك قىزغىن ئۇچۇق يۇرۇق ئىدى، ،بىراق مەن يەنىلا تەمتىرەپ قېلىۋاتاتتىم ،شۇنداقتىمۇ نەچچە سائەت پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ، شۇنداق قىلىپ بىز پات پات كۆرىشىپ تۇردۇق ،ھەمدە ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇ ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقىنىمنى ھىس قىلدىم ،چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كۈندە تېلفۇندا ئۈندىداردا نەچچە قېتىم پاراڭلىشىپ تۇرمىسام تۇراممايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم ،ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالاي دىسىمۇ يالغان گەپ قىلمايدىغان ،قىلاممايدىغان ئىشىغا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ ۋەدە بەرمەيدىغان مىجەزىنى بەكلا ياقتۇراتتىم ،مىنىڭچە ھەقىقى ئەركەك شۇنداق بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە ،ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى ،مەن كۈندىن كۈنگە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئاشىق بوپ قېلىۋاتقىنىمنى سىزىۋاتاتتىم ،ھەمدە قىلچە تاتىنماستىن ئۇنىڭغا ئاشىق ئىكەنلىكىمنى ئېتتىم ،بىراق ئۇ ماڭا ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى ،قارىسام ئۇنىڭمۇ ماڭا دىيەممەيدىغان بىر دەردى باردەك قىلاتتى ،كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ،ئۇمۇ ماڭا شۇنداق ئامراق تۇرسا چۇقۇم كۆڭلۈمنى كۆتۈرگىدەك سۆزلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ،ئەكىسچە بوپ چىقتى ،ھازىر ئويلىسام ئۇ ماڭا دەپ خۇش قىلغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتىكەن ،شۇڭا ياخشى كۆرىدىغان توغۇرلۇق گەپ قىلماي گەپنى باشقا ياققا بۇراپ يۈرۈپتىكەن ،شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ياخشى ئۆتىۋەدۇق ،ئۇ نەچچە ئاي جەريانىدا ئەمدى بىز ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن سۆزنى كۆپ قېتىم قىلدى ،بىراق مەن رەت قىلدىم مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام قانداقمۇ ئۇنداق قىلالاي ،بەزىدە مىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئايرىلىپ كىتەيلى دەپمۇ باقتى ،يەنىلا ئايرىلماي ياشاپ كەلدۇق ،مەن ئۇنىڭمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغىنىنى بىلمەيتىم ،ئەمما ماڭا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ،ئارىدىن يەتتە ئاي ئۆتتى ،بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇ ئايالى بىلەن يېنىشىدىغىنى ئېتتى ،ماڭا دۇنيا قاراڭغۇ بىلىندى ،مەن قانچىلىغان ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كەلدىم ،قانچىلىك ياخشى پىلانلارنى تۈزدۈم بۇنى پەقەت ئۆزۈملا بىلەتتىم ،دەردىمنى ئۆزۈم بىلدىم ،ھىچ ئىش بولمىغاندەك خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم ،چۈنكى مەن ئۇنى سۆيىمەن سۆيگەن ئادىمىنىڭ بەختىنى كۆرۈشمۇ بىر بەخىت ئەلۋەتتە ،،ئۇ شۇنداق قىلىپ ھەپتە ئۆتۈپ ئايالى بىلەن يېنىشتى ،مەن ھىجراندا قالدىم ،شۇنچىلىك سۆيگەن بىرىنى قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قېشىغا ئۇزۇتۇپ قويدۇم ،قانداق قىلاي تەقدىر شۇنداق بولسا كېرەك ،كۆزۈمنى ئەمەس يۈرۈگۈمنى ياشلاپ چىدىماي ئامال يوق ئىدى ،ئۇ ئايالى بىلەن يېنىشىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ تۇردۇق ،ھىچ نەرسە ئۆزگەرگىنى يوق ئىدى ،بىر بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىشەتتۇق ،ھالىمىزغا يىتىشەتتۇق ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە نەچچە ئاي ئۆتتى ،شۇ ئارىدا ئۇنىڭمۇ مىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىنى سەزدىم، ،ئۆزى مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئېتتى ،بۇ چاغدىكى ئالەمچە خوشاللىقنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ،بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئۇمۇ مىنى سۆيەتتىكەن ،بەزى بىر ئىشلار تۈپەيلى ئائىلىسىنى قايتىدىن قۇرغىنىنى يۈزەكى دەپ بەردى ، نىمىلا بولمىسۇن مەن يەنىلا شۇنچىلىك خۇشال ،ئۇمۇ مىنى سۆيۈدۈ ئەمەسمۇ ،شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە قىلىدۇ ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتەممىسەممۇ ئۇنىڭ سۆيگىسىگە ئىرىشەلىدىم ،ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتىۋاتىمىز ،ياخشى كۆرىشىپ تۇرۇپمۇ بىللە ياشىياممىغان بولساقمۇ يەنىلا بىز خۇشال ،يالغان ئېتسام بولماس خۇشال دىسەم يالغان بۇلىدۇ ،يەنىلا كۆڭلىمىز يېرىم ،چۈنكى مۇرادىغا يىتەممەي تۇرۇپ قانداقمۇ كۆڭۈل جايىغا چۈشسۈن ،بۇ ھېسىياتنى پەقەت بىرىنى يۈرۈگىدىن ھەقىقى سۆيگەن كىشى ھىس قىلالايدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن تەقدىرىمىز قانداق بوپ كىتىدۇ ياراتقۇچىدىن باشقا ھىچ كىم بىلمەيدۇ ،ئەمما مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن ،مەن ھاياتىمدا بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىشىم ،ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەم مەڭگۈلۈك ،،،،،،،ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە خۇشال خۇرام خاتىرجەم ئۆتكىن ئاشىقىم ،ساڭا بىر ئۆمۈر بەخىت تىلەيمەن ،💏 سىنى سۆيىمەن ،❤❤❤💘💘💘💖💖💏💏💏💏💏
445 قېتىم كۆرۈلدى | رازىيە تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 21:57:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|