يامغۇردا قالغان ئانا - 3 - قىسىم - ھىكايە

يامغۇردا قالغان ئانا


(ھېكايە)


3-قىسىم


يۈسۈپ ئەخمەت( باشلامچى)

 

 ئىت ئۆلدى. كۆزلىرى ئوچۇق كەتتى،

 ئانىنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى.

 پۇشايمان ئىلكىدە تەۋبىدە ئوغۇل،

 بىراق ئانا روھى جەننەتكە كەتتى.

 

 ئىت غىڭىشغان پېتى دۇنيادىن كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا يېنىك تىپىرلاپلا جان ئۈزدى، ئۇنىڭ ۋاپادارلىقى پەقەتلا تەڭرىنىڭ ھوزورىدا قالغاندەك ھېچكىم ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى ھەتتا ئانىمۇ!

ئىت جان ئۈزگۈچە بولغان ئارلىقتا ئابدۇرازاق ئوغلىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى ۋە ئۆزىدىن پەخىرلەنگەچ ئۆيىدىن قولچىراقنى ئەچىقىپ ئىتنى ئوبدانراق كۆرمەكچى بولۇپ قولچىراقنى ئەچىقىپ ئىتقا قارىتىپ ياندۇردى.

 نەق ئۆزى شۇ بۇ ئانامنىڭ ئۆيىدىكى ئالا بويناق سېرىق ئىت شۇغۇ دېدى ئابدۇرازاق ئىچىدە! ئۇ ئىتنى كۆزىتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئاغزىدا بىرنەرسە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قولىغا ئېلىپ قارىۋىدى ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان تەسۋىسى ئىدى. ئانام ماڭىمۇ بېرىشكە كۆزى قىيمىغان ئانىسى رەھمەتلىكتىن ئانامغا قالغان بۇ قەدىمى تەسۋى ھەجەپ بۇ ئىتنىڭ قولىدا تۇرىدا ئەجىبا ئانامغا بىرە ئىش بولغانمىدۇ؟ ...

 ئۇ شۇنداق خىياللارنى قىلغاچ ئۆيدىن يامغۇرلۇق پەلتۇسىنى كەيدى ۋە سىرتقا ئالدىراپ چىقىپ ئات ھارۋىسىنى قوشۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۆيدىكىلىرى ھەرقانچە توۋلىسىمۇ پەرۋاسىز كېتىپ باراتتى. ئايالىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان ئابدۇرازاق بۇ نۆۋەت ئايالىغا پەرۋامۇ قىلماي كېتىۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ كىشلەرنىڭ گېپىدىن قوققان بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ نېمە سەۋەپتىندۇر ئۇ ئالدىراپ ماڭدى ۋە ئانىسىنى خىيال قىلدىمۇ ئەتىمالىم بىر خىياللار بىلەن ئۆيگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيمايلا قالدى. ئۇ ئاتنى يولنىڭ قىرىغا توختاتقاندىن كېيىن قول چىرىقىنى ياققىنىچە ھويلىغا كېتىۋېتىپ بىرنەرسىنىڭ سۆرەلگەن ئىزىنى ۋە ئىتنىڭ ئىزىنى كۆردى، ئەجىبا ...

 ياخشى يامان خىياللار بىلەن ئۆيگە قاراپ ئىتتىك ماڭدى ۋە ئانىنىڭ بوسوغا تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈگرەپ بېرىپ قۇچىقىغا ئالغىنىچە ئۆزىنىمۇ تۇتىۋالالماي يېغلاشقا باشلىدى ۋە ئانىدىن نەگە بېرىپ بۇنداق بوپ قالغانلىقىنى سورىدى. يامغۇردا ئۇزاق قالغانلىقتىن ئانا ھالسىزلىنىپ كەتكەن بولۇپ،سۆزلىمىكى قېيىنغا توختاۋاتقان بولسىمۇ بار كۈچى بىلەن بولغان ئەھۋالنى تەسلىكتە ئوغلىغا سۆزلەپ بەردى. شۇ چاغدىلا ئابدۇرازاق ئانىسىنى ئىتنىڭ قۇتقازغانلىقىنى بىلدى ۋە ئۆزىدىن ئېچىنىپ ئۆزىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن بولسىمۇ ئەسلىگە كەلمىدى. ئانا ئاخىرقى قېتىم پىچىرلىدى< دادىسى مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ مەن يېنىڭىزغا ماڭدىم>...

 تۈگىدى. 2067186198





1063 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-3 13:05:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-24 15:14:27 buhalqam
bak tasirlkkan bak yahturdummm
2015-10-13 15:29:52 alim
wahtida ahirni yezingla adamni takazza kilip
2015-10-5 10:37:45 مۇساجان
داۋاملىق يېڭى ئ‍ەسەرلىرڭىزنى ھۇزۇرمىزغا سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ